سىز بۇ تېمىنىڭ 2899ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: راكنى بوي سۇندۇرغان تەتقىقات مەركىزى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
ozukxunas

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 64
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
پۇل: 540 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:45(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-30
ئاخىرقى:2008-03-14

راكنى بوي سۇندۇرغان تەتقىقات مەركىزى

مەركىزىمىز نىڭ كېسەل داۋالاشتىكى پىرىنسىپى:

                       

1.بەدەندە كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى قۇۋۋەتنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.    
2.قۇۋۋەتنىڭ كام بولۇشى ئوزۇقلىنىشنىڭ تەكشى بولماسلىقى،تۇرمۇش ئادىتىنىڭ تەرتىپسىزلىكى سەۋەبىدىن قان-تومۇرلارداتوسۇلۇش پەيدا بولۇپ،ئوزۇقلۇقنىڭ قۇۋۋەتكە ئايلىنىپ بەدەنگە تارقىلىشىغا تەسىر يېتىپ بەدىنىمىزنى تەشكىل قىلغۇچى قىسىملاردا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە قۇۋۋەت كەملەش ئەھۋالى يۈز بېرىپ شۇ قىسىملاردا(ئەزالاردا)ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈشى كېلىپ چىقىدۇ.بەدىنىمىزدە ئەسلى بار بولغان پايدىسىز باكتېرىيەلەر(كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروبلار)شۇ ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇق قىلىپ تېزلىكتە كۆپىيىپ كۈچلىنىپ كېتىدۇ .بۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.قايسى ئەزالاردا قۇۋۋەت كاملىقى كۈچەيسە ،شۇ ئورۇندىكى پايدىسىز باكتېرىيەلەر(كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروبلار)ئاۋۋال كۈچىيىپ ،كېسەللىك بالدۇر پەيدا بولىدۇ.بەدەنگە ۋاقتىدا قۇۋۋەت تولۇقلانمىسا باشقا ئەزالاردىمۇ داۋاملىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ.(ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا ئادەتتىكى مىكروب ھۈجەيرە گېنىدا غەيرىي ئۆزگىرىش ياساپ راك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ،بۇمۇ ئوخشاشلا ئۆلگەن ھۈجەيرە ۋە بەدەندىكى باشقا قۇۋۋەتلەرنى ئوزۇق قىلىپ كۈچىيىدۇ.)
3.بەدەننى قۇۋۋەتلەشتە ئاۋۋال توسۇلۇپ قالغان قان-تومۇرلارنى ئېچىش،مىكروپلارنى چەكلەش ئاندىن قۇۋۋەتلەشنى ئېلىپ بېرىش يولى بويىچە ئىش كۆرىمىز،مەيلى قايسى خىلى باكتىرىيەلەر بولسۇن(بەدىنىمىزگە پايدىلىق باكتىرىيەلەر ۋە پايدىسىز باكتىرىيەلەرنى كۆرسىتىدۇ).ھەممىسى قۇۋۋەتنى ياخشى كۆرىدۇ،قان-تۇمۇرلارنى راۋان قىلماي،پايدىسىز باكتىرىيەلەرنى (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروبلار) كونتورول قىلماي خالىغانچە قۇۋۋەتلىگەندە،قۇۋۋەت توسۇلۇپ قالغان قان-تۇمۇرلاردىن ئۆتەلمەيدۇ ھەم بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارالمايلا قالماي،ھەر ئىككى خىل باكتىرىيەنىڭ ئوزۇقلىقىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. پايدىسىز باكتىرىيەلەر (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپ) نىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى،ئاسان ھەزم بولىدىغان ئوزۇقلۇقنى چەكلەش خاتا . كۈچلۈك كېسەل قىلغۇچى باكتىرىيەلەرنى كونتورول قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا كۈچلۈك تائاملارنى ئاسان ھەزم بولىدىغان ھالەتتە پىششىقلاپ ئىشلەپ بەدەننى زور قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قۇۋۋەتكە ئېھتىياجلىق ئورۇنلار كۈچلىنىپ،بەدەن ئۆزىنى تەبىئىي تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ.
4.بىز ئەسلىدە بەدەندە بۇلۇشقا تىگىشلىك پايدىلىق باكتىرىيەلەر(ئىنزىم)نى بايقاپ،ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن يىتىشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ھالىتىدە بەدەنگە قۇبۇل قىلدۇرۇپ،بەدەندىكى پايدىلىق باكتىرىيەلەرنىڭ (ئىنزىم)سانىنى پايدىسىز باكتىرىيەلەرنىڭ (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپلار) سانىنىدىن كۆپ مىقداردا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، بىر-بىرىگە قارشى باكتىرىيەلەرنىڭ قايسىسى كۈچلۈك كەلسە ئاجىزىنى يىيىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن پايدىسىز باكتىرىيە (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپلار)نى يىگۇزۇپ چەكلەش ئارقىلىق كېسەللىكنى كونتورول قىلىپ يوقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
5.بىز ئۈزۈن يىل تەتقىقات قىلىش جەريانىدا قان-تۇمۇرلاردىكى توسالغۇلارنى ئېرىتىپ پايدىسىز باكتىرىيە ( كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپلار)لارنى يەپ بىر تەرەپ قىلالايدىغان پايدىلىق باكتىرىيەلەر (ئىنزىم)نى يىتىشتۇرۇپ چىقتۇق.ھەرخىل كېسەللەرگە ئېغىر،يىنىكلىكىگە قارىتا ھەرخىل پايدىلىق باكتىرىيەدىن ياسالغان قۇۋۋەت جەۋھىرى ياساپ بېرىمىز. بىزنىڭ ئۇسۇلمىزنى يىغىنچاقلىغاندا قان-تۇمۇرلارنى ئېچىپ،پايدىسىز باكتىرىيەلەرنى (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپلارنى)ئۆلتۇرۇپ، بەدەننىڭ قۇۋۋەتكە ئېھتىياجلىق قىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.بىزنىڭ بۇ خىل كېسەل داۋالاش پىرىنسىپىمىز چوڭ-كىچىك كېسەللەرگە ئورتاق ماس كېلىدۇ.
تۆۋەندىكىلەر مەركىزىمىزدە داۋالاۋاتقان كېسەللەرنىڭ تەپسىلىي خاتىرىسى:
1.ئاتۇش شەھىرىدىن XX ئاشقازان راكى. ئۆسمىنىڭ چوڭلىقى 5 سانتىمىتىر ئەتراپىدا، سۇيۇقئاشتىن بۆلەك تاماق سىڭمەيدۇ. كۆپ ئورۇقلىغان، تەرەت ھەپتىدە بىر قېتىم يەل ماڭمايدۇ ئاخىرقى باسقۇچنىڭ دەسلەپكى مەزگىلگە بارغان، دائىم ئاغرىيدۇ. دەسلىپىدە غەربچەدورا-ئۇكۇل ئىشلەتكەن.كېيىن جۇڭيىچە-مىللىيچە دورىلارنى ئىستىمال قىلغان.ئۈنىمى بولمىغان.
2007-يىلى 12-ئاينىڭ15-كۈنى داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
داۋالاش باشلانغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى:
1-كۈنى: بىز تەمىنلىگەن ئوزۇقلىقنى ئىچكەن ۋاقىتتىلا بەدەندە قىزىش، بوش تەرلەش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.شۇ كۈنى كېچىدە تەرەت ماڭغان.ئۆزى تەييارلىغان ئۇماچتىن 3 پىيالە،مىۋە سۇيىدىن 2پىيالە ئىچكەن.سوۋۇتىلغان قايناقسۇدىن2چىنە ئىچكەن؛
2-كۇنى بىرىنچى كۈنى بىلەن ئوخشاش،ئازراق يەل ماڭغان.
3-كۈنى ئىچكەن ئۇماچنىڭ مىقدارى كۆپەيگەن،تەرەت كەلگەن،يەل مىڭىش مىقدارى كۆپەيگەن،ئاغرىش ئەھۋالى پەسەيگەن.
4-5-كۈنى پەيدىن-پەي ياخشىلىنىپ 6 -كۈنىگە بارغاندا تەرەت،يەل ھەر كۈنى مىڭىپ پۇتۇنلەي نورمال ھالەتكە كەلگەن.ئاغرىق توختىغان؛
7-كۈنى كەچتە تاماقنى جىق يەۋىلىپ،ھەزىم قىلىپ بولالماي،ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.بىز تەمىنلىگەن سۈيۈقلىقنى دەرھال ئېچىپ كېچە سائەت ئىككىدە تەرەت ۋە يەل راۋانلاشقان،ئاغرىقمۇ توختىغان.
8-كۈنىدىن ھازىرگىچە ھەر كۈنلىكى 5،6پىيالە ئۇماچ 2،3پىيالە مىۋە سۇيى،5چىنە سوۋىتىلغان قايناقسۇ 2پىيالە سۇيقاش ئىچىپ كېلىۋاتىدۇ. تەرەت ۋە يەل ھەر كۈنى راۋان،ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۇلمىدى.قان-تۇمۇرلار راۋانلىشىپ،پۈتۈن بەدەن تەكشى تەرلەش ھالىتىگە ئۆتتى. روھى كەيپىياتى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، ئۇيقىسى ئالاھىدە ياخشى.
12-ئاينىڭ30-كۈنىدىن باشلاپ،بىز ئۆگەتكەن ھەركەتلەرنى ئىشلەشكە باشلىدى.2008-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە پۈتۈن ئەھۋاللار بۇرۇنقىغا ئوخشاش.نورمال ھالەتتە ماڭغان.بىراق مۇشۇ كۇنى 2تال چامغۇر بىلەن بىر تال ياڭيۇنى بىزگە ئۇختۇرماي ئايرىم پۇشۇرۇپ يىگەن،شۇنىڭ بىلەن يەل تۇرۇش ئەھۋالى كۆرۇلگەن،بىز ئەھۋال ئىگەللىگەندىن كېيىن، سۇيۇقلىقنى دەرھال ئېچىشنى ئېيتۇق.
بىر سائەتتىن كېيىن يەل راۋانلاشقان.تەرەتمۇ نورمال بولغان.ھازىردىن باشلاپ چۈشلۈك تاماققا بىرلەشتۇرۇپ قوشۇمچە ئازراق شورپا ئىچىشنى تەلەپ قىلغان. بىز ئارىلاپ ئېچىشكە رۇخسەت قىلدۇق. 5-چىسلادىن ھازىرغىچە ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى نورمال. مىجەز-خارەكتىرىدىكى ئۆزگىرىشمۇ ئېزىغا چۈشتى. قايتا يەل تۇرۇش ئەھۋالى كۆرۇلمىگەن. كەيىياتى ۋە ئۇيقىسى بۇرۇنقىدەك ياخشى ھالەتكە كەلگەن.
10-چىسلاغىچە بولغان ئارىلىقتا بەدەن ئەھۋالى ئۈزلىكسىز ياخشىلىنىشقا باشلىغان،تاماق مىقدارىمۇ ئازراق ئاشقان.
11-چىسلا سائەت 3 لەرەە كىيىملىرىنى قېلىن كېيىپ سىرتقا چىقىپ بىر كېلومېتىر ئەتراپىدا يەرلەرنى ئايلىنىپ كەلگەن.
13- چىسلامۇ يەنە سرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلگەن.
14- چىسلا گۇلە،چىلان،ئەنجۇرقېقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 3-5تالغىچە بىر كۈن ئىچىدە يېيىشنى بۇيرىغان،ئەگەر ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە توختىتىپ قويۇش،نورمال بولسا داۋاملىق يېيىشنى شۇنىڭغا ماس ھالدا سۇنى كۆپرەك ئېچىشنى ئەسكەرتتۇق. يىگەن بىرىنچى كۈنى ماس كەلگەن.
15-چىسلا گۇلە،چىلانلارنى ياخشى كۆرۇپ،ئەسلى مىقدارىدىن كۆپرەك يەۋېلىپ،نەتىجىدە بېشى ئاغرىغان. بىز ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن مېۋە سۇيى بىلەن سۇنى كۆپرەك ئېچۇرۇش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ باردۇق.ئاغرىق ئىككى كۈن داۋاملىشىپ كېيىن پەيدىن-پەي ياخشى بۇلۇپ قالدى. گەرچە ئىسىقى ئېشىپ كېتىپ بېشى ئاغرىغان بولسىمۇ،ئۆلگەن راك ھۇجەيرىلىرىنى سۇرۇپ چىقىرىۋېتىشكە پايدىسى بولغان.
18-چىسلادىن باشلاپ سۇغۇق ئاشقاندەك ھېس قىلسا قۇرۇتۇلغان مىۋىلەرنى يېيىش ئارقىلىق، ئىسسىقى ئاشسا مىۋە سۇيى ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىمار ئۆزى ھېس قىلغان.بۇ بىمار يىقىندىن بېرى ھەر 2-3كۈندە بىر قېتىم سىرتلارنى ئايلىنىپ كىرىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان.
21- چىسلا چۈشلۈك تامىقىغا بىرلەشتۇرۇپ شورپا ئىچىشنى تەلەپ قىلغان. بىز ئازراقتىن ئېچىشنى رۇخسەت قىلدۇق
22- چىسلا ناھايىتى ياققانلىقىنى مەلۇم قىلدى،بىزمۇ داۋاملىق مۇشۇ بويىچە ئوزۇقلىنىش،ئەگەر سەل ئىسسىق كېلىش ئەھۋالى بولسا بىزگە مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇردۇق.
24- چىسلا بۈگۈندىن باشلاپ چۈشلۈك ئوماچنى ئېچىپ بۇلۇپ،قوشۇمچە بىر كۈنى شورپا بىر كۈنى سەي كۆپ ئاش(كەسكەن لەغمەن)يىيىشكە رۇخسەت قىلدۇق.يەنە ئەگەردە سوغۇقى ئېشىپ كەتسە گۇلە بىلەن چىلاننى يۇمشاق چايناپ يېيىش ئارقىلىق تەڭشەش،ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە مىۋە سۇيىنى كۆپرەك ئېچىش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى ئېيتتۇق. بىمارمۇ بۇ خىل ئۇسۇلغا تولۇق ماسلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
2-ئاينىڭ 2-كۈنى بەدەن قۇۋۋىتى كۈندىن-كۈنگە ئىشىپ،ئەھۋالى بارغانسىرى ياخشىلاندى.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى ھازىرغىچە بەدەننىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ،تەرتىپى نورمال چۇشۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن،بەدەن قۇۋۋىتى داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقاندىن باشقا ئەھۋال كۆرۇلمىگەن .

2.ئاتۇش شەھرىدىن XX قىزىلئۆڭگۆچ راكى،ئاساسەن ئاخىرقى مەزگىلگە ئۆتكەن. ئىلگىرى شىۋېتسارىيەدىن كەلتۇرگەن دورىنى يەپ،ئازراق مەنپەئەتكە ئېرىشكەن. تەرىتى ،يەل كېلىش ئەھۋالى كۈندە بىر نۆۋەت بولغان.ئۇ دورىنى توختىتىپ ئەتىسىدىن باشلاپ،بىز بۇيرىغان تائامنى ياساپ يىيىش بىلەن بىرگەبىز تەمىنلىگەن باكتىرىيەلىك ئوزۇقلىقنى ئېچىشنى باشلىغان.
2007-يىلى 12-ئاينىڭ31-كۈنى داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
داۋالاش باشلانغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى:
1-كۈنى بىز تەمىنلىگەن سۇيۇقلىقنى ئىچكەندىن كېيىن دەرھال قىزىش،تەرلەش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.تەرىتى،يەل نورمال كەلگەن.ئۈچ تال پاچاق سېلىنغان ئۇماچنى ئېچىپ بۇلغان؛
2-كۈنى ئالدىنقى كۈنىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش.
3-كۈنى پاچاق سانى تۆتكە ئۆزگەرگەن.كەچتە سۇيۇقئاچ ئىچكەن، تەرەت ۋە يەل راۋان بولغان؛ 4-كۈنى تامىقى،تەرىتى ئۇيقىسى نورمال،قان-تۇمۇرلار راۋانلاپ كەتكەن،روھىي كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى؛
5-6-7-كۈنىدىكى ئەھۋاللار ئاساسەن ئوخشاش؛
8-كۇنى،ئەسلىدە بىز تەمىنلىگەن باكتىرىيە سۇيۇقلىقىنى ھەر كۈنى 100گىرامدىن 3ۋاخ ئىچىشكە بۇيرۇلغان بولسىمۇ،لىكىن بىمارنىڭ شۇ ۋاقىتىكى ئەھۋالى 100گىرامدىن2ۋاخ ئىچىشكە ماس كەلگەن .بۇنىڭدىن كېيىن بۇگۇنگە قەدەر مۇشۇ خىل ھالەتتە ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ. قوي پاچىقىنىڭ سانى 3 تىن 4كە يەتكەن.يىڭى سۇتكە نان چىلاپ يېيىشنى تەلەپ قىلغان بىز رۇخسەت قىلدۇق.بارلىق ئەھۋاللار بۇرۇنقىدىن ياخشىلىنىپ ماڭغان.
10-11-كۈنلىرى ئەسلى ئۆلچەم بويىچە تولۇق ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغان.
ئەسلىدە بۇ بىمارغا ئالاھىدە ئىتىبار قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئوغلى ئارقىلىق ئوزۇقلىقىمىزنى يەتكۇزۇپ بېرىپ،تېلىغون ئالاقىسى ئارقىلىق ئەھۋال ئىگەللەپ تۇرغان. دەسلەپتە بىزنىڭ دېگىنىمىز بويىچە ئىجرا قىلماي، كېيىنچە ئاندىن ئۆلچەم بويىچە ئوزۇقلانغان بولسىمۇ،بىمارنىڭ داۋاملىق بىخەتەر داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،ئۈرۇمچىگە ئېلىپ كېلىپ بىر ئاي تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلدۇق.
25-چىسلاغىچە دادىسىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، بىزمۇ شۇ ۋاقىتقىچىلىك كېتىدىغان ئوزۇقلۇقنى تەمىنلەپ بەردۇق. بۇ بىمار ئوزۇقلىنىش ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئەھۋالى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ بەدەن قۇۋىتىمۇ ئۈزلىكسىز ئېشىۋاتىدۇ.
30-چىسلاغىچە بەش تال پاچاقتا ياسىغان ئۇماچنى سائەت 2 لەرگىچە ئېچىپ بۇلۇپ، كەچلىك تاماققا قارىتا يەنە گۆشلەرنى توغراپ سۇيۇقئاش ئېتىپ ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ.كانىيىدىكى راك ئۆسمىسىنىڭ ئۆلگەن تەركىبلىرى شىلىمشىق ھالەتكە كېرىپ، بەلغەم ھالەتتە تۇلۇق سىرتقا چىقىرىلىۋاتىدۇ.راك ئۆسمىسى كېچىكلىگەنلىكى ئۈچۈن تائامنىڭ ئۆتىشى ئالاھىدە ياخشى.
2-ئاينىڭ 2-كۈنى ھازىرغىچە ھەر كۇنى ھازىرغىچىلىك ھەركۈنلۈك ئەھۋالى ئەھۋالى ئوخشاش.
2-ئاينىڭ 7-كۈنى بەدىنىدە بۈگۈنچىلىك ئازراق ئىسىقى ئېشىش ئالامىتى كۆرۇلگەن بۇلۇپ، باكتىرىيە،سۇيۇقلىقىنى سۇغۇققا مايىل تەڭشەپ بەرگەن،ئۆزىمۇ ھۆل مېۋە سۇيىنى كۆپرەك ئىچكەنلىكى ئۈچۈن مىجەزى تەڭشەلدى.
2-ئاينىڭ 14-كۈنى بەدىنىدە سوغۇققا تارتىپ كېتىش ھالىتى كۆرۇلگەن،شۇ سەۋەبتىن گالدا بەلغەم پەيدا بۇلۇش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.ئاشقازاندا سۇغۇق يەلدىن كۆپۇش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.بىز ۋاقتىدا كۆرسەتىم بەرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇقلىنىش تەڭشەپ،يۇقىرىقى ئالامەتلەر بىر نەچچە كۈن جەريانىدا تۈزىتىلگەن.بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى ياخشى بولىۋاتىدۇ.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى ھازىرغىچە بەدەننىڭ ئوزۇقلىنىش ھالىتى نورمال بۇلۇپ،بەدەن قۇۋۋىتى داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

3.XX ئۈرۈمچى شەھىرىدىن،تۇخۇمدان راكى،تۇخۇمداننى ئوپراتىسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەن،ھازىر دۇمبە قىسمىدىكى لىمفا تومۇرىغا تارىغان،دائىرىسى خېلى كەڭ،13قېتىم خىميىلىك داۋالاش قىلغان.ئاخىرقى قېتىمقى خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان،سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلىدۇ.جىسمانىي قۇۋۋىتى بەك ئاجىز،سىرتلارغا چىققاندا ئاسانلا شامال تىگىدۇ،شۇڭا ئاساسەن سىرتقا چىقمايدۇ، ئۆرە تۇرۇشقا كۆپ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ،قەۋزىيەت بار. ئىلگىرىكى دورا-ئۇكۇل ئىشلىتىش ئەھۋالى،ئاخىرقى قېتىملىق خىميىلىك داۋالاشنى توختاتقىلى بىر ئاي بولغان.ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىستىمال قىلغان.سىماب بىلەن باققان توخۇنىڭ گۆشىنى يىگەن،بىر قىسىم مىللي تىبابەتنىڭ كومىلاچ دورىلىرىنى يىگەن،ئەمما كونتورول بولمىغان.2008-يىلى1-ئاينىڭ29-كۈنى داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
داۋالاش باشلانغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى:
30-چىسلا باكتىرىيە سۇيۇقلىقىنى ئىچكەن تۇنجى كۇنىدىن باشلاپلا بەدىنىدە قېزىش بولغان. شۇ كۇنى كېچىدە تەرىتى راۋانلاشقان ھەمدە تەرىتى قارا رەڭدە كەلگەن.
31-چىسلا زۇكام ئالامىتى كۆرۇلگەن،بەدەن ئوشاشلا قىزىغان.
2-ئاينىڭ 1-كۈنى زۇكام كۈچەيگەن،ئەمما تەرىتىنىڭ رەڭگى سۈزۈلۈپ نورماللاشقان،بىزنىڭ داۋالىشىمىزنى قۇبۇل قىلغاندىن باشلاپ ھەرقانداق دورا يىيىشنى توختاتقان.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى جىگەر خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ زەربىسىگە كۆپ ئۇچرىغانلىق ئۈچۈن ۋە سىمابلىق توخۇ گۆشىنىڭ زەربىسى سەۋەبىدىن كۆپ ئاجىزلىشىش كۆرۈلگەن.ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىپ كەتكەن.ئوزۇقلىنىش جەريانىدا بەدەننى ئىسسىققا مايىل قىلغاندا ئاشقازانغا مەنپەئەت بۇلۇپ،ھەزىم قېلىش ياخشىلانسىمۇ جىگەرگە ئىسسىق كېلىپ بەدەن قېزىش ئالامىتى كۈچىيىپ كەتكەن.بەدەننى سوغۇق تەرەپكە تەڭشىگەندە جىگەرنىڭ تەسىرىدىن بەدەن قېزىش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسىمۇ ئاشقازاننىڭ ھارارىتى تۆۋەنلەپ،ئىشتىھاسى پەسلەش ئەھۋالى كۆرۇلگەن. بۇ خىل ھالەت بارغانسىرى نورماللىشىپ بەدەننىڭ قۇۋۋەتلىنىشى ياىشىلىنىپ بارغان بولسىمۇ ئاشقازان بىلەن جىگەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئوزۇقلاندۇرۇش ھالىتى 20-چىسلاغىچە داۋاملاشقان.ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن نورمال ھالەتكە كەلدى.ئەمما بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئارىلاپ بەدەننىڭ قېزىش ئەھۋالى بار.
لىمفاغا تارقالغان راك ھۈجەيلىرى زور دەرىجىدە تىزگىنلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۇلدى. بىز باكتىرىيە سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى باكتىرىيەنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ بەدەن سىرتىدىن تارقالغان ئورۇن ئۈستىگە سۇركەپ بېرىشنى بۇيرىغان، بۇنىڭ تەسىرى كۆرىنەرلىك ياخشى بولىۋاتىدۇ.

4.XX تۇرپان شەھرىدىن، تۈز ئۈچەي راكى،ئاخىرقى باسقۇچتا بۇلۇپ،راك ئۆسمىسىنىڭ جايلىشىش ئورنى ئارقى پەشكە يىقىن ئورۇندا پەيدا بولغان.كۈچلۈك توختىماي ئاغرىيدۇ،ھەر قېتىم تەرەت كەلگەندە قان كېلىدۇ، ھەمدە سۇيۇق ماددا قۇيۇلىدۇ. تەرەت كېلىشى ئىنتايىن قېيىن،قەۋزىيەت دائىم بولىدۇ.تامىقى ئىنتايىن ئاز ھەمدە سۇيۇقئاش بىلەن گۆشسىز شوۋىگۇرۇچ ئاران ئۆتىدۇ.جىسمانىي قۇۋۋىتى ئىنتايىن ئاجىز.بەك كۆپ چوڭ-كىچىك دوختۇرلار ۋە تۈرلۈك تىۋىپلارغا تولا كۆرۇنۈپ ھېچقانداق ئۈنۈمى كۆرۇلمەي،ئەكسىنچە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنىڭ نامىنى ئاڭلىسا تېنى شۈركۈنىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان.2008-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
داۋالاش باشلانغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى:
كۇندىلىك ئوزۇقلىقنى شۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن رېتسىپ تۈزۈپ بەردۇق.بىمارنىڭ ئائىلىسى ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا ئەستايىدىل قاراپ بىز ئۆگەتكەن تەرتىپ بويىچە ئۆلچەملىك تاماق تەييارلاپ بەرگەن .مەخسۇس تەڭشەلگەن باكتىرىيە سۇيۇقلىقىنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاز-كۆپلىكىنى تەڭشەپ ئىچۈرگەن.بىرىنچى كۈنى تەرىتى نورماللاشقان، 2-كۈنى ئىشتىھاسى ئېچىلىپ ئۇماچتىن باشقا شورپا ئىچەلەيدىغان،كەسكەن لەغمەن يەيدىغان بولغان.3-كۈنى ئاغرىق ئاغرىق ئەھۋالى ئازراق پەسلەپ تەرەتمۇ يۈمشاق كەلگەن،سۇ قۇيۇلۇش ئەھۋالى ئازلىغان.ئۇيقۇسى كېلىشكە باشلىغان،ئىشتىھاسى ئېچىلىش ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلانغان.بۇ خىل ھالەت بىر ھەپتە داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاغرىق ئاساسەن يوقىغان.(بەزىدە تاساددىبىي بوش ئاغرىش ئەھۋالى ئارىلاپ يۈز بەرگەندىن باشقا)،بەدەندە ماغدۇرنىڭ يوقلىقىدىن تۈزۈكرەك ئارام ئالالمايدىغان بىمار بەدەنگە قۇۋۋەتكىرىپ ئوغلىنىڭ تويىغا خاتىرجەم قاتناشقان.بۇ خىل پەيدىنپەي ياخشىلىنىش ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.
يىڭىدىن داۋالاش باشلانغان باشقا راك بىمارلىرىدىن ئۇستىخان راكى 2نەپەر(بىرسى پۇتۇن بەدەنگە تارىغان)،ئاققان راكىدىن 2نەپەر(6ياشلىق بالا تىببىي شۆيۇەن دوختۇرخانىسىدا خىمىيىلىك داۋالاشنى بىرگە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ،يەنە بىرى 19 ياش)باشقا كېسەل بىلەن داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىنى مۇنۇ ئادرىستىن ./read.php?tid-44311.htmlكۆرىۋېلىڭ.
                                                 
                                                ئەلدوس تەبىئىي داۋالاش تەتقىقات مەركىزى.

ئەسكەرتىش: بىمارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئادىرىسى ئاشكارلانمىدى.   ئەگەر يۇقىرقى كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچلار نىڭ ئائىلە تاۋاباتى تېلفۇن نۇمۇرنى،كىيىنچە ئاشكارلاشقا قۇشۇلۇپ قالسا ،شۇ ۋاقىتتا توردا ئىلان قىلمىز.(ئەگەر يۇقىرقى بىمارلارنىڭ ئەھۋالنى تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۈرۈمچىگە كىلىپ ،ئاشۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن بىۋاستە كۈرۈۈشكە بولدۇ)
2008-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى

    ئادىرىسى؛ئۈرۈمچى 1-ئىيۇل جياڭيۈ زاۋۇتى(چى يى جياڭ يۈەن)يىندىكى مائارىپ نەشىرياتى بىناسى 2-دۇم10-قەۋەت.
  تېلفۇن نۇمۇرى؛0991-5588461   ، 13999829344





بىلگار تەھرىرى
[ بۇ يازما ozukxunas تەرپىدىن 2008-03-04 16:51 دە قا ]
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 12:21 | [باش تېما]
nasimi112
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1492
شۆھرەت: 1542 نۇمۇر
پۇل: 12463 سوم
تۆھپە: 42 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:750(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-05-20
ئاخىرقى:2008-03-13

بىز ئۇيغۇر ،ئۇيغۇر دىگەن سۆز چوقۇم غالىب دىگەن سۆز بىلەن تەڭداش قوللىنىشى كىرەك ..سىزلەرگە ئوخشاش مىللەت سۆيەر كىشىلىرىمىزنى چوقۇم قوللايمىز ...كەرەملىك اللە ئىشلىرىڭلارغا تىخىمۇ بەرىكەت ئاتا قىلغاي !...
[ بۇ يازما nasimi112 تەرپىدىن 2008-02-26 12:52 دە قا ]
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 12:43 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
0991sumruh

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 228
شۆھرەت: 229 نۇمۇر
پۇل: 1990 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:246(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-11
ئاخىرقى:2008-03-12

بىزنڭ مەلىدىكەن ئورنىڭلار ، بىرەر كۈنى بېرىپ زىيارەت قىلىپ كەلسەم بولغۇدەك،ئەممە كېسل كۆرسىتىشكە بېرىشتىن ئاللا ساقلىسۇن،تېنىمىزنى ساق قىلسۇن.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 12:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
abdukirim

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 158
شۆھرەت: 159 نۇمۇر
پۇل: 1500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:144(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-29
ئاخىرقى:2008-03-13

سىللەر باشلىغان خەيرىلىك ئىشنىڭ يەنىمۇ ياخشى مىۋە بىرىشىگە تىلەكداشمەن!
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 12:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
دوستۇم

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 94
شۆھرەت: 95 نۇمۇر
پۇل: 940 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:61(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-25
ئاخىرقى:2008-03-14

تولا قۇرۇق داپنى چېلىۋەرمەي،نەتىجىڭىزنى چىن ئۇچۇر بىلەن يېزىپ بېقىڭە بىر كۆرەي!

      تىبابەتتە،بولۇپمۇ ھازىرقى زامان تىبابىتىدە كىسەلنىڭ تىلىغا قاراپ،تومۇرىنى تۇتقانغىلا ئىش ئوڭشالمايدۇ،ئەمەلىي ئىسپاتىڭىزنى بىر ئوتتۇرىغا قويۇڭە قېنى بىر كۆرەيلى!رەسىملىرىڭىز بامۇ شۇ ساقايغان كىسەللەرنىڭ؟ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش ئىسپاتلىرىڭىز بامۇ؟كىسەلنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى سېلىشتۇرمىڭىز بامۇ؟
    توردا سىز جار سالغىلىمۇ خېلى زامان بولدى،ئىجازەت كىنىشكىلىرىڭىز ۋە باشقا رەسمىيەتلىرىڭىزنى مانا مەن قىلدىم دەپ مەيدىڭىزگە ئۇچۇرپ چىقىرالىدىڭىزمۇ؟تولا ئادەمنى ئالدىماي،بولسا ئېنىق ئىسپاتىڭىزنى كۆرسىتىڭە!!!
      ئۆزۈم بىر تىببىي تەتقىقاتچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن نۇرغۇن تېمىلىرىڭىزغا گۇمانىي ئىنكاسلىرىمنى يازدىم،ئەمما ھەممىسىدە ئۇستىلىق بىلەن نازۇك مەسىلىلەردە ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىپ تۇرىۋالدىڭىز!كاززاپلىق قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن!ناۋادا دورىڭىز راستلا شۇنداق ئابىي ھايات بولسا نەچچە مىليون مەبلەغنى ئۆزۈم تەييار قىلىپ بېرىمەن سىزگە!!!!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 13:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
ozukxunas

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 64
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
پۇل: 540 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:45(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-30
ئاخىرقى:2008-03-14

Quote:
بۇ مەزمون 4 جى قەۋەتتىكى دوستۇم نىڭ 2008-02-26 13:07 دە يوللىغان يازمىسى“”:
تولا قۇرۇق داپنى چېلىۋەرمەي،نەتىجىڭىزنى چىن ئۇچۇر بىلەن يېزىپ بېقىڭە بىر كۆرەي!

      تىبابەتتە،بولۇپمۇ ھازىرقى زامان تىبابىتىدە كىسەلنىڭ تىلىغا قاراپ،تومۇرىنى تۇتقانغىلا ئىش ئوڭشالمايدۇ،ئەمەلىي ئىسپاتىڭىزنى بىر ئوتتۇرىغا قويۇڭە قېنى بىر كۆرەيلى!رەسىملىرىڭىز بامۇ شۇ ساقايغان كىسەللەرنىڭ؟ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش ئىسپاتلىرىڭىز بامۇ؟كىسەلنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى سېلىشتۇرمىڭىز بامۇ؟
      توردا سىز جار سالغىلىمۇ خېلى زامان بولدى،ئىجازەت كىنىشكىلىرىڭىز ۋە باشقا رەسمىيەتلىرىڭىزنى مانا مەن قىلدىم دەپ مەيدىڭىزگە ئۇچۇرپ چىقىرالىدىڭىزمۇ؟تولا ئادەمنى ئالدىماي،بولسا ئېنىق ئىسپاتىڭىزنى كۆرسىتىڭە!!!
      ئۆزۈم بىر تىببىي تەتقىقاتچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن نۇرغۇن تېمىلىرىڭىزغا گۇمانىي ئىنكاسلىرىمنى يازدىم،ئەمما ھەممىسىدە ئۇستىلىق بىلەن نازۇك مەسىلىلەردە ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىپ تۇرىۋالدىڭىز!كاززاپلىق قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن!ناۋادا دورىڭىز راستلا شۇنداق ئابىي ھايات بولسا نەچچە مىليون مەبلەغنى ئۆزۈم تەييار قىلىپ بېرىمەن سىزگە!!!!!

################################################

بىز داۋالاش جەريانىنى تەپسىلىي يېزىپ يوللاپ قويدۇق،تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى چۇشەنمەكچى بولسىڭىز مەركىزىمىزگە كېلىڭ،بىز سىز قىزىقىۋاتقان دەلىل-ئىسپاتلارنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ قويايلى!!! بەزى ئىشلار جەھەتتە توردا مۇنازىرە قىلىشنى خالاپ كەتمەيمەن،بىز ئېنىق ئېيتقان بۇ دورا ئەمەس،راك ۋىروسىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان باكتىرىيەگە ئىگە سۇيۇقلۇق يەنى راك كېسىلى يوق بىمار ئىچسە قۇۋۋەت قىلىدۇ ئەكىس تەسىرى بولمايدۇ،شۇڭا ئوزۇقلۇق دەيمىز. بىزنىڭ ئورنىمىز دوختۇرخانا ئەمەس ،بىزمۇ دوىتۇر ئەمەس،تۇمۇرمۇ تۇتمايمىز،كېسەلمۇ كۆرمەيمىز،پەقەت بىز ئەمەلىيەتنىلا ئاساس قىلىمىز،بىزنىڭ داۋالاشتىكى قانۇنىيىتىمىز غەرب تىبابىتىنىڭ داۋالاش قانۇنىيىتىگە تۇپتىن ئوخشىمايدۇ. سىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىڭىز سان سىپىر بىزنىڭ داۋالىشىمىز مۇئەييەن ۋاقىت داۋاملاشقاندا شۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دوختۇرخانىلاردا تەكشۇرۇشكە بۇيرۇلىدۇ،تۈنجى بىمارغا تېخى 2ئايدىن ئاشتى،3ئاي ياكى 6ئاي تۇلۇق توشقاندا ئاندىن تەكشۇرتىشكە بۇيرۇيمىز،ئەگەر راك ھۇجەيرىسى تارقىلىپ كەتكەن بۇلۇپ بىر ئاي ئىچىدە كونتورول قىلىشقا مۇمكىن بولمىسا داۋالاشنى توختىتىمىز .چۈنكى ئۈنىڭدىن كېيىن خەجلىگەن پۈلى بىكارغا كېتىدۇ
[ بۇ يازما ozukxunas تەرپىدىن 2008-02-26 13:54 دە قا ]
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 13:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
shakira
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 903
شۆھرەت: 916 نۇمۇر
پۇل: 9110 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:304(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-16
ئاخىرقى:2008-03-14

Quote:
بۇ مەزمون 4 جى قەۋەتتىكى دوستۇم نىڭ 2008-02-26 13:07 دە يوللىغان يازمىسى“”:
تولا قۇرۇق داپنى چېلىۋەرمەي،نەتىجىڭىزنى چىن ئۇچۇر بىلەن يېزىپ بېقىڭە بىر كۆرەي!

      تىبابەتتە،بولۇپمۇ ھازىرقى زامان تىبابىتىدە كىسەلنىڭ تىلىغا قاراپ،تومۇرىنى تۇتقانغىلا ئىش ئوڭشالمايدۇ،ئەمەلىي ئىسپاتىڭىزنى بىر ئوتتۇرىغا قويۇڭە قېنى بىر كۆرەيلى!رەسىملىرىڭىز بامۇ شۇ ساقايغان كىسەللەرنىڭ؟ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش ئىسپاتلىرىڭىز بامۇ؟كىسەلنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى سېلىشتۇرمىڭىز بامۇ؟
      توردا سىز جار سالغىلىمۇ خېلى زامان بولدى،ئىجازەت كىنىشكىلىرىڭىز ۋە باشقا رەسمىيەتلىرىڭىزنى مانا مەن قىلدىم دەپ مەيدىڭىزگە ئۇچۇرپ چىقىرالىدىڭىزمۇ؟تولا ئادەمنى ئالدىماي،بولسا ئېنىق ئىسپاتىڭىزنى كۆرسىتىڭە!!!
      ئۆزۈم بىر تىببىي تەتقىقاتچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن نۇرغۇن تېمىلىرىڭىزغا گۇمانىي ئىنكاسلىرىمنى يازدىم،ئەمما ھەممىسىدە ئۇستىلىق بىلەن نازۇك مەسىلىلەردە ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىپ تۇرىۋالدىڭىز!كاززاپلىق قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن!ناۋادا دورىڭىز راستلا شۇنداق ئابىي ھايات بولسا نەچچە مىليون مەبلەغنى ئۆزۈم تەييار قىلىپ بېرىمەن سىزگە!!!!!

دوستۇمنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن.
يەنە قانچە بىمارنى داۋالىدىڭلار؟قانچىسى ئۈزۈل-كېسىل ساقايدى؟قانچىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلاندى؟قانچىسىنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلمىدى؟قانچىسى ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى؟يەنە قانچىسى ئۆلۈپ كەتتى؟
ساقايغانلارنىڭ يېشى،جىنسىى،كېسەل نامى، كېسەللىك باسقۇچى،داۋالانغان ۋاقتى(قانچە يىل،قانچە ئاي،قانچە كۈن؟)،ئىستىمال قىلغان دورىسى ،مىقدارى ۋە ۋاقتى...........ساقىيىش نىسبىتى،ياخشىلىنىش نىسبىتى،ئۆزگەرمەسلىك نىسبىتى،ناچارلىشىش نىسبىتى ،ئۆلۈش نىسبىتى دىگەندەك ماتىرياللىرىڭىزنى تۇلۇق كۆرسىتىڭ.ماتىرياللىرىڭىزدا سىتاستىكىلانغان سانلىق مىقدارلار كەم بولسا بولمايدۇ.بولمىسا بۇ تىمىڭىزنىڭ تىلۋىزوردىكى لاۋزا ئېلانلار بىلەن پەرقى قالمايدۇ.سىتاستىكىدىن ئازراق تەلىم ئېلىڭ.ئاندىن سىزنىڭ
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.قەدەملىرىڭىزنى پۇختا تاشلاپ مېڭىڭ.
ohxax.cn
يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا.
                _شاكىرە
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 13:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
shakira
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 903
شۆھرەت: 916 نۇمۇر
پۇل: 9110 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:304(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-16
ئاخىرقى:2008-03-14

خالىمىسىڭىزمۇ يۇقارقىدەك ماتىرياللار بىلەن تەمىن ئىتىشىڭىز كېرەك.چۈنكى سىز مەيلى دوختۇر بولۇڭ ياكى بولماڭ قىلىۋاتقىنىڭىز ئادەمنىڭ ھاياتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسلە.بۇنىڭغا چاقچاق قىلغىلى بولمايدۇ.ئادەم تەجىربە بۇيۇمى ئەمەس.قىلغان ئىشلىرىڭىز ھەممىسى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلارغا ۋە قانۇننىڭ كاپالىتىگە موھتاج.بولمىسا قانداقمۇ يۈرىكىڭىزنى توق تۇتۇپ ئىشلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرالايسىز؟سىز ھازىر سەل قاراۋاتقان مەسلە سىزنىڭ كىيىنلىكىڭىزگە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ مەسلە.
ئەگەر سىز داۋالىغان بىماردىن بىرسى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتسە (خەق ئۈستىڭىزدىن ئەرىز قىلماي قالسا تەلىيىڭىز)،ھەر قانچە قىلغىنىڭىز بىلەنمۇ قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز.بىر ئۆمۈر تاپقان تەرگىنىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.سىزگە بۇ ئىش .ئاددى كۆرۈنىۋاتقان ئوخشايدۇ.بەلكىم سىز مىنىڭ بەرگىنم دورا ئەمەس،ئەكىس تەسىرى يوق،......دىگەندەك ئاللىقانداق سەۋەپلەرنى كۆرسىتىشىڭىز مۈمكىن ئەمما قانۇن ئۇنى تىڭشىمايدۇ.سىزگە بىرىنجى بولۇپ ئارتىلدىغىنى قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىش، بىمارنىڭ داۋالىنىشىنى كەينىگە سۆرىگەنلىك.كىيىنكى جازالار ئەمەلىي ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك.پۇتاقچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىماي مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا،دىلولارغا ۋە دىلو تەھلىللىرىگىمۇ نەزەر كۆزىڭىزنى تاشلاپ قويۇڭ.
ئىشلىرىڭىزغا يەنە بىر قېتىم ئۇتۇق تىلەيمەن.
يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا.
                _شاكىرە
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 14:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
دوستۇم

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 94
شۆھرەت: 95 نۇمۇر
پۇل: 940 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:61(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-25
ئاخىرقى:2008-03-14

Quote:
بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى ozukxunas نىڭ 2008-02-26 13:25 دە يوللىغان يازمىسى“”:

################################################

بىز داۋالاش جەريانىنى تەپسىلىي يېزىپ يوللاپ قويدۇق،تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى چۇشەنمەكچى بولسىڭىز مەركىزىمىزگە كېلىڭ،بىز سىز قىزىقىۋاتقان دەلىل-ئىسپاتلارنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ قويايلى!!! بەزى ئىشلار جەھەتتە توردا مۇنازىرە قىلىشنى خالاپ كەتمەيمەن،بىز ئېنىق ئېيتقان بۇ دورا ئەمەس،راك ۋىروسىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان باكتىرىيەگە ئىگە سۇيۇقلۇق يەنى راك كېسىلى يوق بىمار ئىچسە قۇۋۋەت قىلىدۇ ئەكىس تەسىرى بولمايدۇ،شۇڭا ئوزۇقلۇق دەيمىز. بىزنىڭ ئورنىمىز دوختۇرخانا ئەمەس ،بىزمۇ دوىتۇر ئەمەس،تۇمۇرمۇ تۇتمايمىز،كېسەلمۇ كۆرمەيمىز،پەقەت بىز ئەمەلىيەتنىلا ئاساس قىلىمىز،بىزنىڭ داۋالاشتىكى قانۇنىيىتىمىز غەرب تىبابىتىنىڭ داۋالاش قانۇنىيىتىگە تۇپتىن ئوخشىمايدۇ. سىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىڭىز سان سىپىر بىزنىڭ داۋالىشىمىز مۇئەييەن ۋاقىت داۋاملاشقاندا شۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دوختۇرخانىلاردا تەكشۇرۇشكە بۇيرۇلىدۇ،تۈنجى بىمارغا تېخى 2ئايدىن ئاشتى،3ئاي ياكى 6ئاي تۇلۇق توشقاندا ئاندىن تەكشۇرتىشكە بۇيرۇيمىز،ئەگەر راك ھۇجەيرىسى تارقىلىپ كەتكەن بۇلۇپ بىر ئاي ئىچىدە كونتورول قىلىشقا مۇمكىن بولمىسا داۋالاشنى توختىتىمىز .چۈنكى ئۈنىڭدىن كېيىن خەجلىگەن پۈلى بىكارغا كېتىدۇ



بىر ئۇزۇقلۇق دەپسىز،يەنە شۇنداق مۇرەككەپ كىسەلنى داۋالىدىم دەپسىز!قىززىق ئۆزىڭىز يېزىپسىز ،«بىزنىڭ ئورنىمىز دوختۇرخانا ئەمەس ،بىزمۇ دوىتۇر ئەمەس،تۇمۇرمۇ تۇتمايمىز،كېسەلمۇ كۆرمەيمىز،پەقەت بىز ئەمەلىيەتنىلا ئاساس قىلىمىز،بىزنىڭ داۋالاشتىكى قانۇنىيىتىمىز غەرب تىبابىتىنىڭ داۋالاش قانۇنىيىتىگە تۇپتىن ئوخشىمايدۇ. سىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىڭىز سان سىپىر بىزنىڭ داۋالىشىمىز مۇئەييەن ۋاقىت داۋاملاشقاندا شۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دوختۇرخانىلاردا تەكشۇرۇشكە بۇيرۇلىدۇ،»مانا مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نىمىشقا «ئۇنداق داۋالىدىم،بۇنداق ئۈنۈمى بولدى »دەپ جار سالىسىز؟!ئۆزىڭىزمۇ دەپسىزغۇ 2 ئاي بولدى ئەمدى دەپ!!!سانلىق قىممەت ئۆزىڭىزگىمۇ ئېنىق بولمىسا نىمىشقا بۇنداق يالغانچىلىق تۈسىنى ئالغان تېمىنى يېزىپ ئېلان بېرىسىز؟!

يەنە بىر ئىش،مەرتنى مەيداندا سىنا سەپتىكەن،ھىچ بولمىغاندا تىجارەت گۇۋاھنامىڭىز باردۇ؟شۇنىڭ رەسىمىنى بولسىمۇ بىر كۆرسىتىپ قويمامسىز؟!توۋا،قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى ئەخمەق قىلىۋاتقىنىنى!!!
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 14:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
Erktekin

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:94(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-17
ئاخىرقى:2008-03-08

سىلەرنى نوبىل مۇكاپاتى باھالاش مەزكىرى بىلەمدۇ؟بىلمىسە دەرھال ئالاقىلىشىڭلار،«ئالەمشۇمۇل نەتىجەڭلار نوبىل مىكاپاتىغا »ئېرىشىشى كېرەك .
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 14:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
Erpan0999

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 432
شۆھرەت: 493 نۇمۇر
پۇل: 4270 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:299(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-08-07
ئاخىرقى:2008-03-05

Quote:
بۇ مەزمون 9 جى قەۋەتتىكى Erktekin نىڭ 2008-02-26 14:59 دە يوللىغان يازمىسى“”:
سىلەرنى نوبىل مۇكاپاتى باھالاش مەزكىرى بىلەمدۇ؟بىلمىسە دەرھال ئالاقىلىشىڭلار،«ئالەمشۇمۇل نەتىجەڭلار نوبىل مىكاپاتىغا »ئېرىشىشى كېرەك .


         
                             
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 15:01 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
maripat1

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 864
شۆھرەت: 867 نۇمۇر
پۇل: 8660 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:349(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-07
ئاخىرقى:2008-03-14

بىزگە ئەمىلى پاكىت ، ئەمىلى نەتىنجى كېرەك، ئەگەر راكنى داۋالاشتا نەتىنجە قازانغان بولساڭلار قايسى ئۇرۇننىڭ ئېتراپ قىلشىغا ئىرىشتى؟
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 16:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
0999yurut
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 769
شۆھرەت: 770 نۇمۇر
پۇل: 7330 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:233(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-28
ئاخىرقى:2008-03-14

بۇ تىمىنى 25 -چىسلا بىر قىتىم يۇللىغان ئىدى مەن تۇنجى بۇلۇپ ئىنكاس يازسام قايسى خۇمسى ئۇچۇرۋەتتى.
يا ماڭا ئۇچۇرمۇ ئەۋەتمەي شۇنداق قىلسا بۇلامدۇ .
بۇنى ئالەمشۇمۇل نەتىجە دىسەك بۇلغۇدەك،كاتتا دوختۇرلىرىمىز باركەنغۇ خەلىقئارا تۇنۇمايدىغان. كەمتەركەن كەمتەركەن.
كاتتا دۇختۇر تۇرۇپ ئوزىنى بازارغا سالمىغاندىكىن.ئىسىل پەزىلەت. بۇنۇڭغا كاتتا مۇكاپات يەنى<نۇبىل مۇكاپاتى> كىلىدۇ . بىزدىن يۇشۇرماي شۇ مۇكاپاتنى دۇختۇرخانىڭىزغا ئىسىپ قۇيۇڭ .خەق كۇرسۇن قانداق دىدىم ..
ئىنكاسىمنى   ئۇچۇرۇشمە    
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 20:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
0999yurut
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 769
شۆھرەت: 770 نۇمۇر
پۇل: 7330 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:233(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-28
ئاخىرقى:2008-03-14

باش ۋىراشىڭلارنىڭ <دۇختۇرلۇق كەسپى لايەقەت گۇۋانامىسى بارمۇ........医师资格证 >   بۇلسا سۇرىتىنى چىقىرىپ قۇيۇڭ.  
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 22:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
arzul01

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 102
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
پۇل: 1030 سوم
تۆھپە: 14 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:68(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-14
ئاخىرقى:2008-03-14

نۇمۇس،
نۇمۇس،
نۇمۇس،
ئادەم ئالداش نۇمۇس، ...
مەن ئۇلارنىڭ بىرسىگە دىئابىت كىسىلىنى يىمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنىڭ بىر ئايلىق يىمەكلىك رىتسىپىنى 2000يۈئەنگەيېزىپ بىرىمىز دىگىنىنى ئاڭلىدىم، نىمە دېگەن ئوبدان تىجارەت-ھە؟
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-26 22:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )


 

Time now is:03-14 15:30, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation