| |||||||
kuktulpar بابۇرىم | ئادىل ھوشۇرغا قىلىنغان تۆھمەتبۇ تىمىنى Juda ئىلگىرلەتتى(2008-05-10)
ئاپتورى : بۇخەلچەم باھاۋۇدۇن ئادىل ھوشۇرنىڭ تىنچ، خاتىرجەم كۆڭلىنى چالغىتىپ، ئۇنىڭغا بىر مۇنچە دىل ئازارلىقىنى تېپىپ بەرگەن ئىشى يالغۇز جاڭ دايۇڭنىڭ «پاش قىلىش خېتى»لا ئەمەس، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ»، «قۇڭغۇزنى تۇڭگۇز قىلىپ» ئادىل ھوشۇرنى ئازابلىغان تېخىمۇ چوڭ ئىش ئارىمىزدىن چىقتى! ئاز ساندىكى بەزىلەر جاڭ دايۇڭنىڭ «پاش قىلىش خېتى» قەپەستىن چىقىشى بىلەنلا، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىش تۈگۈل، ئەكسىچە گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، جاڭ دايۇڭغا دوست تارتىشىپ، ئادىل ھوشۇرغا تەرەپ - تەرەپتىن ئەڭ قەبىھ تىل بىلەن ھۇجۇم قىلىشتى. «ئادىل ھوشۇر ھۆكۈمەتتىن قەشقەردە دارۋازلىق مەكتىپى قۇرۇشقا بەرگەن پۇلغا خىيانەت قىلىپ، شەخسىي پىكاپ ئېلىۋاپتۇ»، «ئادىل ھوشۇر داردىن يىقىلىپ ئۆلۈپتۇ»، «ئادىل ھوشۇر باشقىلارغا بۇزۇلغانلىقتىن، خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ، بالىلىرىنى يېتىم قىپتۇ»، «ئادىل ھوشۇر ئۆزىدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان دارۋازلارغا ھەسەت قىلىپ، ئاچچىق تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ»، «ئادىل ھوشۇر بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئىچىۋىتىپمۇ دار ئۈستىدە بىمالال ماڭالايدىكەن»... مانا بۇلار جاڭ دايۇڭنىڭ سەپسەتىسىگە ئۇلىنىپلا ئوتتۇرىغا چىققان تۆھمەت ۋە پىتنە - پاساتلارنىڭ بىر قىسمى. مەن ئادىل ھوشۇرنى زىيارەت قىلىۋىتىپ، مۇشۇ ئىشلارنىڭ راست - يالغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ناھايىتى ئازابلانغان بىئاراملىق ھېسىياتى بىلەن، ھەر بىر مەسىلىگە ئايرىم - ئايرىم جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: -مېنىڭ ئۇيغۇر دارۋازچىلىقىنىڭ قەدىمكى بۈشۈكلىرىدىن بىرى بولغان يېڭىسار ناھىيىسىدە دارۋازلىق مەكتىپى ئېچىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىمنى ھۆكۈمەتنىڭ ناھايىتى قوللاپ، ئۇنىڭغا مەبلەغ ئاجرىتىپ بەرگىنى راست. ئەمما، ھۆكۈمەتتىن بەرگەن پۇل مېنىڭ قولۇمدىن ئۆتمەيدۇ، مەن تۈزۈپ بەرگەن لايىھە ھەم پىلانغا ئاساسەن يەرلىك ھۆكۈمەت پۇلنى ئۆزلىرى بىۋاستە خەجلەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇ پۇلغا قانداقمۇ خىيانەت قىلالايمەن؟ ھېلىغۇ ھازىر خەجلەي دېسەم ئاز - تولا پۇلۇم بار ئىكەن، نامراتلىقتىن ئاچ قېلىپ ئۆلەر ھالغا يەتسەممۇ قارا يۈز بولۇپ كېتىدىغان ئۇنداق گۇناھلىق ئىشنى قىلمايمەن. 1991-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شاڭخەيدە داردىن يىقىلىپ كېتىپ، ئۆلگىلى تاس قالغىنىم راست، خۇداغا شۈكۈر، ھېلىمۇ رىزقىم بار ئىكەن، مۇشۇ كۈنگىچە ئامان - ئېسەن ياشاۋاتىمەن. خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ، بالىلىرىنى يېتىم قىپتۇ، دېگەن گەپكە نېمە دېسەم بولار، بۇنىڭغا قارىتا پەقەت ياقامنى تۇتۇپ :«خۇدايىم، بەندەڭنى قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتتىن ساقلىغايسەن.» دېمەكتىن باشقا ئىلاجىم يوق. مېھرىبان ئايالىم، ئۇماق ئۈچ بالىم، قىسقىسى، ناھايىتى بەختلىك ئائىلەم بار. قارىغاندا ئائىلەمنىڭ كېچە - كۈندۈز خاتىرجەملىكى ھەم ئاسايىشلىقىنى تىلىسەم بولغۇدەك. بىر بوتۇلكا ھاراق توغرىسىدىكى گەپ بىزنىڭ شىنجاڭدىن چىققان ئەمەس، چىڭداۋدا چىقىدىغان بىر گېزىتتە بىرەيلەن مەن توغرىلىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ : «ئادىل ھوشۇر بىر جىڭ ھاراقنى ئىچىۋىتىپمۇ دار ئۈستىدە بىمالال ماڭالايدۇ« دەپ يېزىپتىكەن، كېيىن گېزىتخانا رەھبەرلىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاراقنى ھارام دەپ بىلىدىغانلىقى ۋە مېنىڭ ھاراق ئىچىش تۈگۈل، تاماكىمۇ چەكمەيدىغانلىقىمنى ئۇققاندىن كېيىن مەندىن يۈز تۇرانە كەچۈرۈم سورىدى. مېنىڭدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان دارۋازلارغا مېنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىم توغرىسىدا سوئالنى ناھايىتى ياخشى سورىدىڭىز، مەن ئالدىڭىزدە كېسىپ ئېيتالايمەنكى، يېڭى ئەۋلاد ياش دارۋازلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆسىتىۋاتقانلىقىدىن مەن ئىنتايىن خوشال. ئۇلار كۈنسايىن ئۆرلەپ، كەسىپتە يۇقىرى پەللە يارىتىپ مەندىنمۇ ئېشىپ كەتسىكەن دەيمەن، چۈنكى بۇ دارۋازلىقنىڭ مۇقەررەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر، بەزىلەر :«ئابلەت مەجۈن ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدا دار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسەتكەندە، ئادىل ھوشۇر بىرەر قېتىممۇ بېرىپ قويمىدى» دەپتۇ. مەن شۇ مەزگىلدە ئابلەت مەجۈندىن ئەھۋال سوراپ سۇ ئۈستى باغچىسىغا ئۈچ قېتىم باردىم. لېكىن بۇ ئىش نېمىشقىدۇ ھېچقانداق ئاخبارات ۋاستىسىدە تىلغا ئېلىنمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈزۈم كېيىن ئىشلىتىمەن دەپ ئىچكىرىدىن زاكاس قىلىپ سېتىۋالغان، سۈپەت جەھەتتىن ئىنتايىن ياخشى ئىشلەنگەن پولات سىمنى ئابلەت مەجۈننىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈندۈم. ئەگەر بۇلار قوللاس ھېسابلانمىسا، ئۇنداقتا نېمە؟ گېزى كەلگەندە سىزگە بىر ئىشنى ئېزاھلاپ ئۆتەي، دارغا چىقىپ ماھارەت كۆرسەتكۈسى كەلگەندىلا ئادەمنىڭ دارغا چىقىشىنى قوللاپ كەتمەيمەن، دارۋازلىقنىڭ ئۆزى بىر ئىلىم. شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي قائىدە - قانۇنىيەتلىرى ۋە تېخنىكىلىق ئۆلچەملىىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق. مۇشۇ قائىدە - قانۇنىيەت بىلەن تېخنىكىلىق تەلەپكە تولۇق رىئايە قىلغاندىلا، ئۇنى پۇختا ئىگىلىگەندىلا، دار ئۈستىدىكى پائالىيەت ئۆلچەملىك ۋە سەنئەتلىك بولغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى، كۈتۈلمىگەن خېيىمخەتەر، ئۆلۈم - يېتىمدىن مۇمكىن قەدەر ساقلانغىلى بولىدۇ. مېھرىگۈلنىڭ دار ئۈستىدىكى پاجىئەسى ھېلىمۇ ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق. مەن ئادىل ھوشۇردىن: - يۇقىرىدىكى پىتنە - پاسات ۋە تۆھمەتلەرنى ئاڭلىغان چېغىڭىزدا قانداق ھېسىياتتا بولسىڭىز ؟ - دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ ئادىتى بويىچە كۈلۈپ قويۇپ مۇنداق دېدى: - خەقنىڭ غەيۋەت شىكايىتىنى قىلىش، باشقىلارغا يامانلىق قىلىشنى ئويلاش ئەسلىدىنلا مېنىڭ تەبىئىتىمگە يات، شۇڭا ھەمىشە باشقىلارنىمۇ ئۆزۈمگە ئوخشاتتىم. لېكىن، دارۋازلىقتا ئاز - تولا شان - شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىم تۈپەيلىدىن، بەزىلەرنىڭ تىل - ھاقارىتىگە ئۇچرىغىنىم ئۈچۈن دەسلەپتە بەك ئازابلانغان، كۆڭلۈم يېرىم بولغان. كېيىن ئۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. «كارۋان مېڭىۋىرىدۇ» دېگەندەك، مەنمۇ ئۇ گەپلەرگە پەرۋا قىلىپ كەتمەي، ئۆز كەسپىم يولىدا مېڭىۋەردىم. كېيىن بىلسەم، ماڭا ئوخشاش كەسىپتە ئۇتۇق ۋە شان - شەرەپ قازىنىپ خەلق ئارىسىدا چولپانغا ئايلانغانلارنىڭ ئىچىدە تىل - ھاقارەت ۋە تۆھمەتكە ئۇچرىمىغانلارنىڭ بىرىمۇ يوق ئىكەن. مەن قايسى بىر يىلى خۇنەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شياڭگاڭلىق ناخشا - چولپىنى ليۇ دېخۇا بىلەن ئۇچرىشىپ مۇڭدىشىپ قالدىم. ئۇمۇ بىر چاغلاردا ئۆزىنىڭ خۇددى ماڭا ئوخشاش قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: - مېنىڭ ئۈستۈمدىن توقۇلغان ئۆسەك سۆز، قارا تۆھمەتلەرنى ھازىر ئويلىمىساممۇ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتىمەن. لېكىن، سىز بىلەن ماڭا ئوخشاش شان - شەرەپ قازانغانلار ھامان سوغۇققان بولمىساق بولمايدىكەن. چۈنكى، بىزگە چىن قەلبىدىن ئالقىش ياڭراتقان مىڭلىغان، مىليۇنلىغان كىشىلەر بولغىنىغا ئوخشاش، بىزگە ھەسەت قىلىپ، ئىچ - ئىچىدىن ئۆرتىنىپ يۈرىدىغان ئاز ساندىكى ئادەملەرمۇ بولىدىكەن ئەمەسمۇ. شۇڭا، مۇنداق رېئاللىققا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، خۇددى سىز بايا دېگەندەك، بىزنىڭ دادىل ئالغا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋەرگىنىمىز تۈزۈك ،- دېگەنىدى. مېنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيەم شۇكى، مۇنداق يالغان - ياۋىداق ئۆسەك سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆنۈپ قالدىم. «يىغىپ ئېيتقاندا، جاڭ دايۇڭدەك تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرەلەيدىغان كىشىلەرنى مەن كۆپ كۆرۈپ كەتتىم، شۇڭا ئۇلارغا كۆپ ئېتىبار بېرىپمۇ كەتمەيمەن، مەملىكەت بويىچە <10مۇنەۋۋەر ياش> بولۇپ باھالىنىشىم، ئەنگىلىيىنىڭ تارقاتقان گۇۋاھنامىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ پەقەت مەملىكەتكە كۆرسەتكەن تۆھپىسى كۆزدە تۇتۇلغان مۇنەۋۋەر ياشلارغا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەرمۇ ئۇنچە ھاماقەتلەردىن ئەمەس، ئۇلار ئەمەلىي پاكىتقا ئاساسەن باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن <10 مۇنەۋۋەر ياش> نى باھالاپ چىقىدۇ. مەن ھەر قېتىم ماھارەت كۆرسىتىپ مۆجىزە ياراتقانلىرىمدا، ھەرگىزمۇ يەڭ ئىچىدە كېلىشىپ جىمجىتلا ئېلىۋالغان بەندە ئەمەس، نەچچە مىليون خەلق نەق مەيداندا، شۇنداقلا تېلىۋىزۇردا كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇلار ھەم گۇۋاھ بولالايدۇ...» ئادىل ھوشۇر جەمئىيەتتە تارقالغان ئۆزى ئۈستىدىكى خىلمۇ خىل ئۆسەك سۆز ۋە قارا تۆھمەتلەرگە قارىتا يۇقىرىدىكى قىسقىچە بايانى ئارقىلىق بېرىۋاتقان چاغدا، مەن ئىختىيارسىز ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇ بەرپا قىلغان دۇنياۋى ھادىسە توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش، ئۇنى قايتىدىن تونۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادىل ھوشۇر ماڭغان جاپالىق يول ۋە شۇ يولدا مېڭىپ ياراتقان مۆجىزىلەرنى جامائەتچىلىككە يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. تۆھمەت ۋە غەيۋەت قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشىنى ئويلاپ باقسۇن، ئۇنتۇپ قالغانلار قايتا ئېسىگە ئېلىۋالسۇن، دېدىم. بۇ ماقالە شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ 2006-يىلى 6-سانىنىڭ «شان شەرەپ ۋە تۆھمەت ئازابى» دېگەن ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ يۇقارقى سانىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ! http://www.kuktulpar.com/bbs ئەلگە~نەپ تەستىقى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
oguzhan2 C:\Documents and Settings\c .. دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئادىل ھوشۇرغا تۆھمەت قىلغانلار بىشىنى يىسۇن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ghalip | مەن مەخسۇس كولامچىلار قوشۇنى بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن ئارىمىزدا!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arkilig دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تۆھمەت قىلغانلار دوزخى بولۇپ كەتكەي .....ئەمدى بىر ئۇيغۇر باش كۆتۇرسە ئۇنى قوللىماي يەنە غەيۋەت ....ھەي بىزدىكى ئللەت قاچان تۇگەر .. ئادىل ھۇشۇرغا مەدەت بېرەيلى ھەممىمىز .....ئادىل ھۇشۇرغا نۇسرەت ئاتا قىلغاي اللە....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SoskamniBar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇشۇ غەيۋەتچىلەرنىڭ قىلىدىغانغا باشقا ئىشى يوقمىدۇ زادى!!!؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naway0999 | ئاللا بۇ نىمىش بوپ كەتتى ئەمدى .غىت قىسىپ جىم ئولتاماي
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kaxkariya | يىغىپ ئېيتقاندا، جاڭ دايۇڭدەك تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرەلەيدىغان كىشىلەرنى مەن كۆپ كۆرۈپ كەتتىم، BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
جاڭ دايۇڭ دىگەن كىم ئەمدى؟ مەن بۇ تىمىدىن ئادىل ھۇشۇر ئاكىنى خېلى چۈشىنىپ قالدىم،تىما ئىگىسىگە رەھمەت. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kaxtexiyurti دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | adil huxur apandi tehimu garrat kiling
yolda koram tax turgan bolsa garratsiz adam uni ilgirlaxning tosalgusi dap karaydu ; garratlik adam uni ilgirlaxning palampiyi kilidu | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
pursat* دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | راسىت جاڭ دايۇڭ دىگەن كىم ئۇ؟
ئۆتكەندە ئادىل ھوشۇر قاتارلىقلار ئالغان جىنىس رېكورتىنى يېڭىلغانلىق ۋە ياراتقانلارنىڭ ھەممىسى ساختا ئىكەن، ئۇنى دالىيە ۋاكالەتەن بەرگەن ئىكەن، لېكىن ئۇنى دۇنيا ئېتىراپ قىلمايدىكەن دىگەنگە ئوخشاش گەپلەر چىققان بۇگەپلەرنىمۇ سوراپ باققان بولسىڭىزچۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Uyctr دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تۆھمەت يەنىلا خەنلەردىن چىقىپتۇ دە ، ھەي ..... تېخى مۇنىڭغا ماسلىشىپ ما خەقنىڭ ئادىل ھۇشۇر ئاكىمىزغا تۆھمەت قىلغىنى قىززىقتە ،،،،،، تەڭشەلمىگەن جاھان !!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
maripat1 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | تۆھمەت قىلمىغان ئادىل ھۇشۇر قاپتىما ھەي پەسەندىلەر.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xirinjan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kuktulpar بابۇرىم | ئەسكەرتىش: جاڭ دايۇڭ ئادىل ھوشۇر توغرىسىدا «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ» ئەقىلگە سىغمايدىغان، پىتنە - پاسات ۋە غەيۋەت - شىكايەتلەرنى جامائەتچىلىك ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ تارقىتىپ يۈرگەن شەخىسنىڭ بىرىدۇر.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇخبىرلىرىدىن ئەنۋەر ئەزىز بىلەن ئېلزات ئىلھام يازغان «غەيۋەت» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە( «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2006-يىلى 17-، 18-، 19- فېۋرالدىكى سانغا قارالسۇن) جاڭ دايۇڭ ئىسىملىك ياكى جاڭ دايۇڭ تەخەللۇسلۇق بىر شەخىس ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئادىلنىڭ ئالدامچىلىق ۋاستىسى ئارقىلىق مەملىكەتلىك <10مۇنەۋۋەر ياش> شەرىپىگە ئېرىشىۋالغانلىقى توغرىسىدا پاش قېلىش خېتى» ناملىق ماقالىسىدە پەلەك شاھى - ئادىل ھوشۇرغا تۆھمەت قىلىنغان. بۇنى بىلمەكچى بولسىڭىز، شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 6-سانىدىكى« شان شەرەپ ۋە تۆھمەت ئازابى» ناملىق ماقالىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز. بۇ ماقالە قىسقارتىپ ئېلىنغان. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TILLAKIZ دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مۇشۇ «خەن...»لەرنىڭ كۆزىنى ئىگىمىز شۇڭا كىچىك يارېتىپتىمىكىن دەپمۇ قالىمەن . ئەگەر بۇلارنىڭ ئەشۇ پىستە كۆزلىرى
سەللا يوغان (مېنىڭكىدەك) بولۇپ قالغان بولسا پۇتۇن زىمىنگە ھەتتا توپا-تاشقىمۇ ھەسەت كىلاتتىمىكىن -تاڭ.........ماۋۇ پىتنىخورلارنىڭ تۆھمىتى ئاز كەلگەندەك ، ئارېمىزدىكى پىتنىچىلاردىن تۆھمەت ياغقىنىنى دەيمانا...بالا كەلسە قېرىنداشتىن ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
islam-ogli دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تۆھمەت قىلغانلار دوزخى بولۇپ كەتكەي .....ئەمدى بىر ئۇيغۇر باش كۆتۇرسە ئۇنى قوللىماي يەنە غەيۋەت ....ھەي بىزدىكى ئللەت قاچان تۇگەر .. ئادىل ھۇشۇرغا مەدەت بېرەيلى ھەممىمىز .....ئادىل ھۇشۇرغا نۇسرەت ئاتا قىلغاي اللە.... BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dihan5291 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | غەيۋەت قىلىشماڭلا ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەڭلار.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
50cent دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يەنە شۇ خەق!!!````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naprat731 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | <ئت ھۈرەر كارۋان يۇرەر تۆھمەتكە پەرۋايم پەلەك> بۇ نەتجە قازانغانلارنڭ پىتنىخورلارغا بەرگەن ئەڭ ياخشى جاۋابى. ئادىل ئەپەندىنى قوللايمىز . ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەيىپ نۇخسنى بۇلدۇ تۇزەتكىنى ئەڭ ياخشلىردۇر.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
buwwak | ئادىل ھۇشۇر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇبرازى!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jannat88 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خەقنىڭ غەيۋىتىنى قىلغانلار دوزاققا سەپەر قىلىدۇ.ئاللا رەخمەت قىلسۇن!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|