«شەبنەم» نىڭ بالىلىرىدىن كۈتكىنى !
تاك تاك تاك
باغۋەن : ئەسسالام دادا ، مېنى چاقىرتقانمىدىڭىز .
شەبنەم : ھەئە ، كېلە بالام ، بۈگۈن ھەممىڭلارنى چاقىرتتىم . بۈگۈن ... ... ...
sawda007 : ۋاي - ۋۇي دادا ، بوپپەدىمۇ نېمە ئەمدى ساڭا ، كەچكىچە بىزنى يىغىۋېلىپ ، ئىدارىدىكى قۇرۇق يىغىن يەتمىگەندەك .
gitarqi : شۇ دادا ، گەپ بولسا گاچ - گاچ دىيىشسەك ، ھەممىمىزنىڭ ئىشى بار دېگىنە ، مەنمۇ ھېلىلىققا گىتتار چالغىلى باراتتىم .
... شۇ ...
... چاپسان - چاپسان بولساق ...
ئەركزات : خەپشۈك ، ئىنىلار ، سىڭىللار ، بولدى سۆزلىمەڭلار ، دادىمىز بۈگۈن بىزنى بۇ يەرگە يىغقان ئىكەن چوقۇم بىر مۇھىم ئىشنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ، بىزگە بۇنداق يىغىلىپ ، يۈزتۇرانە مۇڭدىشىدىغان پۇرسەت ئىنتايىن ئاز ، بولدى ئەمدى ھەممىمىز ھەرقانداق پارىڭىمىزنى قويۇپ دادىمىزنىڭ گېپىگە قۇلاق سالايلى .
119 : توغرا ، ئەركزاتكام توغرا دەيدۇ .
شەبنەم : بولدى ، خەپشۈك ، نېمىدىگەن جىق تالاش - تارتىش بۇ ، ھە ؟ بىر تۇققان تۇرۇپ قاچانغىچە مۇشۇنداق چۈجە - خورازلاردەك ئۆتىشىدىغاندۇ بۇلار ، ھەي ، مېنىڭ ئويلىسام - ئويلىسام شۇنداق ئاچچىغىم كېلىۋاتىدۇ ................. ھەي ، مەن ياقا - يۇرتتا جاپا تارتىپ تاپقان بارچە بىساتىمغا مۇشۇ باللىرىم قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق چوڭ ئۆينى سالغۇزۇپ قويساممۇ ، يەنە خالىغاندا كېلىپ ، خالىمىغاندا كەلمەي يۇرگەننى ئاز دەپ ، كەلسىلا بىر - بىرىڭلار بىلەن سوقۇشۇپ پېتىشمايدىغان بوپ كېتىپسىلەر ، بۇ ئۆينى سالغۇزغىلىمۇ 4يىل بوپتۇ ، بىزە كونىراپ قالدى ، يېڭى يىللىق رېمونت قىلىپ باللىرىم يېڭى يىلنى چىرايلىق ئـۆتكۈزسۇن دەپ مەن جاپا تارتىپ ئالدىراش ، بىرەسىمۇ بىر كېلىپ ياردەملىشەي دېمىگەن ، ئۆينى رېمونت قىلىپ قويسا چىرايلىق ئۆيگە كېلىپمۇ يەنە پېتىشماي چۈجە - خورازدەك چوقۇلۇشۇپلا يۈرگەن ، ھەي ، بۇ قېنى مېنىڭ باشقۇرغۇچى باللىرىم ، ھە ؟
119 : ئۇلار ....
شەبنەم : گەپ قىلما ، مېنىڭ قاتتىق ئاچچىغىم كەلدى ، بۈگۈن مەن ھېچكىمنىمۇ ئاياپ قويمايمەن ، مەن 4يىل بولدى ئۆي كونىراپ قالدى دەپ رېمونت بىلەن بولۇپ كېتىپ كارىم بولمىسا نېمىدېگەن قالايمىقانچىلىق بۇ ئۆيدىكى .stars_gmg نېمە قىلغىنىڭ بۇ سېنىڭ ھە ، جىم تۇرغان ئاكا - ئىنىلىرىڭنى جېدەلگە سېلىپ ئۈرۈمچىلىك ئاق ، ئۈرۈمچىلىك كۆك دەپ ئىش تېرىپ ، نېمە ئۇ يازغىنىڭ ، ھە ؟ دوپپاڭنى چۈشۈرۈپ تىك تۇرۇپ دەپباقە بىر ... ھە ، گەپ قىلمايسەنغۇ !!!
stars_gmg : مەن ، مەن ...
شەبنەم : قانداق قورقماي يازغان بولساڭ شۇنداق قورقماي گەپ قىلە ، ھە !
stars_gmg : خاپومما دادا ، لېكىن ئەسلى مەن ئۇنداق مەزمۇننى دېمەكچى ئەمەستىم ، ئىشەنمىسەڭ saadat ئاچامدىن سوراپ باق ، مەن توغرا گەپ قىلسام ئۆزلىرى باشقا ياققا بۇرىۋالدى ، ئۇۋالچىلىقتا قالغان مەن تېخى ، دادا !!!
119 : ئاچام راست دەيدۇ دادا .
شەبنەم : ھە بولدى ، مەنمۇ بۈگۈن مۇشۇ توغرىلىق گەپ قىلماقچى ئىدىم . ھەي ، مەن سىلەرگە بۇرۇنمۇ دېگەنغۇ ، بىزنىڭ شەبنەم جەمەتى ماۋۇ بىزنىڭ شىنجاڭدىكى خېلى يۈزى بار چوڭ جەمەتنىڭ بىرسى ، شۇڭا يۈرۈش - تۇرۇشتا ، ئىش قىغاندا سەلللللللللللللل دېققەت قىلىشمىساق بولمايدۇ دېسەم گېپىمنى ئېلىكمۇ ئېلىشمىدىڭ ، ماڭە بېرىپ سەلكىنكاڭنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ قارىشىپ باقە ، شۇنداق رەتلىك ، نېمە بۇ بىزنىڭ ئۆي ، ھە ؟ نەچچە كۈن بولمىغانغا مۇشۇنداقمۇ بوپكەتكەن بارمۇ ، بىرەسى بىرەر گەپنى قىلىپ بولغىچە توختا ، ماۋۇ نېمە دەۋاتىدۇ ، نېمە دېمەكچى دېمەيلا ھەممىسى ئاغزىغا كەلگەننى دەپ بىر - بىرى بىلەن سوقۇشىۋاتقان سەن خاتا دېدىڭ ، مېنىڭ توغرا دەپ . ھەي بالام ، مەن سېنى ماۋۇ ئىنى - سىڭىللىرىنى باشقۇرۇپ ،مىندا بىر ماۋۇ خاتا ، ماۋۇ توغرا دەپ ئۆگىتەمدىكىن دەپ باشقۇرغۇچى بالام قىلىپ سايلاپ قويسام نېمەئىش بوپكەتتى بۇ . خاتا يېرى بولسا ئاكا توختا ، ماۋۇ گەپنى خاتا قىلىپ سالدىڭ ، دەپ ئايرىم دېمەي ، بىكارغا قىلىپ بەرمىدىم مەن ھەممىڭلاغا ئايرىم - ئايرىم خەت ساندۇقىنى ، نېمە سەتچىلىك بۇ خەلقى - ئالەمنىڭ ئالدىدا ئاكا - ئىنى ئاچا - سىڭىل تۇرۇپ بىر - بىرىنى سۆكۈشۈپ ، نېمە دەيدۇ قوشنىلار كۆرسە ، گەپ بولسا شاققىدە ئايرىم ئىككىلىك خەتتىن بىرنى يېزىپلا خەت ساندۇقىغا سېلىپ قويسا ، ھە ، كونىلار بىكار دېمىگەن « قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە » دەپ ، نېمىدېگەن قاملاشمىغانلىق بۇ ، تېخى ئۆزىنى بىلىۋالار دەپ گەپ قىلماي يۈرسە ، چۈجە - خورازدەك تالاشقاننى ئاز دەپ سەت گەپ بىلەن تىللىشىدىغان ئىشنى چىقىرىۋالغىنىنى بۇلارنىڭ . ھەي باشقۇرغۇچى بالام ، ئۇكىلىرىڭ مۇشۇنداق تىللىشىپ سوقاشسا پوش دەپ قويمىدىڭما ؟ نېمە گەپ بۇ ، ھېچكىم ھېچكىم بىلەن كارى بولمىسا ، كىم ئاغزىغا كەلگەننى دەۋەرسە ، بىر - بىرىڭلارغا ياپما گەپ قىلىپ قان چىچىرتىشىپ يۈرسەڭلار ، قانداقمۇ باشقۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ دەيمەن سىلەرنى ، ھە ؟
119 : تېخى دادا ...
شەبنەم : گېپىم تۈگىمىدى تېخى ، ئاچچىغىم كېلىپ تۇرغاندا جىم ئولتۇرمىساڭ ھېلى بىكار ئاچچىغىمنى سەندىن ئالىمەن جۇمۇ ... ماڭا قارا باشقۇرغۇچى بالام ، ماۋۇ يېڭى كۆچۈپ كېلىپ بىز بىلەن تۇرۇۋاتقان ئىنى - سىڭىللىرىڭ ئانچە - مۇنچە بىرەر ئىجادىيەت قىلسا بىرەر ئېغىز ماختاپ مەدەت بەرمەي ، يېڭى ساۋادى چىققان ئۇكىلىرىڭنىڭ يازغان نەرسىلىرى بىلەنمۇ كارىڭ يوق ، نېمە قىلىسەن ئىككى ئېغىز چىرايلىق مەدىتىڭنى ئاياپ ، بۇ قىلغىنىڭ بولمىدى جۇمۇ بالام . مىندا ئۇكىلىرىڭنىڭ پارىڭىغىمۇ ئانچە - مۇنچە زەن سېلىپ قوي ،ئەمدى ئۇلارمۇ چوڭ بولدى ، كىچىك بالا ئەمەس ، بۇ ئۆيمۇ يەسلىنىڭ قوروسى ئەمەس بىر - بىرسى بىلەن تىللىشىپ قوغلىشىپ ئوينايدىغان ، كۆرۈپ قالساڭ ،ھاي ئۇكام بۇنداق قىلساڭ قاملاشمايدۇ ، ماۋۇ گەپ مۇنداق ، ئاۋۇ گەپ ئۇنداق دەپ سەن تەربىيە قىلىشىڭ كېرەك ، ئەمدى ھەممە ئىشقا مەن ئارىلىشىپ يۈرسەم قاملاشماس سىلەر بولغاندىكىن ... ھە راست ، ئەرتېكىن بالام ، سەن شېئىر تەۋسىيە قىلىپ ياخشى قىلىپسەن ، لېكىن ئۆتكەندە نەچچە ئۇكاڭ يازغان ياخشى - ياخشى شېئىرلانى نېمىشقا چىقارمىدىڭ ، ھە ، نېمە ؟ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ؟! بومماپتۇ بۇ قىلغىنىڭ ، ھامىنى قىلغاندىكىن تولۇق قىلساڭچۇ ، بىچچارە ئۇكىلىرىڭ قانچە كۆڭلىگە كەلگەندۇ ،ھە ! بوپتۇ ، كېلەر قېتىم قاراپراق قىلارسەن جۇمۇ بالام ....... ھەي ئەي جېنىم باللىرىم ، ھازىر جان باقماقنىڭ تەسلىكىدە مەن قانداق جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغىنىمنى مىننەت قىلمايمەن ، سىلەرنىمۇ ھەم مېنى يۈدۈپ ھەرەمگە ئاپارسۇنمۇ دېمەيمەن ، قېرىغىنىمدا مېنى باقىسىلەر دەپمۇ تۇرۇۋالمايمەن ، پەقەت بىر - بىرىڭلارغا ياردەمدە بولۇپ ، بىر - بىرىڭلارنىڭ ھالىغا يېتىپ ، سىردىشىپ ، بىر - بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ ، قوللاپ ئىناق ئۆتسەڭلارلا ماڭا شۇ ئەڭ زور مەدەت ، ھەي باللىرىم سىلەر ئۇقمايسىلەر ، ھەر قېتىم ئۇرۇشۇپ ، تالاشقىنىڭلارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا بوپتىلا ، كارىم بولمىسۇن دەيمەنۇ ، يەنە يۈرۈگۈم چىدىمايدۇ ، سىلەر تېخى ياش ،نادانراق ، قېرىنداشنىڭ ئوتىنىڭ ھەممىدىن يامانلىقىنى تېخى بىلىپ بولالمىدىڭلار ، سىلەر بۇنداق بىر يەرگە كېلىۋېلىپ بىر - بىرىڭلارنىڭ كۆزىگە سىغماي ئۇرۇشۇپ تۇرساڭلار ،منىڭ 4يىلدىن بېرىقى تارتقان جاپايىمنىڭ قانداقمۇ ھاردۇقى چىقسۇن باللىرىم ، ھە ؟ نېمىشقا ئويلىمايدىغانسىلەر دەيمەندە ، كىچىكىڭلادىن تارتىپ نېمە دېيىشنى خالىساڭلا دېگۈزدۈم ، توسمۇدۇم ، خالىغىنىڭلارنى سۆزلەپ كەلدىڭلار ، خالىغىنىڭلارنى قىلىپ كەلدىڭلار ، ئەمدىلىكتە مەن جاپا تارتىپ سىلەرنى بىر - بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشىدىغانغا بىر يەرگە يىغدىممۇ ؟ ھەر قېتىم ئۆيگە كېلىپ سىلەرنىڭ مۇشۇ ئورۇنسىز تالاش - تارتىشىشىڭلارنى كۆرۈپ شۇنداق بىئارام بولىمەن ، ئۇنداق قىلماڭلار باللىرىم ، داداڭلاغىمۇ ئىچىڭلا ئاغرىسۇن ، داداڭلانىڭمۇ ھاردۇقى چىقىپ ، سىلەرنىڭ ئىناق ھالىتىڭلارنى كۆرۈپ «ئۇف» دەپباقسۇن باللىرىم ... سۆزلىگەنسېرى تېخىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ ، ھەي ..........
__ دادا ، بىز ھەقىقەتەن ساددىلىق قىلىپ قويۇپتۇق ، بىزنى كەچۈرۈڭ دادا ...
__ بىز ھەقىقەتەن خاتا قىلىپتۇق دادا .
__ دادا ، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ دادا ، سەۋەنلىك بىزدىن ئۆتتى .
__ جېنىم دادا ، سىز بىز بالىلىرىڭىزنى بىر يەرگە يىغىش ئۈچۈن ، بىزنى مۇشۇنداق جەم قىلىش ئۈچۈن ئاز جاپالارنى تارتمىدىڭىز ، بىز سىزنى رەنجىتمەسلىگىمىز كېرەك ئىدى ، بىزنى كەچۈرۈڭ دادا .
__ دادا ، مەن باشقۇرغۇچى بالىڭىز بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ھەممە ئاكا - ئىنى ، ئاچا - سىڭىللارغا ۋاكالىتەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن ، ئەدەپسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرىشىڭىزنى سورايمەن .
__ مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم نىشاننى ئېنىق قىلىپ ئىنى - سىڭىللىرىمنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيمەن ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇلاردىن ياردىمىمنى ئايىماي ، لاياقەتلىك باشقۇرغۇچى بالىڭىز بولۇپ ، سىزنى نائۈمۈدتە قويماسلىققا تىرىشىمەن ، دادا .
__ مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز خىيالىمغا كەلدى دەپ قالايمىقان گەپ قىلمايمەن ، چاقچاققىمۇ دېققەت قىلىمەن ، دادا .
__ مەنمۇ شۇ ، ئۆتكەندە بىرسىنى تازا سۆكۈۋالغىنىمغا راسا خۇش بولغان ، لېكىن ئەمدىلىكتە بەك پۇشايمان قىلىپ خىجىل بولىۋاتىمەن ...
شەبنەم :ھېچقىسى يوق بالام ، مۇشۇ خاتالىقىڭنى تونۇغىنىڭنىڭ ئۆزى كۇپايە ، ئايرىم ئەپۇ سوراپ قوي ، بۇ ساۋاق بولسۇن ساڭا بالام .
__ مەنمۇ ئىلگىرىكى دېگەن گەپلىرىمدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ پۇشايمان قىلىۋاتىمەن ...
__ دادا ، بىزنى كەچۈرۈڭ ، سىزنى بۇنچىلىك رەنجىتكىنىمىزنى ھېس قىلماي يۈرۈپتۇق ، بالىلىق بىخۇتلۇقىمىزنى ئەپۇ قىلغايسىز دادا ، مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ئىنى - سىڭىللىرىمغا ھەمسۆھبەت بولۇپ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەم قىلىمەن شۇنداقلا گەپ - سۆزلىرىدىكى يەڭگىللىكنى ئەسكەرتىپ ، تۈزىتىشىگە ، لاياقەتلىك ، ئىسمى جىسمىغا لايىق باشقۇرغۇچى بولۇشقا تىرىشىمەن ، دادا .
__ شۇنداق دادا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنى سەل چاغلاپ يەڭگىللىك قىلغىنىمىزنىڭ ئاقىۋىتى ، مەن پۈتكۈل باشقۇرغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ھەممە ئىشقا ئەستايىدىل بولۇپ ، شەبنەم ئائىلىمىزدە سىزنىڭ كۈتكىنىڭىزدەك ئىناق ، ئىجىل ھالەت شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىمىزغا ۋەدە بېرىمەن .
__ شۇنداق ، توغرا ، ھەممىمىز ۋەدە بېرىمىز .
__ بىزمۇ سۆزلىگەندە ئېھتىيات قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاكا - ھەدىلىرىمىزنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ ، ئىناق ئۆتىمىز .
__ شۇنداق ، ئىناق ئۆتىمىز ، بىر - بىرىمىزدىن ياردىمىمىزنى ئايىمايمىز ، خاتىرجەم بول دادا .
__ دادا ، بىزنى مۇشۇنداق جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت دادا ، كەتكۈزۈپ قويغان يېرىمىز بولسا كەچۈرۈۋېتىشىڭىزنى سورايمىز ، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇپ ئىجىل ، ھەقىقىي ئاكا - ئىنى ، ھەقىقىي ئاچا - سىڭىللاردەك ئۆتىمىز .
__ شۇنداق دادا ، بىز ئەمدى ئويغاندۇق ، ئەمدى ئازارلاشمايمىز ، بىر - بىرىمىزنى تاتىلىمايمىز ، ھەممىمىز بىر قورساق ئۇرۇق - تۇققانلار .
__ .....................
__ .....................
__......................
شەبنەم بالىلىرىغا چوڭقۇر مېھىرى بىلەن قارىدى ، لەۋلىرى ھاياجاندىن تىترەيتتى :
__ جېنىم باللىرىم ، مېنىڭ جېنىم باللىرىم ، رەھمەت سىلەرگە ، داداڭلار ھەرۋاقىت سىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە رازى ............ جېنىم باللىرىم ، مېنىڭ يۈرەك پارىلىرىم .....
« دادا !!! » دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ شەبنەمنىڭ ئۆزىمۇ سانىنى ئېنىق بىلمەيدىغان بالىلىرى ، ھەممە بالىلىرى تەڭلا شەبنەمگە ياماشتى ... قىززىق ، بۈگۈنكى شەبنەمنىڭ ئائىلە يىغىنىغا بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكى ئائىلە يىغىنىغا قارىغاندا ھەممسى تولۇق ، دەل ۋاقتىدا قاتناشقانىدى .شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ، بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز ! [ بۇ يازما stars_gmg تەرپىدىن 2008-01-10 10:37 دە قا ]