ئېلى ياقۇپ ماي بوياق ئەسەرلىرىئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ تېما ئېلى ياقۇپ ئەپەندىنىڭ رۇخسىتى بىلەن شەبنەم مۇنبىرىگە يوللاندى.« ئۇنتۇلغۇسىز بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى »
1927-يىلى ئاتۇش ئىكىساق ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى بىلەن قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە ،شىۋېتسىيە كونسۇللىرى ئوتتۇرىسىدا قەشقەر شامالباغ يېزىسىدىكى چوڭ بىر بىدىلىكتە ئىككى مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بىرىلغان بولۇپ ، بۇ قېتىمقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىكىساق ئۇيغۇر كوماندىسىدىكى يىگىتلەرنىڭ جەسۇر ، پىداكارلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بىرگە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئەنگىلىيە كوماندىسىنى ، 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئەنگىلىيە ،شىۋېتسىيە كونسۇللىرىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باتۇر ، يېڭىلمەس جاسارىتىنى نامايەن قىلغانىدى.
« شىنجاڭنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى راھىلە »
(ئىسلامجان سابىت) ئىكىساق كەنتى-ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ بىر يىزىسى بولۇپ،بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ يەردە يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇلغان . شۇڭا ئۇ شىنجاڭ ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە . XlX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىنىڭ دەسلىپىدە ئاتۇشلۇق سودىگەرلەردىن ھۆسەن مۇساباي بىلەن باۋۇدۇن مۇسابايلار چەتئەللەرگە چىقىپ ، ئۇ جايلاردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قايىل بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى تونۇپ يىتىپ ، ئۆز يۇرتىدا يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇش ئىرادىسىگە كېلىدۇ . باۋۇدۇن مۇسابايۇپ ئەپەندى كۆپلىگەن توسالغۇلارنى يېڭىپ 1883-يىلى يۇرتى ئىكىساق كەنتىدە يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىپ 1885.يىلى رەسمىي ئوقۇش باشلايدۇ . مەكتەپتىكى 105 نەپەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە قىز ئوقۇغۇچىلار 25 نەپەر ئىدى . نادانلىق قاپلىغان ئەينى زاماندا قىزلارنىڭ يېڭىچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى شەك-شۆبھسىزكى ئاياللار ئازادلىقى تارىخىدىكى بىر بۆسۈش ئىدى . بۇ شەرەپلىك ۋە قىيىن ۋەزىپىنى ئاياللار ئازادلىقىنىڭ تۇنجى تەشەببۇسچىسى رائىلە خانىم ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ، شىنجاڭ يېقىنقى زامان مائارىپى تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپە ياراتتى .
رائىلە خانىم 1860-يىلى ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئىكىساق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر ، تەرەققىيپەرۋەر ، ئىقتىسادى ھاللىق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى . ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق ۋە زېرەك بولغاچقا ، ئاتىسى مۇھەممەت سۇلتان خەلپىتىم ئۇنىڭغا بەكمۇ قائىل ئىدى . مۇھەممەت سۇلتان مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولۇپ ، ياش چاغلىرىدا ئىكىساق ۋە قەشقەردىكى كونىچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان ، بۇخارا قاتارلىق جايلاردا ئەرەپ ، پارىس تىللىرى ۋە باشقا بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللەپ دۇنيا قارىشىنى كېڭەيىتكەن ئىدى . شۇڭا ئۇ قىزى رائىلەنىكىچىك چاغلىرىدىن تارتىپ تەربىيلەپ خەت ساۋادىنى چىقاردى . كىيىن ئۇنى ئىكىساقتىكى مۇددەرىسكە بىرىپ ، ئابدۇلماناپ داموللا ، چوڭ خوجىكام، ، سادىق موللا قاتارلىق كىشىلەردىن بىلىم ئالغۇزدى . زېنىي قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرۇدىغان رائىلە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قۇرئاننى تەپسىر قىلىشنى ئۈگەندى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەدەبىيات ، گىرامماتىكا ، ئىلمىي ھال ، تارىخ ، ئالگېبرا ، جۇغراپىيە قاتارلىق بىلىملەرنىمۇ پۇختا ئىگەللەپ ، ئۇستازلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇردى . شۇندىن كىيىن ئۇ ئۇستازلىرىنىڭ تىخمۇ كۆپ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ ، ئەرەپ ، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئۆگىنىپ ، شۇ تىللاردىكى كىتاپلارنى تەرجىمە قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتتى . بولۇپمۇ خەتتاتلىقتا كامالەتكە يىتىپ چوڭ ئابروي قازىنىپ ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولاى . ئۇنىڭ بۇنداق كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىم ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ، ئۇنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن « رائىلە داموللىمە » دەپ ئاتىلىشىغا سەۋەپ بولدى .
ئۇ چاغلاردا خوتۇن-قىزلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىگى قامال قىلىنغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ پەننى بىلىملەرنى ئىگىلەپ ، تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىشى چەكلىنەتتى ، بۇ ئەھۋال ئىكىساق مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادى تۈۋرۈكى بولغان باۋدۇن باينى چوڭقۇر ئويغا سالدى . 1885-يىلى باۋدۇنباي ئەپەندى يېڭىچە مەكتەپكە ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى قىز ئوقوغۇچىلار مەسىلىسى ئۈستىدە ئابدۇماناپ داموللا ، چوڭ غوجىكام ، مۇھەممەت سۇلتان خەلپىتىم قاتارلىق بىلىملىك مەرپەتپەرۋەر كىشىلەر بىلەن تەپسىلى مەسلىھەتلىشىپ ، رائىلەنى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ كىلدى . رائىلە پېئودالىزىمنىڭ مەنىۋى قۇرالى بولغان سوپىزىم ئۈستى قۇرۇلمىسىغا جەڭنامە ئېلان قىلىپ ؛ « شەرئىئەتنىڭ ھىچقانداق يىرىدە ئاياللار ئوقۇمىسۇن دېگەن مەزمۇن يوق ، پەن ئۆگىنىش، كىتاپ ئوقۇش ئوغۇل-قىزلار ئۈچۈن پەرىز ، بالىلارنى ئوقۇتۇش ، يېڭىلىقنى ئىگىلىتىش شەرىئەتكە خىلاپ ئەمەس ، سىلەر پەرزەنتىڭلارنى ئوقۇتمىساڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى. بىز بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇپ ، ئۇلارنى دۇنيانى چۈشىنىدىغان ، ھەق بىلەن ناھەقنى ، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتەلەيدىغان قىلىپ تەربىيىلەيمىز ... » دېگەنىدى . شۇنداق قىلىپ رائىلە دەسلەپكى قەدەمدە باۋۇدۇنباينىڭ ئۇرۇغ جەمەئىتى ئىچىدىكى قىز - خېنىملارنى تىزىمغا ئالدى . بۇنى كۆرگەن مەرىپەتپەرۋەر ۋە تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىز پەرزەنتلىرىنى كەينى - كەينىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ ، رائىلە خانىمنىڭ تەربىيىلىشىگە بەردى . بۇ ، ئاياللارنىڭ بوينىغا سېلىنغان قۇللۇق زەنجىرىنى پاچاقلاپ تاشلاشتىكى بىر بۆسۈپ ئۆتۈش بولۇپ ، پۈتۈن تارىم ۋادىسىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى .
رائىلە خانىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە «ھۈسەيىنىيە مەكتىپى » دە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ، ئىزچىل تۈردە قىزلارنى تەربىيىلەپ ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . رائىلە خانىم 32 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى . بۇ جەرياندا ئۇ ، سۇلتانخان ، ئامىنىخان ، سۇلتان نىسىپخان ، زەينىساخان قاتارلىق ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ ، ئەينى يىللاردىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلار كەم بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇردى . رائىلە خانىمنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا ، شۇنداقلا شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ ئازادلىق تارىخىدا كۆرسەتكەن تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
« مەمتىلى ئەپەندى »
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20- ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر مائارىپچىسى ، تالانتلىق تەشكىلاتچىسى ، ئوت يۈرەك كومپوزىتورى ،ۋە شائىرى ، نامى مەڭگۈ ئۆلمەس ئوغلى مەمتىلى ئەپەندى.
مەمتىلى ئەپەندى توختى ھاجى ئوغلى ( تەۋپىق ) 1901- يىلى ئاتۇش ناھيىسىنىڭ بۇيامەت يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر تىۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ خەت-ساۋادىنى چىقارغاندىن كىيىن ، 1914-يىلى ئېكساق يېزىسىدىكى پەننىي مەكتەپكە كېرىپ ئوقۇغان ۋە سازچىلىق ، ناخشا ئوقۇش ، شېئىر يېزىشقا ئىشتىياق باغلاپ ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىنى تېرىشىپ ئۈگەنگەن . 1921-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېقىپ ، مۇساپىر يۇرتداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن موسكىۋا شەرق دارىلفۇنىغا كېرىپ ئوقۇغان . ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە تۈركىيگە بېرىپ ، ئىستانبول شەھرىدىكى ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش مەكتىپىدە ئوقۇپ ، ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىر مەزگىل شەھەر ئەتراپىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىپ ، زامانىۋىي ئىلىم-پەن بىلەن ئۆز خەلقىنى قوراللاندۇرۇش ، مىللەتنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيسىنى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ئوت يۈرەك شائىر ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن 1932- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن خەلق ئارسىدا قانات يايغان ئىنقىلابىي كۆرەش دولقۇنىغا قوشۇلۇپ كەتكەن . ئۇ ، 1933- يىلىدىن باشلاپ ئاتۇشتا يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىش ۋە ئوموملاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، قىسقىغىنە بىر يىل ۋاقىت ئېچىدە ، ئاتۇش ۋە قەشقەر مائارىپىنىڭ ئەھۋالىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان . ئۇ ، 1936 - يىلى جاللات شىڭشىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ، قەشقەر تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۇرۇلگەن . ئۇ ، ئۆزىنىڭ ئىسسىق يۈرەك قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر مۇنچە يالقۇنلۇق شېئىرلارنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتتى ، بۇ شېئىرلار شائىرنىڭ ئىلغار دۇنيا قارىشىنىڭ ، ئۇلۇغۋار غايىسىنىڭ ئاشۇ تارىخىي شارائىتتىكى مەھسۇلى بولۇپ ، روشەن سىياسىي خاھىشقا ئىگە . 30 - يىللاردا ئاتۇشنى مەركەز قىلغان ھالدا ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىلىپ بىرىلغان يېڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ سەركەردىسى ، يىتەكچىسى ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا قان قەرىزگە پاتقان ، خەلقنى زار-زار قاخشاتقان ئاشۇ مەۋلانۇپ دېگەن جاللاتنىڭ قولىدا ، 1937 - يىلى 5-ئاينىڭ 30- كۈنى تاڭ سەھەردە ئېتىپ تاشلىنىپ ، ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈۋىتىلگەن.
« ئابدۇخالىق ئۇيغۇر »
بۇ ماي بوياق رەسىمنى ئېلى ياقۇپ ئاكىمىز خېۋىر تۆمۇر ئەپەندى يازغان « بالدۇر ئويغانغان ئادەم » ناملىق تارىخى ئەسىرىنىڭ 27-باپ ، 390- بەتتىكى بايانلىرىغا ئاساسەن سىزىپ چىقىپتىكەن.
بۇ چاغدا ئۆي ئەتراپىنى دۈشمەن ئوراپ بولغانىدى. ئوندەك ئەسكەر ھويلىغا بېسىپ كىرىپ توپتوغرا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بار ئۆيگە قاراپ كېلىۋاتاتتى . ئۇلارنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن نىياز خېنىم ھوشىدىن كەتكەندەك قېتىپلا قالدى . شائىر ھويلىغا چىقىپ :
-كېلىڭلار ، كىمنى ئىزدەۋاتىسىلەر ؟ -دېدى .
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا روزى موللا بار ئىدى . ئۇ ئالدىغا چىقىپ ، خۇددى ياز كۈنلىرى گەمىدە ئۇخلاپ چىققان ئادەم بىر مەزگىل كۈن نۇرىغا قارىيالمىغاندەك ، ئابدۇخالىققا تىك بېقىپ قارىيالماي ، خۇدۇكسىرىگەن ھالدا دۇدۇقلاپ :
-سېنى تۇەنجاڭ قىچقىرىپ كېلىڭلار دەپتىكەن ، ماڭا يول باشلاتقۇزۇپ كەلدى ! -دېدى .
-ئۆزۈڭ باشلاپ كەلمىگەنلا بولساڭ بولدىغۇ !-دېدى شائىر ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋەتكىدەك دەرىجىدە ئاچچىق قاراپ .
-ياق ، ياق ، مەن ئۇنداق قىلىمەنمۇ !- تاتىرىپ كەتكەن روزى موللا شائىردىن كۆزىنى يوشۇراتتى .
-كۆزۈڭنى يوشۇرما ! - مەندىن يوشۇرغان بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ۋىجدانىدىن قانداق يوشۇرۇپ كېتەلەيسەن ؟ ۋىجدان ئالدىدا ساڭا ئوخشاش بىر قېتىم خۇدۇكسىرەپ ئازاب چەككەندىن ، ئۆلۈمنىڭ شەربىتىنى ئىچكەن ئەلا ! بۇنى بىلىپ قوي !- دېدى شائىر غەزەپ بىلەن .
روزى موللا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا نە خاپا بولۇشنى ياكى ئىلگىرى كۆرۈشكەن ۋاقىتلاردىكىدەك ھىجىيىپ كۈلۈشنى بىلمەي ئوڭايسىزلانغانىدى .
30 دەك ئەسكەر شائىرنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ھەيدەپ چىقىپ كەتتى .
« رەيخىستاگ بىناسىنى ئىلىش ئۇرۇشى »
بۇ ماي بوياق رەسىمنى ئېلى ياقۇپ ئەپەندى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ « موسكىۋا خىياللىرى » نامىلىق ئوچېرىكىدە بايان قىلغان تارىخى ۋەقەلىككە ئاساسەن سىزىپ چىقىپتىكەن.
بۇ ۋەقەلىكنى بىر پىيىشقەدەم روس ئەسكىرى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇنغا سۆزلەپ بەرگەنىكەن .
2 - دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە سوۋېت قوشۇنلىرى تەركىۋىدە نۇرغۇنلىغان قازاق ، ئۇيغۇر ، قىرغىز ، ئۆزبەگ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت جەڭچىلىرى بولۇپ ، ئالدىنقى سەپتە فاشىزىمغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ ئىسسىق قانلىرىنى سوۋېتلەر زىمىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئاققۇزغان ئىكەن ، شۇلار ئىچىدە بىر جۈپ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر جەڭچى بولۇپ ( ئىسمى ئىسىدە قالماپتۇ ) ئۇلار ناھايىتى باتۇر ، قورۇقماس ، چەپدەس ، جەڭدە ئەسكەرلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا يول باشلاپ ، ئوت يالقۇنى ئىچىدە ئىلگىرلەپ ماڭاتتىكەن . ئۇلارنىڭ داۋاملىق مۇرىسىگە قۇرالى بىلەن بىرگە ئېسىۋالىدىغان بىر راۋابى بولۇپ جەڭ ئارلىقىدىكى دەم ئىلىشلاردا قىززىقچىلىق قىلغاچ راۋاپ چىلىپ جەڭچىلەرنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگۈتىپ ، ئۇلارنى خوشال قىلاتتىكەن ، جەڭچىلەرمۇ ئۇلارنى ناھايىتى ياقتۇرۇشىدىكەن .
بۇ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر جەڭچىلەر گىتلىر ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا يەنى گېتلىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىيەسى ۋە قوماندانلىق ئىشتابى بولغان رەيخىستاگ بىناسىنى ئېلىش جىڭىدە باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بولغانلىقى بايان قىلىنغان .__ رەتلەپ يوللىغۇچى : ئىز __
ئاخىرىدا : ئېلى ياقۇپ ئەپەندىمنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە بەركەت ، تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە ئۆزى ھارسىمۇ قەلەم تۇلپارىنىڭ ھېرىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.