جەنۇبىي قۇتۇب سوغۇقمۇ ، شىمالىي قۇتۇبمۇ؟
شىمالىي قۇتۇبنى بىر نەچچە دېڭىز ئوراپ تۇرىدۇ . ئۇ يەرگە جايلاشقان شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ كۆلىمى 13 مىليۇن 100 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
شىمالىي قۇتۇبتا ياز ۋە قىشتىن ئىبارەت ئىككىلا پەسىل بولىدۇ . يازدا كېچە ، قىشتا كۇندۇز بولمايدۇ . ئەڭ تۆۋەن تېمپۇراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30~40 گرادۇس بولىدۇ ، پۇتۇن يىللىق ئوتتۇرچە تېمپۇراتۇرا ھامان نۆلدىن تۆۋەن بولىدۇ ، شىمالىي قۇتۇبنىڭ ئۆزىدىكى ئەڭ سوغۇق جاي قۇتۇب نوقتىسى بولماستىن ، بەلكى سىبىرىيىدىكى لېنا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى شەرقىي گىرېنلاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدۇر . شۇڭا بۇ يەر «دۇنيانىڭ سوغۇق قۇتۇبى» دەپ ئاتىلىدۇ.
جەنۇبىي قۇتۇبنىڭ تۆت ئەتراپى دېڭىز بولۇپ ، كۆلىمى تەخمىنەن 14 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
جەنۇبىي قۇتۇب قۇرۇقلىقى دېڭىز يۇزىدىن 2350 مېتىر ئىگىز . ئۇ دۇنيا بويىنچە ئەڭ ئېگىز قىتئە ھېسابلىنىدۇ.ئۇ يەردە يىل بويى شىۋېرغان چىقىدۇ . بوران كۇچەيگەندە سۇرئىتى 75 مېتىر \ سىكۇنتتىن تېز بولىدۇ . شۇڭا بۇ يەر « بورانلىق قۇتۇب» دەپ ئاتىلىدۇ . جەنۇبىي قۇتۇبنىڭ قىش ۋە ياز پەسلى شىمالىي قۇتۇبنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، شىمالىي قۇتۇبتا ئۇزۇن مۇددەت كۇندۇز بولىدىغان ياز پەسلى كەلگەندە ، جەنۇبىي قۇتۇبتا ئۇزۇن مۇددەت كېچە بولىدىغان قىش پەسلى كىلىدۇ . جەنۇبىي قۇتۇبنىڭ تېمپۇراتۇرسى دائىم نۆلدىن تۆۋەن 50~60 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ . تېمپۇراتۇرا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 88.3 گرادۇس بولىدۇ . ياز پەسلى قىسقا تۇمانلىق بولىدۇ . قۇياش ئىنتايىن ئاز كۆرۇنىدۇ . يازدىمۇ تېمپۇراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بولىدۇ ، جەنۇبىي قۇتۇبنى قورشاپ تۇرغان دېڭىز .ېقىمى سوغۇق ئېقىم بولىدۇ . شۇڭا جەنۇبىي قۇتۇب شىمالىي قۇتۇبتىن سوغۇق بولىدۇ.
( ماتېماتىكا تەييارلىدى)
پايدىلانما مەنبە : (1) يۇز مىڭلىغان نېمە ئۇچۇن .
(2) قۇرغاق رايۇن جۇغراپىيىسى