![]() |
| ||||||||
arman.apandi
دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | ئارمان شىركىتى مۇكاپاتلىق تەكلىپ لاھىيە قوبۇل قىلىدۇبۇ تىمىنى xabnam چوققىدىن قالدۇردى(2008-03-29)
ئارمان شىركىتىنىڭ مۇكاپاتلىق تەكلىپ - لاھىيە قوبۇل قىلىش ئوقتۇرۇشى
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم بارلىق مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇسىلەر: شەبنەم مۇنبىرى بىلەن ھەمكەرلىشىپ ‹ئارمان تور مۇلازىمەت سەھىپىسى› يولغا قويغاندىن بۇيان كەڭ تورداشلار ئارمان شىركىتىنىڭ ھەرتەرەپلىمە ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا بەس- بەستە بىلەن ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن شىركەت نامىدىن سىلەرگە مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئارمان شىركىتىنىڭ ئاممىغا يىقىنلىلىش، ئاممىنڭ ساداسىغا قۇلاق سىلىش، كارخانا ئىدىيىسىگە ئاساسەن بۇقىتىم شەبنەم تور مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە مۇكاپاتلىق پىكىر- تەكلىپ لاھىيە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىشنى قارار قىلىدۇق. بۇنىڭدىكى مەخسەت: 1.مىللى كاخانلىرىمىىز جۈملىدىن ئارمان شىركىتىنىڭ تەرەقىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تور ئاممىسىنىڭ پىكىرىنى توپلاش. تور ئاممىسىنىڭ پىكىرلىرى ئاساسىدا ئارماننىڭ كىيىنكى قەدەملىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان جامائەت پىكىرىنى تىپىپ چىقىش. 2. تور ئاممىسى ئىچىدىن كارخانا باشقۇرۇش، ئىقتىساد باشقۇرۇش، ئېلان- تەشۋىقات ۋە بازار- ئۇچۇر جەھەتتە قابىلىيەتلىك ئىقتىساس ئىگىلىرىنى بايقاش ھەم ئۇلارغا ئۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرغا قويالايدىغان سورۇن يارىتىپ بىرىش. 3.مەركىزى شەھەرلەردىن يىزا قىشلاقلىرىغا قەدەر ئارمان شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ بۇلارنى ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەينەك قىلىش. قوبۇل قىلىندىغان تەكلىپ لاھىيەنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئارمان يىڭىلىقلىرى سەھىپىسى : بۇسەھىپىگە رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئارمان شىركىتى،ئارمان مەھسۇلاتلىرى، ئارمان ماركىسىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق يىڭى ئىش پائالىيەتلەر،جامەئەت پىكىرلىرى بولىۋاتىدۇ،جايلاردىكى ئارمان تاللا بازارلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ۋە تەرەقىياتلىرى، ئارمان تاللا بازارلىرىنىڭ شۇجايدا ئويناۋاتقان رولى، توغرىسىدا ئۆزىڭىز بايقىغان سۈرەتلىك خەۋەر ياكى ئۇچۇر خارەكتىرلىك مەزمۇنلار . ئارمانغا كۆڭۈل سۆزلىرىم سەھىپىسى : بۇ سەھىپىگە ئارمان شىركىتىنىڭ تەرەقىيات ئىشلىرىدا ئەھمىيىتى با دەپ قارىغان بازار ئىچىش يوللىرى،ئېلان تەشۋىقاتتىكى يىڭى يۈزلىنىش بازار - ئوچۇرى ۋە بۇ جەھەتتە ئويلىغان قاراشلىرىڭىزكۆڭۈل سۆز سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويىلىدۇ. ئارمان سەرخىل ئېلانلار كۇلۇبى سەھىپىسى: ئارمانغا ماس بولغان ئېلان لاھىيەلىرى، جوڭگۇ چەتئەلنىڭ نادىر ئېلانلىرىدىن تاللانما، ئارماننىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىدا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۆزگىچىلىكلەر، سىز ئويلىغان ئارمانغا ماس كىلىدىغان يىڭى تەشۋىقات يوللىرى،ھەر قايسى جايلاردا ئارمان شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلىشنى ئويلىغان پائالىيەت پىلانلىرىڭىز ئوتتۇرغا قويىلىدۇ. ئارمان ساغلاملىق مەسلىھەتچىسى سەھىپىسى: ياشانغانلار بالىلار،ئاياللار ۋە ياشلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى، ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەدەنگە بولغان رولى توغرىسىدىكى سوئال - جاۋاپ، ھەم بۇ توغرسىدىكى ئەتراپىڭىزدىكى ئەمىلىي ۋەقەلىك بايانلار پاكىت ئاساسىدا ئىلمىي تەرەپتىن ئوتتۇرغا قويىلىدۇ. تىجارەتچىلەر سورۇنىدىكى پاراڭلار سەھىپىسى ؛ جوڭگۇ چەتئىللەرىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى، شىركەت دىرىكتۇرلىرىنىڭ تەرجىمھالى، مىللى سودا سانائەتنىڭ تارىخى، مىللىي كاخانچىلىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە تەرەقىياتى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە. پائالىيەتنى باھالاش ۋە خۇلاسىلاش تەرتىپى 1. ئارمان مۇكاپاتلىق تىما يوللاش پائالىيىتى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. 2. توردا ئاشكارا باھالاش ۋە شىركەت تەرەپتىن باھالاش ئارقىلىق قاراپ چىقىپ 4- ئاينىڭ ئاخرلىرى تىمىلار ئارىسىدىن مۇنەۋەر تىمىلار تاللىنىپ چىقىلىدۇ. 3. تىمىلارنى تەھرىرلەش، مۇنازىرە تەشكىللەش، ئىشلىرىدىكى مۇنەۋەر باشقۇرغۇچىلار تالاپ چىقىلىدۇ. 4. تاللانغان تىما ئىگىلىرى، مۇنەۋەر باشقۇرغۇچىلار دەرىجە بويىچە ئارمان شىركىتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ. 5. تەكلىپ لاھىيلىرى شىركەت تەرەپتىن ئىشلىتىلگەن تىما ئىگىلىرىگە شىركەت ئۇچۇر ئەۋەتىپ بۇجەھەتتە تەپسىلى سۆھبەتلىشىدۇ. شىنجاڭ ئارمان كەسپى چەكلىك شىركىتى تور مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
turgunamina
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن ئارمان شىركىتىنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن .ھەمدە ئارمان شىركىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aliali
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مەن ؛ <ئارمان> نىڭ ھاراق تۈردىكى مەسئۇلاتى بولمىغاندىكىن ، ھەرقايسى جايلاردىكى < ئارمان تاللا بازىرى> غا ھاراق مەسئۇلاتلىرىنى كىرگۈزمىسە (مىنىڭچە ھاراق ساتماسلىق قانۇنغا خىلاپ ئەمەسقۇ دەيمەن ) ، ئىچىدىغانلار باشقا يەرلەردىن ئېلىپ ئىچسە ، مىللىي كارخانلىرىمىزنىڭ خاسلىقى ساپلانسا ، تىخىمۇ تەرەققىي قىلىپ زورايسا ، مەملىكەت مىقياسىدا ھەتتا خەلقئارا بازارلاردا مەسئۇلاتلىرى كىشلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشسە دىگەن ئۈمىدتە !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
oguzhan2
C:\Documents and Settings\c ..
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھاراق بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ماڭا ئوخشاش ھاراقتىن دەردىنى چىقىرىدىغانلار قانداق قىلىمىز؟ھەممىڭلار ھاراق ئىچكەنلەرنى ھەر خىل نەرسىلەرگەئوخشۇتۇپ بىشىمىزنى كۆتۇرگۇسىز قىلىۋەتتىڭلار؟ئەجىبا قايسىڭلار قاۋاقخانىغا بىرىپ بىرار ھاراقكەشكە ھاراقنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق سۆزلەپ باقتىڭلارمۇ؟مۇنبەرگە كىرمەي دىسەك كىرگىمىز كىلىدۇ.كىرسەك بىزنىڭ ھىسسىياتىمىزغا زەربە بىرىۋاتقان.مۇنبەرگە كىرمەي ھاراق ئىچىمىزمۇ يا؟شۇڭا دەيمەن مۇنبەردە ھاراقنىڭ گىپىنى قىلماڭلار،مۇنبەرگەكىرگەنلەر تور بەت كۆرگەچ ھاراق ئىچىدىغاندەك.ياكى ھازىرلا قاۋاقخانىدىن ئۇدۇل مۇنبەرگە كىرگەندەك!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~uyghurjan~
ئۇيغۇرجان
| ئارمان شېركىتىنىڭ ئارمىنىغا يىتىشىگە تىلەكداشمەن !
شۇنداقلا رادىل ئابلا ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىي قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆز شېركىتىدە «ئىش» ئورنى مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . . . . ؟! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
YASIN-3811
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئارمانىنڭ مىللتىمىزنىڭ <<ئارمان >>لىرى ئۈچۈن ئۆزلۇكسىز يېڭىلىق يارىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
uyhan22
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەن بىر تەكىلپ بىرەي دەيمەن ، بۇ ئارمان شىركىتىگە ماس كىلەمدۇ، بىلەيمەن ، ئاڭلىشىمچە ، بۇ يىل 6- ئايدىن كىيىن تاللا بازارلىرىدا ھەقسىز سۇلياۋ خالتا بىلەن تەمىىنلەشنى تۇختۇتۇش ھەم سىتىلىۋاتقان سۇلياۋ خالتىلارنىڭ قىلىن - نىپىزلىكگە چەك قۇيۇشنى بىكىتكەن .شۇڭا ئارمان شىركىتىى ھەر قايسى تاللا بازارلىرىدا رەختىن تىكىلگەن سۇمكىلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۇنۇڭغا ئارمان ماركىسنى چاپلاپ ساتسا ، ھەم ئارمان شىركىتىنى تەشۋىق قىلغىلى ھەم يىڭى بازار ئاچقىلى بۇلار ئىدى . بۇنى باشقا كىيىم تىكىش بىلەن شۇغۇلۇنۋاتقان شىركەتلەرمۇ ئۇيلۇشۇپ كۆرسە بۇلىدۇ، بۇنىڭ چۇقۇم بازىرى ئىتتىك بۇلۇشى مۇمكىن ، سۇلياۋ خالتا بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش تۇختۇتۇلسا ، چۇقۇم رەختىن ياسالغان سۇمكىلار بازار تاپىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Altun-toghirak
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ مەزمون 7 جى قەۋەتتىكى uyhan22 نىڭ 2008-01-27 15:18 دە يوللىغان يازمىسى“”: بۇ تەكلىپ خىلى بوپقويىدىكەن..بۇئىشنى ئارمان شىركىتى كىچىك ئىش دەپ ئويلىماي بالدۇرراق تۇتۇش قىلسا بولغۇدەك. رەخىت خالتىلارنىڭ تەننەرخى ئىشىپ كىتىدۇ دەپ قارىسا زىيانسىز قەغەز خالتا بولسىمۇ بولىدۇ. بۇ شىركەتكە نىسبەتەن ئىلان-تەشۋىق قىلىش شۇنداقلا خەلىقنىڭ سالامەتلىكىگە تىخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
abderazk
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولۇپتۇ.مىنىڭچە ئارمان شىركىتى مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئارماننىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ياخشى .
ئاساسىي مەخسەتكە كەلسەك ئارمان شىركىتى مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 12يىل بولۇپ قالدى ،بۇجەريەندا،ئارمانلىقلار ئازبولمىغان جاپا مۇشەققەتلەرنى تارتىپ بۈگۈنكىدەك بىر خەلىق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئارمانغا ئايلىنىپ بىزنىڭ پەخرىمىز بولۇپ قالدى. مىنڭچە ھەرقانداق بىر شىركەت بۈگۈنكىدەك كەسكىن بازاردا پۇت تىرەپ تۇرىمەن دەيدىكەن تۆۋەندىكى بىر قانچە شەرتنى ھازىر لىشى مۇھىم 1-مۇكەممەل بىر رەھبەرلىك سىستىمىسى بولۇش(مىنىڭچە بۇجەھەتتە ئارمان خىلى مۇكەممەللىشىپ بولدى،شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرماي.) 2-ئۆزئالدىغا پەخىر لەنگۈدەك مەھسۇلاتى بولۇش بۇ شىركەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھازىرقى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلەر بۇنوقتىنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەچكە،يىڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئىچىشقا زوركۆپچىلىك كۈچنى قارىتىپ شۇئارقىلىق بازاردا بايراقدارلىىق رولىنى ئوينىماقتا، رادىل ئەپەندىمۇ بۇنوقتىنى بىلىپ يەتكەچكە ئەڭ ئاۋال ئىشىنى قۇۋەت تالقانلىرى ئىشلەشدىن باشلاپ مانا بۈگۈنكى تەرەققىياتقا ئىرىشتى،ھازىرمىنىڭچەئارماننىڭ دەل يىڭى مەھسۇلات ئىشلەيدىغان پەيتى كىلىپ قالدى،مىنىڭچە مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ يىڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم . 3-بازار تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش،يەنى قەرەلىك ھالدا ئاممىدىن پىكىر ئىلىپ ،قانداق مەھسۇلاتلارغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىگىلەپ شۇئارقىلىق خەلىق قەلبىدىن ئورۇن ئىلىش كىرەك . 4-ئىلان تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بىرىش(ھازىر ئارماننىڭ ئىلانلىرى كۈندىن كۈنگە يىڭىلىنىپ ياخشىلىنىۋاتىدۇ،بۇندىن كىيىن تىخىمۇ تىرىشىپ يىڭى ئىلانلارنى ئىشلىسە.( [ بۇ يازما abderazk تەرپىدىن 2008-01-28 13:25 دە قاي ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ikbal
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ ...
ئەمدىزە ئارمان شىركىتىگە ياخشى پىكىرلەر تېخىمۇ كۆپ؛ەپ چۈشكىدەك ... بۇرۇن يوللىغان تېمىمىز بولسىمۇ بۇلامدۇ ؟ مىنىڭ بۇرۇن يوللىغان بىر تېمام بار ئىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنكاس شەكلىدە يازغان تەكلىپلىرىممۇ بار ، بۇنىڭغا ئارمان شىركىتىنىڭ يۇقىرى نەزەردە قارىغانلىقىغا رەھمەت !~ تەپسىلاتى : مىنىڭ تېمام : ./read.php?tid-36992-keyword-.html ./read.php?tid-37378-keyword-.html ئىنكاس شەكلىدە بەرگەن تەكلىپىم : ./read.php?tid-33818.html مۇشۇ تېمىنىڭ 7 - قەۋىتىدە ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@QAWANDAZ@
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئارمان شىركەتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات يۆلىنىشى قانداق؟ بۇنىڭدىن كىيىنكى خەلقئارا يۈزلىنىشكە قانداق قارايدۇ؟ ئارمان شىركىتى ئامىرىكا بازارلىرىغاقاچان كىرىدۇ؟ ياۋرۇپاغىچۇ؟
ئارمان ،ئىخلاس شىركەتلىرىنىڭ تىزدىن <<جوڭگونىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى>>دىگەن نامنى ئېلىپ،مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىلىرىدا ئېلان بىرىشىنى تۆت كۈزىمىز بىلەن كۈتىمىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
san`gun
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاپلا ما تېمىنى كېچىكىپ كۆرۈپ قالغىنىمنى قارىمامدىغان ..................؟ بەك ياخشى تېما بولۇپتۇ ، مۇشۇ بىر ئىككى كۈندە چوقۇم ياخشى ئىنكاس ياكى تەكلىپ يازىمەن ~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok`alma
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تەكلىپنى ، مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يازساق بولىۋېرەمدىكەن ؟ مۇشنۇڭغا بىر چۈشەنچە بېرىۋەتكەن بولساڭلار ئېغىر كۆرمەستىن ~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manac
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سالام،بىز قىرغىستاندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار .بىز ياتاقتا ھەممىمىز دىگىدەك ئارمان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىمىز،ۋە شۇئارقىلىق ئۆزۇمىزگەئوزۇقلۇق قىممىتى تولۇقلايمىز.بىز ئارمانغا بولغان مىننەتتار لىقىمىزنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچىلىغان ئىلانلارنى ئشلىدۇق.ئىلانلىرىمىز بەك سۈپەتلىك بولمىسىمۇ،لىكىن ئۆزىمىز ئىجادىيىتى.ھازىرقى مەسىلە: ئىلانلىرىمىزنى قانداق قىلىپ ئارمانغا شىركىتىدىكىلەرگە يوللاش.چۈنكى بۇيەردە تورغا چىقىش بىرقەدەر قىيىن.ئەگەردە يولىنى تاپساق قانداق ئەۋەتىپ مۇكاپاتلىق تەكلىپكە قاتنىشالايمىز؟ئىلانلىرىمىز ئادەمنى زىرىكتۇرمەيدۇ،يەنىمۇ تىرىشىمىز.ئۇيغۇر ئارمان شىركىتىنىڭ تىخىمۇ روناق تىپىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز،جاۋابىڭلارنى كۈتىمىز،رەخمەت.
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muhammatrozi
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن رادىل ئاكىمىزغا بەك قايىل !!!شىركىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ گۇللەپ روناق تېپىشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇد كىلىمەن!!!
ئۇرلە ئارمان گۇللە ئارمان !!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|