زىمىستان باغرىدا كۈلەلەيدىغان ،
ۋاپادا تۇغ تۇتۇپ ماڭالايدىغان،
قەلبى پاك سۆيگۈدىن ئۆكسىمەيدىغان،
شۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار.
گۈلخاندەك چاراسلاپ كۆيەلەيدىغان ،
ھەقىقەت يۇلىدا ئۆلەلەيدىغان،
تۇپراققا ئارمانسىز سىڭەلەيدىغان،
شۇنداق بىر يىگتكە ياتلىق بولغۇم بار.
يىگىتلىك غورۇرى گۈللىنىپ تۇرغان،
جىسمىدىن باتۇرلۇق تۈكۈلۈپ تۇرغان،
ئەتراپقا نۇر چېچىپ چوغلىنىپ تۇرغان،
شۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار.
ۋەتەننى ئىماندەك سۆيەلەيدىغان،
مىللەتنى گۈلتاجىم دىيەلەيدىغان،
قۇياش بۇپ تۇماننى يارالايدىغان،
شۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار.
شىرىننغا پەرھاتتەك كۆيەلەيدىغان ،
ۋىسال دەپ تاغ-داۋان ئاشالايدىغان،
ھەتتاكى جېنىدىن كىچەلەيدىغان،
شۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار.
جاپادا تىك تۇرۇپ ئىگلمەيدىغان،
شەھۋەتنىڭ قوينىدا پۈكۈلمەيدىغان ،
نامەردنىڭ نامىغا يىزىلمايدىغان،
شۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار.
ئانا دەپ يۈرەكتە يانالايدىغان،
ئايالغا ھىماتچى بۇلالايدىغان،
قېرىنداش مىھرىدە ئۈزەلەيدىغان،
شۇنداق بىر يىگتكە ياتلىق بولغۇم بار.
سۈبھىدە چولپاننى كۆرەلەيدىغان،
روھىنى زەمزەمدە يۇيالايدىغان ،
ئىتقادتىن گۈلدەستە تىزالايدىغان ،
شۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار.
روھىدا شوخ قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان ،
تۈمەنمىڭ گۈل-چېچەك ئېچىلىپ تۇرغان،
بىر گۈزەل مەنزىلنى يارىتىپ تۇرغان ،
شۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار.
ئەركەك بۇپ كۆرۈنگەن دۇنيا كۆزىگە،
ئوخشىغان ئەجداتقا ،چوغدەك ئۆزىگە،
مىڭ داستان يىزىلغان غورۇر،شەنىگە،
شۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار.
مېھرىبان نىياز چوغلۇق
2008-يىلى4- فېۋرال
سەبىخە تەھرىرى[ بۇ يازما qogluk3.8 تەرپىدىن 2008-02-05 00:02 دە قا ]