heyali
دەرىجە: تېما چولپىنى نادىر تېما:
0 يازما سانى: 1833 شۆھرەت: 1834 نۇمۇر پۇل: 18330 سوم تۆھپە: 0 نۇمۇر توردىكى ۋاقتى:275(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-18 ئاخىرقى:2008-03-11 | نىكاھتىن ئاجرىشىش ھەققىدە سۇئال بۇ تىمىنى bilgar : ھەزىل سۇئالغا ھەزىل جاۋاب دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-03-12)
ئاللا ھەممە ئادەمنى جۈپتى بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە نىسىپ قىلسۇن.شۇنداقتىمۇ بەزىدە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاجىرشىدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ.بىلمىگىنىم ھەممىمىز توي قىلغاندا ئاۋۋال ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرگە پۈتۈپ قانۇنلۇق قىزىل خەت ئىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىردە قانۇنلۇق ئەر خوتۇن بولىمىز .ئاندىن قول -ئىلكىدە بارلار داغدۇغۇلۇق،قولى قىسقىلار ئاددىلا قىلىپ موللام چاقىرىپ نىكاھ ئوقۇتۇپ دىندا قانۇنلۇق ئەر -خوتۇن بولدىكەنمىز.بۇنداقتا بۇ قوش نىكاھلىق بولۇشقا كىرەمدۇ قانداق؟جاۋاب بەرسەڭلەر؟ئاندىن ئاجراشقاندا ھۆكۈمەت ئورگىنىغا بىرىپ توي قىلغاندا ئالغان قىزىل قەغەزنى بىكار قىلىپ ھۆكۈمەت دەپتىردىكى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇردىكەنمىز لىكىن دىندىكى قەسەم بىرىپ قىلغان نىكاھ قىلىپ قالدىكەن ،بۇ يىرىم ئاجراشقانلىققا كىرەمدۇ قانداق؟بىلدىغانلار مۇشۇنىڭغا بىر توغرا تەبىر بەرگەن بولساڭلار؟
_____ ئۇيغۇرجان تەھرىرى |