ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئىقدىدارىنى يېتىلدۇرۇش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم .
ئاپتۇرى -دۇنيا
تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ،يېزىش ،ئوقۇش قابىليىتىنى يەنى تىلنى چۈشۈنۈش ۋە قوللىنىش قابىليىتىنى يىتىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ .ئۇنداقتا،قانداق قىلغاندا تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىغىزاكى تىل قابىليىتىنى يىتىلدۇرگىلى بولىدۇ ھەم بۇنىڭغا توغرا يىتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ .
1.ئوقۇغۇچىلار دا ئورتاق ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىشى ئادىتىنى تەدرىجى يىتىلدۇرۇش ،ئوقۇتقۇچى ئۆز ئەمەليىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇش لازىم .تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم توغرا تىل ،قايىل قىلىش كۈچى يوقىر ى ،مول ،ھىسياتلىق گۈزەل تىلغا ئىگە بولۇشى كىرەك .شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كىرەككى ،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دورامچىلىق قابىليىتى ئالاھىدە يوقىرى بولىدۇ .بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەربىر ئىش ،ھەرىكىتى ئۇلار ئۈچۈن بۇزۇلماس ھەقىقەت .شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك قىزىقارلىق ھىكايە ،چۆچەكلەرنى ئىيتىپ بىرىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇغان شۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى سىنىپ ئىچىدە سۆزلەپ بىرىشكە تەشكىللەش ھەم قىزىقتۇرۇش كىرەك .سۆزلىگەندە پىرسۇنازلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە بايان قىلىشقا ،ھەرىكەت ئارقىلىق گەۋدىلەندۇرۇشكە ،موھىمى ئەدەبىي تىل بويىچە سۆزلەشكە يىتەكچىلىك قىلىش كىرەك .
2.ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئىكىسكۇرسىيە پائالىيەتلىرىگە كۆپلەپ تەشكىللەش ،سىنىپتا تۈرلۈك قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بىرىش ،مەكتەپ ئىچى ،ۋە ئۆزتەۋەسىدە ئۆتكۈزۇلگەن ھەرخىل تىمىدىكى ئەدەبىيات -سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۇرۇش كىرەك.ئوقۇغۇچىلار بۇخىل پائاليەتلەرگە قاتناشقاندىن كىيىن ئۇلاردا ئۆزى كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئاز بولسىمۇ تەسرات پەيدا بولىدۇ .مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقدىدارنى ئۆستۇرۇشتىكى ياخشى پۇرسەت .
3.تۈرلۈك تىمىدىكى مۇزاكىرە ،مۇنازىرە پائالىيەتلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش لازىم .ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئۈچۈن تونۈش ،بىۋاستە ئۇچرىشىپ تۇرغان نەرسىلەر توغۇرسىدىكى تەسرات زور بولىدۇ .ئوقۇغۇچىلار بۇخىل مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرلىشىشىكە قىزىقىدۇ .ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ سىنىپ ئىچىدە مەخسۇس تىما بەلگىلەپ ،مۇنازىرە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ،بەس- مۇنازىرىدە ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلاپ ئاندىن كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇش كىرەك .
سۆزلىگەندە ئورتاق ئەدەبىي تىلدا سۆزلەشكە دىققەت قىلىش ئوقۇتقۇچى توغرا يىتەكچىلىك قىلىش كىرەك .
4.ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىر سۆزىگە ئالاھىدە قاراش ،يەنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى قىلغان مەسىلىنى قانداق ئىپادىلەۋاتقانلىقىغا قاراش كىرەك .
5.تىل گۈزەللىكى يىتىلدۇرۇشتە موھىمى تىل گۈزەللىكى جەھەتتە يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىش ،ئوقۇتقۇچى بۇجەھەتتە ئۈلگە بولۇش كىرەك.
دىمەك ،كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا سۆز-ھەركىتىگە ئاساسەن شۇ كىشىنىڭ مەدىنيەت سەۋىيىسى ،تەربىيلىنىش ئەھۋالىنى كۆرۋالالايمىز .شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەر س سۆزلىگەندە ،سۆز گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم .
دىمەك ئوقۇغۇچىلارنى سەۋىرچانلىق بىلەن يىتەكلىگەندىلا ،ئاندىن ئۇلاردا تەشەبۇسكارلىق ئېڭىنى يېتىلدۇرگىلى ،ھەرقانداق ئۇرۇندا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى يىقىملىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلىپ يېتىشتۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ .
( ئەسەر ھوقۇقى ئۆزەمگە تەۋە باشقا مۇنبەرلەردە ياكى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا روخسەت قىلىنمايدۇ .)