سىز بۇ تېمىنىڭ 3332ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: يېڭى پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز ھېكايىسى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 1648
شۆھرەت: 2356 نۇمۇر
پۇل: 18340 سوم
تۆھپە: 317 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:140(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-14
ئاخىرقى:2008-03-14

يېڭى پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز ھېكايىسى

يېڭى پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز ھېكايىسى

ئاپتور _ ئىز





  ئەتىگەندە ناشتىلىقىمنى يەپ بولۇپلا ، ئىدارىگە خىزمەت ئىشى بىلەن كىتىۋاتاتتىم . خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئالدى تەرەپتىن خەدىچە چىقىۋىتىپتۇ .
_ كەلدىڭىزمۇ ، ئەنۋەر ئاكا ؟ _ ، دېدى ئۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
_ ھـەئە ، سىزچۇ نەگە ماڭدىڭىز؟ _ ،دېدىممەن.
_ ئازراق بىجىرىدىغان ئىشىم چىقىپ قالغان ئىدى ئۇزۇنغا قالماي قايتىپ كىلىمەن.
_ تېزراق قايتىپ كىلەرسىز ئەمسە.
ئۇ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى. ئۇنىڭ گەپ قىلغان ۋاقىتتىكى سىياقى خۇددى ئېچىلىۋاتقان رەڭگارەڭ گۈللەرگە ، نۇر چاقناپ تۇرغان مەرۋايىتقا ئوخشاش جەزبىدار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىك قاپقارا بۇلاق كۆزلىرىنى كۆرگەن كىشى ئىختىيارسىز كۆكتە چاقناپ تۇرغان نۇرانە يۇلتۇزلارنى ئەسلەيتتى ، ھەمىشە تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان مۇلايىم ، ئۇماق چىرايىنى كۆرگەن كىشى بىئىختىيار سۈپسۈزۈك ئاسماننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى . . .
مانا قىسغىنە ۋاقىت ئىچىدە خەدىچە خېلى يىللار ئاۋال يۈرەك تارامنى بىر قېتىم تىترەتكىنىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق تىترەتتى.


*         *         *

ئون يىل ئاۋال يېڭىلا تولۇق ئوتتىرىغا چىققان ۋاقتىم ئىدى. ئۆزۈم يالغۇزلىقنى ھەم جىمجىتلىقنى ياخشى كۈرەتتىم. سىرتقى قىياپىتىم باشقىلارغا سىرلىق ، ئەسكى مىجەزدەك تەسىر بېرىپ قوياتتى. ئەمما بارا-بارا ساۋاقداشلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كەتكەنىدىم، ئۆگىنىشىم يامان ئەمەس كىتىۋاتاتتى.
قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى ، مەن بىرنەچچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن مەكتەپ بىزنىڭ سىنىپقا بۆلۈپ بەرگەن يەردىكى قارلارنى تازلاپ بولۇپ سىنىپقا كىرىپ كىتىۋاتاتتىم. مەكتەپ بىناسىغا كىرىشىمىزغا تۇيۇقسىز ئۇدۇلدىن بىر قىزنىڭ : « خاپا بولماي ، چەتتىن مېڭىڭلار » دېگەن يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى . قارىسام ئوماققىنە بىر قىز ئالدىمىزدا تۇرىدۇ . ئەسلىدە ئۇ قىز ئۇ يەرنى يېڭىلا تازلىغان ئىكەن ، بىزنى دەسلەپ لاي-پاتقاق قىلىۋەتمىسۇن دەپ شۇنداق دېگەن ئىكەن. بىز چاندۇرماي ياندىن ئۆتۈپ سىنىپقا كىرىۋالدۇق . كاللامدا باياتىنقى قىزنىڭ سىماسى ھەم ھەرخىل خىياللار « مەن ئۇ قىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ؟ نەدە كۆرگەن بولغىيتتىم؟ ھە .. تاپتىم ! مەن ئۇ قىزنى چۈشۈمدەك كۆرگەندەك قىلغان. ئۇ قىزنىڭ ئاۋازى ھەجەپ يېقىملىق ئىكەن ، يەنە بىر قېتىم ئاڭلىغىم كىلىۋاتىدۇ . سۆزىدىنلا مۇلايىم ، ئەدەپلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن ..... »
ئەسلىدە ئۇ قىز مەن بىلەن پاراللىل ئوقىيدىكەن ، ھەيران قالارلىق يېرى مەن بۇ مەكتەپتە نەچچە ئاي ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ئۇ قىزنى مەكتەپتە بىرەر قېتىم كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن . بەلكىم بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ قىزنىڭ ھەر قېتىملىق دەم ئېلىش ئارلىقىدا زالدا تۇرىۋېلىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان بىر قىسىم قىزلاردىن يىراق تۇرغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
مەن ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ خەدىچە ئىكەنلىكىنى ئاران تەستە بىلدىم ، ئۇ كۆزۈمگە قانداقتۇر يېقىملىق ، مېھرى ئىسسىق كۆرىنەتتى ، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىچكى سىرلىرىنى بىلىشكە تولىمۇ قىزىقاتتىم. ئۇنىڭ سىنىپىنىڭ ئالدى ئىشىكىگە ياكى ئارقا ئىشىكىدىكى دېرىزىنىڭ يېنىدا دوستلۇرۇم بىلەن پاراڭلىشىۋىتىپ چاندۇرماي ئۇنىڭ ھەربىر ھەركىتىنى كۈزىتەتتىم. ئۇ سىنىپىدىكى ھەممە ساۋاقدىشىغا بەكمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇنىڭ ھەربىر قىلىقى كۆزۈمگە ، دىتىمغا ياقاتتى. مەن ئۇنىڭغا بارغانسېرى ئامراق بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا قىزغىن پاراڭلىشىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم . قىسقىسى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. بىر ئىش ئىسىمدىن قەتئىي چىقمايدۇ.
باھار كۈنلىرىنىڭ بىرى ، ئەتىگەندە يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتاتتى . مەن سەھەر تۇرۇپ مەكتەپكە ماڭدىم . تېخى بەك ئەتىگەن بولغاچقىمىكىن يولدا كىشىلەر بەك ئاز ھاۋا بەك سوغۇق ئىدى. تۇيۇقسىزلا بولغان سوغۇقتىن كىشىلەر بىخەستىلىك قىلىپ نىپىزلا كىينىۋالغان ئىدى . مەكتەپكە بارىدىغان بىر تىمتاس كوچىغا كەلگەندە باشتا ئانچە دىققەت قىلماي قارىماپتىمەن. كېيىن يېقىنلاشقانسېرى ئۇنىڭ مەن ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىپ سەۋدايى بولۇپ يۈرگەن خەدىچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئىككىمىز بىر مەكتەپتە ئوقىيمىز ئەجەبا ئۆيىمىزمۇ بىر يەردىمىدۇ؟ خەدىچەنىڭ پۈتۈن كىيىمى يامغۇردا چىلىق-چىلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭغا قاراپلا ئۇنىڭ نىمىشقا ئۆيىگە قايتىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلدىم ، سەۋەبى كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك. مانا ئۇ بىردەمدىلا ماڭا قاراپمۇ قويماستىن كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى. خىيالىمدا « ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان بولسام باياتىنلا ئۇنىڭغا گەپ قىلغان بولاتتىم ، مەكتەپ فورمىنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان چاپىنىمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويغان بولاتتىم ، ئۇنىڭ بىلەن ھەرقېتىم مەكتەپكە بىللە بېرىپ بىللە كەلگەن بولاتتىم. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەن بولسام ئۇ دائىم ئۆيىگىچە ئاپىرىپ قوياتتىم ، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى،ھە؟ ... »


*         *         *

مانا ئۇنى ياخشى كۆرىۋاتقىنىمغىمۇ ئون نەچچە يىل بوپتۇ . ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىز ئاچالماي يۈرىمەن. مانا خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر ئىدارىدە ئىشلەپ قالدۇق. بەلكىم بۇ خۇدايىم ماڭا بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇرسەت بولىشى مۇمكىن.
  بۈگۈن ھەممە ئىشلار باشقىچە ، ئىدارىدە ئىشنىڭ كۆپلىكىدىن ھەممىمىز كەچ قايتتۇق . مەن ئادىتىم بويىچە خەدىچەگە چاندۇرماي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قارا كۆرۈنەر ئەگىشىپ ماڭدىم. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بىر كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە 3~4مەس ئۇنىڭ ئالدىنى توسىۋېلىپ ئۇنىڭغا قالايمىقان چاق-چاق قىلىشقا باشلىدى. مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ بېرىپ:
_ ئاغىنىلەر ، ياخشىلىقچە بۇ قىزنى قويۋىتىڭلار ! بولمىسا ، خاپا بولۇشۇپ قالىمىز _ ، دەپ ئۇلارغا چىرايلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردىم.
_ ھە مۇنداق دە ! تەييارغا ھەييار بولماقچىمۇ سەن ؟! ئۇنداق ئاسان ئىش يوق بۇرادەر ! بۇنداق ساھىپجامال قىزلارنى مەندىن كېيىن تېتىساڭمۇ ئۈلگىرىسەن...
  ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى ئېغىزىدا قالدى. تۇيۇقسىز زەرب بىلەن ئۇرغان مۇشتۇم ئۇنى تىك موللاق چۈشۈرگەنىدى. قالغانلىرىمۇ يەنە بىر-بىرلەپ يەردە ئېڭراپ ياتتى . ئۇلار خام پىۋىنى تولا ئىچىپ ، خۇددى سايىدە ئۆسكەن ئوت-چۆپتەك سولىشىپ كەتكەن بىر نېمىلار ئىدى. . .
شۇ كۈنى كەچتە ، مەن خەدىچەنى ساق-سالامەت ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم . بۇ جەرياندا ئىككىمىزنىڭ ئوتتىرىسىدا قىسقىلا بىرنەچچە ئېغىز سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى.
_ سىزگە كۆپ رەھمەت ، ئەنۋەر ئاكا ، مېنى بىر پىشكەنلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز ، قانچە قىلساممۇ ، سىزنىڭ بۇ شەپقىتىڭىزگە جاۋاب قايتۇرالمايمەن.
_ ئۇنچە دەپ كەتمەڭ ، ناھايىتى كىچىككىنە بىر ئىش . خوش ئەمسە!
_ خوش ، ئۆيىمىزگە كېلىپ تۇرۇڭ!
  شۇندىن كېيىن ، خىزمەتتتىن كەچ قايتقان ۋاقىتلاردا مەن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىغان بولدۇم . ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى ئېيتىشقا يەنىلا پېتىنالمايتتىم . خەدىچە بولسا ، مېنى ئۆز ئاكىسىدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەيتتى.ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندە مەندە ئىشەنچ ، جۈرەت تۇغۇلدى . خىيالىمدا « ماقۇل دېسە توي قىلارمەن ، ياق دېسە يەنىلا ئۇنى ئۈنتىنسىز كۈتەرمەن ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى پەقەتلا قالمىغاندا ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتۈپ كىتەرمەن . . . »
  ئۇ كۈنلەردە خەدىچەمۇ ئۆز تۇرمۇشىنى ، ئىستىقبالىنى كۆپرەك ئويلايدىغان بولۇپ قالغانىدى. چۈنكى ، ئۇنىڭ دوست - تەڭتۇشلىرىنىڭ ھەممىسى توي قىلىپ ، ئالدى بىر-ئىككى بالىلىق بولۇپ كەتكەنىدى ، ئاتا - ئانىسىمۇ بۇ توغرىسىدىكى ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ پات - پات ئۇنىڭغا تەكىتلەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.
  ئۇ مېنىڭ مىجەز - خۇلقۇم ، سەمىمىي ساداقىتىمگە قاراپ ، ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ياخشى ھەمراھ ھەم كۆيۈمچان شەپقەتچى بولالايدىغانلىقىمغا كۆزى يىتىپ ، مېنىڭ ھالال جۈپتىم بولۇشقا رازى بولدى. ئاھ ، نېمىدىگەن گۈزەل دەقىقىلەر - ھە! مېنىڭ مۇشۇ كۈنلەرنى كۈتىۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولغان ئىدىغۇ !؟ مەن ھازىر ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشى ھېسابلايمەن.
كۈنلەر مانا بىرىنىڭ كەينىگە بىرى ئۇلۇشۇپ ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى . بەلكىم ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختلىك خوشال ئۆتكەن ۋاقىت مۇشۇ يېرىم يىل بولىشى مۇمكىن.


سوئاللار سورىساڭ ئەگەر بىر كۈنى ،
دەيمەنكى ھېلىمۇ:« سۆيىمەن سېنى».
ئېھتىمال ئىشىنىپ ئىشەنمەي ماڭا ،
دېيىشىڭ مۇمكىن «ئالدىما مېنى».

ئازاپقا تاشلاپ كەتسەڭمۇ مېنى ،
بىر ئۆمۈر سۆيىمەن سەن ۋاپاسىزنى.
ئوتلىرىڭ گوياكى بىر گۈلخان كەبى،
ھەر ۋاقىت كۆيدۈرۈپ تۇرار قەلبىمنى.

بولسىمۇ پەرۋانە نۇرغۇن قىزلار ،
سالمىدىم ھەتتاكى كۆزۈم قىرىنى.
تۈن ئۇزۇن ، كۆزلەردە ئۇيقۇ يوق ئەسلا،
ۋاپاسىز بولساڭمۇ ئەسلەيمەن سېنى.

. . . . . .



خەدىچە تۇيۇقسىز ماڭا كاماندىروپكىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مەن بىلەن ۋاقىتلىق خوشلاشتى. ئارىمىز گەرچە يىراق بولسىمۇ خەت ئارقىلىق ، تېلفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇردۇق . شۇنداقتىمۇ ماڭا ئارىمىز بارغانسېرى يىراقلىشىپ كىتىۋاتقاندەك بىلىندى، بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ خىلمۇ - خىل ئازابلار بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ، خەت قىسقىلا قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن يېزىلغان :
« ياخشىمۇ سىز ، ئەنۋەر ئاكا :
مېنىڭ ئەمدى سىزنى ئالداپ كۈن ئۆتكۈزىۋەرگىم كەلمىدى . مەن ھېسياتىڭىزنى ئاۋارە قىلىشقا ئەرزىمەيمەن ، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ .
خەيىر - خوش »
تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش تەس ، ئۇنى پەقەت يۈرەك بىلەنلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ ! . . .



گەر يۈتسىمۇ جىسمىم دۇنيادىن ،
چىرىمەيدۇ سادىق يۈرىكىم .
پەقەت مەڭگۈ ياشايدۇ سۆيگۈم،
. . . . . .



مۇشۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى . بىر كۈنى ماشىنىدىن چۈشۈپ كىتىۋىتىپ خەدىچەنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم . ئۇلار مېنى كۆرۈپلا كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى ۋە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى . ئەسلىدە خەدىچە بۇرۇنلا قان راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ ئۇ مېنىڭ يەنە ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ ئاۋارە بولماسلىقىنى ، تەقدىرنىڭ رەھىمسىزلىكىگە تەن بېرىشنى ئۈمىد قىلغان، شۇڭا مەندىن تۇيۇقسىز ئايرىلغان ئىكەن. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن خەدىچەنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە بىر يىلدىن ئاشقانلىقىنى بىلدىم .
بىز بىرلىكتە خەدىچەنىڭ قەبرە بېشىغا چىقتۇق . قەبرىنىڭ ئۈستىدە مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان 99تال قەغەز تۇرنا ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ . . . .


بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:15(bilgar)
  • تۆھپە:9(باغۋەن)
  • ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-20 14:20 | [باش تېما]
    sawda007
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    مەزھەپ:شەبنەم مۇنبىرى شەبنەم مۇنبىرى
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1131
    شۆھرەت: 1142 نۇمۇر
    پۇل: 10975 سوم
    تۆھپە: 11 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:221(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-13
    ئاخىرقى:2008-03-14

    نىمە دىيشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم بەك تەسىرلىك يىزلىپتۇ ئاخىرنى ئوقۇغچە يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالدىم



    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-20 14:28 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    umakakida

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 75
    شۆھرەت: 76 نۇمۇر
    پۇل: 680 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:76(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-02
    ئاخىرقى:2008-03-08

    نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن



    خەتنىمۇ ئاران يىزىۋاتىمەن


    ھازىر ئۆيۈمدە ھىچكىم بولمىغان بولسا يىغلىۋىتەتتىم جۇما


    مۇزىكىمۇ بەك تەسىرلىك ئىكەن..
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-20 15:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    Altun-toghirak

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 170
    شۆھرەت: 175 نۇمۇر
    پۇل: 1640 سوم
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:115(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-12
    ئاخىرقى:2008-03-12

    ھەقىقەتەن تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايىسى ئىكەن.مىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناھايىتى تەسىرلىك مۇھەببەت كەچۈرمىشىم بار . يۈرىگىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يىرىدە ساقلانغان.بۇ دۇنيادا ئادەم ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىرىشەلىشى ناتايىن . لىكىن شۇ نەرسىلەرگە ئىرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىلسەڭ سەن ئۈچۈن بەخىت ھىساپلىنىدۇ...!سەن بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرسەڭ ،ئۇنىڭ شادلىقى ئۈچۈن شادلان،بەختى ئۈچۈن كۈل.مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇھايات گۈزەلدۇر.....!
    ./ad/nahxa.gif
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-20 16:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    akkugulkiz

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 144
    شۆھرەت: 165 نۇمۇر
    پۇل: 1090 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:137(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-08-02
    ئاخىرقى:2008-03-13

    بەكمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ ، مەن يىغلاپ كەتتىم ،ئسمىمىزمۇ ئوخشاشكەن
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-20 16:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    nur-ziya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1212
    شۆھرەت: 1344 نۇمۇر
    پۇل: 12140 سوم
    تۆھپە: 70 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:393(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-02
    ئاخىرقى:2008-03-14

    يەنەشۇ گۈزەل مۇھەببەت ،يەنە شۇ ئازاپلىق مۇھەببەت! مۇھەببەت سەن زادى قانداق نەرسە؟!
    كەچۈرۈڭ ناھايتى يۇقرى سەۋىيە بىلەن يىزىپسىز ! قەلەم قوۋۋىتىڭىزگە بارىكاللا! ئېزگۈ تويغۇلىرىڭىز داۋاملىق مۇنبەردە قانات قاققاي
    ohxax.cn
    [پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس]
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-20 23:52 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    YuLtuz222
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1117
    شۆھرەت: 1184 نۇمۇر
    پۇل: 24338 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:406(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-04-22
    ئاخىرقى:2008-03-12

    راسلا بەك،،تەسىرلىك يىزىپتۇ،،،ئاخىردا يىغلاپ كەتتىم،،،،،ئاللا شۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنى بىرگە قىلغان بولسا،،،،،،،،،،،،،،،،،،
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-21 01:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    mamatjan315
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: دائىملىق ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 443
    شۆھرەت: 443 نۇمۇر
    پۇل: 4303 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:516(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-03-16
    ئاخىرقى:2008-03-14

    مۇھەببەت ئۇ مەڭگۈلۈك تېما ، دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر . قېرىندىشىم قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، ئەجىرلىرىڭىزگە تەشەككۈر .
    مەن شەبنەمنى سۆيىمەن ، شەبنەم مېنىڭ ئىللىق ئائىلەم
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-21 01:18 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    saltanat12

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 75
    شۆھرەت: 76 نۇمۇر
    پۇل: 750 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-28
    ئاخىرقى:2008-02-05

    مۇھەببەت   ئادەمگە بەزىدە   خوشاللىق   ئېلىپ كەلسە   بەزىدە   ئازاپ   ئېلىپ   كىلىدۇ!!!!!
    مۇھەببەت بەزىدە   ئادەمگە ئە قىل ئاتا قىلسا   بەزىدە   ئادەمنى   ساراڭ   قىلىپ قۇيدۇ!!!!!
    راس گەپنى قىلسام   مىنىڭ ھازىر   ئۇچ مۇھەببىتم   ئۇلار ماڭا بىر- بىردىن   سۇيۇملۇك   !   دەپ بېقىڭلارچۇ   تورداشلار
    ئۇلار زادى كىملەردۇ؟  
    بولدىلا   ئوزۇملا دەپ بىرەي     1-ۋە2-   سى   ئاللاھ   ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى   3-   بولسا   ئاتا ئانام   قېرىنداشلىرىم بۇلارغا   دۇنيادىكى   ھەرقانداق   نەرسىنى   تەڭ قىلمايمەن   ھازىر   مەندە   قىز يىگتلەنىڭ   مۇھەببىتىگە نىسبەتەن   خېچقانداق   ھېسيات يوق     چۇنكى مەن   ئىلگىرى   مەن ياخشى   كورگەن قىزنىڭ قۇلدا ۋەيران بولغان  
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-21 02:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    uykujan

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: دائىملىق ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 432
    شۆھرەت: 433 نۇمۇر
    پۇل: 7425 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:445(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-17
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ناھايىتى ئىسىل يېزىلىپتۇ. بۇ راست بولغان ۋەقەمۇ ياكى توقولمىمۇ؟
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-21 12:31 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    yultuz317

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 30
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    پۇل: 300 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:134(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-14
    ئاخىرقى:2008-02-26

    بەكمۇ تەسىرلەندىم ،مەنمۇ گاھىدا ئۆزەمدە بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنە كۆرۈپ،مىنمۇ بىر كۈنلەردە بەخىتلىك ئائىلەمنى ئەمدىلا 1ياشقا كىرگەن قىزىمنى تاشلاپ كىتەرمەنمۇ دەپ بەك ئازاپلىنىمەن.
    تىمىڭىزغا رەھمەت.
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-21 13:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    BALWAG

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 123
    شۆھرەت: 124 نۇمۇر
    پۇل: 960 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-08-21
    ئاخىرقى:2008-03-14

    نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن



    خەتنىمۇ ئاران يىزىۋاتىمەن


    ھازىر ئۆيۈمدە ھىچكىم بولمىغان بولسا يىغلىۋىتەتتىم جۇما


    مۇزىكىمۇ بەك تەسىرلىك ئىكەن..
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-21 15:52 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    كۈلكە

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 3
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 30 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-21
    ئاخىرقى:2008-03-03

    تەسىرلىك ھېكايىكەن...........................مۇھەببەتنىڭ خوشاللىقىدىن ئازاپلىرى كۆپ بۇلىدىكەن................لىكىن شۇ ئازاپلارمۇ...........تاتلىق ئازاپلار......... ..........
    ohxax.cn
    ئېسىل ياشا!
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-21 16:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    heyali
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1833
    شۆھرەت: 1834 نۇمۇر
    پۇل: 18330 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:275(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-18
    ئاخىرقى:2008-03-11

    بىرەيلەن يەنە بىرەيلەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان بىرىپتۇ.بۇنداق ئىشلار تۇرمۇشتا ئاز ئۇچرايدۇ.شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشقا توقۇمىچى قىز-پادىچى يىگىتتىن باشقا ئادەملەرنى ئوبراز قىلسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
    كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-21 19:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    tangsabasi
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 678
    شۆھرەت: 701 نۇمۇر
    پۇل: 6290 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:269(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-17
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ھازىرقى ھېسسىياتىمنى راستىنلا قانداق ئىپادىلەشنى بىلمىدىم،كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلمەكتە......
    ئىشقىلىپ تەسىرلىك مەزمۇنغا ئازاپلىق مۇزىكا قوشۇلۇپ ،يۈرەك-باغرىمنى بەكلا ئېزىۋەتتى......
    ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ھەدەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاشراق كېسەلگە گىرىپتار بولغىلى بىر يىل بولۇپ قالدى،نەچچە ئون قېتىملىق خېمىيەلىك داۋالاش،نۇر بىلەن داۋالاشنىڭ ئازابىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ،ھەدەمنىڭ كىچىك قىزى تېخى ئەمدىلا 2 ياشتىن ئاشتى،خۇدايىم ھېكايىدە ئېيتىلغان كۈنلەرنى ھارام قىلسۇن!ئەشۇ كېسىلىگە شىپالىق بېرىپ،ئەشۇ گۆدەك،سەبىي بالىلىرىنى ئۆز قولى بىلەن بېقىپ،قاتارغا قوشقىلى نېسىپ قىلسۇن!`
    ohxax.cn
    دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس،كەم بولغىنى ئۇنى بايقاشتا!
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-21 22:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )


     

    Time now is:03-14 15:27, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation