| |||||||
TIRIXQANBALA دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | كىشىلەرگە قانداق مۇامىلە قىلشىڭىز كېرەك ؟كىشىلەرگە قانداق مۇامىلە قىلشىڭىز كېرەك ؟
1. ئەڭ ياخشى كۈردىغان كىشىڭىزگە يۇلۇققان چاغدا ، چۇقۇم بار كۈچىڭىز بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۈتۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرشىڭ ،چۈنكى شۇ قېتىملىق پۇرسەت ئۈتۈپ كەتسە سىز ئۈلگىرەلمەي پۇشايماندا قېلىشىڭىز مۇمكىن . 2. ئىشەنچىلىك دوستقا يۇلۇققان ۋاقتىڭىزدا ، چۇقۇم دوستىڭىز بىلەن ياخشى ئۈتۈڭ ،چۈنكى ھاياتىڭىزدا ئىشەنچىلىك جان_جىگەر دوست تاپماق بەكمۇ قىيىن . 3. ئالىجاناپ كىشلەرگە يۇلۇققان ۋاقتىڭىزدا مىننەتدارلىق ھىسياتىڭىزنى مەڭگۈ ئىسىڭىزدە ساقلاڭ ، چۈنكى ئۇ كىشى سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ بۇرلۇش نوختىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن . 4. ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن كىشىڭىزگە يۇلۇققان ۋاقتىڭىزدا ، ئۇنىڭغا سىزگە سۈيۈشنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەنلى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىڭ . 5. ئىلگىرى نەپرەتلەنگەن كىشىڭىزگە يۇلۇققان ۋاقتىڭىزدا ، ئۇنىڭدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ،سەمىمىلىك بىلەن ئەھۋال سوراڭ ، چۈنكى ئۇ سىزگە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان چىدامچانلىقنى ،قەيسەرلىكنى ئاتا قىلغان . 6. ئىلگىرى سىزگە ساتقىنلىق قىلغان كىشىگە يۇلۇققان ۋاقتىڭىزدا ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق سۆھبەتلىشىڭ ،چۈنكى ئۇ بولمىغان بولسا سىز دۇنيانى بۈگۈنكىدەك چۈشەنمىگەن بۇلاتتىڭىز . 7. ئىلگىرى يۇشۇرۇنچە ياخشى كۆرگەن كىشىڭىزگە يۇلۇققان ۋاقتىڭىزدا ، ئۇنىڭغا بەخىت تىلەڭ ، چۈنكى سىز ئۇنىڭ بەخىت ئىچىدە خوشال -خورام يۈرشىنى ئارزۇ قىلىسىز ئەمەسمۇ ؟ 8. ئىلگىرى ئالدىراپلا سىزنى تاشلاپ كەتكەن كىشىگە يۇلۇققان ۋاقتىڭىزدا ، ئۇنىڭ سىز بىلەن ھايات يۇلۇڭىزنى بىللە ماڭغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىڭ ،چۈنكى ئۇ سىزنىڭ رەڭمۇرەڭ ئەسلىمىللىرڭىزنىڭ بىر قىسمىدۇر . 9. ئىلگىرى سىز بىلەن ئازارلىشىپ قالغان كىشىنى يۇلۇقتۇرغان ۋاقتىڭىزدا ، ئاراڭلاردىكى كۈڭۈلسىزلىكلەرنى قايتا تىلغا ئالماڭ ، چۈنكى ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ سىزنى چۈشىنىپ ، ئۇقۇشماسلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى مۇمكىن . 10. سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۈتىدىغان كىشىگە يۇلۇققان ۋاقتىڭىزدا ، ئۇنىڭغا سىزنى ھەقىقى سۆيگەنلىگى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك ، چۈنكى سىز ھازىر ھاياتىڭىزدا ھەقىقى سۆيگۈ ۋە مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئىرىشىسىز . ئەگەر سىز يۇقارقى ئون تۈرلۈك مۇامىلىدە توغرا پوزىتسىيە تۇتسىڭىز ، ھاياتىڭىز مەڭگۈ خوشاللىققا تۇلۇپ ،ئەپسۇسلىنىشتىن خالى بۇلىسىز ، مەنبە : [www.kuqar.cn.bbs] Butterfly ( كېپىنەك) ::: تەستىقلىدى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mustakima دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى تېما يۇللاپسىز چۇقۇم ئاشۇنداق قىلىدىغانغا تىرىشىمەن رەخمەت سزنىڭ تېمىڭىزغا جاپا چىكىپسز .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
abdukirim دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | پەلىسەپىۋىلىگى بار گەپلەر ئىكـــــــــــــــــــەن. رەخمەت!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tumanliktag دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىلىق سۆز ئادەمنىڭ ئشلىرىنى راۋاج تاپقۇزىدۇ بەلكى ئۇمۇ بىر ئاقىللىق ھەم ەۈزەل ئەخلھق.دۈشمىنىىڭگەشۇنداق قىلالىساڭ ئۇسىنىئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
XALMUN دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | پەلىسەپىۋىلىگى بار گەپلەر ئىكـــــــــــــــــــەن. چۇقۇم شۇنداق قىلمەن~تېمىڭىزغا رەھمەت~ھارمىغايسىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TIRIXQANBALA دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بىز ھازىر ياشاۋاتقان تۇرمۇشىمىزدا ،پايدىلانساق چۇقۇم ئۈنۈمىنى كۈرىمىز ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|