سىز بۇ تېمىنىڭ 447ـ ئوقۇرمىنى
 
abudu20

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-04
ئاخىرقى:2008-03-13

بىر يىگىتنىڭ كۆز يېشى .

بىر يىگىتنىڭ كۆز يېشى .
ئككىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرى ھاۋا خىلى ياخشلانغان بولسىمۇ يەنىلا سوغۇق ئىدى.بىر كۈنى ئۇرۇمچىننىڭ مەلۇم ئاسما كۆۋرىكىنىڭ پەلەمپىيىدىن ئايلىنىپ تۇشۈۋېتىپ قۇلۇقۇمغا بىر يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى .قارىسام نېرىراقتا بىر يىگىت يالغۇز يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ .مەن پەرۋاسىز ئالدىمغا 10مىتىرچە مىڭىپ ئويلۇنۇپ قالدىم .
-نىمە بولغاندۇ؟ ئۇ بۇيەرگە مۇساپىر بولسا ..ئاش قالغانمىدۇ ،يابولمىسا ئەسكى ئادەملەر ئۇنىڭ   نەرسلىرىنى پۇللىرىنى بولىۋالغان بولسا ،يىغلىغانمىدۇ ..ئەڭ ياخشىسى بىرىپ سوراپ باقاي ياردىمىم تىگىپ قارار. دەپ ...ئۇنىڭ قىشىغا باردىم ،ئۇ مىنىڭ كەلگىنىمنى سەزمىدى ،مەن مۇرىسنى تۇتۇپ تۇرۇپ
-سىزگە بىرەر ياردەم كېرەكمۇ .نىمىشقا يىغلىدىڭىز دىدىم.ئۇ تۇيۇقسز سورالغان سۇئالدىن چۇچۇپ كەتتمۇ دەماللىقا گەپ قىلالماي قالدى ..مەن يانچۇقۇمغا سېلىۋالغان قولياغلىقنى ئىلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم.
-مە ،،كۆزىڭىزنى سۈرتىۋىتىڭ .ئاندىن ئالدىرىماي نىمىش بولسا دەڭ ،ئۇغۇل بالا تۇرۇپ يىغلاپسىز ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغىرتىپ دىدىم.ئۇ كۆز ياشلىرىنى ئىتتىك سۈرتىۋىتىپ كۈلۈمسرىدى،ۋە بۇغۇق ئاۋازدا
-رەخمەت سىزگە .ماڭا ھىچ بولمىدى .شۇ ۋىزدان ئازابىغا چىدىماي يىغلاپ تاشلاپتىمەن ،دىدى
-ئۇنداقتا سىزگە بىرەر كىلىشمەسلىك كەلدىما ؟ئەگەر مەن ياردەم قىلايدىغان ئىش بولسا ياردەمنى ئايىمايمەن .قاراىغاندا بۇ يەرگە مۇساپىردەك قىلىسىز ،دىدىم . ئۇ گەپلىرىمدىن مەمنۇن بولدى بولغاي كۈلۈپ كەتتى ..بىز ئۇيەردىن -بۇيەردىن بۇلۇپ خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كىيىن يېققىن دوستەكلا چىقىشىپ كەتتۇق .ئۇ ئىچ باغرىمنى سىزگە تۈكۈپ بىرەي ئازابىم يەڭگىللەپ قالا دەپ سۆزلەپلا كەتتى.
-بۇ 2-ئانىڭ XX-كۈنى قىز دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۇنى ئىدى .مەن تەققازارلىق بىلەن كۇتكەن كۈن ئاخىر يىتىپ كەلدى .ئويۈمدىكەر ئەۋەتكەن پۇلنى ئۆزۈم كىيىم كىيمەي گاھى بىرە ۋاخلىق تاماقنى كام يەپ دىگۈدەك يىغىپ قىزدوستۇمغا يېڭى ئوقۇش باشلاشلىغاندا كىيگىن دەپ كىيىم ئىلپ بەردىم .ئاشقان نەچچە يۈز يۈەننى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە ساقلاۋاتاتتىم .دەپلا بولدۇقلا پ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى .مەن ئىشنىڭ داۋامىنى تېخى ئىنىق ئاڭلىمىغان بولساممۇ پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم .شۇڭا ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ كۆڭلىنى تىندۇردۇم .ئۇ بىر ھازا يىغلاپ پەسلىۋالغاندىن كىيىن يەنە داۋاملاشتۇردى
-لىكىن ئەكىسچە ئۇ تۇغۇلغان كۇنۇمدە چۇقۇم ئالدىراش بۇلۇپ كىتىمەن ئۇكۇنى ئويۇمدىكلەر كەلمىكچىكەن دىدى.شۇ كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بىرگە تاماق يەرمىز دىدى .مەن خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم .ۋە شۇ كۇننى كۇتۇپ كۆزۇم توت بۇلۇپ ئاخىر ئۇ كۇنمۇ يىتىپ كەلدى .مەن سەھەردە ئورنۇمدىن تۇردۇم .بۇ كۇن مەن بەك تىتىك ئىدىم .ئەتىگەندە بىرىپ گۈل سېتىۋالدىم .ئاندىن ئۇنىڭغا تېلىفۇن بەردىم .لىكىن تېلىفۇنى ئىتىككەن ...شۇ پېتى تا كەچ كىرگىچە تېلىفۇنى ئىچىلمىدى .
مەن ئارتۇقچە ئويلاردىمۇ بولمىدىم ..ئۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرگە بولسا تېلىفۇننى ئىشلىتەلمىەيتىغۇ دەپ ئويلىدىم ..ئۆز ئىرادەم بويىچە ئۇنىڭغا سىز بىلەن تاماق يىمىسەم كەچكىچە ھىچ نىمەن يىمەيمەن دىگەن ۋەدەمدە تۇرۇپ كەچكىچە ھىچ نىمە يىمىدىم .مۇشۇنداق بىر قولۇمدا گۈل ،ئاچ قوساق كوچىلاردا ئايلىنىپ يۇردۇم .بىركەمدە يولدىن -يولغا ئالمىشىپ قايسى يولغا كىىپ قالدىمكىن ئىشقىلىپ بىر قاۋاقنىڭ ئالدىدا بىر نەچچە ماشينا تۇرۇپتىكەن.مەن ياندىن ئۈتۈپ كەتتىم.بىر چاغدا ماشىينىڭ قاتتى سىگىنىالى خىيالىمنى بۇزىۋەتتى .مەن ئۆزۈمنى ئىتىك چەتگە ئالدىم .توختاتماي ئۇرۇلغان سىگىنال ئاچىقىمنى كەلتۈردى ،زەردە بىلەن ئارقىمغا قارىدىم .ۋە ئاسمان زىمىن كۆمۇرلۇپ قىيامەت قايم بولغاندەك بېشىم پىرقىراپ كەتتى .ماشىننا بىلەن ئارلىقىم بىر مىتىردىن ئاشمايتى .يېرىم ئېچىلغان ئەينەكتىن ماشىينا ئىچى ئىنىق كۆرۈنۇپ تۇراتتى .ماشىننا ئىچىدە ئولتۇرغىنى مەن بىر كۈن تاماق يىمەي ساقلىغان قىز دوستۇم ۋە 30 ياشلاردىكى بىر ئەركەن .ئۇ شوپۇرغا ناز بىلەن چىپلىشىپ بىر قولى ماشىننىڭ رولىدا يەنە بىر قولى بىلەن سىگىنالنى بىسىپ شۇنداق خەلىتە قىلىقلارنى قىلغىلى تۇرۇپتۇ .ئۇ مىنىڭ كۆرۇپلا ئىتىك ئۆزىنى ئوڭشىدى .لىكىن مىنى تۇنۇماسقا سېلىپ باشقا تەرەپكە قارىۋالدى ..مەن ئورنۇمدا قاققان قۇزۇقتەەك تۇرۇپلا قالدىم . ..ئۇ سۆزلەۋېتپ يەنە يىغا تۇتۇپ كەتتى .مىنىڭمۇ ئىچىم بىر قىسما بۇلۇپ قالغان ئىدى ...قارىغاندا ئۇنىڭ گەپلىرى دەرت-ئەلەملىرى ھېلىدا تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى..ئۇ بىركۈن تاماق يىمەپتۇ ..شۇڭا ئۇنى بىللە تاماق يىتىشكە تەكلىپ قىلدىم .

      داۋامى بار   ...



___ ئۇيغۇرجان تەستىقى
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-05 17:56 | [باش تېما]
abudu20

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-04
ئاخىرقى:2008-03-13

بىز يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق يىدۇق .ئۇنىڭدىن ھېكايىسىنڭ داۋامىنى سورىدىم .ئۇ تۇرۇپ كىتىپ .
-بۇپتۇ ئاڭلىغۇڭىز بولسا تەپسىلىرەك سۆزلەپ بىرەي دىدى .ئۇ ئېڭىكىنى يۆلەپ تۇرۇپ ،
-شۇ ئورنۇمدا ماشىينىڭ قارىسى يۈتكىچە تۇرپتىمەن .ھوشۇمنى يوقاتقاندەك بۇلۇپ پۇت قۇلۇمدا جان قالماي جالاقلاپ كەتتى ..ئاران چەتكە بىرىپ ئولتۇرۋالدىم .تۇمۇرچى قىزدۇرغان تۈمۈرنى ئەكىلىپ يۈرۈكۈمگە يېقىۋەتكەندك پارە-پارە بۇلۇپ كەتتىم.دىدى ئۇ كۆزىنى ئۆزمەي قاراپ تۇرغان نوقتىن ماڭا يۆتكىدى .ۋە ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ .
- سىز پەرەز قىلىپ بىقىڭە ،مىنى ئۇغۇل بالا تۇرۇپ يىغلامدۇ داۋاتىسىز .يەنە ماۋۇ مۇنبەردىكىلەرمۇ،
بىلەمسىز ئۇ ئەر قايسى مىللەتتىن ،بىر خەنزۇكەن خەنزۇ ،،،ئاھ -خۇدا .  ئۇ بۇ گەپلەرنى ئۇ ئەلەم بىلەن يىغا ئارلاش دەۋاتتى .تۇرۇپ -تۇرۇپ گەپ سۆزسىز جىمىپ قالاتتى .مەنمۇ ئۆزۇممى قەھىردان سوغۇقتا سۇغا تۇشۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ قالدىم .
-دىمىسمۇ ما ئىشنى كۆرۇڭ بىر ئويغۇر قىزى تۇرۇپ ،ئىچىمدە  ئۇنىڭغا بولغان قاغىش نەپرەتلەر يىغىپ كەتتى .لىكىن بىرنىمۇ ئىغىزدىن چىقىرالمىدىم .چۇنكى ئۇنى ئويلۇدۇم ،بۇنداق چاغدا تەسەللىدىن باشقىسى بىكادە،،
-ھىچ قىسى يوق ئۇكام جاھاندا قىزلار كەممىدى ..مەن ياخشى دوستلىرىمدى بىر نى ساڭا تۇنۇشتۇرۇپ قوياي . دىىدىم.  ئۇ بالىمۇ قىزىقچى ئىكەن ..بىر كۈلىۋەتكەندىن كىيىن ،ئاران بىرنىما ،دىدى .ئۇ بۇ گەپنى تەنە قىلىپ دىگىنى ئىنىق ئىدى ..ئۇ گەرچە مەندىن كىچىك بولسىمۇ مىجەزىدە چوڭلارغا خاس سالاپەت باركەن .مەن ئارتۇقچە گەپ قىستۇرالماي جىم بۇلۇپ قالدىم.
ئۇ بىر ئۇھ تارتىۋىپ ...
-ئۇ بەللىم ئازغاندۇ .ئۇ ھەمىشە مىنىڭ ئۆزگەرمەس بۇ ئەپتىمدىن زىركىپ .شۇنداق تۇيۇق يولغا  كىرىپ قالغاندۇ ،شۇڭا مەن ئۇنى بىر ئامال قىىپ تۇيۇق يولدىن قايتۇيپ ئەكىلىشىم كېرەك .
مەن ئىلگىرى ئۇنىڭغا سەن مەيلى قانداق بۇلۇپ كەت سىنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم .ئۇنىڭدىن بۇنداقلا مۇناسىۋىتىمنى ئۈزىۋەتسەم ،ئۆزۈمنىڭ غۇرۇم دەپسەندە بولۇدۇ شۇ !
ئۆزۇم ياخشى كۆرگەن، ئالەم شۇمۇل ۋەدىلەرنى بەرگەن مەن تۇرۇپ، ئۇنى بۇ پاتقاققا تاشلىۋەىتىشىم كېرەڭمۇ.ھىچ بولمىغاندا ئۇنى داغدام يولغا سېلىپ قۇيۇپ ئۇ ئەخلىنى تاپقاندا ئاندىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسەممۇ كىچىكمەن .ئۆزۈم قىلىغان ۋەدىللىرىم ئالدىدىمۇ باش كۆتىرەلەيمەن  .شۇ چاغدا ئەركەكنىڭ يىغىسىمۇ ئۆزلىگىدىن توختاپ قالىدۇ ئەمەسمۇ ،دىدى.مەن تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم .مۇھەببەت مانا مۇشۇنىڭدەك بولسا ھە،قىزلارمۇ بىر ئەرگە سادىق بۇلۇشنى تۇنۇپ يەتكەن بولاركەن .مۇھەببەتنىڭ چىنلىقى ئاندىن ھىس قىلاركەنمىز دەپ ئويلاپ قالدىم ..بۇ يىگىتنىڭ ئۇنۋىرسىتىتوتتا مۇنتىزىم دەرس بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىدەك قىلغان بۇ گەپلىرىدىن ھاياجانلىنىپ ،چىراينىڭ ھەر بىر مۇيىغىچە قاراپ كەتتىم .ئۇنىڭدىن خۇش پىئىللىىق چىقىپ تۇراتتى .ئۇنىڭغا يېقىن سۇرۇپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ سورىدىم .
-ئۇكام نەچچە ياشقا كىردىڭ
-22ياشقا كىردىم ..سىزچۇ ؟ ئۇمۇ تەبەسۇم بىلەن كۇلۇپ سورىدى
-29ياشقا كىرىدىم
-ئۇنداقتا سىز مەندىن 7 ياش چوڭكەنسىز ئوي ئوچاقلىق بولدىڭىزمۇ ،نەچچە بالىڭىز بار دەپ سورىدى. مەندەك ھىلى بىر قىزنى ئەتىسى بىر قىزنى ئەخمەق قىلىپ يۈرىيدىغان تۇتامى يوق ئادەمگە بىر سى ئىتىك تېگەمتى.مىنى تۇنۇيدىغان قىزلار مەندىن قاچىدىغان تۇرسا .شۇڭا ئۆزەمچە خىجىل بۇلۇپ
-ھە 2 بالام با شۇ ،دەپلا ئۆتكۈزۈۋەتتىم .چۇنكى مەن ئۆزەمنىڭ قەلبىنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ ئۆزەمدىن قاتتىق نۇمۇس ھىس قىلدىم  .
               
                      تۈكىدى.

  بۇھىكايىنى داۋاملىق ياغغۇم بار ئىدى .لىكىن تورداشلار ھەرخىل قارشتا بۇلۇپ ھەرخلىل پكىرلەرنى بىرىدىكەن .ئاخىرىنىڭ دەششەتلىكىدىن دۇنيانى كىشىلەر جۇملىدىن جاپالىق ھېكايە يىزىۋاتقان مەندەك بالا يازغۇچىلارنى ئەيىىپلەيدۇ..شۇڭا بۇ قاباھەتلىك تېمىنى توختىىشنى قارار قىلدىم .كەچۇرۇڭلار.
 
يازغۇچى :ئابدۇراخمان ھىمىت
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 21:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
姑娘

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:10(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-04
ئاخىرقى:2008-03-14

  ھىكايىڭىز  ناھايتى  ياىشى  يېزىلىپتۇ ، ھىكايىدە  تەسۋىرلىگەن  بۇ  يىگىت  ھەقىقەتەنمۇ  بىر  ۋىجدان  ئىگىسى  ئىكەن . 
ھارمىغايسىز !
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 18:41 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
yiganneroh

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 36
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-18
ئاخىرقى:2008-03-13

مۇشۇنداق يىگىتلىرىمىز جىقلىسا ئازغۇن قىزلىرىمىز ئا زلايتتى!!!!
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 19:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
alawedin

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-12
ئاخىرقى:2008-03-12

بەزى قىز بالا قانجۇقلىنى ھەي ..
نىمە قىلسا ئەرزىيدۇ ، مۇشۇنداق بىشىدا كۆتۇرۇپ قىلسا قىلغان ئىشى شۇ ، لەنىتى
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 19:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
KOYAXIM1

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-12
ئاخىرقى:2008-03-12

ياراتقان ئىگەم ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ- دىيانەت ئاتا قىلغاي  !!!!!!!!!!!
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
بىسسىمىللا !!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 19:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
127414

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:86(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-18
ئاخىرقى:2008-03-13

بىز جىق گەپ قىلماي ئۇلۇغ اللاھ تىن ئوغۇللىرىمىزغا ئەنە شۇ يىگىتنىڭكىدەك ۋىژدان قىزلىرىمىزغا بولسا ئىنساپ تىلەيلى !!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 22:28 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
_Malika_

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 97
شۆھرەت: 98 نۇمۇر
پۇل: 815 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:40(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-16
ئاخىرقى:2008-03-12

Quote:
بۇ يازما4قەۋەتتىكىalawedinنىڭ2008-03-12 19:40يوللىغان  :
بەزى قىز بالا قانجۇقلىنى ھەي ..
نىمە قىلسا ئەرزىيدۇ ، مۇشۇنداق بىشىدا كۆتۇرۇپ قىلسا قىلغان ئىشى شۇ ، لەنىتى

چىرايلىق گەپ قىلىشنىمۇ ئۇگۇنىۋىلىڭ
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 23:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت


 

Time now is:03-14 15:30, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation