زادى كىم مۇناپىق؟
ئەسسەلامۇ-ئەلەيكۇم،ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەن شەبنەمگە ئەزا بولغىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، بۇ جەرياندا تۈزۈك بىرەر تېما يوللاپ باقماپتىمەن. نېمىشقا دېگەندە،تېما يوللىغۇدەك،قىسقىسى تورداشلارنى قايىل قىلغۇدەك ھەم ئۇلارنى ئويلىنىشقا يېتەكلىگۈدەك،تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرغۇدەك تېما يوللاش ئوڭاي ئەمەسكەن. شۇڭا مەن ئىككى يىلدىن بېرى ئىزچىل باشقىلارنىڭ يوللىغان تېمىلىرىنى ئوقۇپ كەلدىم،مەنىۋى ئوزۇق ئالدىم،بولسۇندۇ،بولمىسۇندۇ ئانچە-مۇنچە كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.بۈگۈن ناھىيىمىزدە يۈز بەرگەن بىر ئىش مېنى قاتتىق ئويلاندۇردى ھەم شەبنەمگە تۇنجى تېمامنى يوللىشىمغا تۈرتكە بولدى:
بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا راخمان ئورنىدىن ۋاقچە قوپتى.ئۇ، ناشتا قىلمايلا ئاغىنىسى سەمەتكە تېلېفۇن بېرىپ،بۇ بىر كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى دېيىشكەچ،پىيادىلەر كوچىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كۆرۈشمەكچى بولۇشتى.ئۇ،ناشتىمۇ قىلماي ،دېيىشكەن جايغا كېلىپ بىر دەم ساقلىغان بولسىمۇ سەمەتنىڭ تېخىچە قارىسى كۆرۈنمەيتتى.ئۇ ،ئۇياق-بۇياققا ماڭغاچ، ئايىقىنىڭ سۆكۈلۈپ كەتكەن يېرىگە كۆزى چۈشتى-دە، سەمەت كەلگۈچە يامىتىۋالماقچى بولۇپ،ئۇدۇلدىكى 50 ياشلار چامىسىدىكى موزدوزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى.دەل شۇ چاغدا چىرايىدىن تەكەببۇرلۇق چىقىپ تۇرغان، بىر تەتەي كەلدى،تۇرقىدىن ئۇنىڭ ئالدىراپ تۇرغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.موزدوز راخمانغا قاراپ:
-ئۇكام،ئاۋۋال ماۋۇ مۇناپىقنى يولغا سېلىۋېتەي،بىردەمدە تۈگەيدۇ -دېدى.موزدوز ئۇستامنىڭ تۈزلا دېگەن گېپى راخمانغا قىزىق تۇيۇلدىمۇ، ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدى.ھېلىقى تەتەينىڭ چىراي ئىپادىسىگە ھېچكىم دىققەت قىلمىدى...
شۇنداق قىلىپ بۇ بىر كۈن ناھايىتى تېزلا كەچ بولدى.ئەتىسى ھەممە خىزمەتچىلەر ئالدىراش ئىشقا چۈشۈشتى، موزدوز ئۇستاممۇ كۈندىكىدەك ساندۇقىنى كۆتىرىپ بۇرۇنقى جايىغا كېلىپ ئولتاردى -دە، دۇكان ئېچىشقا تەرەددۇتلاندى. دەل شۇ چاغدا ساقچى كىيىمى كىيگەن ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
_سىزنى سىياسى قانۇن ئىشخانىسىدىن جۇ شۈجى چاقىرتتى.
-نى... نىمە دىدىڭلىيا؟
-سىزنى ھۆكۇمەتتىن چاقىرتتى!بىز بىلەن مېڭىڭ!
موزدوز نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي دۇكاننى يېنىدىكى خوشنىسىغا قارىتىپ قويۇپ ساقچىلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى .ساقچىلار ئۇدۇل ناھىيىلىك ھۆكۇمەتنىڭ 3-قەۋىتىدىكى سىياسى قانۇن ئىشخانىسىغا كىلىپ توختاپ ،موزدوزنى سىرىتتا توختۇتۇپ قويۇپ ئۆزلىرى كىرىپ كىتىشتى ھەم ھايال بولماي قايتىپ چىقىشتى.
-جۇ شۇجىنىڭ سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان ئىشى بار،ئوبدان ماسلىشىڭ! بۇ دېگەن سىياسىغا بېرىپ تاقىلدىغان ئىش ھە! قېنى كىرىڭ!
موزدوز ئۇستام ئىشىكتىن كىرىپ يۈرىكى جىغغىدە قىپ قالدى.ئۇدۇلدىكى ئورۇندۇقتا بىر يولداش ناھايىتى تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.
-مېنى تونۇدۇڭمۇ؟!-دېدى ئۇ يولداش ساپ ئۇيغۇر تىلىدا.
-تونۇدۇم.
-بۈگۈن سېنى چاقىرتىشىمدا باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق،پەقەت ساڭا بىر قىسىم ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويماقچى،خەت تونۇمسەن؟
-تونۇيمەن،-دېدى،موزدوز ئۇستام پەس ئاۋازدا.
-ئۇنداق بولسا كەينىڭگە قاراشقا، ئولتۇرۇشقا رۇخسەت يوق،-دېدى-دە،ئۇنى تامغا چاپلاقلىق رامكىدىكى دىنى ئىشلار سىياسىتىنى ئوقۇشقا بۇيرۇدى.
-تاك! تاك! تاك!
-كىرىڭ،دېدى جۇ شۈجى.
-ئەسسەلامۇ-ئەلەيكۇم،جۇ شۈجى!
-ھە،ھە، كەلدىڭىزمۇ؟ ئەھۋال ئىنكاس قىلماقچىمىدىڭىز؟
-جۇ شۈجى، توختىقارى ھاجىم بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى،ئۇ، ئالدىنقى قېتىم تەرەۋى نامازدا جامائەتكە«-جامائەت،رىسقىڭلارنى اللە بېرىدۇ،يىلدا بىر كېلىدىغان رامىزان ئايلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاپ روزى تۇتۇش بىز مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر، تەرەۋى نامىزىنى ئوقۇش سۈننەتنى ئادا قىلىپ ساۋابقا ئېرىشىشنىڭ پارلاق يولىدۇر.ئىدارە جەمئىيەتلەردە ئىشلەيدىغانلارمۇ بەك قورقۇپ كەتمەڭلار،رىسقىڭلارنى اللە بەرگەن،تارتىۋالغۇچىمۇ اللەدۇر»-دەيدۇ.ئويلاپ باقسىلا جۇ شۈجى، بۇ ئوچۇقلا قۇتراتقۇلۇق ئەمەسمۇ؟
-ھە بىلدىم، بۇ ئىشنى بىز بىر تەرەپ قىلىمىز،مانا ماۋۇ سىزگە مۇكاپات!ئەھۋال بولسا،ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ تۇرۇڭ،خوش ئەمىسە.
_بولىدۇ جۇ شۈجى، ئەمىسە مەن قايتاي...
-ھە!
موزدوز ئۇستام بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق ھەيران قالدىكى،ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى.«توۋا،مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ باركەن-ھە؟» دېدى ئۇ، كۆڭلىدە.ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا ھازىرقىدەك تەقدىرگە قالغىنىنى ئانچە-مۇنچە چۈشەنگەندەك بولدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر قانچە قېتىم ئىشىك چېكىلدى.يەنە بايامقىدەك پاراڭلار بولۇندى،جۇ شۈجى يەنە بىرقانچەيلەنگە مۇكاپات تارقاتتى.قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن،موزدوز ئۇستامنىڭ پۇتلىرى تالدى.بىر چاغدا جۇ شۈجى ئېغىز ئاچتى:
-ھە،كەينىڭگە قارا! بايامقىلارنى تونۇدۇڭمۇ؟!
-ياق تونۇمۇدۇم.
-گېپىنى ئۇقتۇڭمۇ؟
-ئۇقتۇم.
-مۇناپىق دېگەن ئاشۇنداق بولىدۇ!بىلىۋالغانسەن؟ ئەمدى قايتىپ ئىشىڭنى قىل،بۇندىن كېيىن گەپ-سۆزلىرىڭگە دىققەت قىلىپ يۈر! بولمىسا بىز يەنە بار،ئۇقتۇڭمۇ؟!
-ئۇقتۇم.
موزدوز ئۇستام قايتىپ چىقتى.ئۇ بەكمۇ ئازابلاندى.بايامقىلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىغا ناھايىتى ئۆكۈندى...كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرى ئارىسىغا سىڭىپ باراتتى،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يۈرىكى يىغلاۋاتاتتى...