سىز بۇ تېمىنىڭ 9400ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: قىزلىق نىداسى~قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ !يۇلتۇزدىن IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
YuLtuz222
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1117
شۆھرەت: 1184 نۇمۇر
پۇل: 24338 سوم
تۆھپە: 22 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:406(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-04-22
ئاخىرقى:2008-03-12

قىزلىق نىداسى~قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ !يۇلتۇزدىن

ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻪ ﻣﯩﯖﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ،ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺷﯩﯟﯨﺮﻻﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻴﯩﺘﻘﺎﻥ ﻣﯘﻧﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﮬﯩﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ:<<ﻗﯩﺰﯨﻢ،ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﻮﺷﻘﺎ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ. ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻐﯩﺰ ﮔﻪﭘﻨﯩﻼ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ،ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻﻧﯩﯔ<<ﻳﯩﻐﯩﺮ>>ﻯ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ.ﺋﯜﻣﯩﺪ -ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﯩﻦ>>.
ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ-ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ.ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ،ﺑﯩﺰ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻧﺒﻪ-ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﭖ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ -ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯚﺯﯛﭖ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ،ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﯨﭗ،ﺋﯩﻐﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﯖﻜﯩﻤﯩﺰﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﭗ،ﺗﻮﯞﺍ.ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ.ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﯘﺭﻣﯩﺸﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﻳﻮﻥ -ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ،ﯞﺍﻗﯩﺘﺴﯩﺰ<<ﺋﺎﻧﺎ>>ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﺎﻗﯩﻤﯩﺰ ﻧﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ،ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻠﻜﯩﺪﻩ <<ﺗﻮﯞﺍ>> ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ.
<<ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ؟ﺑﯘ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ>>.ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻴﯩﺘﻘﯩﻨﻰ. ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰ ﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰ -ﺋﻮﻏﻮﻝ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻘﯩﻐﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺩﯨﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﺑﻮﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﯩﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯗﻕ.ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻳﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﯩﯔ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ.ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻐﯘ،ﺋﺎﺧﯩﺮ.
ﻧﺎﺯﯗﻛﯘﻡ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ-ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.ﺗﯩﺨﻰ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﯨﻼ 13ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺭﺳﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ<<ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ>> ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻙ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﯩﺰﯨﺘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ.ﯞﻩﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ،ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ -ﺗﯚﺕ ﺗﻪﯕﮕﻪ ﭘﯘﻝ،ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﻮﺷﻠﯩﻘﻰ،ﺗﯘﺗﺮﯗﻗﺴﯩﺰ ﮬﯩﺴﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﺪﯗﻕ.ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ،ﻧﻮﻣﻮﺱ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﯩﻨﯩﺴﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 2-ﺋﻮﺭﻭﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﯩﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ،ﻧﯩﻜﺎﮬ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ،ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﻰ،ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ ﭼﯜﺷﯩﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﻰ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ <<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ>>ﻗﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ-ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻻﻣﺪﯗﻕ؟
<<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ>>-ﺋﯘ،ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﯩﺮﻯ،ﮬﺎﻳﺎﺳﻰ،ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﺪﯗﺭ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺘﻪ.ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﺎﺯﯨﻨﯩﻦ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ،ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﻳﺪﯗ.ﭼﯜﻧﻜﻰ،ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰ،ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺴﯩﺰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﺴﻠﻪﺕ ﻳﻮﺷﯘﺭﻭﻧﻐﺎﻧﻜﻰ،ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﭖ،ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ،ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﯩﻚ،ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯔ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻻﺗﯩﺪﻩﻙ ﻗﻪﺩﯨﺮﺳﯩﺰ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﯞﯨﺘﯩﺪﯗ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﺘﯘﺭ.ﺑﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﺎﻻﻟﻼﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ <<ﺑﻮﺯ ﻳﯩﮕﯩﺖ>> -ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ.ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎ-ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ،ﻗﻪﺩﯨﺮ -ﻧﻮﻣﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﻣﺎﻣﯩﻲ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ <<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ>> ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﺳﺎﻗﻼﭖ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﺭﭼﻰ،ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺗﯜﭖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ،ﭼﻮﻗﻮﻣﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﺭ،ﭘﻪﺱ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ.ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﯘﻥ؟
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ-ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﻩﭘﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.ﺋﻪﻣﻤﺎ،ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻛﻰ،ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﺗﺘﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ<<ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ>>ﻟﻪﺭ ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﻩﻙ.ﯞﻩ ﮬﻪﺗﺘﺎ:<<ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺋﺎﻟﺴﺎﯓ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻝ>>ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ،ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ <<ﻗﯩﺰ>>ﻳﺎﻛﻰ<<ﺋﻪﻣﻪﺱ>>ﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ،ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ <<ﻳﯩﮕﯩﺖ>>ﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻗﯩﺰ ﺋﯧﺸﻪﻙ،ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ،ﻗﯩﺰ ﺧﻮﺗﻮﻥ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ،ﮬﺎﻳﺎﻧﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻣﯜ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ.ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ،ﮬﺎﻳﺎ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯘﻟﻐﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯩﺰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﭖ،ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﺎﺳﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﮔﯩﭙﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ<<ﮬﻪ،ﺋﯘﻗﯩﺰﻣﯘ ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻜﻪﻧﺪﻩ>>ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯘﺩﯗﻗﻴﯘ،ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﭼﯚﭼﯚﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ<<ﺳﻪﻥ ﺗﯩﺨﻰ ﭘﺎﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻧﻐﯘ؟!ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﻙ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻤﯘ؟ﺳﻪﻥ ﻛﯩﻤﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺴﻪﻥ؟ﺭﺍﺳﺖ ﮔﯩﭙﯩﯖﻨﻰ ﻗﯩﻞ،ﺑﯘ <ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ> ﻣﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟>>ﺩﻩﭖ ﺋﯘﺭﯗﭖ- ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ.ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺟﯩﻤﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ -ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﯩﻨﺎﻳﻪ ﺩﻩﻳﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﻐﺎ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﻰ ﺩﻩﻳﻠﯩﻤﯘ؟
<<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ-ﺋﯘﺋﺎﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﮔﯚﺵ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯚﺵ . ﺍ ﻟﻠﻪ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺷﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺗﯩﺪﯗ.ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﺎﺭ . ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ؟ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺭﻭﮬﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻠﯩﺶ .ﺭﻭﮬﺴﯩﺰ ﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﮔﯚﺵ .ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ؟ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺭﻭﮬﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻰ ،ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ .ﺑﯘﺧﯩﻞ ﭘﺎﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻪﻳﯩﭙﺴﯩﺰ ، ﺭﻭﮬﻰ ﭘﺎﻙ - ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﯩﺸﻰ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ .ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺭﻭﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﺎ ،ﺭﻭﮬ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ >> (ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﮬﻪﺩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺖ ﺑﻪﺭﻗﻰ :<<ﺋﺎﺭﺗﯩﺒﺎﻟﯩﻎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ،>> ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ .).ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﯟﯨﻠﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻰ ،<<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ>> - ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ - ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ،ﺭﻭﮬﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ،ﺋﻪﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﯩﺘﻰ ،ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﯗﺭ .
ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﺳﻰ ﺭﯨﺰﺍﺋﯘﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻓﻪﺧﺮﻭﺩﺩﯨﻦ :<<ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﺴﻪ ،ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﯩﺪﯗ >>ﺩﯨﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺑﯘﮬﯩﻜﯩﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎﺭ ﻗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﮔﻪﭖ ﻳﻮﻕ .ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺴﺰ ، ﺭﻩﺳﯟﺍ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﯛﻡ ﻛﯚﻣﺘﯜﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯗ .ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﭘﺎﺯﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻭﮬﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ ،ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﺯﯙﺭﯙﺭ.ﻳﯩﮕﯩﺖ - ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﻏﻮﺭﻭﺭﻯ - ﺷﻪﺭﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﯩﺮﯨﻤﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻤﺪﯗﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯔ ﻏﻮﺭﻭﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﺩﯨﻦ ﺗﻮﺳﺴﺎ ،ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻮﺭﻭﺭﻯ 40 ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻻﻻﻳﺪﯗ .ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﻥ ﻗﺎﻗﺸﺎﭘﻼ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯜﺯﺗﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﺷﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻪﻙ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺭﻩﻧﺠﯩﺸﻜﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﮬﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﻧﻪ ﻏﻪﻡ ،ﻧﻪﺗﻪﺷﯟﯨﺶ ؟!
ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺷﯘﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ .ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻗﻮﯞﯗﻣﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺶ ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ !ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻰ
!



ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ 2007 -ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 -ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ


---------------------------------
--- Ormanlik تەھرىرلىدى
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:10(naprat517)
  • ياخشى باھا:10(Ormanlik)
  • يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 14:05 | [باش تېما]
    maripat1

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 864
    شۆھرەت: 867 نۇمۇر
    پۇل: 8660 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:349(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-07
    ئاخىرقى:2008-03-14

    توغرا قىزلار ئۈزنىڭ ئىپپىتىنى، ھايا نۇمۇسنى ساقلىمىسا ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغىندىن ئۆلگىنى ياخشى.
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 16:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    akkugulkiz

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 144
    شۆھرەت: 165 نۇمۇر
    پۇل: 1090 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:137(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-08-02
    ئاخىرقى:2008-03-13

    رەخمەت سزگە سىڭلىم يۇلتۇز . ھەربىر قىز كۈرۈشكە ئەرزىگۈدەك تىما بوپتۇ .
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    ئشەنچ -يېرىم مۇۋاپىقيەت.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 16:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    mehriban

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 6
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    پۇل: 59 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-18
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئانا تەربىيىسىدىكى كەمتۈكلۈك تۈپەيلى ،قىز ئوغوللىرىمىزدا ئەخلاق كەمتۈكلىكى كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 16:49 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    nawebar873

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 49
    شۆھرەت: 50 نۇمۇر
    پۇل: 370 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:104(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-13
    ئاخىرقى:2008-03-14

    لېكىن مىنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇ ئەزىز قىزلىقنى ئوغۇللارمۇ قوغدىشى كېرەكمۇ قانداق؟
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 17:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    YuLtuz222
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1117
    شۆھرەت: 1184 نۇمۇر
    پۇل: 24338 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:406(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-04-22
    ئاخىرقى:2008-03-12

    ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، بىردەملىك ھېسسياتنى دەپ قىزنى نابۇت قىلسا ئوغۇللارنىڭمۇ مەسئۇلىيتى بولىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىزلارمۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىشى كىرەك.
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 17:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    malika801

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 72
    شۆھرەت: 73 نۇمۇر
    پۇل: 720 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:108(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-08-31
    ئاخىرقى:2008-03-06

    ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا ،بارى مۇنبەر ئەھلى كۆرۈشكە تېگىشلىك تېما ئىكەن.
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 17:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    yaxligim.

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 566
    شۆھرەت: 567 نۇمۇر
    پۇل: 5660 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:35(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-20
    ئاخىرقى:2008-03-12

    بىردەملىك،ھىسياتنى دەپ،،قىزنى نابۇت قىلسا،،ئوغۇللارنىڭمۇ مەسئۇلىيتى بولىدۇ ئەلۋەتتە
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 17:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    xamali

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 37
    شۆھرەت: 38 نۇمۇر
    پۇل: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-05
    ئاخىرقى:2008-03-13

    ھەي ھازىرقى جەمئىيەتتە خاتىرجەم توي قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدىغۇ كىشى ، ... ساختا مال ، ساختا پۇل ، ساختا كېنىشكە دېسە مەيلى دېسەك ... ئەمدى بۇ ساختا قىزلىق دېگەن گەپنىڭ چىققىنى بەك يامان بوپتۇ ... قىز- ئوغۇللىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن ، ئۇلۇغ ئاللا !~!~!~!
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 17:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    yaprak712

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    پۇل: 10 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-18
    ئاخىرقى:2008-01-29

    ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز! رەخمەت سىزگە
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 17:45 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    kargvli

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 185
    شۆھرەت: 186 نۇمۇر
    پۇل: 1850 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-19
    ئاخىرقى:2008-03-12

    ھەممىدىن شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق، يەنە ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولۇشى كىرەك. ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى ، ۋىژدانىنى ياخشى ساقلىشى كىرەك.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 17:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    xohkiz0997

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: دائىملىق ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 360
    شۆھرەت: 373 نۇمۇر
    پۇل: 3333 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:102(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-16
    ئاخىرقى:2008-01-18

    بۇ تېما ھەققىقەتەن ياخشى ئىكەن ، مەنچە بولسا قىزلىق ئىپپەتنى ساقلاش قىزلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بىز ئۇنى ياخشى ساقلىشىمىز كىرەك لىكىن ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئوغۇللارغا شۇنى دىگۇم كىلىدۇ بىز قىزلار سىلەرنىڭ بىزنى قوغدىشىڭلارغا مۇھتاج ھەىرگىزمۈ خارلىشىڭلارغا مۇھتاج ئەمەس ھەم بىزنى چۇشۇنىشىڭلارغا مۇھتاج.ھەممىلا قىزلارنىڭ ئەسكى بۇلىشى ناتايىن .
    ئاق پەرىشتە.
    قىزلار پاكلىقىمىز ئۇچۇن كۇرەش قىلايلى ! ئوزىمىزنى قۇتقۇزايلى !
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 18:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    YuLtuz222
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1117
    شۆھرەت: 1184 نۇمۇر
    پۇل: 24338 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:406(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-04-22
    ئاخىرقى:2008-03-12

    شوخقىز،،،مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىپسىز،،،،،،،،،،مىنىڭمۇ ئۈمۈدۈم،،يىگىتلىرىمىز،،ئۆمۈرلۈك ھەمرايىم دەپ تاللىغان ئاشۇ بىغۇبار قىزنى ئۆز ۋىجدانىڭىز،غورۇرىڭىز بىلەن،قوغدىشىڭىزنى،،،شۇنداقلا داغ تەككۈزمەي،،،مەڭگۈ يۈزىنى يورۇق قىلىشىڭىزنى سورايمەن،،
    ئاللا،،ھەمىمىزگە ئىنساپ،بەرگەي،،،،،بەخت خۇشاللىق،سىزگە ھەم،بىزگە،مەڭگۈ ياربولسۇن،،
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 18:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    anjurguli

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 241
    شۆھرەت: 242 نۇمۇر
    پۇل: 2410 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-30
    ئاخىرقى:2008-03-14

    بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە !!!!!!!!!!
        ئەي قىز ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭىزنى ساقلاپ ، باشقىلارغا ئۈلگە بولغايسىز . تاكى جەمىيەتتە كىشىلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ : << بۇ كىمنىڭ قىزىدۇ ،نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ ، ئەجەپ ئەدەپلىك قىزكىنا >> دەپ ئېغىزىنى چاكىلدىتىپ قالسۇن . سىزدىن ھەرگىز ئەدەپسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن ، ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەپسىزلىك سىزىلىپ قالسا ، شۇ ھامان شەنىڭىز بۇلغىنىدۇ، ئابرويىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز . سىز پەقەت ئۈزىڭىزنىڭ ئىپپەت - نۇمۇسىڭىزنى ساقلىيالىسىڭىزلا ، ئۈزىڭىزنىڭ ئىنسانى قىممىتىڭىزنى ، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز ، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ ، بۇ ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر- قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۇرىسىز .


                                                        << قىزلارغا 100نەسىھەت>> تىن

      ئىپپىتى بۇزۇلغان قىز < پەرىشتە قىز > ماركىسى يىرتىلغان ئالۋاستى .
      ئەخلاقى بۇزۇلغان قەۋمە - ۋەيران بولماي قالمايدۇ .
      << تاپالمىساق ھاياتتىن ئەقىل ، ئادەم بولمايمىز ياشىساقمۇ   مىڭ يىل >> .
    كۆڭلۈڭنىڭ ئارامىدا بولۇشنى ئىستىسەڭ،پاك-دىيانەتلىك بول.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 19:24 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    geni

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 287
    شۆھرەت: 293 نۇمۇر
    پۇل: 2870 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:135(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-07
    ئاخىرقى:2008-03-11

    Quote:
    بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى YuLtuz222 نىڭ 2008-01-18 17:23 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ،،،،،،بىردەملىك،ھىسياتنى دەپ،،قىزنى نابۇت قىلسا،،ئوغۇللارنىڭمۇ مەسئۇلىيتى بولىدۇ-دە،،شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىزلارمۇ،ئۆزىنى چىڭ ساقلىشى كىرەك،،،،،،،،،،،،،،

    توغرا ،مېنىڭچە بۇ ئشتا پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ مەسئولىيىتى بار.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 19:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 2345» Pages: ( 1/7 total )


     

    Time now is:03-14 15:27, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation