ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر !
بۇلار بۇلار تۇغۇرسىدا قانچىلك بىللەرمىز ؟ سىز يەنە قانچىلىك بىلسىز ؟ تېمىنىڭ مۇكەمەللىشى ئۈچۈن بىلدىغىنىڭلارنى ئايىمغايسىلەر؟!ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر رەسىملىرى
رەسىم ئۇچۇق كۈرۈنمەيدىغان ئەھۋالار كۈرۈلسە ،رەسىمنى چىكىپ ئەسلى بەتكە كىرىپ كۈرۈڭ! رەسىمدىكى بارلىق مەشھۇر شەخىسلىرمىزنىڭ تەرجىمھالى ،تۆھپسى ، يېزىپ قالدۇرىغان ئەسەرلىرىنىڭ نامىلىرى تارىخى كىتابلار ۋە قىسمەن ئۇيغۇر تۇربەتلىرىدىن ئىزدەپ تېپىپ ھۇزۇرۇڭلارغا يۇلىدىم ،ئەستايىدىللىق بىلەن كۈرۈپ چىقىشڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن!****************************************************************************************
تىرناق ئىچىدىكى سانلار ياشغان ۋاقىتىنى كۆرسىتىدۇ !(***************) ئىسىم ئالدىدىكى سانلار تۆھپە ياكى دەرىجىسنى كۆرسەتمەيدۇ پەقەت رەت تەرتىپنىلا كۆرستىپ بېرەلەيدۇ . 1-
مەھمۇد قەشقىرى ( 1011- 1105)مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1011-يىلى ئوپالدا تۇغۇلغان . دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن .
ئالىم 11- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان . ئالىمنىڭ << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان . 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
2--يۈسۈپ خاس ھاجىپ(1019-1085) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم ، مۇتەپەككۇر ، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن . ئەدىب ئۆزىنىڭ << قۇتادغۇ بىلىك >> ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462- يىلى ( مىلادىيە 1069-يىلى ) قەشقەردە يېزىپ ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان . قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە << خاس ھاجىپ >> لىق ئۈنۋانى بېرىپ ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان . ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.
3-- ئەلىشىر نەۋائى (1441- 1501) ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەخرى بولغان تالانتلىق ئەدىب ۋە پەيلاسوپ ئەلىشىر نەۋائى 1441-يىلى 9-فېۋرالدا ھېراتتا غىياسىدىن باخشى ئىسىملىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 12 يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان . 13 - 14 ياشلاردا ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان . 15 يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن . 1469-يىلى ھۈسەيىن بايقارا تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوردا ئەمەلدارى ، ۋەزىر قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن . ئەمما يامان نىيەتلىك ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان . 1501-يىلى 3-يانۋاردا ھېراتتا ۋاپات بولغان . ئەدىب ئۆز ھاياتىدا << چاھار دىۋان >> ، << دىۋانى فانى >> ، << خەمسە>> ،<< ھەيرەتۇل ئەبرار >> ، << فەرھاد - شېرىن >> ، << سەددى ئىسكەندەر >> ، << سىراجىل مۇسلىمىن >> ، << لىسانۇتتەير>> ، << ھەسبى ھال>> ، << مەجالىسۇن نەفائىس>> ،<< مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين>> ، << مەھبۇبۇل قۇلۇپ >> ،<< نەسائىمۇل مۇھەببەت >> ،<< تارىخى ھۆكىما ۋە ئەنبىيا >>،<< مۇنشەئات >> ،<< تارىخى مۈلكى ئەجەم >>،<< ۋەففىيە >> ،<< مىزانۇل ئەۋزان >>،<< مۇناجەتنامە>>،<<تۆھفەتۇل ئەفكار >>،<< ھالەتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر >> ،<< ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد >> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان .
4--
ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ( 1914 - 1944 )ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ......مايىنۇر ﻗﺎﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ، ﯰﺳﺘﺎﺯﻯ ، ﯰﻳﻐﯘﺭ . 1914 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 14 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻏﯘﻟﺠﺎ شەھﻪﺭدە ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ دىھقان ﯪئﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﯪﺋﯩﻠﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻛﯜﻥ ﯪﻟﻤﺎﻕ ﯴﭼﯜﻥ 1924 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﯲﻣﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺖ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﺭﯨﻠﺘﺎﻡ ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺗﯘﻟﻠﯘﻗﺴﯩﺰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1929 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1932 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺗﯘﻟﻠﯘﻕ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﯪﻟﻤﯘﺗﯩﺪﺍ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ ئوقۇتقۇچىلىق ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1934 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1937 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﯲﺯﺑﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯪﺳﯩﻴﺎ ﯰﻧﯟﯦﺮﺳﺘﺘﻮﺗﯩﺪﺍ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1937 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﺳﻜﯟﺍ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻤﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯬﻣﮕﻪﻙ ﯰﻧﯟﯦﺮﺳﺘﺘﻮﺗﯩﻐﺎ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﯰﻧﯟﯦﺮﺳﺘﺘﻮﺗﯩﺪﺍ ﭘﯩﺮﻛﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1941 - ﻳﯩﻠﻰ گﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯮﻗﯘﺵ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻤﯘ ﯲﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .
ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ 1942 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻳﻪﺭ ﯪﺳﺘﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . 1943 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ ﺷﯩﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﯪﻳﺪﺍ ﯴﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻳﺎﻻﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . 1944 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﺪﺍ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﯴﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﯴﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ھەربى ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ، ھﯚﻣﯜﻣﻪﺕ ﯬﺯﺍﺳﻰ ، ھﻪﺭبى ﺋﺸﻼﺭ ھﻪﻳﯭﺗﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﯬﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1946 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﯪﻳﺪﺍ ﯴﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﯴﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﯪﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1947 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯲﻟﻜﯜﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ، ﯴﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺷﯩﻐﺎ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
1948 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﯰﻟﻐﺎﻳﺘﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ << ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﻘﻨﻰ ھﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ >> ﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ << ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ >> ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
1948 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﻰ ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﯬﻥ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﯲﻣﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﻴﭙﯩﯖﮕﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻣﻪﺳﻠﻪھﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، 27 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﺮﻛﯘﺗﺴﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﻰ ھﺎﯞﺍ ﺑﻮﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﯪﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﯩﻼ ﭼﯩﻘﯩﺶ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﯪﺯﺍﻥ 35 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .
5--
مەمتىلى ئەپەندىم ( 1901 - 1937 ) مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يىتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بۇلۇپ ،ئائىلىسى مەرىپەتنى ،ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان ،ئىستىېدات چەككە چىققان ،خەلىق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋىر بولغاچقا ،توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ <<ھۆسەينىيە مەكتىپى>>گە ئوقۇشقا بېرىدۇ.
يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش ،ئۇستازلىرنىڭ ئەستايدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى .مەمتىلى ئەپەندى <<ھۆسەينىيە>>مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلىقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ; تېخىمۇ تىرشىپ .ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئېرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇچۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن .ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيلەيدۇ.
.1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە <<ئوقۇدى،ئاشتى>> دىگەن شېئىرىنى يازىدۇ:
ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار،
كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار.
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا،ئويلا ئۆممەتلەر.
بۇشېئىر كىشلەرتەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام - تاملارغا چاپلىنىپ كىتىدۇ،خەلىق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تۇنۇيدۇ . مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسىرى كۆچىيۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كىچە - كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىپ ئېچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلقى بىلەن 1926- يىلى بىر كىچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كىتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىندۇ.
مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ
تاكى ئىستانبولغا يىتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ . خىلمۇ خىل كىشلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دىمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يىتىلگەن بىر ئادەم بۇلۇپ چىقىدۇ.ئۇ تۈركىىيگە تىتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلنىپ ،مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ ،ئىقتسادى كۈچىيىپ ، تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى .
مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەققىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ .
ئۇ تۈركىيە گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ،شىنجاڭ ھەقىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ:
ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان،
پارتىلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان.
پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن - زەنجىرىنى،
ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.
مەمتىلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلىقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىرقايتىپ كېلىدۇ.
ئۇ بىر يىتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئېلىم -ئېرپان ئىدىيسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدى. يېڭى مائارىپ ھەركەتلىرى ۋە3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولىدى.
ئۇ تەشكىل قىلغان << ئىزچىلارئەتىرىتى >> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بۇلۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە،فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە
ئېلېنغان بولسىمۇ ئۈچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق ياىدۇ:
بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق،
ئېلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچەزار بولدۇق.
مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .ئۇ قىلىۋاتقان .ئىشنىڭ ھەق ئىكەنىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ،ئاقارتىش ۋەزىيتى شەكىللەندۈردى.
مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۇز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى << ئىزچىلار ئەترىتى >> تەشكىللەپ ئۆزى باش بۇلۇپ . مارش ۋە ناخشلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئەتىراپىنى ئايلىنىپ .يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەركىتى قەشقەردە تۇرۋاتقان قۇماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرشىدۇ.
تالانتلىق ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلاربىلەن بىرگە << يانار تاغلار >> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەدەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي - تالماي كۆيۈپ -پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىندىن ئايرىلىدۇ--مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى دەرىخانا مۇنبىردىن تۇتۇپ كىتىپ . 1937-يىلى30-ماي كۈنى ئۇ شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرپىدىن ۋەھشىلەرچە قەتلە قىلىندۇ.
مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن ، تىزپۈكمەس ئېرادىسى ۋە قەيسەرانە روھىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازدۇ.
ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدائىسيان ئىتەر،
كۆندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كىتەر.
مەمتىلى ئەپەندى ئۆزنىڭ تارىختا ئۆچمەس مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە ئەدبىي ئىجاىيىيى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.بىزئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدىبىياتىنىڭ بۇ مەشھۇر ۋەكىلىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمىز،ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.
6-- ئىلىخان تۆرەمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، ھەربى ئەركان كېڭىشىنىڭ باشلىغى، مارشال ئىلىخان تۆرەم ئۆزبىك، ئۇ 1885-يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۇنى ھازىرقى قىرغىزسىتان جۇمھۈريىتى تەۋەسىدىكى توقماق شەھىرىدە ھاللىق دىقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.( بۇ شەھەرنىڭ قەدىمقى نامى بالاساغۇن بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىخان تۆرەم ساغۇنى دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن) ئۇنىڭ ئاتىسى شاكىرخان تۆرە تۆت پەرزەت كۇرگەن بولۇپ ئىلىخان تۆرە ئۇلارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. شاكىرخان تۆرە ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن تەرەققىپەرۋەر كىشىلەردىن بولغاچقا ئىلىخان تۇرە بىلەن ئاكىسىنى ئەرەبىستانغا ئۇقۇشقا ئەۋەتكەن. ئىلىخان تۇرە ئەرەبىستاندا ئۇقۇشنى تاماملاپ ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىپ بۇخارا مەدرىسىدە داۋاملىق ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە شۇ زاماندىكى ئۇستا تىۋىپلارنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ ئۇستا تىۋىپ بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ ياشلىق مەزگىللىرىدە ئەرەپ پارىس تىللىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۇرىدۇ، شۇنداقلا تىبابەت، تارىخ، دىننى جەھەتلەردە كامالەتكە يىتىدۇ.1917 - يىلى سوۋىت قىزىل ئارمىيىسى ئۆزبىكىستانغا كىرگەندە توقماق خەلقىنىڭ قىزىل ئارمىيىگە قارشى توپىلىڭىغا چىتىلىپ قىلىپ قىزغىستاننىڭ ئىسىقكۆل ئەتراپىدىكى تۇڭگانلار ئارىسىدا يوشۇرنۇپ يۇرۇشكە مەجبۇر بولىدۇ ( بۇ تۇڭگانلار ياقۇببەك ھاكىمىيىتى زۇزوڭتاڭ تەرىپىدىن يوقۇتۇلغاندا قەشقەردىن قېچىپ كىرگەن )، ئۇ بۇ يەردىمۇ ئۇزاق تۇرالمايدۇ. چۇنكى 1918- يىلى بۇ يەردىمۇ توڭگانلار بىلەن يەرلىك ئورۇسلارنىڭ سوۋىت ئارمىيىسىگە قارشى قوزغىلىڭى بولىدۇ. ئىلىخان تۆرەممۇ بۇ قوزغىلاڭنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇشى سەۋەپلىك بۇ يەردىمۇ تۇرالماي شۇ يىلى چىگرا ئاتلاپ قەشقەرگە كېلىپ پانالىنىدۇ. لېكىن بۇيەردە ئۇزاق تۇرماي يەنە ۋەتىنىگە قايتىدۇ. 1930 - يىلىغا كەلگەندە ئۆزبىكىستانلىق كاتتا ئۆلىما ناسىرخان تۆرە خەلىققە رەھبەرلىك قىلىپ سوۋىت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئەزەلدىنلا سوۋىت ھاكىمىيىتىگە قارشى سەپتە تۇرغۇچى ئىلىخان تۆرەم يەنە بۇ ئىنقىلاپقا ئاكتىپلىق بىلەن باشلامچى بولۇپ قاتنىشىدۇ. لېكىن ئىنقىلاپ ئۇزۇنغا بارماي باستۇرۇلۇپ ئىلىخان تۆرەم سوۋىت ئارمىيىسىدىن يۇرمىگە تاشلىنىدۇ. كېيىن قىسقا سوت ئېچىپ ئىلىخان تۆرەمگە 10 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئۇچ ئاي تۇرمىدە ياتقاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ياردىمىدە تۇرمىدىن قېچىپ شۇ يىلى سىنتەبىردە ئىككىنچى قىتىم شىنجاڭ چىگرىسىغا كىرىپ بۇ قىتىم غۇلجىغا كېلىپ پانالىنىدۇ. ئۇ غۇلجىدا <ھازىرقى 5-ئۇتتۇرا مەكتەپ>نىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مەھەللىگە ئۇرۇنلىشىدۇ ( بۇ مەھەللىنى غۇلجا خەلقى ھازىرغىچە تۆرەم مەھەللە دەپ ئاتىشىپ كەلمەكتە ) . ئىلىخان تۆرىنى غۇلجىدىكى كاتتا باي تۇرداخۇن بەگ قىزغىن كۇتۇۋالىدۇ ۋە غۇلجىدىكى مۇھىم جامائەت ئەربابلىرى ، بايلىرى ، قازى - مۇفتىلىرى ۋە دىننى كىشىلىرىنى چاقىرىپ ئىلىخان تۆرەمنى ئۇلارغا تونۇشتۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىلىخان تۆرەم دىننى ئۇلىما ۋە ئۇستا تىۋىپ ۋە ناتىقلىغى بىلەن تىزلا جامائەتچىلىككە تۇنىلىدۇ. 1937-يىلى جاللات شىڭسىسەينىڭ ئېلىپ بارغان دەھشەتلىك تىرورلۇق سىياسىتى ئاستىدا ھەر مىللەت خەلقى ئىچىدىكى مۇتىۋەر زاتلار زىيالىلار قۇلغا ئىلىنىپ تۇرمىلەرگە سولىنىدۇ ، شۇ قاتاردا ئىلىخان تۇرىمۇ ساق قالماي كۇچادا قۇلغا ئىلىنىپ ئۇرۇمچىگە ئاپىرىلىدۇ ۋە بارلىق مال مۇلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 1941-يىلى شىڭسەي تۇرمىسىدىن قۇيۇپ بىرىلىپ ئۇرۇمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كىلىدۇ. ئىلىخان تۇرە تۇرمىدىن چىقىپ جامائەت سۇرۇنلىرىدا مەخپى ئاشكارە ئۇسۇلدا گۇمىنداڭ ھاكىميىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسەتلىرىگە قارشى تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ. 1944-يىلى غۇلجىدا يەر ئاستى<ئازاتلىق تەشكىلاتى > قۇرىلىدۇ. ئىلىخان تۇرە بۇ تەشكىلاتتقا قاتنىشىدۇ ۋە بارا - بارا تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىدۇ. ئىلىخان تۇرە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۇكىمىتى قۇرۇلغاندا ھۆكۇمەتنىڭ رەئىسى بۇلۇپ تەيىنلىدۇ. 1945-يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۇنى ھۆكۇمەتنىڭ 114- نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن ئالدى بىلەن ئەركان ھەربى كىڭىشى قۇرۇلىدۇ، ئىلىخان تۆرە بولسا مارشاللىق ھەربى ئۇنۋان بىلەن بۇ كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گۇمىنداڭ 11ماددىلىق بىتىم تۇزۇلۇپ بىرلەشمە ھۇكۇمەت قۇرۇلغاندا ئىلىخان تۇرە ھۇكۇمەتكە ھەيئەت ئەزا بۇلۇپ كىرگىزىلىدۇ. 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۇنى ئىلىخان تۇرەنى سابىق سۇۋىت ئىتپاقى غۇلجىدا قۇرغان 2- ئۇيدىكى سۇۋىت رازۋىتچىكلىرىدىن ئۇزىنى ئىسكەندەر دەپ ئاتىۋالغان پۇلكوۋنىك ئىۋان ئىۋانىۋىچ باشلىق ئۇچ كىشى : << سىز بىلەن ئۇزبىكىستاننىڭ 1-سىكىرتارى ئۇسمان يۇسۇپۇۋ قۇرغاستا كۇرۇشمەكچى>> دەپ < زىس > ماشىنىدا سۇۋىتكە ئىلىپ كېتىدۇ.
ئىلىخان تۇرە شۇ كەتكىنىچە تاشكەنتتە ئۇزى ئۇچۇن سىلىنغان قۇرۇدا 30يىل مىرزا قاماق ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇ دەسلەپتە سىرتتىن كەلگەنلەردىن مەخپىرەك تۇتۇلسىمۇ كىيىنرەك كەلگەنلەر بىلەن كۇرۇشۇشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئىلىخان تۇرە نەزەربەت ئاستىدا تۇرغان 30يىلدا تەتقىقات ۋە يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئەخمەت دانىشنىڭ< نەۋادىرئۇل ۋاقىيە> ۋە <تۇمۇر تۇزەكلىرى> ئۇخشاش نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدۇ. <تارىخى مۇھەممىدى> يەنى مۇھەممەت ئەلەيكىسالامنىڭ تارىخى دىگەن كىتاپنى1959 يىلى يىزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يەنە<دىۋانى ساغۇنى> ناملىق شىئىرلار تۇپلىمىمۇ بارلىغى مەلۇم .
ئىلىخان تۇرىنىڭ غاپپارخان، ساتتارخان، ئەخمەتيار، مۇھەممەتيار، ئىسىملىك باللىرى بار. ئۇلار سۇۋىتكە كەتكەن.
ئىلىخان تۇرە 1976-يىلى 2 - ئاينىڭ 29 - كۇنى 91 يىشىدا تاشكەنتتە دۇنيادىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇ تەشكەندىكى شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىغىغا دەپنە قىلىنغان.
7--
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﻰﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ 18- 19- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻙ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻙ ﻣﻮﻏﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﯘﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯘﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯩﺴﺎﺑﺘﺎ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﺎﯞﻩﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺯﮬﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺪﺋﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﯓ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ - ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﺳﻮﭘﻰ- ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ﮔﻮﺭﯗﮬﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺠﯩﺪﻩﻙ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﺖ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ.ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ- ﻛﯘﺭﻩﺵ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﺳﯘﺱ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯘﭼﻰ ﺯﻩﺋﯩﭗ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻣﯘﺟﻤﻪﻝ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺋﺎﯕﻘﺎﯞ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺧﺎﺭ- ﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﭗ- ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﮬﺎﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻮﺭﯗﻥ، ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ، ﺑﻮﺷﺎﯓ، ﻗﺎﺷﺎﯓ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯘﺷﻜﯘﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻳﯘﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﻩﻝ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯘﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯘﭼﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﻮﺭﯗﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭖ- ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﻳﻪﻟﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰ - ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﻛﯧﺰﯨﭗ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ- ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺯﯨﻤﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺱ- ﺑﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﻪﻳﻨﻰ- ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﺗﯘﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻛﯘﻟﭙﻪﺕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺷﺎﻥ- ﺷﻮﮬﺮﯨﺘﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﻪﺭﻙ- ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺩﺍﮬﯩﻴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯘﻟﭙﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﯕﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﯩﻠﻰ، ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺑﻮﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻠﻰ، ﻛﯘﭼﻪﻳﮕﯩﻠﻰ، ﺯﻭﺭﺍﻳﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺩﺍﮬﯩﻴﻼﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ، ﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﮬﻮﺭﯨﻴﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 20- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻱ- ﺋﺎﺭﺯﯗﺩﯨﻜﻰ ﮔﯩﮕﺎﻧﺖ ﺯﺍﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺵ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺗﯩﯟﯨﭗ ﮬﯘﺳﻪﻳﯩﻨﺨﺎﻥ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ (1856- 1925)ﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻧﺎﺯﯗﻛﻠﯘﻗﺘﺎ ﺭﻭﮬﻘﺎ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺗﺎﻏﻘﺎ، ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ< <<ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ>>- ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ، 2000- ﻳﯩﻠﻰ، 104- ﺑﻪﺕ>.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﯟﺍﺭﯨﺲ، ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ <<ﻏﺎﺯﻯ>>ﺋﯩﺪﻯ. <<ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ>>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﻪﺩﻛﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﻏﺌﯧﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ< ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ <<ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﻩ <ﻣﯩﻔﺘﺎﮬﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺏ> >>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1278- ﻳﯩﻠﻰ(ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1854-1855-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ 1985- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ <<ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ>>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1881- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ- ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻛﯩﺘﺎﺏ- ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﻘﯘﭼﻪ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 62- ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺷﯧﮭﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.>.
8--
ئابدىرىھىم ئۆتكۇرنىڭ تەرجىمالى ﻣﻮﻝ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﯚﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﭘﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ 1923- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻫﺎﻝ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﭙﭽﯩﻜﻼ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻳﭙﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﮕﯩﻢ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺗﯩﺠﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺗﯚﺕ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﭘﻬﯩﻤﻨﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻫﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯘﻗﻘﺎ ﺑﭙﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻛﯚﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ، ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻳﯜﺯﻯ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﭘﻬﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺭﺯﯗﻻﭖ ﯞﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﺧﻪﺕ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﭙﻴﯩﻦ،ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ<<ﺳﻮﭘﻰ ﺋﺎﻟﻼ ﻳﺎﺭ>>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﻤﯩﺒﺎﺏ، ﮔﯜﺯﻩﻝ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﺯﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜ ﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻣﯩﺴﺮﺍﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩﯨﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
1934 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﯞﻩ1936-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﯩﺪﻩ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 1939- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺭﯨﻠﻔﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ.1942- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﭙﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﭘﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻟﯩﻦ ﺟﯩﻠﯘ، ﻟﻰ ﺯﯨﻠﻴﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺩﯗﺟﯘﯕﻴﯘﻩﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﭘﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﯘﭖ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ<<ﮔﺎﯓ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻻﭼﯩﻦ>>،<<ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻫﺎﻳﺎﺕ>>، <<ﻳﭙﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻐﺎ>>،<<ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻗﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭ>>، <<ﭼﯩﻦ ﻣﻮﺩﻩﻥ>> (ﻝ.ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ، ﯞﻩ ﺩﺭﺍﻣﯩﻼﺭﻧﻰ <<ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ>>، <<ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺭ>> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺭﻗﺎ- ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﻳﺎﺵ ﻛﯜﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ.
1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻫﺎﺭﺩﺍ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭﺳﯩﺖ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ<<ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﭙﻪﺭﯞﻩﺭ>> ﻟﯩﻚ ﻧﯩﻘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺘﻰ. ﭼﯧﻦ ﺗﯩﻴﻪﻧﭽﯘ، ﻣﺎﯞﺯﯨﻤﯩﻦ، ﻟﯩﻦ ﺟﯩﻠﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺵ ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﯘ ﺑﯘ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ1944-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ .ﺋﯘ1945- ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ.1946 -ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ <<ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﯕﻠﯩﺮﻯ>> ﺗﺎﺵ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩﻩ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﭙﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺧﭙﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ،ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﭙﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘ <<ﺳﻮﻝ>> ﻟﯘﺷﻴﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺳﺎﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺕ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ11- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ3 - ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﭙﻴﯩﻨﻼ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺗﻮﻟﯘﭖ- ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺋﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ <<ﻳﺎﺧﺸﻰ >>، <<ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ>>، <<ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺧﻪﻣﻤﻪﺱ>>، <<ﺑﻮﻏﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎﻡ>>،<<ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ>>،<<ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ>>، <<ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻧﺎ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭼﯚﭼﻪﻙ>>، <<ﮔﯜ ﻝ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ>> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯧﺮ، ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﻼﺩﯨﻼﺭﻧﻰ،<<ﺋﯩﺰ>>، <<ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ>> ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺑﯘ ﻫﺎﺭﻣﺎﺱ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺵ،ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺗﯩﻠﻪﺷﻮﯞ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ1995-ﻳﯩﻠﻰ10-ﺋﺎﻳﺪﺍﻛﯩﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺧﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺷﺘﻰ.
9--
سەئىدىخان ( 1484 - 1514 ) ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻥ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1484 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﺪﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺪﺍﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ - ﺋﻪﺩﯨﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﯞﻩ ﭼﺎﻣﺒﺎﺷﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭽﯟﺍﺯﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ .
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﻳﺎﺵ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻧﻤﯘ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﺖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﻠﯩﻚ ﺟﻪﯕﮕﻰ _ ﺟﯩﺪﻩﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ، ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1514 - ﻳﯩﻠﻰ 30 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺪﻩ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﯧﻜﺘﯩﭗ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺧﯘﻣﺎﺭﻯ ، ﭘﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺷﯩﺌﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻜﻪﻥ .
"ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻥ ﮬﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ . ﺳﯧﺨﻰ ، ﺷﯩﺠﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺧﯘﺵ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺋﯩﺪﻯ . ﭘﺎﺭﯨﺲ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺷﯩﺌﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ " (<ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﻩﺷﯩﺪﻯ> ﺩﯨﻦ ) .
ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ ، ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺷﯩﺌﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ " ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﻩﺷﯩﺪﻯ" ﺩﻩ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺟﻮﺭﺍﺱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻏﻪﺯﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﺪﻯ . ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻏﻪﺯﯨﻠﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ :
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯛﯕﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﻟﻰ ﺭﻩﻧﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ ؟
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺷﻪﻳﺪﺍﺳﻰ ﺑﺎﺭ ؟
ﮬﯚﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪ ﺗﯘﻟﻤﻪ ﺋﯘﺍﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻧﻪﻳﻠﻪﺳﯘﻥ ،
ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯﻣﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﻪ ﺗﯘﻟﻤﻪ ﺋﯘﯞﺍﺳﻰ ﺑﺎﺭ .
ﻟﻪﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺑﯧﺮﯗﺭ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﻡ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻜﻪ ﻧﯩﺸﺎﻥ ،
ﺧﯘﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﻪﺩﯗﺭﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺷﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍﺳﻰ ﺑﺎﺭ .
ﺑﯩﺮ ﭼﯜﭼﯜﻙ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﻪ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ،
ﺋﻪﺋﻠﻰ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺧﺸﯩﯖﺪﻩ ﮔﻮﻳﯩﻜﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﮭ ﺋﻪﻧﻔﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ .
ﻳﯜﺯﻯ ﺋﻮﺯﺭﻩ ﻛﺎﻛﻮﻝ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﻔﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻟﻰ ،
ﺋﻰ ﺳﻪﺋﯩﺪﻯ ﺋﺎﺷﯘﻓﺘﻪ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺳﻪﯞﺩﺍﺳﻰ ﺑﺎﺭ .
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﯖﺪﻩﻙ ﺭﻩﻧﺎ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﺎﺭ ؟
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺷﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭ ؟
ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯﻣﯩﯖﻼﭖ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﯘﻟﻤﻪﺋﯟﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ،
ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﯞﻩ ﮬﯚﺭﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﻱ .
ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﯜﻛﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،
ﺳﯩﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻧﺪﯗﺭ .
ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺗﯧﻨﯩﻤﮕﻪ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ،
ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺑﺎﺭ .
ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻛﻮﻛﯘﻻ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﻐﻦ ،
ﺋﻪﻱ ﺳﻪﺋﯩﺪﻯ ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﺩﺍﻏﺎ ﻗﺎﻟﺪﻯ .
ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻏﻪﺯﯨﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﻪﻙ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﻪﻡ ﺋﻮﻳﻨﺎﻕ ﺷﺎﺋﯩﺮﺍﻧﻪ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﺯﯗﻙ ، ﭘﺎﺳﺎﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
10--
ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺧﺎﻥ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯘ ﯞﻩ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﺎﺭﺍﺏ (ﺋﻮﺗﺮﺍﺭ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 257 - ﻳﯩﻠﻰ ( ﻣﯩﻼﺩﻯ 870 -ﻳﯩﻠﻰ ) ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻓﺎﺭﺍﺏ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﺳﯩﭻ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ .
ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻓﺎﺭﺍﺏ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﺘﻰ ، ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﯨﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻓﺎﺭﺍﺏ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯜﮔﻪﻧﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻟﺘﯜﻧﯜﺷﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ، ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﭙﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ 18 - ﺧﻪﻟﭙﯩﺴﻰ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﻣﯘﻗﺘﻪﺩﯨﺮ ﺑﯩﻠﻼ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 908- 932- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ) ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ، ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻣﺎﯞﺯﯗﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﺎﺯﻏﯘﺩﻩﻙ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﭘﺎﻙ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﻠﯜﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯘ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﯕﺪﻯ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﭽﻰ (ﻟﻮﮔﯩﻜﺎﺷﯘﻧﺎﺱ) ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﺷﯩﺮ ﻣﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﮬﻮﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﻪﻧﺘﯩﻖ (ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ) ﺋﯜﮔﻪﻧﺪﻯ . ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ ، ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ ، ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﺷﯩﺮ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻳﯘﻧﯘﺳﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﻪﻧﺘﯩﻖ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺗﻤﯩﺸﭽﻪ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﭖ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺳﺎﺭﺭﺍﺟﻐﺎ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺪﻯ .
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 40 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﭘﭽﯚﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﺪﻯ . ﻛﺎﺗﯩﭗ ﭼﻪﻟﻪﺑﯩﻨﯩﯔ "ﻛﻪﺷﻔﯘﺭ ﺯﯗﻧﯘﻥ" ( ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﯞﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻓﺎﺭﺍﺑﻪ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺰﻟﻪﺵ ﮬﻪﯞﯨﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺭﺍﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯓ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﯘﮬﺎﻧﻨﺎ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﮬﻪﻳﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯧﻠﻨﯩﯔ ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ، ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﻓﺎﺭﺍﺏ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ "ﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﺳﺴﺎﺗﻰ" (ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺕ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﯞﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ .
10 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ، ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻭﺭ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﻯ . ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯘﺭﻣﯩﺪﻯ ، ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﻡ (ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ) ﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﮬﻪﻟﻪﻗﺘﻪ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﺘﻰ . ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﻑ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﻪﻳﻒ ﺋﻪﻝ ﺩﻩﯞﻟﻪ ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ . ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ :
" ....... 10 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ (ﺷﺎﻡ) ﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻟﻪﻑ ﯞﻩ ﮬﻪﻟﻪﻑ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﺍﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﻪﻳﯩﻒ ﺋﻪﻝ ﺩﻩﯞﻟﻪﻧﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ < ﺯﺍﺭ ﺑﯘﻝ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﻰ ﺋﯘﭼﻠﯘﻕ ﺋﯚﺗﯜﻙ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ، ﻛﻪﻛﻪ ﺳﺎﻗﺎﻝ ، ﭘﺎﻛﺎﺭ ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﻮﻏﺎﻥ ، ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ، ﻓﯩﻘﯩﮭ (ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ) ، ﻣﻪﻧﺘﯩﻖ ، ﺗﯩﺐ (ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ) ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺷﯩﺌﯧﺮ ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯩﺪﻯ ."
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﻪﻳﯩﻒ ﺋﻪﻝ ﺩﻩﯞﻟﻪ ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺩﺍﻧﺎﻟﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ - ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﮬﻪﻳﯩﻒ ﺋﻪﻝ ﺩﻩﯞﻟﻪ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯧﻠﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ، ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻼﺭ ﺷﺎﮬﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﯟﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﺘﺎ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ 300 ﭘﺎﺭﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺪﻯ .
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 338 - ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 950 - ﻳﯩﻠﻰ) 12- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮬﻪﻟﻪﻑ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﻣﻪﺷﻖ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﺪﺍ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ 80 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﻪﻳﯩﻒ ﺩﻩﯞﻟﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ - ﺋﺨﻼﺳﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺩﻩﻣﻪﺷﻖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻏﺎﯞﯨﻴﻪ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺑﯩﻞ ﺳﻪﻏﯩﺮ (ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ) ﺗﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
::::::: شەبنەم تەھرىرى[ بۇ يازما -mehman- تەرپىدىن 2008-02-16 15:33 دە قاي ]