سىز بۇ تېمىنىڭ 2465ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: [ئالپامىش]يىگىتلەردىكى مۇھەببەت ئىزھار قىلىش IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
Alpamish
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 250
شۆھرەت: 618 نۇمۇر
پۇل: 2704 سوم
تۆھپە: 309 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:305(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-22
ئاخىرقى:2008-03-14

[ئالپامىش]يىگىتلەردىكى مۇھەببەت ئىزھار قىلىش

 
  ئەبجەشلەشكەن تۇرمۇشىمىزدا ئەگەردە بىر يىگىت قىزغا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلماقچى بولسا،چوقۇمكى'' مەن سىزنى سۆيىمەن!...چىن دىلىمدىن سۆيىمەن!...''دىيىشى چوقۇم،لىكىن بۇ سۆز مېنى ئويغا سېلىپ قويدى.ئەجىبا ''سۆيۈش'' دىگەن بۇ گەپ جەزمەن مۇھەببەتنى ئەڭ لاياقەتلىك ئىپادىلەپ بىرىدىغان بىردىن بىر سۆزمىدۇر؟! بۇ سۆزدە لىكسىكىلىق ۋە لوگىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتە خاتالىق يوقمىدۇر؟!..بۈگۈن موخۇركامنى ئورايدىغان بىرەر باناھ تاپالماي ئىچىم سىقىلىپ تۇرغاندا مۇنبەرى شەبنەمدىكى بىر بۇرادىرىم بىلەن ۋىتىلدىقىمدا مۇڭدۇشۇپ قالدىم،نىمە مەزمۇندا قەلەم تەۋرىتىش توغرۇلۇق بىشىم قىتىپ تۇرىشىغا بۇ بۇرادەرنىڭ بىر مەسلىھەتى بىلەن ئاچچىق موخۇرەك يەنە ئورۇلۇپ قالدى...

  يىگىتلەرنىڭ "مەن سىزنى سۆيىمەن" دىگەن بۇ سۆزى شەھۋانىلىقنىڭ نامايىش قىلىنىشىدىن باشقا ئەمەس.سۆيۈشۈشنىڭ باشلىنىشى دەل شەھۋانىلىق تىياتىرخانىسىنىڭ كىرىش ئىشىگىدۇر.تىياتىرخانىغا كىردىڭمۇ،سېنىڭ كۆرىدىغىنىڭ ھىسىيات قۇللىرىنىڭ شەيتان رىجىسسورلىغىدىكى بىر مەيدان ئويۇنىدىن ئىبارەت خالاس.

"مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن" بۇ سۆزمۇ توغرا ئىستىمال قىلىنمىغان ۋە خەنزۇلارنىڭ '' WO XI HUAN NI '' دىگەن سۆزىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغاندەكلا..ئەجەبا بىر قىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەم باشقا ئىنسانلارنى ياخشى كۆرەلمەمدۇ؟! دىمەكچىمەنكى،ئۇ يىگىتنىڭ كۆزى بىر قىزدىن باشقىنى ياخشى كۆرمىسە،ئۇنداقتا دۇنيادا شۇنداق كۆزلۈك ئىنسان بارمۇ؟! ياكى ئاشىقنىڭ كۆزى ئۆيىمىزدىكى تېلىۋىزورنىڭ قاناللىرىغا ئوخشامدىغاندۇ؟..قايسىغا يۆتكەپ قويساق شۇلا كۆرىنىدىغان ياكى ئاشىقنىڭ كۆزى كېسەل بولۇپ قالامدىغاندۇ؟! بىرنى كۆرۈپ باشقىنى كۆرمەيدىغان..

"مەن سىزنى ياقتۇرىمەن" بۇ سۆزدىمۇ خاتالىق باردەكلا،چۈنكى "مەن"گە نىسبەتەن "سىز" بۇ جايدا "ئابلاجان"نىڭ "دەرمان" نانلىرىغا ئوخشاپ قالغان.بىر قىزنى قانداقمۇ ياقتۇرغىلى بولسۇن؟! ئېھتىمال بۇ سۆزدە ئازراق بولسىمۇ مۇبالىغە ئارىلاش ئەمىلىيەت باردەكمۇ قىلامدۇ نىمە؟ئاشىقنىڭ قەلبىدە "ئوت" كۆيەرمىش،دىمەك ئاشىقنىڭ قەلبى "تونۇر" دىگەن گەپ،مەشۇغىنى قەلبىدىكى تونۇرغا "كۈنجۈت" سىپىلگەن كاكچا ناندەك ياقتۇرۇش تامامەن مۇمكىنمىدۇر يە؟ ئۇنداقتا بۇ ئاشىق ئۈچۈن چوقۇمكى ناۋاي ئۇستامنىڭ ياردىمىسىز ۋىسالنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەسمىكىن؟!..

مەنچە قىز-يىگىتلەرگە ئەڭ يىقىشلىق،ئەڭ ئىشەنچىلىك سۆز بولسا قانداقتۇر ئەزمىلىك قىلىپ ياسالما ''سۆيىمەن،ئىتىمەن،قىلىمەن''ئەمەس،بەلكى يەنە شۇ دېھقان تىلىدىكى بىزگە ''قوپال'' ئاڭلىنىدىغان " مەن بىلەن توي قىلامسىز؟" ياكى "مەن سىزنى خوتۇنلۇققا ئالايمۇ؟.." دىگەن يىگىتكە خاس كەسكىن سۆزلەرمىكىن دەيمەن.چۈنكى بۇ سۆزدە قىز-يىگىت ئۈچۈن ئېيتقاندا سۆيگۈ،ۋاپا،ۋىسال،ئىناق ئائىلە،سۆيۈملۈك پەزەنت..قاتارلىق ھەممىسىگە كاپالەت بار.ئەگەر ئۇ قىزغا ياكى ئايالىغا ئۆزىنىڭ چىن،پاك مۇھەببىتىنى چوقۇم ئىزھار قىلىش كەلسە ''مۇھەببىتىم سىز ئۈچۈنلا..'' ياكى '' مەن سىزگە مەڭگۈ ئاشىق..'' دىگەندەك سۆزلەر مىنىڭچە ئەڭ مۇۋاپىقمىكىن...

ئۇف...ئۇنى بۇنى قىلىپ،يوق ''پەتىۋالار'' بىلەن موخۇركامنى ئامان-ئىسەن چىكىۋالدىم..
[توغراقلىقتىن كەلگەن سادالار،رۇخسەتسىز كۆچۈرىلمىسۇن!]
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 10:59 | [باش تېما]
پەرشتە

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 29
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:61(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-10
ئاخىرقى:2008-02-23

شۇنداق !قىزلارمۇ مۇشۇنۇنداق كەسكىن يىگىتلەرنى ياقتۇرىدۇ....
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 11:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
termiler

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 113
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
پۇل: 1130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-08-01
ئاخىرقى:2008-02-13

ھەجەپ كوڭلۈمدىكىنى دەپسىز. مەنمۇ نىمە دەرمەن دەپ تۇراتتىم، مىكى مىكى گەپ دىگەن ئىشەنچلىك ئەمەس ، مەن ئالىمەن دىيەلمىسەم ئەخمەق قىلىپ تاشلىۋىتىشم مۈمكىن.
قىزلار ئالىمەن دىمىگەن يىگىتكە ئىشەنمەڭلار......
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 11:34 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
wesal

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 616
شۆھرەت: 617 نۇمۇر
پۇل: 6080 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:331(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-18
ئاخىرقى:2008-03-13

بەك توغرايەكۇنلەپسىز قىزلارمۇشۇنداق كەسكىن يىگىتلەرنى خالايدۇ .مەنچە<<ياخشى كۆرمەن >>بىلەن <<توي قىلايلى،مەن بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز؟ >>دىگەن سۆزنىڭ ئاسمان زىمىن پەرقى بار.
ohxax.cn
بىركىتاپ -بىرئالەم .


يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 11:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
پەرشتە

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 29
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:61(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-10
ئاخىرقى:2008-02-23

ئۇنداقتا مەن ئىشەنسەم بۇلغىدەكتە ياخشى كۇرۇش بىلەن ئېرىشىش ئايرىم مەسىلە..
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 11:38 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
ghalip

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 825
شۆھرەت: 833 نۇمۇر
پۇل: 6638 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1237(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-01-05
ئاخىرقى:2008-03-14

بۇ خىلى ماڭا ياقتى،ئەڭ ئىشەنچلىك،توغرا ئۇسۇلدەك قىلىدۇ!
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
ئۇيغۇرچىلىق
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 11:42 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
$Dollar$
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 357
شۆھرەت: 360 نۇمۇر
پۇل: 3680 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:445(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-06-06
ئاخىرقى:2008-03-14

Quote:
بۇ مەزمون 3 جى قەۋەتتىكى wesal نىڭ 2008-02-12 22:36 دە يوللىغان يازمىسى“”:
بەك توغرايەكۇنلەپسىز قىزلارمۇشۇنداق كەسكىن يىگىتلەرنى خالايدۇ .مەنچە<<ياخشى كۆرمەن >>بىلەن <<توي قىلايلى،مەن بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز؟ >>دىگەن سۆزنىڭ ئاسمان زىمىن پەرقى بار.



بىراق ھازىرقى ياشلار توي قىلىشنى ئەمەس بەلكىم مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈنلا بىر بىرسى بىلەن يۈرىدۇ. شۇڭا بىز توي قىلايلىنى ئاز دەيدۇ، ئەمەسمۇ.
    ۋەتەن ۋەتەن دەيمىز، ئاغزىمىزدىلا دىگەننىڭ نىمە پايدىسى .
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 11:45 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
musfira

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 667
شۆھرەت: 678 نۇمۇر
پۇل: 6670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:151(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-06
ئاخىرقى:2008-03-12

تۇي قىلىش ئالدىدا تۇرغان ۋە مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزلار بىلىۋالساڭلار بولغۇدەك،،،،،،،،،،،،،
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 12:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
ئۇيغۇرا
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 819
شۆھرەت: 860 نۇمۇر
پۇل: 8085 سوم
تۆھپە: 90 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:137(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-02-23
ئاخىرقى:2008-03-13

مەن بۇ گەپنى تېخى ھىچكىمگە ئېيتىپ باقمىدىم....(بەك يۈزى نىپىز ئوخشايمەن جۇمۇڭلار)

ئالپامىش ئەپەندى ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
ۋەتىنىڭنى،بەدىنىڭنى،ئىمانىڭنى،ۋىجدانىڭنى ساتمىغان ھەرقانداق ۋاستە بىلەن پۇل تېپىشقا يۈزلەن؟!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 13:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
sadik88

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 102
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
پۇل: 935 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:128(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-09
ئاخىرقى:2008-03-12

ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺭﻭﻫﻰ ﺯﻩﻳﭙﺎﻧﻪ
ﺋﻪﻗﻠﻰ ﭘﯘﻟﭙﻪﺯ ﻏﻮﺭﯗﺭﻯ ﺩﻩﺯ <<ﻧﯩﻢ>>ﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻠﯩﺮﻯ <<ﻗﯩﺰﺩﻩﻙ>>ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﻪﺭﻣﻰ ﯞﺍﭘﺎ ﻛﻪﻡ ،
ﺑﯧﺸﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯚﻛﺴﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ <ﺷﯩﻢ>ﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
بۇنىڭغا مۇشۇ شىئېر جاۋاپ بولالايدۇ دەيمەن . يىگىتلىرىمىز بارغانچە روھى جەھەتتىن زەئىپلىشىپ،ۋىجدان ،غۇرۇر ،مەسئولىيەت دېگەننى ئۇنتۇوپ قىلىۋاتىدۇ،قىزلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىگە ئىزھار قىلىنغان مۇھەببەتنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇيۇ يەنە ئىشىنىدۇ،شۇنداق ئىشەنچىسىز مۇھەببەت كەينىدە يۈرۈپ زىيان تارتىدىغىنى كىم ؟ مەن بۇ يەردە بارلىق قىز يىگىتلەرنى شۇنداق دىمەكچى ئەمەس .«نىم لىشىپ»،«شىم لىشىپ »كېتىۋاتقانلار بارغانچە كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 13:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
alibaba120

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 348
شۆھرەت: 349 نۇمۇر
پۇل: 3220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:355(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-06
ئاخىرقى:2008-03-14

قارىغاندا سىز سۆيۇش دىگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىسىڭىزلا.   .شەھۋانىلىق تىياتىرخانىسىنىڭ كىرىش ئىشىگە بېرىپ قالدىغان ئوخشىمامسىز........
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 13:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
kurxat
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 580
شۆھرەت: 616 نۇمۇر
پۇل: 5825 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:508(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-02-07
ئاخىرقى:2008-03-11

"بىز ئارىلىشىپ باقايلى، بولامدۇ"، "مەن بىلەن يۈرۈشنى خالامسىز؟"، "مېنىڭ مۇھەببىتىم بولۇشنى خالامسىز؟" دېگەندەك مۇجىمەل تەلەپ قويىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس تېخى.
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 13:28 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
arkhon
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 630
شۆھرەت: 648 نۇمۇر
پۇل: 6102 سوم
تۆھپە: 71 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1194(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-17
ئاخىرقى:2008-03-14

مەن سىزگە ياخشى تىما تېپىپ بىرىپتىمەندە بۇرادەر ھى ھى ھى
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى

يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 14:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
shakira
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 903
شۆھرەت: 916 نۇمۇر
پۇل: 9110 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:304(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-16
ئاخىرقى:2008-03-14

ۋاي-ۋۇي،تىمىڭىزنى بالدۇرراق يوللىغان بولسىڭىز،بىراۋلار «ماڭا تىگەمسىز؟»دىگەنگە «نىمانچە قوپال گەپ قىلىسىز،ياخشى كۆرۈشمۇ يوق بىۋاستە تىگەمسىز دەپ يۈرۈيسىزغۇ؟»دەپ يامانلاپ يۈرمەسكەنمەن.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا.
                _شاكىرە
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 14:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
ئەسلىمە
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1014
شۆھرەت: 1072 نۇمۇر
پۇل: 10210 سوم
تۆھپە: 67 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:171(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-27
ئاخىرقى:2008-03-13

بەزەن گەپلەر بەك قوپالدەك ئاڭلىنامدۇ قانداق ؟ لېكىن شۇ بەزەن قوپال گەپلەر سىزدىگەندەك ياخشى تەرەپكىمۇ ئاپىرىدۇ. يەنى قىزنى بەك تەقەززا قىلىپ قويمايدۇغۇ دەيمەن.
ohxax.cn
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،رەڭگى -روھىڭ سامان بولماس.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-13 14:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )


 

Time now is:03-14 15:29, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation