سىز بۇ تېمىنىڭ 2616ـ ئوقۇرمىنى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر-ھىكايە<پەرۋىن> IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
parwin
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 712
شۆھرەت: 898 نۇمۇر
پۇل: 6085 سوم
تۆھپە: 147 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:518(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-15
ئاخىرقى:2008-03-14

خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر-ھىكايە<پەرۋىن>

بۇ تىمىنى gul-sanam چوققىلىدى(2008-03-12)

خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر




پەرۋىن


1


قىزنىڭ سۇئالى غەلىتە،شۇنداقلا بەك ئاددى ئىدى.
ـ سىز غەرىپكە ساياھەت فىلىمىنى كورگەنمۇ؟
ـ كۆرگەن،
ـ سىزنىڭچە بۇ فىلىمدىكى،مايمۇنەك،ساقاللىق شاسىڭ،تاڭسىڭ،چوشقىبايدىن قايسى سىزگە ئەڭ ياخشى تەسىر قالدۇرغان.
ـ قىزىق سۇئال سورايدىكەنسىز.ئەلۋەتتە ، چۇپۇرباش مايمۇن بولمايچۇ..
ـ ياخشىراق ئويلۇنۇپ بېقىڭ؟
ـ شۇ ،شۇ ...سىز بىلمەيدىغان ئوخشايسىز،ئۇنىڭ كارامىتىنى ...ھەي...ئەگەر شۇ كارامەت مەندە  بولۇپ قالسا ،قانداق بوپ كېتەر ئىدى –ھە.
ناتۇنۇش قىزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ھاشىم جېكسۇن،تۇڭڭۇز بازىرىنىڭ نوچىسى،ئۇسۇل،دىسكو دىگەننى قاتۇرۇپلا قويىدۇ.چىرايىمۇ ئۆزگىچە،بىر قارىغان قىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ،ئىگىز بەستى،بازغاندەك مۇشتى،سادامدەك بۇرۇتى،بىرلىكتىن ئارتۇق ئۆستۈرمەيدىغان چېچى،نىمىسىنى دەي،قاملاشقان كاساپەت، پەشۋا دىگەننى ئېتىپلا قويىدۇ.ئۇرۇشۇپ قالدىڭمۇ؟يا قولۇڭ سۇنىدۇ،يا پۇتۇڭ،يا تۇمشۇغىڭنى مايمۇننىڭ كوتىدەك قىپ تاشلايدۇ.نەنچە يىل ئۇقۇپ ئاران دىگەندە ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىشىغا،بىر مەستنىڭ ئالدىنى  توسۇپ  تاماكاڭ بارمۇ  دىگەنگە ئۇرۇپ دەسسەپ ناكا قىلىپ قۇيۇپ گۈلدەك خىزمىتىنى بىر تال تاماكىغا تېگشىۋەتتى. ئاتىسى دىگەن بىچارىنىڭ تۈمەن پۇل خەجلەپ ئېرىشكىنى شۇ  بولدى.
تۇڭگۇز بازىرى ئاجايىپ بازار.سەن بۇ يەردىن توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنى تاپالايسەن،پەقەت چونتىگىڭدە تاراق-تاراق ،سانىغاندا شاراق-شاراق ئاۋاز چىقىرالايدىغان كۆزىڭنىڭ يېغىنى ئالىدىغان تىرىق-تىرىق پۇل بولسىلا بولدى.نەدىن كەلدى،قاياقتىن ئۇچۇپ كەلدى،ھىچكىم بىلمەيدىغان ،لېكىن سەن دائىم سوراپ ھارمايدىغان تومۇچۇق قىزلار بۇ بازارنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرۇدۇ.توڭگۇز قوتىنىدەك ئايرىمخانىسى بار،تېكە سۈيدىگىدەك سېسىق پۇرايدىغان ئايرىمخانىلاردا،سەن ھاياتىڭدا ئاڭلاپ باقمىغان،كۈلكە،لاپ ئۇرۇش،پو ئېتىشنى،زىتىڭغا تېگىدىغان شۇنداقلا ئاڭلاشنى بەك ياقتۇردىغان چاقچاقلارنى ئاڭلايسەن.گاھ ئاچاڭدەك،گاھ قىزىڭدەك قىزلار بىلەن بىر-بىرسىڭنى ئالداشقا چوت سوقۇشىسەن.كىندىكى ئۇچۇق،چوتكىباش چېچىنى كۈن نۇرى كورمەي ئالا-تاغىل بويىۋالغان.يوتىسىنى قەستەن ئېچىپ يۇرۇيدىغان مەيخور قىزلار بىلەن مۇساپىرلار مۇنچىسىدا يۈرگەندەك،تاماكىنى قىڭغىر چىشلىشىپ،بىر ئاي ئىشلەپ تاپقان پۇلۇڭنى بىر كېچىلىك بەزمىگە ئاتايسەن.چۈنكى بۇ كوچىدا كۈن غەرەپتىن چىقىدۇ.شەرىقتىن چىققاندا ئۆزەڭنى ،ئۆزەڭ بىلمەيدىغان ئازگالدا ھىس قىلىسەن.ھاشىمنىڭ  كۈنى مۇشۇ توڭگۇز بازىرىدا كەچ بولىدۇ.تاپالىسا پۇلغا.تاپالمىسا  ھەمتاۋاق ھاراق ئىچىپ  يۈرۈۋېرىدۇ.ھاشىمنىڭ بىر دوستتىنىڭ بۇ كوچىدا تاياق يىيىشىىگە رۇخسەت يوق،سىنى بۆزەك قىلسا قىلسۇن،سەن بۆزەك قىلما،چۈنكى ئۇرە-چاپنىڭ قانداقلىغىنى تۇڭگۇز بازىرىدا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە بىلىدۇ.كېچىدىن بىرى ئىچكەن ھاراقنىڭ كۇچى بىلەن نەدە يېتىپ قالغانلىغىنىنى بىلمىگەن ھاشىم قىپ-يالىڭاچ بىر قىزنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتى.كىرىسلودا بىر ناتۇنۇش قىز يوغان پۇتىنى ئالماپ تاماكا چىكىپ ئۆلتۇراتتى.
ـ سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىز...
ـ سىز كىم،مەن قانداق بۇلۇپ..بولدى  بولدى،مىنىڭ بۇ يەردى ئىكەنلىگىمنى مەنمۇ بىلمىسەم كىمدىن كەلگەندۇر...
ئاخشامقى ئىش ئۇنىڭ ئېسىدە ھەر قانچە خىيال قىلسىمۇ كەلمىدى. دائىم نىسى ھالەتتە تۇرىدىغان يانپۇنىغا يۈز سوم پۇلنىڭ قاچىلىنىپ قېلىشى ،بىزنىڭ بۇ نوچىنى ھايران قالدۇرسا،ناتۇنۇش بىر قىزدىن كەلگەن تېلىفۇن ئۇنى بەكمۇ شاتلاندۇرۋەتكەن ئىدى.بەكمۇ چىرايلىق ناتۇنۇش قىز ئۇنى ئەڭ ياخشى بىر ئارامگاھغا تەكلىپ قىلدى.
ناتۇنۇش قىز يەنە سۇئال سوراشقا باشلىدى:
ـ مايمۇنەكنىڭ بىر قىزغا قاش ئاتقىنىنى كۆرگەنمۇ؟
ـ ياق.
ـ تاڭسېڭنىڭ،شاسېڭنىڭ بىر قىزغا كۆز سالغىنىنى،قاش ئاتقىنىنى كۆرگەنمۇ؟
- ياق.
جۇ باجىې چۇ؟
ـ سىز ئۇقۇتقۇچى ئوخشىمامسىز؟ئىككىمىز تۇنجى كۈرۈشكىنىمىز بۈگۈن،سىز مەندىن ،سىز كىم،مەن سىزدىن سىز كىم دىمەستىن،باشلانغۇچنىڭ بالىسىدەك سۇئال سوراپ كەتتىڭىز،جۇباجىېنىڭ كىملىگىنى سىزمۇ بىلمەمسىز،مەن سىزدىن بىر نەنچە سۇئال سوراپ باقسام قانداق؟
قىز تاتلىق بىر كۈلۈۋېتىپ تاتلىق لەۋلىرىنى ھەركەتكە كەلتۈردى:
- بۈگۈن سىز مەندىن سۇئال سورىمايسىز،مەن سىزدىن سۇئال سورايمەن.
ـ سوراڭ،سوراڭ. سىزدىن ئايلانسۇن،خانقىز.تاتلىق سوزىڭىزنى ئاڭلاشقا خۇشتارمەن.
ـ سىز بىرسىنى جۇباجىېدەك مىجەزـ ھەۋەسكە ،قىزنى كۆرسە ئولتۇرالمايدىغان،ھاراقنى كۆرسە ئىچىۋەتمىسە يانمايدىغان،ھەر قانداق نەرسىگە قىزىقىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ بەرسىڭىز..
ـ سىز ئېزىپ قالمىغانسىز-ھە...
ھاشىم، ئالدىدا تارتىنماي،قىپ-قىزىل لەۋلىرىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ،شاتۇتتەك سايراپ ئۆلتۇرغان قىزغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن تىكىلدى.«چىراي-شەكلى،كىيىم-كېچىگى دۇرۇس.يىۋەتكىدەك  ھۆسنىگە گىرىمنى خاتا قىلىۋالمىغان لېكىن ھازىرقى تەلەپلىرىچۇ؟ تۇڭگۇز سۈيدىگىدىن مەنمۇ سەسكىنىپ يۈرگەندە،شەھەرلىك قىزلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تونۇش،لېكىن بۇ ساراڭ قىز نەدىن كەلدى،يۈز سوم پۇلنى يانفۇنىمغا قاچىلاپ قويسا،يەنە كېلىپ ئارامگاھغا تەكلىپ قىلسا،ئۆيلانمايلا كەلگىنىمنىڭ نىمىسى،ئەيتاۋۇر مىنى سىناپ باققاندۇر،ياكى بولمىسا ،ماڭا كۆيۈپ يۈرگەن ساراڭنىڭ بىرسىدۇر...»
-    ھەيران قالماڭ
ناتۇنۇش قىز يىنىك كۈلۈمسىرەپ ھاشىمنىڭ ئالدىغا ئەللىك يۇەنلىك بىر تۇتام پۇلنى تاشلىدى.ـ  بۇ پۇل سىزگە  تەئەلۇق بولدى.
ـ قىزچاق بۇ نىمە ئىش ئەمدى،مەن ھىچنىمىنى بىلەلمىدىمغۇ؟
ئەللىك يۇئەنلىك پۇل سەھەردىكى نومۇس دىگەننى بىلمەيدىغان قىپ-يالىڭاچ قىزدەك ھاشىمغا كۆز تاشلاپ تۇراتتى.
ـ مەن خىزمەت قىلىۋاتىمەن،ھاشىمجان.مەن سىزنى ئوبدان تونۇيمەن.بۇ ئىشقا پەقەت سىزنىڭ شەرتىڭىزلا توشىدۇ...
«مىنى جاسۇسلۇققا سالامدۇ بۇ قىز؟007 فىلىمىدىكى كۈرۈنىشنىڭ ئۆزىغۇ بۇ،مەن يا يامان ئىش قىلمىسام،يامان ئىش دىگەندە ئاشۇ قىزلار بىلەن ...لېكىن پۇلنىڭ مەرىدىن كەچمەسلىك كېرەك،پۇل،پۇل دەپ نىمە كۈنگە قالمىدىم.چۆپ-چوڭ يىگىت تۇرۇپ يانچۇقتىن ئەللىك يۇئەن ئايلاپ كۈرۈنمىسە...»
ـ سىزنى يولۋاس يۈرەك دىسەم،سىزمۇ توشقان يۈرەك ئۆخشىمامسىز،ـ دىدى قىز قاقاقلاپ كۈلۈپ،ـ شەرتىم ئاددى ،پەقەت بىر كىشىنى ھاراق ئىچەلەيدىغان، تاماكا چېكەلەيدىغان،ئاخشىمى تۈن يانغاندا يولۋاستەك ھۆكۈرەپ،سەينا نوچىسى بۇلۇپ ئۆيگە كىرەلەيدىغان،خوتۇن-قىزلارنى كەلتۈرەلەيدىغان،خوتۇنىنى ئۇرالايدىغان،قېچىر بولمىغاندىكىن سەنمۇ تۇغمامسەن،بولمىسا ئۈچ تالاق پىشەنەڭدە دىيەلەيدىغان ئەرلىك ھالەتكە كەلتۈۈرپ بەرسىڭىزلا بولدى. ئونمىڭ يۇئەن شۇ چاغدا سىزنىڭ بولىدۇ. ئالدىڭىزدا تۇرغىنى ئۈچ مىڭ يۇئەن،قالغان يەتتە مىڭ يۇئەنگە سىزگە تۈركۈمگە بۈلۈپ بېرىلدۇ،سىز مەن دىگەن كىشىنى بىرىنچى قېتىم مەست قىلالىسىڭىز ئىككى مىڭ يۇئەن،ئىككىنچى قېتىم مەست قىلالىسىڭىز ئىككى مىڭ يۇئەن،باشقا قىزلار بىلەن  ئىچ-پەش تارتىشىپ قالسا قالغان پۇلنىڭ ھەممىسى سىزگە تەئەلۇق بولىدۇ،پەقەت بۇ ئىشنى بەك مەخپى تۇتۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز،ئەگەر بۇ ئىش ئاشكارلىنىپ قالسا،سىز قالغان پۇلغا ئېرىشەلمەيسىز..
ناتۇنۇش قىزنىڭ كىيىنكى سوزلىرى ئۇنىڭ قۇلۇغىغا كىرمىدى.ئۇ پەقەت پۇلنىڭ ئىشتىياقىدا شىرىن چۈش كۈرۈۋاتاتتى« توۋۋا،جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولىدىكەن،نەنچە يىل ھاراق سورۇنىدا يۈرۈپ ئاڭلاپ باقمىغان،ئاددىسى خىيالىمغىمۇ كىرىپ باقمىغان ئىشقۇ بۇ... شۇنداق  مۇلايىم بىر ئادەمنى ئەسكى يولغا باشلايدىغان قانداق پۇلدار خوتۇننىڭ ئۆيدۇرۇپ چىقارغان قىلتىغى بۇ،ماڭىمۇ بەرىبىر،پۇل بولسا بولدى،ئاخماق خوتۇنلار پۇلنى ئالدىمغا تاشلىسا ياق دەيدىغان ساراڭ  بولمىسام،ئۆزىنى پۇلغا ياڭزاپ قىزلار كەلتۈردىغان ئاشۇ لاتىلارنىڭ  ئۆيۇنى بولامدۇ،ئاشنىسىغا بۇزۇلغان ناپاك خوتۇننىڭ ئۆيۇنى بولامدۇ،پەرۋايىم پېلەك...ئاخشامقى كاساپەتمۇ سەھەردە قولۇمغا بەك قاراپ كەتتى...پۇل بولغان بولسا يۈز يۇئەننى ئالدىغا تاشلاپ كەچتە يەنە كېلىمەن دىسىەم قانچىلىك خوش بۇلۇپ كېتەر –ھە...»
ـ ئۇ ئەرنىڭ كىملىگىنى سورىمايسىزغۇ؟
- كىم بولاتتى،پىشانىسىگە بالا قازا پۈتۈلگەن بىرسىدۇر،يەنە كېلىپ سىز چوقۇم دەپ بېرىسىزدە،بولمىسا ماڭا بىكارغا پۇل بېرەمتىڭىز
- چوڭ بازاردا چوڭ تاللا بازىرى بار غالىپ ئاسىمنى تونۇمسىز،ئاڭلىسام ئۇ سىزنىڭ ئون يىللىق ساۋاقدىشىڭىز ئىكەن،ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟
ـ غالىپ بەچچىنى  دەمسىز،ئەتىدىن –كەچكىچە ھىندىستاننىڭ ناخشىسىنى،ئۇسۇلىنى كۈرۈشكە جېنىنى پىدا قىلىدىغان،چوكان مىجەز لاتابەل  ھېزىم گوتوغۇ؟.مەكتەپتىمۇ ئوغۇللار بىلەن ئارلاشمايتى بۇ بەچچە،ھەي...يامان يەردىن تۇتۇلۇپ قالدىمغۇ،مىنى كورسىمۇ قىزلاردەك قىزىرىپ كېتىدۇ بۇ بەچچە،ھا...ھا...ھا...

<ھىكايىنىڭ ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ>
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:10(qinmodan)
  • تۆھپە:15(xabnam)
  • مەڭگۈ ياشايدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل،ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:01 | [باش تېما]
    parwin
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 5
    يازما سانى: 712
    شۆھرەت: 898 نۇمۇر
    پۇل: 6085 سوم
    تۆھپە: 147 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:518(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-15
    ئاخىرقى:2008-03-14

    2



    ئىككى ناتۇنۇش تونۇشلار بىرە ئايدىن كىيىن يەنە بۇرۇنقى جايىدا ئۇچراشتى.ھاشىم جېكسۇن غالىپ بەچچىگە ھاراق زورلاش ئەمەس بەلكى ئالدىدىكى ناتۇنۇش قىزغا بەكلا قىزىقىپ قالغان ئىدى.ناتۇنۇش قىز چوڭ-چوڭ كۆزلىرىنى ئۆينۇتۇپ،جىنەستىدىك لەۋلىرىنى كۇس-كۇس قىلىپ بۇلبۇلدەك سايرايتى،سايراپ ھارمايتى.
    ـ قانداق بولدى ھاشىمجان؟
    ـ قانداق بولاتتى،خان قىز.ماڭا دەرس بەرگىدەك بولدى
    ـ ئۇنداق ئەمەستۇر،
    ـ ئىشەنمىسىڭىز گىدىيىپ يۈرۈيدىغان خوتۇنىنىڭ چىرايىغا قاراپ بېقىڭ،ئالدىنقى كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئىچىشكەن،ئۆيگە بېرىپلا ،نىمىشقا ماڭا تاماق ئېتىپ بەرمەيسەن دەپ،خوتۇنىنى ئۇرۇپ،تالا-تۈزگە چىققىسىز قىلىۋېتىپتۇ...ھەي...،نىمىسىنى دەي.ھاشىمنىڭ ئۇنداقلىغىنى مەنمۇ بىلمەپتىمەن.نىمە دىدى دەڭ،باشتا،ھاراق ئىچكەن ساراڭنىڭ ئىشى،خوتۇن ئۇرغان نامەرتنىڭ ئىشى،بالا باققان ئاخماقنىڭ ئىشى،خوتۇن،خوتۇن دەپ كۆزىگە قاراپ يۈرگەننىڭ ھەممىسى چوكاننىڭ ئىشى دەپ لاپ ئۇرۇپ بىرە ھەپتە كۈندە ئارقىغا كىرۋالساممۇ؟ ساق كاللىنى ساراڭ قىلغۇم يوق،گۈلدەك خوتۇنىم تۇرسا پاسكىن خوتۇن-قىزلارنىڭ قېشىدا ھاراق ئىچمىسەممۇ يۈزىگە قاراش مەكروھ دەپ يېقىن كەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن بارساڭمۇ بارىسەن،بارمىساڭمۇ بارىسەن، بۈگۈن دىگەن ساۋاقداشلار يىغىلىشى دەپ كاتتا رىستۇرانغا ئاپىرىپ يۇقىرى گىرادوسلۇق قىزىل ھاراقنى تازا ئىچكۈزسەم بىردەمدىلا سۇرۇننى بېشىغا كەيدى
    ـ ئاندىنچۇ؟
    ـ قانداق بولاتتى، ھاشىم سەن مىنى بەك چۈشىنىسەن،ئىچىپ كەلمەيمىزمۇ دەپ ھاراققا مىنى زورلايدىغان بۇلۇپ قالدى،سۆزلىسەم گەپ جىق،لېكىن بەك تەس توختىدى،ھىلىقى كۈنى ئىچكەن قىزىلدىن دەپ بەرگەن پۇلىڭىزنى بىر ئايدىلا ئۇچىتىۋەتتىم.
    ـ سىز ئەمدى چۈشەنگەنسىز،مەن باشتا سىزگە ھاشىمنىڭ خوتۇنغا قىزىقمايدىغان،ھاراق ئىچمەيدىغان،تاماكا چەكمەيدىغان،سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىشنى خالىمايدىغان،خوتۇنى بالىلىق بولايلى دىسە،بالا دىگەن«بالا» دەپ ئۇنىمايدىغان،تېلىۋېزورنىڭ كۆزىگە قاراپ قالسا مىدىرماي ئۆلتۇردىغان،كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسە بىرە ھەپتە چىقالمايدىغان،خوتۇنىنى تۆك ئىتىپ چەكمەيدىغان لېكىن خوتۇنى بىلەن كارى يوق بىر دەلدۇشنى ئۆزگەرتتەلمەسمىكىن دەپ بەك ئەنسىرگەن،بەك ياخشى بولدى،پۇلنىمۇ ئېلىپ بولدىڭىز،پوس كاللىسى،سىز مىنى تونىمايسىز،مەن سىزنى تونىمايمەن.يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن.خوش چىرايلىق يىگىت،يەنە كۈرۈشىپ قالارمىز...
    ـ گۈلدەك ئىسمىڭىزنىمۇ دەپ بەرمەمسىز؟
    ـ سىر،سىر پېتى قالسۇن يىگىت.ئەمدى خوشلاشمىسام،مەنمۇ سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالىمەن...
    ـ سىز...
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    مەڭگۈ ياشايدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل،ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:05 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    bilgar
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 646
    شۆھرەت: 657 نۇمۇر
    پۇل: 6460 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:616(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-12-29
    ئاخىرقى:2008-03-14

    قېنى داۋامىغا تەقەززا.ھاشىم شەخسىي رازۋىتچىك بولامۇ ئەمدى.؟
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    خوشاللىق ئەتراپىڭىزدىلا..
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    parwin
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 5
    يازما سانى: 712
    شۆھرەت: 898 نۇمۇر
    پۇل: 6085 سوم
    تۆھپە: 147 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:518(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-15
    ئاخىرقى:2008-03-14

    3
    文字
    文字文字


    تۇڭگۇز بازىرى ئاجايىپ بازار،ھاشىم جېكسون غالىپ باچچىنى مارى مەرگەننىڭ تال چىۋىقتەك قىزلىرى بار قاۋاقخانىسىغا ئوبدانلا ئۆگەتتى.« مۇش دىسە مەندىن،پۇل دىگەن سەندىن » دەپ ئىككى كۈندە بىر رەت بىر سۇرۇن تۈزەشمىسە،تېلىفۇن ئۇرۇپ چاقىرتىپ ئۆز ئۇيۇنىنى داۋاملاشتۇرۇپ يۈردى.ئاشۇ كۈنلەردە،توڭگۇز بازىرىدا،غالىپنىڭ مىھماندارچىلىغىدا سۇرۇن تازا قىزىغاندا ھاشىمنىڭ تېلىفۇنى ئەنسىز جىرىڭلىدى:
    ـ كىم...كىمنى ئىزدەيسەن...ئاڭلىمىدىم، ئۈنلۈك سۆزلىمەمسەن بېلىگە سۇيۇق ئاش بارمىغان لاتا،ھە،سىزما ،خاتا چۈشۈنىپ قالماڭ،مەن تېغى سىزنى ...بۇرۇنقى يەردە،ھە بىلدىم.ھازىرلا ،ھە،مىنى ساقلاڭ.
    ھاشىم ناتۇنۇش قىزنى كۆڭلىدىن چىقىرۋەتمىگەن ئىدى.بۇلۇپمۇ كىچىكلىگىگە باقماي،تارتىنماي،ھەتتا قىلچە ھۆدۇقماي ئەركىن ئازادە تۇرىشى،نازاكىتى،چوڭ-چوڭ قاپ-قارا كۆزلىرى،ۋىتىلداقتەك ھارماي سۆزلەيدىغان قىلىغىنى بەك ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى.ئۇ تاكسىغا چىقىپمۇ شىرىن خىيالدىن قۇتۇلالمىدى:« ئۇ چوقۇم مىنى ئىزدەپ كەلدى.ئوبدان بىر كۈتۈۋېلىپ،ئاندىن دىباغا ئاپىرىپ ئاندىن...چوقۇم ...ئۇنارمۇ،مىنىمۇ بوش چاغلاپ قالمىسۇن،نىمانداق چىرايلىق كاساپەت سەن-ھە...»
    ناتۇنۇش قىز ھاشىمنى كونا جايدا ساقلاپ تۇراتتى،ھاراقنىڭ كۈچى ھاشىمنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرسىمۇ،ئۇ ھەر ھالدا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى.چۈنكى چىرايلىق قىزنى ھۆركۈتۈپ قويماسلىق كېرەك.
    ـ خان قىز قۇچاقلىشىپ كۈرۈشىمىزمۇ-يا،
    ھاشىم قىلچە ئىككىلەنمەي قىزغا يېقىنلاشتى.
    ـ قۇچاقلىشىش،ـ دىدى قىز قىلچە ھۆدۇقماي،ـ مەن سىزنى قۇچاقلىشىش ئۈچۈن ئىزدەپ كەلمىگەن،بىرەر خوتۇن ئېلىۋالغىدەك پۇل ئېلىپ كەلدىم.ئەگەر بۇ قېتىم ئىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسا بۇ پۇلغا خوتۇن ئېلىۋالسىڭىز، قۇچاقلىشىشتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
    ـ يەنە بىرەرسىنى ھاراق ئىچكۈزۈشكە ھۈنىرىمنى ئىشقا سالىمەنما،بۇ قېتىم پۇلنى كوپراق بەرمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇڭ،چۈنكى،غالىپ دىگەن بەچچە سىز بەرگەن پۇلنىڭ ھەممىسىگە ھاراق ئىچىپ بولدى.
    ـ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىڭىز،سىز ھاراققا موللا قىلغان غالىپنى ھاراق ئىچكۈزۈشتىن تاندۇرۇپ،بۇرۇنقى ئەكسىگە ئەكەلسىڭىز بولىدۇ،ئاددىمىكەن...
    ـ مىنى سىز ساراڭ كۈرۈپ قالدىڭىزما! ،ـ ھاشىم قىزنىڭ سۆزى تۈگۈمەستىن ئورنىدىن چېچراپ تۇرۇپ كەتتى،ھەم قىزغا بىگىز قولىنى سۇنۇپ قىزغا ئۇزاق بىر تىكىلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،ـ سىز ساراڭ بوپسىز،مەن تېغى مىنى ئىزدەپ كەلدى،يۈرۈگىمدىكى دەرتلىرىمنى سىزگە بىر تۆكەي دەپ يۈرسەم بۇ سىزنىڭ...سىز ئالجىپ قېپسىز...ساراڭ بوپسىز...
    قىز قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
    «ساراڭ بوپتۇ،سېپى ئۆزىدىن ساراڭ بوپتۇ، بىردەم ئىچكۈز دەيدۇ،بىردەم ئەكسىگە ئەكىرىپ بەر دەيدۇ.مىنى ئاخماق قىلدى دىسە تۇتام-تۇتام پۇلنى ئالدىمغا تاشلاپ قويغان،ئالماي دىسەم،ھەي...ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قالدىمغۇ،بەچچىغۇ ناچار دىسەم ناچار ئەمەسكەن،پۇل دىگەننى ھارماي خەجلەپ مىنىڭمۇ ھورمىتىمنى قىلىۋاتىدۇ،ئەمدى قانداق قىلارمەن. تىگى-تەكتىنى ئىنچىكە بىر سوراپ باقاي»
    ھاشىمنىڭ پۈتۈن خىيالى پۇلدا قالغان ئىدى.چۈنكى بىكاردىن-بىكار ،تۇتام-تۇتام پۇلنى خەجلە دەپ بېرىۋەتسە بۇنداق ئۇچۇپ كەلگەن ئامەتنى قولدىن بېرىۋىتىشكە كىمنىڭمۇ رايى بارسۇن.قىزنىڭ يەنە قانداق سوزلىرى بار،قانداق ئويۇنى بار ،بىر كۈرۈپ باقاي...
    ـ بۇ پۇل سىزگە لازىم بولمىسا،ماڭا لازىم،ـ دىدى قىز ھاشىمغا جىددى ھالەتتە،ـ باشقا ئادەمنى تاپساممۇ بولىدۇ،ياكى ئۆزەم يالغۇز قىلساممۇ بولىدۇ.
    ـ مەن سىزدىن بىر ئىشنى سوراي،بۇنداق قىل دىگىنى زادى كىم،غالىپنىڭ خوتۇنىنىڭ ئاشنىسىمۇ ؟ياكى ئۆزىمۇ؟
    ـ غالىپنىڭ خوتۇنى ئۇنداق خوتۇن ئەمەس،بەلكى پاك ئايالدۇر،گەپ غالىپتا ئۇچۇق دىسەم ،ئادەم دىگەن ھىسياتلىق مەخلۇق،ئۆتتۇز ياشقا كىرمىگەن ئايالنىڭ ھىسياتىنى سىزمۇ بىلىسىز،غالىپنىڭ ھالى شۇ تۇرسا،ھاراق ئىچسە،تۈزۈلۈپ قالارمۇ دەپ قىلغان ئىش،لېكىن ئۇ ئايال ماڭا تېلىفۇن بىرىپ دەردىنى تۆكۈپلا كەتتى،بەك ئىچىم ئاغرىپ قالدى،«ئۆزەم تاپقان بالاغا،نەگە باراي داۋاغا» دىگەن شۇدە،
    ـ نىمە ئىشلار بوپتۇ؟
    ـ نىمە بولاتتى،غالىپ تۇڭگۇز بوپتۇ،يەنە نىمە دەپتۇ دىمەمسىز،سەندەك سەت خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتقان كۈنۈمگە ئىسىت،خىتىڭنىمۇ بېرىدىغان كۈن ئاز قالدى دەپ،ئەتىدىن –كەچكىچە،يا ھاراق بىلەن،يا بولمىسا،كوچىدىكى قىزلارنى ماشىنىسىغا سېلىپ،باشقا يۇرتلاردا لاغايلاپ ھەپتىلەپ ئۆيگە كەلمەس بۇلۇپ قېپتۇ،شۇڭا سىزدىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بىرىشنى مەن ئۈتۈنۈپ كېلىشىم،
    ـ قانچىلىك بېرىسىز؟
    ـ بەشمىڭ
    ـ بەشمىڭغا بولمايدۇ،ھاراق ئىچكۈزۈش ئاسان بولغان بىلەن تاندۇرۇش تەستە،يەنە كېلىپ ئۇنىڭدا پۇل كوپ،مەن بىلەن ئىچمىسە باشقىلار بىلەن ئىچىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ؟
    ـ مۇنداق قىلايلى،مەنمۇ ئازراق پايدا ئالمىسام بولمايدۇ،غالىپنىڭ ئايالى ماڭا ئون مىڭنى بەرگەن،مەن ئۈچ مىڭنى ئېلىپ قالاي،سىزگە يەتتە مىڭى قالسۇن،پۇلنى سىز ئىشنى بېجىرىپ بولغاندىن كىيىن بېرىمەن،ھازىر بېرىدىغىنىم ئىككى مىڭ...
    ئېشەك بازىرىدىكى ئېشەك سودىسىدەك بۇ ئىككى بىدىكلەر پەردەشەپنى قايرىپ قۇيۇپ تالىشار-تالىشار بىرلىككە كېلىپ شۇم پىلاننى سوقۇشۇپ پۇلنىمۇ ئۈلۈشۈپ،شەھەر قوينىغا غايىپ بولدى
    تۇڭگۇز بازىرى يەنە ئۆزىنىڭ قۇياشىنى غەرىپتىن چىقىرىپ قىيا-چىيا بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر كۈنلەردە،غەلىتە بىر پاراڭ تۇڭگۇز بازىرىغا ھەتتا كىچىككىنە بۇ شەھەرگە پۇر كەتتى
    ـ غالىپ بارغۇ،ھىلىقى چوڭ بازاردا تاللا بازىرى ئاچىدىغان،خانقا مەچىتنىڭ ئالدىدا بىرسى قىپيالىڭاچ قىلىپ تاشلاپ قۇيۇپتۇ مەست ئوخشايدۇ.
    ـ قاچان بولغان ئىشكەن؟
    ـ بۈگۈن ئەتىگەن بولمامدۇ.
    ـ كېچىدىن بىرى ئۆلگىدەك ئىچىپ ئۆيىنى تاپالماي،مەچىتنىڭ ئالدىدا يېتىپ قالغان گەپ.
    ـ يېتىپ قالسا كىيىمىنى كىم سالدۇرۋەتتى ،ياكى قىز بالا بولمىسا؟
    ـ كىمنىڭ دۈشمىنى يوق دەيسەن ئاداش،ئەر ئوتتۇرسى بۇلۇپ قالغان بىر ئادەم قىپ-يالىڭاچ مەچىتنىڭ ئالدىدا يېتىپ قالدى دىگەن گەپ قانداق گەپ –ھە،
    ـ تۇڭگۇزنىڭ سۈيدۈگىنى ئىچكەنگە تويسۇن.
    ـ توۋۋا دەيلى ئاداش،بىزنىڭمۇ بالىلىرىمىز بار ئەمەسمۇ؟
    ...   ...
    تۇڭگۇز بازىرى ئاجايىپ بازار،بۇ يەردە كۈن غەرىپتىن چىقىدۇ،شەرىقتىن چىققاندا سەن ئۆزەڭنى، ئۆزەڭمۇ بىلمەيدىغان بىر يەردە كۆرىسەن...
    مەڭگۈ ياشايدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل،ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    qinmodan
    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى

    مەزھەپ:چىن مودەن چىن مودەن
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1042
    شۆھرەت: 1106 نۇمۇر
    پۇل: 9541 سوم
    تۆھپە: 98 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1072(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-09-01
    ئاخىرقى:2008-03-13

    Re:خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر <پەرۋىن>

    پەرۋىن بىر مەزگىل يوقاپ كېتىپ قۇرۇق قول كەلمەي، ئىسىل ھىكايىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىزدە.
    «توڭگۈز بازىرىدىكى ئىشلار»ناملىق بىر يۈرۈش ھىكايىلەردە سۆزلەنگەن ۋەقەلىك توڭگۈزغا سىمۇۋول قىلىنغان بىر قىسىم ناچار قىلمىشلار ئېچىپ بېرىلىپتۇ ...«چوشقا ھايۋانلارنىڭ ئەڭ پاسىكىنىسىدۇر. ئۇنىڭ تەبىيىتى تويماس، پەيلى يامان، يەيدىغىنى مەينەپ بولۇپ، مەينەتچىلىككە مىلىنىپ يۈرۈيدۇ. چىشلىرى ئۇچلۇق كېلىدۇ، بۇلاڭچى كېلىدۇ. چوڭايغانسېرى ھورۇنلىشىپ كېتىدۇ» بۇ تەسۋىر ھىكايىدە تەسۋىرلەنگەن فىرسۇنازلارغا ھەقىقەتەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.....جەمىيەتنىڭ بۇلاڭ -پۇشقاقلىرىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن توڭگۇزدىن ھىچ پەرقى يوق شۇ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ ھىكايىڭىزنى كۆرسە نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى...ئەپسۇس
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:16 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    O2

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 15
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 150 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-06
    ئاخىرقى:2008-03-12

    Re:خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر <پەرۋىن>

    ناھاييتى ياخشى ئەسەركەن ھارمىغايسىز! داۋامىغا قىزىقىپ قالدىم داۋاملىق ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت!
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:24 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    Biperwa
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 3305
    شۆھرەت: 3371 نۇمۇر
    پۇل: 33070 سوم
    تۆھپە: 74 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1181(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-25
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ۋاي داۋامىنى يوللىۋىتىڭلا پەرۋىنجان مەن ساۋاق ئالسام بولامدۇ بۇ ھىكايدىن . ئالامەت يىزىپ قويسىلە جۇمۇ ، ئاخىرمۇ دىگنڭلىنى قىپسىلە ، قۇرۇق قول كەلمەي .
    ئۈمۈد يادىكار



    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    O2

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 15
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 150 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-06
    ئاخىرقى:2008-03-12

    ناھاييتى ياخشى ئەسەركەن ھارمىغايسىز! داۋامىغا قىزىقىپ قالدىم داۋاملىق ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت! BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    turkman01

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 150
    شۆھرەت: 151 نۇمۇر
    پۇل: 1375 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:219(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-19
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئوخخو!...........پەرۋېن قارى..........................ئاخىرى قېنى................
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    Hanjiri
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 199
    شۆھرەت: 211 نۇمۇر
    پۇل: 1757 سوم
    تۆھپە: 26 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:572(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-09-16
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئوقىماي تۇرۇپ ئىنكاس يېزىۋالاي !پەرۋىن ئەپەندىم خوتۇن توغرۇلۇق ئېلىپ بارغان ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي،قەلەم تۇلپارىڭىزغا مەڭگۇ ھاردۇق يەتمىگەي .
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    anwar-mahzun

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: دائىملىق ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 318
    شۆھرەت: 322 نۇمۇر
    پۇل: 2905 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:281(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-08-18
    ئاخىرقى:2008-03-09

    ئاخىرسىنى تىزراق ئەۋەرتەرسىلە ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، شۇنداق قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم،خام ماتىر يالىڭلارمۇ پىشىپ قالغاندۇ.
    ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:42 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    parwin
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 5
    يازما سانى: 712
    شۆھرەت: 898 نۇمۇر
    پۇل: 6085 سوم
    تۆھپە: 147 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:518(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-15
    ئاخىرقى:2008-03-14

    داۋامىنى بۈگۈن چوقۇم يوللايمان،ئازراق ئالدىراش بوپ قالدىم ،مۇنبەرداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن.رەخمەت
    مەڭگۈ ياشايدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل،ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:47 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    Ark-zat
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 4
    يازما سانى: 4529
    شۆھرەت: 4826 نۇمۇر
    پۇل: 28670 سوم
    تۆھپە: 416 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:798(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-17
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ھېلىقى كۈنى ماڭا مەزمۇنىنى دەپ بەرگەن ئىدىڭىز،ماڭا دىگەندىنمۇ قىزىقارلىق چىقىپتۇ بۇ ھىكايە.ئەڭ قىززىق يېرى خەققە پۇل بىرىپ ئۆزىنىڭ ئېرىنى ئىچەرمەن،چېكەرمەن،قىزلارغا قاش ئاتارمەن... قىلىپ ئۆزگەرتىپ بىرىشكە ياللاش بولۇپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پۇشمان قىلىدىغۇ بۇ نوچى خۇتۇن.
    ohxax.cn
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 13:49 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    arwah0903

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 13
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    پۇل: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-04
    ئاخىرقى:2008-03-04

    بەك ياخشى يېزىپسىز   ئاخىرىغا تەشنامىز!!!!!!!
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 14:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    kamqa
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1139
    شۆھرەت: 1192 نۇمۇر
    پۇل: 3758 سوم
    تۆھپە: 55 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:227(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-17
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ياخشى ھېكايە بوپتۇ، تۇڭگۇز بازىرىدىن چاچرىغان ئىلھاملىرىىڭىزدىن يەنە نۇرغۇن ھېكايىلەر پۈتىدىغاندەك قىلىدۇ، تەسۋىرلەرمۇ شۇنداق جايىدا بوپتۇ.داۋامىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن.
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    تارىم توغراقلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش!
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-08 15:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )


     

    Time now is:03-14 13:34, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation