«
مېھرىبان مۇخبىر »ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئۈچۈن بىلەت تاشلاڭ http://poll.people.com.cn/297_ctdzb_001/reporter.php ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم 1969- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى چاپچال ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 1991- يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ گېزىت چىقىرىش بۆلۈمى، مەخسۇس بەتلەر بۆلۈمى ۋە مۇخبىرلار بۆلۈمىدە مۇھەررىر ۋە مۇخبىر بولغان. ھازىر «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلۈمى ئىقتىسادىي خەۋەرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇخبىرى، مۇدىر مۇخبىر.
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 16 يىلدىن بۇيان ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارتىشقا جۈرئەت قىلىپ، 3000 پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىرىدىكى ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ، نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرى ئارقىلىق كەسىپداشلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ 58 پارچە ئاخبارات ئەسىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون ۋە ساھەلەر بويىچە نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيەتلىرىدە 1-، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 11 پارچە ئەسىرى شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، ئۈچ پارچە ئەسىرى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا؛ تۆت پارچە ئەسىرى مەملىكەت بويىچە بەش ئاپتونوم رايون پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ ياخشى ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۈچ پارچىسى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇنىڭ ئەسەلىرى 1999- يىلدىن 2006- يىلغىچە ئۇدا سەككىز يىل شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ ھازىرغىچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى ئېرىشكەن مۇكاپات سانى ئەڭ كۆپ بولغان مۇخبىرنىڭ بىرى. بۇندىن باشقا، ئۇ يۇسۇپجان ئەخمىدىنىڭ «چوقان سال، ئەي بېپايان زىمىن» ناملىق نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرى توپلىمى ۋە «ئابدۇۋەلى جاروللايوپ ھەققىدە ئەسلىمىلەر» ناملىق كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررلىكىنى ئىشلىگەن.
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم يەنە 2003- يىلى 7- ئايدا مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيتى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە <سارس>قا قارىشى تۇرۇش تەشۋىقاتىدىكى مۇنەۋۋەر مۇخبىر»، 2007- يىلى 1- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خىزمەتچىسى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى.
يىقىندا بۇ داڭلىق مۇخبىرىمىز مەملىكەتلىك ئون «مېھرىبان مۇخبىر» نامزاتىغا كۆرسىتىلدى بۇ مۇخبىر ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تاللانغان بىردىنبىر مۇخبىر شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە نامزات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت مۇخبىرى.بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تاللىنىشى ئۈچۈن توردىكى بىلەت تاشلاش ئاساس قىلىنىدىكەن.شۇڭلاشقا تورداشلار بۇ داڭلىق مۇخبىرىمىزنىڭ تاللىنىپ چىقىشى ئۈچۈن ئايىماي بىلەت تاشلىسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە
مىللىتىمىز ئىچىدىكى داڭلىقلارنى قوللاش مەن ئۇيغۇر دىگەن ھەربىر كىشىنىڭ مەجبۇريىتى
تۆۋەندىكى ئادرىسنى چىكىپ بىلەت تاشلاپ قويوڭ سىزنىڭ بىرنەچچە سىكونىت ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىشىڭىز پۇتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن يەنە بىر كاتتا شان-شەرەپتىن دىرەك بىرىدۇ
http://poll.people.com.cn/297_ctdzb_001/reporter.php