![]() |
| ||||||||
kaptan317
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئارمان شىركىتى تىخىمۇ كۈچلۈك بولغان پۇل - مۇئامىلە كەسپىدە ئىقتقدارلىق ، مەبلەغ سىلىش مۇتەخەسسىسلىرىگە مۇھتاج!!!
دىمەكچى بولغىنىم شىركەتنىڭ كەلگۈسى نەچچە يىل ئىچىدە قايسى يۈلۈنىشتە قانداق مىڭىش ،نەگە بىرىپ نەدە توختاش. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arfa1992
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئارمان شېركىتىنىڭ يەنە باشقا خىلدىكى مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىشلەپ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ~~~~~~~~~~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arman.apandi
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | Quote:بۇ مەزمون 13 جى قەۋەتتىكى manac نىڭ 2008-01-29 02:38 دە يوللىغان يازمىسى“”: سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلارغا ھەم ئانا ماكاندا قەد كۆتۈرۈپ زور تەرەقىياتلارغا ئىرىشىۋاتقان ئارمان شىركىتىگە بولغان مۇھەبىتىڭلارغا بارىكاللا. ھەممىمىزدە ئەنە شۇنداق كۆڭۈل بۆلۈش، ھىمايە قىلىش، قوللاش بولىدىكەن ئارماننىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئوقۇشۇڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
san`gun
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىلىرىنىڭ CEO لىرىدا ئومومەن مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك بار ئىكەن : ھەممىسى دىگۈدەك ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىركەن . كىمنىڭ قەيەرگە ماس كېلىدىغىنىنى ئالدى بىلەن بىلىپ بولۇدىكەن ، ئاندىن شۇ كىشىگە ئەھۋالىغا قارىتا ئىش تەقسىماتى بېرىدىكەن، ئەمما ئۇنۇڭ تېز ئارىدا نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمۈد قىلمايدىكەن . ئۇنۇڭغا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىدىكەن ، بولۇپمۇ شۇ كىشىنىڭ پىسخىكا ساغلامقىغا تەسىر يېتىدىغان گەپ سۆزنى ھەرگىز قىلمايدىكەن ..... قىسقىسى ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشقا تىرىشىدىكەن .
HONDA شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورىنىڭ تا ھازىرغىچە ~ ئايرىم ئىشخانىسى يوقكەن ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ھەر قايسى دېرىكتورلار بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقنى ساقلاپ ئىدىيىدىكى ، مىجەزدىكى توسالغۇلارنى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاشكەن . مۇشۇ 30يىلنىڭ ئالدىدىلا بۇ كاتتا شىركەتتە مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن : شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى بىلەن ئادەتتىكى بىر تېخنىڭ ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىش بولۇپ قالغان ، ئۇلار ئىككى خىل سوۋۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ماتور ئۈستىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن . تېخنىڭ _ سۇ ئارقىلىق سوۋۇتۇلىدىغان ماتور تەتقىقاتىنى شۇنداقلا ئۇنى كارخانىنىڭ كېيىنكى تەرەقىياتىنىڭ ئاساسلىق ئورنىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن . باش دېرىكتور __ شامال ئارقىلىق سوۋۇتۇلىدىغان ماتورنى ئاساسلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىۋالىدىكەن . ئاخىرىدا تېخنىڭ ، بۇ ئىشتىن نارازى بولۇپ كارخانىدىن ئايرىلىپ مەلۇم بىر ئىبادەتخانىغا ئۈچ ئايغىچە بېكىنىۋالادىكەن . باش دېرىكتور ئاخىرى بۇ بالىنىڭ تەسەۋۇرىنىڭ ناھايىتى توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاتايەن ئۆزى بېرىپ ، كەچۈرۈم سوراپ ئۇنى كارخانىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىدىكەن ...................................................... ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ ھېلىقى تېخنىڭ HONDA شىركىتنىڭ باش دېرىكتورلۇق ئورنىغا چىقىدىكەن . بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان خوندا سوئىچىرو ئەپەندىنىڭ مۇنداق بىر مەشئۇر سۆزى بار : ___ مەن نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبىنى كۈزەتتىم ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ شۇ كارخانىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ پەرزەنتى ياكى تۇققىنىڭ قولىدا ۋەيران بولغانلىقىنى ياكى راۋاج تاپالمايۋاتقىنى بايقىدىم . ناۋادا ، خوندا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورلىقىغا ياپونىيەدىن باشقۇرغۇچى چىقمىسا ؟ كارامىتى بولسىلا چەتئەللىك بولسىمۇ بولىدۇ . دىگەن . دېمەك ، كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا - ئادەم ئامىلى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . MITSUBISHI شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ~ ئىۋازاكى ياتارو ئەپەندىممۇ : ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجىربىسىنى يەكۈنلەپ ~ ئادەم ئامىلىنىڭ موھىملىقى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان . SAMSUNG نىڭ نۆۋەتتىكى ، كارخانا يادرولۇق كۈچىنى تەشكىللەش مىزانىنىڭ پىرىنسىپىمۇ - ئادەم ئامىلى بىرىنچى دىگەنى ئاساس قىلغان . يىغىپ كەلسەك ~ كارخانا زورايغاندىن كېيىن ئۇنۇڭ قۇرۇلمىسىمۇ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ ، شۇڭا شۇ ھالقىلىق ئورۇنلارغا نەق شۇ كەسىپنىڭ ئەقلىلىرى ياكى ئەلىيون ئەلالىرى سەپلىنىشى لازىم ! دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكى : تالانت ئىگىلىرىنى تاللاشتا نىشاننى ~ ئالىي مەكتەپلەرگىلا قارىتىۋىلىش چوڭ بىر خاتالىق ! شۇڭا ئارمان شىركىتىنىڭ مۇشۇ تەرەپلەرگە كۆپەرەك ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ؟! ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنكاسنى ياكى تەكلىپنى بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازاي ...... داۋامىنى كېيىن .... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tilak911
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن بىر تەكىلپ بىرەي دەيمەن ، بۇ ئارمان شىركىتىگە ماس كىلەمدۇ، بىلەيمەن ، ئاڭلىشىمچە ، بۇ يىل 6- ئايدىن كىيىن تاللا بازارلىرىدا ھەقسىز سۇلياۋ خالتا بىلەن تەمىىنلەشنى تۇختۇتۇش ھەم سىتىلىۋاتقان سۇلياۋ خالتىلارنىڭ قىلىن - نىپىزلىكگە چەك قۇيۇشنى بىكىتكەن .شۇڭا ئارمان شىركىتىى ھەر قايسى تاللا بازارلىرىدا رەختىن تىكىلگەن سۇمكىلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۇنۇڭغا ئارمان ماركىسنى چاپلاپ ساتسا ، ھەم ئارمان شىركىتىنى تەشۋىق قىلغىلى ھەم يىڭى بازار ئاچقىلى بۇلار ئىدى . بۇنى باشقا كىيىم تىكىش بىلەن شۇغۇلۇنۋاتقان شىركەتلەرمۇ ئۇيلۇشۇپ كۆرسە بۇلىدۇ، بۇنىڭ چۇقۇم بازىرى ئىتتىك بۇلۇشى مۇمكىن ، سۇلياۋ خالتا بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش تۇختۇتۇلسا ، چۇقۇم رەختىن ياسالغان سۇمكىلار بازار تاپىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
بۇ تەكلىپنى قوللايمەن.بۇنداق قىلغاندا ھەم مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلغىلى ھەم مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aksab
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ بەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ ..خۇددى ..سىزنىڭ ئارمىنىڭىز ..بىزنىڭ ئارمىنىمىزدەكلا ئىش بوپتۇ ،،،كۈچەڭ ئارمانجان ...،
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
obulqokay
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەگەردە ئارمان شىركىتىنىڭ ئىقتىسادى يار بەرسە ،يىمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن ئۆي -مۈلۈك كەسپىنى تەڭ ئېلىپ بارسا دەيمەن .چۈنكى، بۇ ئۆي-مۈلۈك بازىرى ئارمان شىركىتى ئۈچۈن بىر پارچە لوق گۆش.ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك خېرىدارلىرىنىڭ ئۆيگە-مۈلۈككە بولغان ئېھتىياجى بەك زور.بۇخىل كەسىپنى تىجارەت دائىرسىگە كىرگۈزۈپ،بۇ تۈردىكى تىجارەت تۈرلىرىنى كېڭەيتسە دەيمەن.ئارمان شىركەتلىرى ئۆزى قۇرغان قورۇلاردا، ئارمان شىركىتىنىڭ يىمەك-ئىچمەك كەسىپ تۈرىدىكى تاللا بازىرىنى تەڭ بىرگە كېڭەيتسە بولىدۇ.بونداق خىلدىكى بازا ئېھتىياجى باشقا ئېھتىياجقا قارىغاندا چوڭراق بولىدۇ.
ئارمان شىركىتى ساھايەتكە ئۇيۇشتۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەشتەك بۇ خىل كەسىپتىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى ۋاكالەتچىلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ،ساھايەت تۈرلىرىنى ھەر قايسى ۋىلايەتلەر ئارا كېڭەيتسە بولىدۇ.چۈنكى ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە ساھايەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خېرىدارلار بازىرى ئارمان ئۈچۈن بىر تېپېلماس پۇرسەت.بۇخىل ساياھەت كەسپىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارمان ئۈچۈن بەك ئاسسان.چۇنكى ،ئارماننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە شۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولغان ئارمان ۋاكالەتچى خادىملىرى بار ئەمەسمۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnon
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مىنىڭ تەكلىۋىم : تىلۋىزۇرداۋاقتى بەك ئۇزۇن بولمىغان ، فىلىم تۈسىنى ئالغان ئېلانلار داۋاملىق ئادەتتىكى ئېلانلارنىڭ ئورىنىنى
ئالسا ، بىر ئىلان بەك كۆپ قايتىلانمىسا . مىنىڭچە خەلق ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق ھىس قىلىپ يەتتى ، ھەممە كىشى ئىقتىساتلا بولسا ئارمان مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشنى ئويلايدۇ . دىمەكچى ياخشى مەھسۇلات ھامان خەلقنىڭ قوللىشىغا كۆپلىگەن ئېلانلارسىزمۇ ئىرىشەلەيدۇ . . . بونداق دىگىنىم ئېلان قىلماسلىق دىگىنىم ئەمەس . فىلىم خارەكتىرىنى ئالغان ، كىشىنى قىززىقتۇرالايدىغان ئېلان قىلىش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلسا ، ( ھازىرمۇ ئارماننىڭ بەزى ئېلانلىر ى شۇنداققۇ ) | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
QIMANKIZ
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئارمان شېركىتى بىزنىڭ پەخرىمىز!
نۆۋەتتە ئارمان شېركىتى ئىككى قېتىم مەشرەپ پىراگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئارماننى خەلققە يەنە بىر قېتىم تۇنۇشتۇردى. مېنىڭ تەكلىۋىم ئارمان شېركىتى مەخسۇس تېمىدا ئېتوت ئويناش، ماقالە، نەسىر، شېئر ئوقۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئارماندىن نەپ ئېلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن خەلققە يەتكۈزسە، مېنىڭچە بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەر قانداق ئېلاننىڭ ئۈنىمىدىن ياخشى بولىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
san`gun
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن يەنە شۇ « ئادەم ئامىلى » ئۈستىدە توختىلىمەن ، چۈنكى بۇ نۇقتا مەيلى كارخانا ئىشلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ھەرقانداق تۈردىكى تەرەقىياتتا بولسۇن ~ موھىمىنىڭ موھىمى .
سىلەرمۇ بىلىسىلەر ، ھېنىرى فورد 19 -ئەسردە چاقنىغان ئامېرىكىلىك ئۈچ گىنات شەخسنىڭ بىرى . ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئارزولىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان مەشئۇر كارخانىچى شۇنداقلا جامائەت ئەربابى . ئۇ ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ، تۆۋەن تەنەرقلىق T شەكىللىك ئاپتوموبىلنى ياساپ ، ئاپتوموبىلنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەممە ئائىلەرگىچە كىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان . بۇنۇڭ بىلەن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭمۇ ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش ئارزوسى ئەمەلگە ئاشقان . ئۇنۇڭ پاراسىتىنى تۆۋەندىكى ۋەقەلىكتىن بىلىۋالالايسىز : فورد شىركىتىنىڭ ئىشى يۈرۈشۈپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، مەلۇم بىر ئۈسكۈنىنىڭ ئېلىكتىر ماتورىدىن كاشىلا چىقىدۇ . چاتاق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا ئۇنۇڭ كارخانىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئېغىرتى . بۇنۇڭ بىلەن تېخنىكلار نەچچە كۈن ئاۋارە بولۇپمۇ كاشىلىنى تاپالمايدۇ . ئاخىرىدا ھېنىرى فورد گېرمانىيلىك ئېلىكتىر ماتور موتەخەسىسى سىتايمىسنى تەكلىپ قىلىدۇ . سىتايمىس ئېلىكتىر ماتورىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئۈسكۈنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىنى بور بىلەن بەلگە قىلىپ ، چاتاقنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويۇدۇ . نەتىجىدە كاشىلا ئوڭشۇلىدۇ . بىر چەتتە دىققەت بىلەن قاراپ تۇرغان ھېنىرى فورد : سىتايمىس ئەپەندىم ، ئىش ھەققىگە نەچچە بېرەي دەپ سورايدۇ . __ سىتايمىس : 10000 دوللار دەپ باھا قويىدۇ . ھېنىرى فورد بۇ باھانى قانداق سەۋەبتە قويغانلىقىڭىزنى بىلىپ باقساق بولامدۇ دەپ سورايدۇ . __ سىتايمىس : بور بىلەن بەلگە قويۇشۇمنۇڭ ئۆزى 1 دوللار ، قەيەرگە قويۇشىنى بىلىشىمنىڭ ئۆزى ~ 9999 دوللار دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن ھېنىرى فورد بۇ تالات ئىگىسىنى تۇتۇپ قېلىش مەقسىتىدە سىتايمىسقا : سىتايمىس ئەپەندىم ، يۇقۇرى مائاش بېرىمەن مېنىڭ شىركىتىمدە قېلىپ ئىشلەڭ بولامدۇ دەپ سورايدۇ . ___ سىتايمىس : ھۆرمەتلىك فورد ئەپەندىم ، فورد شىركىتىنىڭ چوڭ كارخانا ئىكەنلىگىنى بىلىمەن ، ئەمما پۇلنى دەپ ھازىرقى شىركىتىمدىن ئايرىلسام ، ئۇلارغا قانداق يۈز كېلەلەيمەن ..... فورد بۇ كىشىنىڭ بىر مۇنەۋەر مۇتەخەسىس بولۇپلا قالماي ئەخلاقتا كامالەتكە يەتكەن بىر پەزىلەتلىك كىشى ئىكەنلىگىنى بايقاپ ، ئۇنى ئېلىپ قېلىش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ : سىتايمىس ئەپەندى ، سىز ئىشلەۋاتقان شىركەتنى سېتىۋالسامغۇ ئۇ چاغدا بىر نىمە دىيەلمەيدىغانسىز ... دەيدۇ . نەتىجىدە ھېنىرى فورد ، بىر ئىقتىساس ئىگىسى ئۈچۈن ، نۇرغۇن پۇل بىلەن بىر شىركەتنى قىلچە ئويلانماستىنلا ستىۋالىدۇ . بۇ ئامېرىكىدا شۇنداقلا كارخانا ساھەسىدە بولغان ھەقىقىي ۋەقە .................. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ghaltek
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئارمان ئۈچۈن ھەقىقەتەن خۇشال بۇلىۋاتىمەن !
ئۆرلە ئارمان ،گۈللە ئارمان، تىلەكلەر بىلەن قىلىپ سەن پەرۋاز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Erpan0999
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئارمان ئۈچۈن ھەقىقەتەن خۇشال بۇلىۋاتىمەن !
ئۆرلە ئارمان ،گۈللە ئارمان، تىلەكلەر بىلەن قىلىپ سەن پەرۋاز. BBS.Xabnam.Com din kochuruldi | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
san`gun
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شىركىتىڭلار دەسلەپتە « arman » دىن ئىبارەت كىچىك ھەرىپتىن تۈزۈلگەن ماركىنى ئىشلىتىپ ( ھازىرمۇ قوللۇنۇۋاتىدۇ ) كەلگەن ، يېقىندىن بۇيان چوڭ ھەرىپلىك ، تېخىمۇ زامانىۋىي تۈسكە كىرگەن « ARMAN » نۇسقىسىدىكى ماركىنى قوللۇنۇۋاتىسىلەر .
ئەمدىكى گەپ : شىركىتىڭلار بۇ ئىككى خىل ماركىنى قوللۇنۇنشتا مەلۇم بىر مەنانى چىقىش قىلغانمۇ ؟! مېنىڭ بۇنداق سوئالنى قويۇشۇمدا سەۋەب بار . نۇرغۇن چوڭ كارخانىلار نۆۋەتتە كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ، دېمەكچى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قاراپ ماركىنىمۇ بىر نەچچىگە ئايرىپ قوللۇنىۋاتىدۇ . مەسىلەن : Matsushita شىركتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ چوڭ تۈرلەرگە بۆلۈنىشىنى چىقىش قىلىپ ئايرىم ھالدا : Panasonic , National , Technecs , دىگەن ماركىلارنى قوللۇنۇپ كەلمەكتە . بولسا شىركىتىڭلار ( ئارمان شىركىتى ) مۇشۇ ھەقتە ئويلۇنۇپ كۆرسەڭلار ... ؟! بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بولسۇن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xgbngmdusth
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن مۇشۇنداق بىر يول ئارقىلىق ئارمان شىركىتى بىلەن پىكىرلەشكەنلىكىمدىن ناھايتى خوش.
مەن ئالدى بىلەن رادىل ئاكىمىزنىڭ (ئارمان شىركىتىنىڭ ) ئۆتكۈزگەن مەشىرىپىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىمنى ئېيتىۋالي. سىز ھەقىقىي ئارمانغا خاس ئىكەنسىز. دەرمانسىزلر سىز ئارىلىق ئارمانىغا يەتكەي!! تەكلىپ پىكىرگە كەلسەك :مەن بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى مەن بىزنىڭ يېزىلردىكى «ئارمان» ۋىۋىسكىلىرىنى ئىسىپ تىجارەت قىلىۋاتقان كچىك دۇكانلرنىڭ ئارمان شىركىتىگەە ۋاكالىتەن سودا قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويليمەن. بىراق ئارمان مەھسۇلتلىرىنى شۇنداق رەتسىز ، شۇنداق قاليماقان ھالدا بازارغا كىرگۈزۈش ( بولۇپمۇ يېزا-بازارلىرىدا )مېنىڭچە ئارمان مەھسۇلتلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر كۆررسىتەمدۇ قانداق؟ بۇنىڭغا شىركەتنىڭ بىرەر بەلگىلىمىسى بارمۇ؟ (مەھسۇلتنى سىتىش ئۆلچىمى دېگەندەك) ى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
baburxah913
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولۇپتۇ.مىنىڭچە ئارمان شىركىتى مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئارماننىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ياخشى.
ئارمان شېركىتى قۇرۇلغان 12يىل جەريانىدا ،ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپلا قالماي ،مىللى مائارىپنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە يۇكسىلىشىگە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن غايەت زور كۈچ ۋە مەدەت بىرىپ كەلدى .ئىقتىسادى جەھەتتىن قىينالغانلارغا سېخى ياردەم، ئىش ئورنىدىن قالغان ،چىقىشيولى تاپالمىغان ،ئۇز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىزلەۋاتقان كىشىلەرگە ،ئىش ئورنى ،چىقىش يولى ،مەيدان ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ ، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلدىغىنىغا چەكسىز ئىشىنىمەن . مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى مەن ئارمان شېركىتىنىڭ كەلگۇسى ئىستىقبالىنىڭ تىخىمۇ پارلاق بولدىغانلىقىغا ،ئارمان شېركىتىنى جۇڭگودىكى ،خەلقارادىكى كۇچلۇك ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن . مەن ئۇزۇندىن بىرى ئويلاپ كېلىۋاتقان تەكلىپىمنى ئو رىغا قويۇپ باقسام : 1. ئارمان شىركىتىنىڭ مانا ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىشىنى ئارمان مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىۋاتقان كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا خەلىققە رەھەت ئىيتىش مەقسىتىدە «رەھمەت» ماركىسىدا يۇرۇشلۇك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالسا ،ئارماننىڭ خەلىققە بەرگەن «رەھمەت» تى بىلەن پەرزەنت ئاتا -ئانىغا ،شاگىرت ئۇستازغا ...رەھمىتىنى بىلدۇرگەن بولاتتى . 2.ئارمان شېركىتى يىمەك -ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يەنە مىللىيلار ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان باشقا ساھەلەرگىمۇ مەبلەغ سېلىپ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەتسە .مەسىلەن: كيىم -كېچەك ،بالىلار بۇيۇملىرى ،ئۆي -مۇلۇك ،مىللى بىناكارلىق ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |