مۇپاسساننىڭ <مارجان> ھىكايىسىدىكى باش پىرسۇناژ لاۋزىل خانىم بۇنىڭدىن 200 يىل بۇرۇنقى فىرانسىيە جەمىيتىدىكى يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزاتمايدىغان ، ھەشەمەتچىلىك قوغلىشىدىغان، <تېشىدا ھېيىت ئويناپ ئىچىدا روزا تۇتىدىغان> ئاياللارنىڭ ئوبرازى ئىدى . ۋەھالەنكى ، ھازىر ئۇيغۇر جەمىيتىدىمۇ بىر قىسىم <لاۋزىل خانىم> لار مەيدانغا كەلمەكتە . ئەگەر بۇلاردىكى توغلا بولمىغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئۆزگەرتىلمىسە ،ئائىلىگە ۋە جەمىئىيتىمىزگە نۇرغۇن زىيانلارنى ئىلىپ كىلىدۇ .
مەن بىر قىتىم ئاپامغا كىيىم كىچەك ئالغىلى بىللە بىرىپ بىر قىسىم ئاياللارنىڭ نىسىگە ئالى دەرجىلىك كىيىملەرنى ئىلىپ پۇلنى كىيىن ۋە مۇددەتكە بولۇپ بىرىش توغرىسىدا كاپالەتنامە يىزىپ بىرۋاتقانلىقىنى كۆردۇم . كىيىم سودىگەرلىرىنىڭ قولىدىكى قەغەزگە كىيىم ئالغانلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۇپ بۇنداق ئاياللارنىڭ خىلى كۆپلىكىنى ھېس قىلدىم . ئۆزۇم كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، بەزى ئاياللار كىيىم-كىچەكنىلا ئەمەس ،ئالتۇن زىبۇزىننەتلەرنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا سىتىۋالىدىكەن. مەن ئۆيلىنىپ قالدىم .بىر يۇرۇش ئالى دەرجىلىك كىيىم بىر قانچە يۇز يۇەندىن بىرقانچە مىڭ يۇەنگىچە كىلىدۇ . زىبۇ زىننەتنىڭ باھاسى بۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى ، بىر ئايال مۇشۇنداق نىسىگە كىيىم- كىچەك ، زىبۇزىننەت سىتىۋالىدىغان بولسا ئائىلە ئىقتىسادىغا ، ھەتتا ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ ، مەن يەنە ئويلىنىپ قالدىم . ئۇلارنىڭ ،ئائىلىسىدە ئىقتىسادى بىرلىك يوقمىدۇ ؟ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان پەرزەنتلىرى ، ياشانغان ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ ؟
مەن بىر خىزمەتچى ، ئاتا-ئاناممۇ دولەت كادىرى ، ئۇچەيلەننىڭ مائاشى ئانچە ئاز ئەمەس ، لىكى بىز شۇنچە تىجەپمۇ تۇزۇكرەك يىغالمايمىز . يىقىندا يەنە بىر ئۆي سىتىۋالغان ئىدۇق، تىخىمۇ ئاددى-ساددا ياشاشقا ،تىخىمۇ تىجەشلىك بولۇشقا مەجبۇر بولدۇق . مىنىڭچە ھىلىقى <لاۋزىل خانىم>لار نىڭ مائاشىنىڭ شۇنچە يۇقۇرى، ئائىلىسىنىڭمۇ باياشات بولىشى ناتايىن .
كۆز ئالدىمىزدىكى تۇرمۇشى باياشات ، ئىقتىسادى ئەخۋالى ياخشى كىشىلەر ھەرگىز پىلانسىز، بەدخەجلىك بىلەن پۇل خەجلەيدىغان كىشىلەر ئەمەس . ئۇلار ئاياپ، تىجەشلىك بىلەن ئىشلەتكەنلىكى ئۇچۇن بىيىيالىغان . ئاز-ئازدىن يىققان پۇللىرى بىلەن بالىللىرىنى ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئىرىشتۇرەلىگەن ، ئاتا-ئانىللىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالىغان . مەن ئىيتقان <لاۋزىل خانىم>لاردا ئىلمى بولغان پۇل قارشى ، ئىستىمال قارشى بولغان بولسا ،مودا قوغلىشىش ئۇچۇن تاپقان تەرگىنىنى دوغا تىكمىگەن ، ئۆزلىرىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۇچۇن پۇلنى تىجەپ ئىشلەتكەن بولاتتى .
ھازىرقى <لاۋزىل خانىم>لار مۇپاسساننىڭ <مارجان> ھېكايىسىدىكى <لاۋزىل خانىم>دىن ئىشىپ چۇشىدۇ . چۇنكى <مارجان> ھېكايىسىدىكى لاۋزىل خنىم بىر قىتىملىق ئولتۇرۇشقا بىرىش ئۇچۇن بىر مارجانغا مال دۇنياسىنى قۇربان قىلغان بولسا ، ھازىرقى <لاۋزىل خانى>لار كىيىم -كىچەك ،زىبۇزىننەتتىن سىرت ، تۇرلۇك قاتار چاي ، تۇغۇلغان كۇن ، يەنە قانداقتۇر نامىنى بىلىپ بولمايدىغان ئولتۇرۇشلارنى نىسىگە ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئىچىملىكلەرنى ئىچىشىپ يۇرىدۇ. ناۋادا مۇپاسسان ھايات بولغان بولسا ، ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بۇ <لاۋزىل خانىم>لارنى كۆرۇپ بەكمۇ ئىچىنغان ، ئىنتايىن نەپرەتلەنگەن بولاتتى .
گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ بولسىمۇ مودا قوغلىشىشنى قولدىن بەرمەسلىك ، غەلىتە ئولتۇرۇشلارنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمەسلىك ئەمىلىيەتتە ساغلام بولمىغان تۇرمۇش قارشىنىڭ ، مەدىنىيەتسىزلىكنىڭ بىر خىل ئىپادىسى . دولىتىمىز ھازىر سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ . كىشىلەرنىڭ تويۇنۇش ، كىيىنىش مەسىلىسى تىخى تولۇق ھەل بولۇپ كەتكىنى يوق ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز ھەشەمەتچىلىك ، ئىسراپچىلىق خاھىشىنى توسمىساق ، ئىتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قىلىپ كىيىنكى ئەۋلاتلارغا يۇز كىلەلمەيمىز .<مەن يىشىمغا مۇناسىپ كەلمىگەن بىر تىمىنى يوللاپ قويدۇممۇ قانداق دەپ خىلى ئولتۇرۇپ كەتتىم . ئەمدىلا يىگىرمە ياشنىڭ قارىسىنى ئىلىپ تۇرۇقلۇق ئاتا-ئانامدەك كىشىللىرىمىزگە تەنبىھ بىرىپ قويغاندەكمۇ ھىس قىلدىم . لىكىن يەنىلا مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق تاپتىم . بەزەنبىر گەپ-سۆزلىرىم ئىغىر كەتكەن بولسا كەچۇرەرسىلەر !>
__ فىرقەت تەستىقلىدى