سىز بۇ تېمىنىڭ 383ـ ئوقۇرمىنى
 
saadat
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 2065
شۆھرەت: 2217 نۇمۇر
پۇل: 20710 سوم
تۆھپە: 164 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1084(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-27
ئاخىرقى:2008-03-12

يۇلغۇن چېچىكى(سائادەت)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مىھرى،ياخشى تۇرۋاتامسەن؟كۆرۈشمىگىلى گەرچە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ ئاشۇ سەبى چىرايىڭ، سەمىمى ،مىيىقىڭدا كۇلۇشلىرىڭ ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولعىنى يوق،بۇلۇپمۇ ئۉزۇمنىڭ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاحىرقى مىنىۇتلىرىدا ياشاۋاتقىنىمنى بىلگەندىن كىيىن تۇنجى بۇلۇپ سىنى سعىنىش ئىلكىدە ئەسكە ئالدىم...
ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ قوينى كەڭرى ،ساپ ھاۋالىق،گۇزەل سەھرايىمىز؟نىمىدىگەن گۇزەل بالىلىق دەۋرىمىز ھە؟ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا سەيناعا(ھويلا)چىقىپلا داۋزا(دەرۋازا)ئالدىدا پۇتلىرىڭ بىلەن يەرگە چەمبەر،منىڭ، ياكى سىنىڭ ئىسمىڭنى يىزىپ تۇرعانلىقىڭنى كۉرەتتىم.مىنى كۉرۇپلا شۇنداق تاتلىق مىيىقىڭدا كۇلەتتىڭ،دە ئالدىمعا يۇگۇرۇپ كىلىپ قوللىرىڭنى سۇناتتىڭ،نىمىشقىكىن سىنىڭ قوللىرىڭ دائىم مىنىڭكىدىن ئىسسىق ئىدى.
-بولە ئاداش قويلارنى تىزرەك باققىلى ئەچىقمىساق مەكتەپكە كىچىكىپ قالىمىز دەيتتىڭدە ھويلاڭغا قاراپ يۇگرەيتىڭ،مەن قويلارنى ھەيدەپ سىرتقا ئەچىققىنىمدا ئىككىمىزنىڭ قويلىرىمۇ بىر-بىرىگە بەدەنلىرىنى سۇركىشىپ،يالىشىپ،تىپچەكلەپ...ئويناپ كىتەتتى،ھەمدە ئۉزلىرىگە تولىمۇ تۇنۇش بولعان توقايلىققا قاراپ يۇگۇرەيتى،ئىككىمىزمۇ قوللىرىمىزغا ئېلىۋالعان چىۋىقلارنى ئوينىتىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۇگرەيتۇق....
بەك مىسىلداپ سۉزلەپ كەتكىنىمنى كەچۇر لكىن مىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلارنى ،ئاشۇ ۋاقىتلاردىكى ھەربىر ئىشلارنى قايتا ئەسلىگۇم حاتىرە بتىمگە سىڭدۇرگۇم بار مىھرى،بۇ قىسقىعىنە ھاياتىمدا مەن ئۇچۇن ئەڭ حوشاللىق ئاتا قىلعىنى دەل ئاشۇ بالىلىق دەۋرىم ،سەن،ھەم ئاشۇ ئانا سەھرا.
توقايلىقتىكى ھېلىقى كىچىك ئېقىن ئىسىڭدىمۇ؟قويلارنى ئوتلاشقا قۇيۇۋېتىپ ئىككىمىز پۇشقاقلىرىمىزنى تۇرۇپ سۇعا چۇشۇپ بېلىجان تۇتاتتۇق،سۇ چېچىشىپ ئوينايتۇق،لكىن ئەكەلگەن بلىقلىرىمىز(بىر غېرىچ)قا توشمىغاچقا ئاپام پۇشىرۇپ بېرىشكە ئۇنىماي قارا ئاسلىنىمعا بېرەتتىم،
قوللىرىمىزنى مەھكەم تۇتۇشۇپ يۇمشاق ،توپىلىق يولدا يالىڭاياق مەكتەپكە قاراپ يۇگىرەيتۇق،(ھازىر ئويلىسام نىمىدىگەن ئىللىق ،راھەتبەحىش تۇپراق ھە)؟
سىنىپ بۇيىنچە سىنىڭ ئۇقۇش نەتىجەڭ يۇقىرى ئىدى،تولىمۇ ئەستايىدىل ئۉگىنەتتىڭ،مەنمۇ ساڭا يىتىشىۋېلىش ئۇچۇن تىرىشاتتىم ،ئاحشاملىرى توعرا تام(ئوچاقنىڭ سۇپىعا تۇتىشىدىعان جايىعا سېلىنىدىعان كىچىككىنە تام)يېنىدا جىنچىراقنىڭ ئاجىز يۇرۇقىدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئۉگىنىش قىلاتتۇق.كىتاپلاردىكى ھەر-بىر دەرسلىك بىزگە ياد بۇلۇپ كەسكەن بولسىمۇ ھەر بىر قىستۇرۇلما سۉرەتلەرگىچە تەپسىلى كۉرۇپ بىر-بىرىمىزگە چۇشەندۇرەتتۇق...
سىنىڭ ئائىلە شارائىتىڭ بىزنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى،ئاتاڭ ھەربىي سەپتىن قايتقان ،مەھەللىمىزنىڭ ئامانلىق ساقلاش كادىرى،ئاناڭ شۇ ۋاقىتلارنىڭ ئۉزىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ،ئۇقۇمۇشلۇق ،حۇشچاحچاق ،شىئېر-قوشاق،ھىكايە تۇقۇشقا تولىمۇ ئۇستا ھىرىسمەن ئايال ئىدى ،كەچلىكلىرى ئۇنىڭ ھىكايە-قىسسىلىرىنى ئاڭلاش بىزگە حۇمار بۇلۇپ كەتكەن ئىدى،مەھەللىمىز ناھىيە بازىرىعا ئانچە يقىن بولمىسىمۇ ھەر بىر يىڭى كىتاپ نەشىردىن چىققىنىنى ئاڭلىعان ھامان ئاتاڭ ھارۋىسىنى قېتىپ ناھىيە بازىرىدىكى كىتاپحانىعا قاراپ ماڭاتتى ،يىڭى كىتاپنى ئەكەلگەن كۇنى ئۇيۇڭلار شۇنچە حوشال كەيپىياتقا چۇمەتتى ،ئاتاڭ،ئاناڭ،ئانام،ئۇچى تاڭ ئاتقۇچە ئۇ كىتاپنى قولعا-قولعا ئالماشتۇرۇپ ئۇقۇپ تۇگەتمىگۇچە بولدى قىلمايتتى،ئىككىمىز تاڭ سۇزۇلەي دىگەنلەردە ئىرادىمىزگە حىلاپ ھالدا ئۇحلاپ قالاتتۇق...
ھەر-بىر كىتاپ ھەققىدىكى چۇشەنچىلىرىمىزنى،ۋەقەلىك،باش قەھرىمان... دىگەنلەرنى نەچچە كۇنگىچە ئاعزى-ئاعزىمىزعا تەگمەي ،سۉزلەپ يۇرەتتۇق.
ئىسىڭدىمۇ؟شام ۋاقتى بىلەن قويلارنى ھەيدەپ مەھەللىگە يقىن كەلگىنىمىزدە كۉرۇنىدىعان،بىز تولىمۇ ياحشى كۉرىدىعان ،قاتار كەتكەن رەتلىك دەرەحلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا حۇددى بۇلۇتلاردەك تۇرۇپ قالىدىعان تۇتەكلەر؟بۇرنىمىزعا ئۇرۇلىدىعان ياعاچ ئۇتۇنىنىڭ قاڭسىق ھىدى بىلەن بىرلىشىپ پىننە سلىنعان سۇيۇقئاشلاردىن تارقاۋاتقان ئىشتىيىمىزنى عىدىقلاپ،ئاعزىمىزعا سرىق سۇ كەلتۇردىعان ئاشۇ مىززىلىك پۇراقلار....(ھازىرمۇ ئاشۇ تۇنۇش ھىد پۇرنۇمعا پۇرىماقتا).
دۇنيادا ھىچقايسىبىر مەھەللە ئاشۇ بىزنىڭ سەھرايىمىزدەك گۇزەم بولمىسا كېرەك،ھەتتا چۇشۇمدىمۇ ئەشۇ مەھەللىنى كۆرىمەن،قارا ،چوڭ يولنىڭ ئوڭ تەرىپى مۇنبەت تۇپراق ئېتىزلار،ئېتىزدىن ئۆتسەڭ،بىز خوشال-خورام چۇقىرىشىپ ئوينايدىغان،ئۆستەڭ،(ئۇ ئۆستەڭ بەكلا تۇپتۇز)،ئۆستەڭدىن ئۆتسەڭ توپىلىق سەھرا يۇلى،يول بۇيىغا قاتار كەتكەن رەتلىك سېلىنغان ھەممىسىنىڭ شاخىسى(چىۋىقلاردا تۇقۇپ ياسالغان دەرۋازا)بىرلا تەرەپكە قارايدىغان ،لاي كېسەك ئۆيلەر....
چوڭ يولنىڭ سول تەرىپى زەيكەش شال ئېتىزلىقلىرى (ئۇ يەردىكى زەي تۇپراق ھىدى ،دىلنى تولىمۇ سۆيۇندۇرىدۇ)شال ئېتىزلىرىدىن ئۆتسەك دەل بىز مال باقىدىغان توقايلىق.ئۇ يەردە بىزنىڭ نۇرغۇن نۇرغۇن ئەسلىمىلىرىمىز قالغان،ئاھ ئۇ يەردىكى يۇلغۇن چېچەكلىرى...يۇلغۇن چېچىكىنىڭ شورلۇق تۇپراق ھىدى بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن بىزگە تولىمۇ تۇنۇش مىزىلىك پۇراق...
ھېلىمۇ ئىسىمدە قىش كۇنلىرىنىڭ بىرىدە توقايلىقتا مال بېقىۋېتىپ توڭلاپ كىتىپ تېزەك تېرىپ ئوت قالاپ ئىسسىندۇق،نىمىلەرنى تالاشتۇقكىنتاڭ ئېنىق ئىسىمدە قالماپتۇ ،بىز بالىلارچە ئازارلىشىپ قالدۇق،مەن سېنى ئوتۇمدىن ئىسسىنغىلى قويمۇدۇم،سەن قېيىداپ قۇپۇپ يەنە بىر يەرگە ئوت قالىدىڭ،نىمىدىگەن كۇلكىلىك ھە؟ئىككىمىز ئىككى يەردە ئوتسىنىپ ئولتۇرۇپ تاكى ئۆيگە قايتقۇچە گەپلەشمىدۇق،ئەتىسى ئەتتىگەندە يولغا چىقسام سەن يوق،ماللارنى ھەيدەپ توقايلىققا بارغۇچە سىنىڭ ئاشۇ يەردە بۇلۇپ قېلىشىڭنى تولىمۇ ئۇمىد قىلدىم،چۇقۇم ئالدىڭغا يۇگۇرۇپ بېرىپ ئىسسىق قۇلۇڭنى تۇتساملا ھەممە كۆڭۇلسىزلىكنىڭ ئۇتۇپ كىتىدىغىنىغا ئىشىنەتتىم .شاللىقتىن ئۇتۇشۇمگە توقايلىق تەرەپتىن توپىلارنى تۇزۇتۇپ يۇگۇرەپ كىلىۋاتقىنىڭنى كۆرۇپ يۇرۇكۇم تېپچەكلەپ كەتتى.مەنمۇ ساڭا قاراپ يۇگۇردۇم ،ئۇچراشتۇقيۇ يۇزلىرىمىز بىلىنەر بىلىنمەس قىزىرىپ كەتتى،سەن بۇ ئوڭايسىزلىقتىن مىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن گەپنى باشقا ياققا بۇراپ(تاپشۇرۇقنى ئىشلىيەلىدىڭمۇ)؟دەپ سورىدىڭ(ھەئە سەنچۇ؟)دەپ جاۋاپ بېرىۋېتىپ ئۆزۇمنى شۇنداق يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم....بۇنداق سۆزلەپ كەلسەم بۇ خاتىرەم تۇشۇپ كەتكۇدەك سەنمۇ ئۇقۇپ بۇلالماي قالغۇدەكسەن،ئازراق قىسقارتىپ سۆزلەشكە تىرىشاي ھە؟
مانا بىز باشلانغۇچنى پۇتتۇردۇق،مەكتەپ قوراسىدىن چىقىپ بۇلاي دىگەندە كەينىمگە ئۆرۇلۇپ قارىسام نۇرغۇن ئەسلىمىلەر قالغان سىنىپلار،بىزگە مۇڭلىنىپ قاراۋاتقاندەك بىلىندى.
ئاشۇ باشلانغۇچنى پۇتتۇرۇش بىلەن ھاياتىمىزدىكى چوڭ تاللاشلارغا دۇچ كەلدۇق،ئاپام سىڭلىم ئىككىمىزنى ئېلىپ ئۇرۇمچىدىكى ئاكامنىڭ تەكلىپى بىلەن كۆچۇپ كەتمەكچى بولدۇق،ماڭىدىغان كۇنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى مەھەللىمىزدىكىلەرنى چاقىرىپ نەزىر بەردۇق،سەن يۇگۇرۇپ يۇرۇپ ياردەملىشىۋاتاتتىڭ،كۆزۇڭ پات-پات ماڭا مەيۇس باقاتتى،خۇدىى ماڭا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىڭ باردەك ئەمما ئېيتالمايدىغاندەكلا بىلىنەتتى.كۆزۇڭدە ۋەھىمە،ئەندىشە تۇسىنى ئالغان بىر ئەندىكىش قېتىپ قالغاندەك ،خۇددى مىنى ئۇزۇن كۆرمىگەن يېقىنىڭنى كۆرىۋاتقاندەك ئۇزۇندىن ئۇزۇن تىكىلىپ قارايتىڭ.
مەن تىپ-تىنىچ ،گۇزەل سەھرا بىلەن خوشلاشتىم،كىچىككىنە قەلبىمدە نە خوشال بۇلۇشنى نە ئازاپلىنىشنى بىلمەيتىم،سەبىلىكىمدە مىنى نىمىلەرنىڭ ئۇزۇتۇپ نىمىلەرنىڭ كۇتۇپ تۇرغىنىنىمۇ بىلەلمىگەن ئىدىم.
مىھرى، بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن مىنىڭ بىردىن بىر خوشاللىقىم سەندىن كەلگەن،ئازۇت خالتىسىدىن كىسىۋېلىنغان قەغەزلەرگە يىزىلغان خەتلىرىڭلا بۇلۇپ قالدى...
يىڭى مۇھىت،يىڭى مۇئەللىم،يىڭى ساۋاقداشلار.....ئىشقىلىپ مەن پەقەتلا كۆنەلمىدىم مىھرى.سىنىپتا ھەممە ساۋاقداش مەسخىرلىك كۇلۇپ مىنى سۇغا چۇشكەن مۇشۇكتەكلا بىر بۇلۇڭغا بېرىپ شۇمشىيىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلايتى،يۇتكەن ياكى خاتا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئارتىلىپلا قا؛لاتتى ،مېڭىش-تۇرۇش،كىيىم-كېچەك،سۆز-ھەركەت،كۇچلۇك يەرلىك شىۋىدا سۆزلىشىمدىن ئۇلار ھەردەم قۇسۇر چىقىرىپ مىنى مازاق قىلاتتى.
شۇ پەيتلەردە ئاشۇ سەھرادىكى مىرىبان كۇيۇمچان،مۇئەللىملىرىمنى،ساددا-سەمىمى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مىنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ چۇۋرلاشلىرىنى ،سىنىڭ غەمخورلۇقلىرىڭنى ،مەكتەپتىن قايتقاندا ئۆي-ئۆيدىن چىقىپ بىزنى ئەركىلىتىپ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ كىتىدىغان تۇنۇش چىرايلارنى شۇنچە سېغىناتتىم.توقايلىقلاردىكى تولىمۇ ئاددى لېكىن قاراڭغۇ چۇشكىنىنىمۇ سەزمەي ئويناپ كىتىدىغان ئۇيۇنلىرىمىزنى ئۆكۇنۇش ئىچىدە ئەسلەيتتىم.مەيۇس چىرايىمدا شۇندىلا كۇلكە جىلۋىلىنىپ قالاتتى.ھېلىقى مەكتەپ قوراسىدىكى ماشىنا چاقىنىڭ كېرەكسىز تۆمۇرىدىن ياسالغان ئىككىمىز نۆۋەتلىشىپ ئۇرۇپ ساۋاقداشلارنى يىغىدىغان (جاڭ)ئىسىڭدىمۇ؟بۇ يەردە ئۇنداق نەرسە يوقكەن،ھەر بىر سىنىپ ،مەكتەپ قوراسىدا تامغا ئورنىتىۋىتىلگەن قوڭغۇراق باركەن ،ئۇنى مۇئەللىملەر ئىشخانىدا ئولتۇرۇپلا چالىدىكەن...مەكتەپتىن قايتقاندا ھەممە ساۋاقداشلىرىم بىللە چۇۋۇرلىشىپ ماڭىدۇ،پەقەت مەنلا يالغۇز ئۇلارنىڭ كەينىدىن خۇددى سەۋەنلىك ئۆتكۇزۇپ قويغان ئادەمدەك بېشىمنى تۆۋەن ساڭگىلىتىپ ماڭىمەن....
بارا-بارا بۇ يىڭى مۇھىتقا كۆندۇم.لېكىن ھەركۇنى كەچتە ئاپامغا ئاشۇ سەھراغا قايتىشنى تەكىتلەپ،بەزىدە كۆزلىرىم ياش يۇقى ئۇخلاپ قالىمەن.
مىھرى،ۋاقىت ھەممىگە شۇنداق قادىر ئىكەنكى ئۇ ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن،كۆندۇرىدىكەن،ئۇنتۇلدۇرالايدىكەن،لېكىن ئاشۇ بالىلىقىم ئۆتكەن سەھرادىكى بارلىقىمنى پەقەتلا ئاچچىق سېغىنىشىم بىلەنلا ساخلاپ كەلدىم.ھېلىقى بەشىمىز بىر مودىن يىغىش قىلىپ چۇشكەن كىچىككىنە رەڭسىز سۆرەت ھازىرغىچە ياستۇقۇمنىڭ ئاستىدا،ھەر كۇنى سىلەرنىڭ چىرايىڭلارنى ئۇتۇلۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تاكى كۆزۇم ئۇيقۇغا كەتكۇچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارايمەن.
تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقىنىمدا سەندىن كەلگەن خەت مىنى تولىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى،
(ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،گۇلشەن،ياخشى تۇرۋاتامسەن؟ئاپاڭ،سىڭلىڭ ۋە ئاكاڭ ،يەڭگەڭ سالامەتمۇ؟ئۇقۇشۇڭ ئۇتۇقلۇق.كۇنلىرىڭ خوشال-مەنىلىك ئۇتىۋاتقاندۇر بەلكىم؟گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم ئاداش.سەن كەتمەكچى بولغاندا مەن رەھىمسىز تەغدىردىن تولىمۇ ئاغرىنغان ئىدىم،لېكىن ھازىر سىنىڭ كەتكىنىڭدىن تولىمۇ سۇيۇنىۋاتىمەن،بۇنداق دىسەم ھەيران قالمىغىن،ئاداش سەن ئۇقۇش پۇرسىتىگە بولسىمۇ ئېرىشتىڭ،مەنچۇ؟مەن باشلانغۇچنى پۇتتۇرۇپلا ئويدە ئانامغا ياردەملىشىپ كەلگۇسىدە لاياقەتلىك ئائىلە ئايالى بۇلۇشنى ئۆگەندىم.
سەن بىلەن كەلگۇسى ھەققىدە قىلىشقان گۇزەل-ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ،خام خىيال ھالىتىدە كۆپۇككە ئايلاندى گۇلشەن.ساڭا ئۇدۇللا دەۋېرەي ئادىشىم مەن توي قىلماقچى ۋاقىتمۇ بېكىتىلىپ بولدى،كىلەر ئاينىڭ 8-كۇنى.مەن كەلگۇسىدىكى ئۆمۇرلۇك ھەمرايىمنى قىلچىلىك چۇشەنمەيمەن،ھەراست سەن ئۇنى تۇنۇيسەن،ئۇ بىزدىن بىر سىنىپ يۇقىرى ئوقىغان،بىز ساۋاق ئالغان داۋۇت موللامنىڭ ئوغلى سەمەت.مىنى نىمىلەر كۇتۇپ تۇرىدۇ بىلمەيمەن،كاللام قۇپ-قۇرۇق،كەلگۇسۇم قاراڭغۇ.جېنىم ئاداش چۇقۇم ئۈلگۇرۇپ كەل !ماڭا قولداش بۇلۇش ئۇچۇن 10 يىل ئاۋاللا ۋەدە بەرگىنىڭ ئىسىڭدىدۇ؟مەن سىنى تۆت كۆزۇم بىلەن كۇتىمەن.....)
شۇنداق دوستۇم نۇرغۇن ئارزۇلىرىمىز ئارمان پېتى ئۆتمۇشكە ئايلاندى ،تەغدىرنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى.مەن تۇيىڭغىمۇ بارالمىدىم،قانچىلىك ئۇمۇتسىزلىنىپ،ئاغرىنغىنىڭنى،ھەتتا توي كۇنىڭمۇ يۇلۇمغا قاراپ كۆزۇڭ تىشىلەي دىگىنىنى مەن بىلىمەن.ھىس قىلالايمەن.
رەھىمسىز رىئاللىق،تۇرمۇش مۇساپىسى بىزنى يىراق-يىراقلارغا ئايرىۋەتتى.سەن توي قىلغاندىن كىيىن بۇرۇنقىدەك كۆپ خەتلەرنىمۇ يازمىدىڭ،پەقەت چوڭ-چوڭ ئىشلار بولغاندا يازغان ئەمما ئەۋەتمىگەن خەتلىرىڭنى بىراقلا يوللايتىڭ.خەتلىرىڭنى تولا قايتا-قايتا ئۇقۇپ ماڭا يادا بۇلۇپ كىتەتتى.....
نۇرغۇن يىللار ئۆتتى مەنمۇ مەكتەپ ھاياتىم بىلەن خوشلىشىپ خىزمەتكە چىقتىم.ھەر-بىر ئىنسان ئېرىشىشكە تىگىشلىك مۇھەببەت ئاخىر مىنىڭ ئىشىكىمنىمۇ چەكتى.
مۇھەببەت شۇنداق ئۇلۇغ بىر تىلسىم ئىكەنكى مىھرى تىل بىلەن تەسۋېرلەشكىمۇ ئاجىزلىق قىلىدىكەن كىشى.ئۇنىڭ قوينىدا ئۆزۇڭنى شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىلىپ،ئۇنىڭسىز ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىكەنسەن.ھاياتىم قايتىدىن نۇرلىنىپ،چېھرىمگە كۇلكە تەبەسسۇم،يۇگۇرۇپ،ئۆزۇمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قىز دەپ ھىس قىلاتتىم.ئۇنى ھەر-بىر ئۇچراتقىنىمدا يۇرىكىم ئەنسىز دۇپۇلدەپ،تىنىقىم يىتىشمەي،ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالاتتىم،ئۇنىڭغا دىيىش ئۇچۇن تەييارلاپ قويغان گەپ-سۆزلىرىم نەلەرگىدۇر بىراقلا غايىپ بۇلۇپ كاللام قۇپ-قۇرۇق بۇلۇپ قالاتتى.قىيالمىغان ھالدا خوشلىشىپ ئۆيگە قايتقىنىمدا نۇرغۇن گەپلىرىمنى دىيەلمىگەنلىگىم،دىگەنلىرىمنىمۇ چالا قالغانلىقى ئۇچۇن ئۆزۇمنى ئەيىپلەيتىم،پۇشايمان قىلاتتىم...
ئۇلۇغ اللاھ ئىگەم ئىككىمىزنىڭ رىزقىنى بىر قىلىپ بىر كىچىككىنە ئائىلىگە ئېرىشىپ ھاياتىمىزغا نۇر بەرگۇچى مۇھەببىتىمىزنىڭ تۇرتكىسىدە بەخىتلىك ياشىماقتىمىز،اللاھ ئىگەمنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىر ئوغۇل بىر قىزغا ئاتا-ئانا بۇلۇشقا مۇيەسسەر بولدۇق.
مىھرى ئايرىلغىنىمىزغا شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ يۇرتقا بولغان كۇچلۇك سېغىنىشىم بارغانسىرى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان گۇلخانغا ئايلاندى ،چۇشۇمدىمۇ ئاشۇ توپىلىق يولنى ،ئېتىز-قىرلارنى،توقايلىقلارنى...چۇشەيمەن،ئاخىرى بىر قاراغا كىلىپ خىزمىتىمدىن 15 كۇنلۇك رۇخسەت سوراپ ئىككى بالامنى ئېلىپ يولغا چىقتىم ،ئاھ ئۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن دوستۇم!خۇددى ئۆز ئانىسىدىن ئايرىلغان يىتىملىكنىڭ دەردىنى يەتكۇچە تارتقان قەپەزدىكى قۇش ئەركىنلىككە ئېرىشكەندەك پۇتۇن جىسمىم تىترەيتتى،تاتلىق ئارزۇ-ئۇمىد،خوشاللىقلار قۇچىقىنى ئېچىپ مىنى باغاش ئىتىشكە تەييار تۇرغاندەك...ئۇزۇمنى شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم،تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي ئەتتىگەندىلا يۇرتۇمنىڭ ئاشۇ تۇنۇش ،سۇيۇملۇك تۇپرىقىغا قەدەم باسىدىغىمدىن چەكسىز ئىپتىخاردا سۇيۇنۇپ ئۆزۇم بىلەن ئۆزۇمچە كۇلەتتىم،پىچىرلايتتىم...
مانا ئاپتۇۋۇزدىن چۇشتۇم!پۇتۇن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى،پۇتۇم ئانا تۇپراققا تىگىشى ھامان ھېلىقى تۇنۇش ھىد بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى...خۇددى سۇدىن ئايرىلغان بېلىق قايتىدىن سۇغا سېلىنغاندا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ توختىماي سۇنى سۇمۇرگىنىگە ئوخشاش،پۇتۇن كۇچۇم بىلەن خۇددى بۇ ھاۋانىڭ ھەممىنى شۇمۇرىۋالماقچى بولغاندەك نەپەس ئالدىم،مەستخۇش بولدۇم.كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ كەتتى...
كەلگىنىمنى ئاڭلاپ كۆرۇشكىلى كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنىڭ ئايىقى ئۇزۇلمەيتى،ئۇرۇق-تۇققان،خۇلۇم-خوشنا،مەھەللىدىكىلەر.....كۆپچىلىك ئىچىدىن سىنى توختىماي ئىزدەيتىم لېكىن سەن قېرىشقاندەك كۆرۇنمەيتىڭ.
كەچتە ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۇزۇلىشى كىچىك ئاپامدىن سىنى سورىدىم.ئاندىن بىلدىمكى سەن يېزا بازىرىغا كۆچۇپ كىتىپ يولدىشىڭ بىلەن تىجارەت قىلىۋېتىپسەن،ئەتىسى سىنى ئىزدەپ بېرىشنى قارار قىلىپ يېتىپ قالدىم.
سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا سىرتقا چىقىپ ھەممە يەرگە تويماي قارىدىم،ھەممە شۇ قەدەر يېقىملىق ئىدى ،ئۆستەڭدە پولتوڭلاپ ئۇزۇشۇپ ئويناۋاتقان بالىلار،تۇنۇش مەھەللە يوللىرى،تۇنۇش ھىد....ئايىقىمنى سېلىۋېتىپ يۇمشاق،قىززىق توپىغا دەسسىگىنىمدە شۇنداق بىر ئىللىق تۇيغۇغا چۆمۇلۇپلا كەتتىم.
مىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغىنى چۇشلىرىمدىن چىقمايدىغان يۇلغۇن چېچەكلىرىگە تولغان توقايلىقنىڭ تۆمۇر يول ياساش سەۋەپلىك قەلبىمدە ساقلىنىپ قالغان ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تەسەۋۋۇرۇمدىن ھالقىپ كەتكىنى بولدى..مەن ئۇ يەرنىڭ مەڭگۈ ئۆز پېتىنى ساقلاپ قېلىشىنى تولىمۇ ئۇمىد قىلاتتىم،ئەپسۇس...بەكلا ئۇمۇتسىزلەندىم،ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىلەردىن بىرىنى يۇتتۇرۇپ قويغاندەك ئازاپلاندىم.لېكىن مىنى خوشال قىلغىنى ئاشۇ توپىلىق سەھرا يولى ھەم قاتار سېلىنغان ئۆيلەر بولدى ،بەزى داۋزىلار ياغاچ،تۇمۇر..چوڭ دەرۋازىلارغا ئايلانغان،خام كېسەك ئۆيلەر پىششىق خىشلاردىن قايتا سېلىنغان بولسىمۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئۇسلۇبىنى ساقلىغان ھالەتتە تۇرۇپتۇ،يەنىلا شۇ ئىتلارنىڭ ھاۋشىشلىرى،كەپتەرلەرنىڭ ئۈنلەشلىرى،بالىلارنىڭ قىقاس-چۇقانلىرى مەھەللىنىڭ بېشىدىكى چوڭلار يىغىلىپ،چوڭ-چوڭ ئىشلاردىن بىر-بىرىگە خەۋەر يەتكۈزىدىغان ياغاچ كۆۋرۈك...ھەممىگە تويماي قارىماقتىمەن،ئاھ سۆيۇملۇك سەھرا!ئانا ماكانىم بىلدىڭمۇ؟مەن قايتىپ كەلدىم،مىنى تۇنىغانسەنمۇ؟ئىللىق قۇچىقىڭغا يەنە بىر تامچە سۇ،بىر ئۇچۇم تۇپراقتەك سىڭدۈرەرسەنمۇ؟كىندىك قېنىم ساڭا تۆكۇلگەن،تۇنجى يىغا ئاۋازىم سىنىڭ قوينۇڭغا سىڭىپ كەتكەن،تۇنجى قېتىم كۆزۇمنى ئاچقىنىمداساڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە تويماي قارىغان، بالىلىقتىكى نۇرغۇن سەبى خىياللىرىم سىنىڭ قوينۇڭدا قاناتلانغان،سىنىڭ قوينۇڭدىن مەھرۈم بولغاندىن كىيىن ھەر-بىر دەقىقەم سىنى سېغىنىش بىلەن،ھەر-بىر كېچە سىنى چۇشەش بىلەن ئۆتكەن.ۋەسلىڭگە زارىقىش بىلەن لەختە بولغان جىسمىمنى ئىللىق تۇپرىقىڭنى باغاش ئىتىپ بۇ دۈنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋىسالدىن بەھىرلەندۈرمەكتىمەن!
دوستۇم بېشىڭنى كۆتۇرسەڭچۇ؟نىمىشقا كۆزلىرىڭنى مەندىن ئېلىپ قاچىسەن؟نىمىشقا بىر يۇچۇن ئادەمگە ھېيىقىش،ئۇيۇلۇش ...ئىچىدە قارىغاندەك ئەندىكىپ،قورۇنۈپ قارايسەن؟مەن سىنىڭ سەبىيلىكىڭدىكى ئەڭ سەمىمى دوستۇڭ!سىنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بەلكىم تەسەۋۋۇر قىلالماسسەن؟لېكىن مەن سىنى ھەقىقەتەن سېغىندىم!يۇرىكىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى تىل بىلەن تەسۋېرلىگۇسىز ۋىسال شاتلىقىدىن يۇرىكىم يېرىلىپ كىتەيلا دەۋاتىدۇ.ساڭا تىكىلىپ،تەلمۈرۈپ قارىماقتىمەن،يۇزۇڭگە چۇشكەن ۋاقىتسىز قورۇقلار،ئۆزيېشىڭدىن ئوننەچچە ياش چوڭ كۆرسىتىپ تۇرغان يوغان ياغلىق،ئۇزۇن كۆينەك،نۇرسىز كۆزلەر،نۇرغۇنلىغان دەرت-ئازاپلاردىن مۇكچەيگەن جىسمىڭ،سۇلغۇن چىرايىڭ....ماڭا ھەممىنى ئۈنسىز ئېيتىپ بەرمەكتە...
قوللىرىڭنى تۇتقىنىمدا جىسمىڭنىڭ يىنىڭ تىترەپ،كالپۇكلىرىڭ ئۈمچىيىپ،كۆزلىرىڭدىن شەبنەم تامچىسىدەك ياشلار تۆكۇلگىنىدە يۇرىكىم ئېچىشماقتا!مىنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل قىز سىنى قايتا باغرىمغا باستىم!ئاھ مىنىڭ بالىلقىم،بالىلىقىمدىكى ئەڭ سەمىمى،غەرەرسىز پاك دوستلۇقۇم!مىنى قۇيۇۋەتمىگىن،قانغۇچە قۇچاقلىۋالاي،كۆز-ياشلىرىڭنى سۈرمە ئىتىپ كۆزلىرىمگە سۇركىۋالاي!ئازاپلىرىڭغا ئورتاقلىشاي!قايغۇلىرىڭغا يىغلاپ ،خوشاللىقلىرىڭغا ئورتاق كۈلەي!قارا ئۇ سىنىڭ قىزىڭمۇ؟ياق،ياق جاۋاپ بېرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق دوستۇم ،ئۇنىڭ قاپ-قارا كۆزلىرىدىن،يۇمىلاق يۇزلىرىدىن،مىيىقىدا پىسسىڭڭىدە كۈلۈشلىرىدىن سىنىڭ ئاشۇ توقايلىقتا قەلبىمگە سىڭدۈرىۋەتكەن سىمايىڭ جۇلالىنىپ تۇرماقتا!گەرچە 3بالىنىڭ ئانىسى بولغان بولساڭمۇ،مىنىڭ نەزىرىمدە سەن يەنىلا ئاشۇ سەبى،سەمىمى ،شەرمىي-ھايالىق،مىھرىڭ ئىللىق...سەھرا قىزى!كەل قۇلۇڭنى بەر!ھاياتىمىزنىڭ كىيىنكى قىسمىنى بىللە ئۆتكۈزەيلى،بالىلىرىمىزنىڭ غېمىنى تەڭ يەپ،نەۋرىلىرىمىزنى بىللە ئەركىلىتەيلى!تۇگىمەس ،قىزغىن پاراڭلىرىمىز يەنە داۋام ئەتسۇن!ئەپسۇس،ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىلا قالغانلىقىنى،ئەزىز،ئانا سەھرا بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلاشقىلى كەلگىنىمنى،سىنىڭ مىھىرلىك قۇچىقىڭدا جان بېرىشنى ئۇمىد قىلىپ باغرىڭغا ئۆزۇمنى ئاتقىنىمنى بىلگىنىڭدە بەرداشلىق بېرەلەرسەنمۇ؟شۇنداق ئادەم ھەممىگە كۆنىدۇ،تەغدىرگە باش ئىگىدۇ،سەنمۇ،مەنمۇ ھەم شۇنداق!
ساڭا ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:مەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقىنىمدا مىنى ئۆز قۇلۇڭ بىلەن يۇيۇپ-تاراپ،كېپەنگە ئال!تۇپراق بېشىمغا ھەر بارغىنىڭدا توقايلىقتىكى يۇلغۇن چېچەكلىرىدىن ئالغاچ بېرىشنى ئۇنۇتما!ئەپسۇس،يۇلغۇن چېچىكىنىڭ شورلۇق تۇپراق بىلەن بىرلىشىپ چىقارغان ،بىر ئۆمۈر دىمىقىمدىن كەتمىگەن ئاشۇ ئۆزۇملا ھىس قىلالايدىغان پۇرىقىنى قايتا پۇرىيالمىساممۇ......

2008.1.7
ohxax.cn
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-07 16:29 | [باش تېما]
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 7
يازما سانى: 1745
شۆھرەت: 2061 نۇمۇر
پۇل: 17637 سوم
تۆھپە: 515 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:914(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-04
ئاخىرقى:2008-03-11

سائادەت ،تۈنۈگۈن سىڭلىڭىزنى تېپىۋالغان ئىدىڭىز بۈگۈن بالىلىقتىكى سەبى كۈلكىلەرگە تۇيۇنۇپ بىرگە چوڭ بولغان دوستىڭىزنى تېپىۋالدىڭىز . ھايتنىڭ دوقمۇشلىرى بىزنى بىردە شاتلىققا بىردە قايغۇغا ئۇلاشتۇردۇ. مەيلى قايسىلا قىسمەت بولغاي بىزنىڭ سەھەردە كۆزىمىزنى ئېچىپ تاڭ نۇرىنى كۆرەلىگىنىمىزنىڭ ئۈزى بەخت ئىكەن. سىزگە كۆپ رەھمەت دوستۇم ،ھايات مۇساپىڭىزدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلار بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا.
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-07 16:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
ئىشەنچ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

مەزھەپ:دالانكارىز دالانكارىز
بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1109
شۆھرەت: 1120 نۇمۇر
پۇل: 11090 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:399(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-08
ئاخىرقى:2008-03-14

قۇيۇق يېزا مەنزىرسى ئەكىس ئەتكەن ھەم دوستلار ئوتتۇرسىدىكى چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت سىموۋۇل قىلىنغان ئەسەر ئىكەن.
ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ ئاشۇ مەن توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا سەھرايىمنى ،ئوقۇتقۇچى - ئوستازلىرىمنى ھەم دوستلىرىمنى تولىمۇ سېغىندىم.
بولۇپمۇ ، ئانا سەھرايىمنى تولىمۇ سېغىندىم. ،،،،،،،،،،،،،،،،سەھرانىڭ مەنزىرسى ھەقىقەتەن ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ. يوللانمىڭىزغا رەخمەت


ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر.

يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-07 16:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
shaherzat

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 212
شۆھرەت: 213 نۇمۇر
پۇل: 1985 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:296(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-28
ئاخىرقى:2008-03-14

يوللانمىڭىزغا رەخمەت
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-07 17:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
mehrigiya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1155
شۆھرەت: 1275 نۇمۇر
پۇل: 11620 سوم
تۆھپە: 172 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:522(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-12
ئاخىرقى:2008-03-12

مېنى بالىلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ ، دوستلۇقنىڭ قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتقىنىڭىزغا تەشەككۈر سائادەت .
« كۆپ دوستنىڭ تېنىدە جېنى بىر بولۇر ،
جۇدا بولۇشمايدۇ ئۆلۈم كەلسە گەر .
بىرىنىڭ بېشىغا كەلسە بىر بالا ،
جاننى پىدا قىلۇر دوستىغا شۇ دەم .»
ohxax.cn
بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-07 17:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
sabiha
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

مەزھەپ:bbs.xabnam bbs.xabnam
بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 586
شۆھرەت: 671 نۇمۇر
پۇل: 5891 سوم
تۆھپە: 43 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:238(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-02-19
ئاخىرقى:2008-03-14

سائادەت سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇپ مەنمۇ بالىلىقتىكى ۋاختىمغا قايتقاندەك بولدۇم شۇنداقلا شۇ يۇرتۇمدىكى دوسلىرىم كۆز ئالدىمغا بىر بىرلەپ كىلىپ ئىچىم بىرخىل سېغىنىش تۇيغۇسىدا ئۆرتەنمەكتە،ئۇ ۋاقىتلار نىم دىگەن گۈزەل غەم قايغۇسىز خاتىرجەم
ۋاقىتلاار ئىدى، مانا ئەمدى چوڭ بولدۇق، كۈنلىرىمىز ئالدىراشلىق ئىچىدە ئوتۇپ كىتىۋاتقان بۇ پەيىتتە سىز بىزنى بۇ ئەسىرىڭىز ئارقىلىق شۇ گۇدەك ۋاخلاردىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلىتىپ ئوتىڭىز ،رەھمەت ئەزىزىم
كۈلۇپ ياشايمەن,
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-07 17:22 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
aykozam

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 40
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 400 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:35(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-14
ئاخىرقى:2008-02-01

نىمدىگەن تەسىرلىك ھىكايە بۇ،كۆزياشلىرىم قارچۇقىمدا لىغىرلاپ قالدى.
؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-07 18:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
guide

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 29
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-07
ئاخىرقى:2008-02-05

ھەقىقىبىر   دوسقا يىتىدىغان بىر نەرسە يوقمىكىن بۇ جاھاندا
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-07 20:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
saadat
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 2065
شۆھرەت: 2217 نۇمۇر
پۇل: 20710 سوم
تۆھپە: 164 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1084(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-27
ئاخىرقى:2008-03-12

تورداشلارنى شۇنچىلىك ھاياجانلاندۇرالىغىنىمدىن تولىمۇ ئىپتىخارلىق ھىس قىلدىم،رەھمەت ئەزىزلەر!
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-10 02:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
hilale
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 355
شۆھرەت: 421 نۇمۇر
پۇل: 3137 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:106(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-30
ئاخىرقى:2008-03-14

بۇئەسىرىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈنۈش بىلەن بىرگە يىزا ھاياتىنىڭ قاينام تاشقىنلىقىنى شۇنداق سېغىندىم،ئاللا قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن ئەزىز...
سۇمۇرۇغ مېنى جاۋاھىرلار غارىغا ئېلىپ كىردى، قولۇمغا «جاھاننامە» ئەينىكىنى ئالدىم،كۆزۈمگە قىزىل يۇلغۇنلۇق يولدا مەرۋايىتتەك تىزىلىپ كېتىۋاتقان تۆگە كارۋىنى كۆرۈندى...
                                                                              ___«جاھاننامە»
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-10 14:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
yurtumm

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 291
شۆھرەت: 302 نۇمۇر
پۇل: 2830 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:251(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-29
ئاخىرقى:2008-03-13

نەچچە رەت تۇيغۇلىرىمنى ئەۋەتىشكە تىرىشساممۇ [تور يولىدىن چىققان چاتاق]تۇپەيلىدىن قىلالمىدىم.[
خۇددى مىنى تازا يىغلىۋالسۇن دىمەكچى بولغاندەك شۇنچىلىك تەسىرلەندىم.خۇددى ئاشۇ ئانا دىيارىمىزنى بېرىپ زىيارەت قىلغاندەكلا بۇپ قالدىم .سالامەت بۇلۇڭ گۇلۇم ...قەلىمىڭىزگە [ئىلھامىڭىزغا ]ھەيرانمەن
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
مۇستەقىل پىكىر قىلالمىغان ھەم قىلالمايدىغان ئادەم ئوزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنىمۇ ھىس قىلالمايدۇ.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-10 22:22 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
tulparr

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 199
شۆھرەت: 200 نۇمۇر
پۇل: 1990 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-06
ئاخىرقى:2008-03-14

بۇرەك كۇچۇرۇش  ئۇپىراتىسىيىسىگە  گىرىپىتا  بۇلىغانىلارىغا <<ئۇز  بۇرىكىمنى>.>  تەخىتىم  قىلىمەن    قان  تىپىم  <<ئا>>قالايىمىقان  ئىنىكاس  يازىماڭ                            چ چ 274291214

                  تىلىفۇن:  13999470791 
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-14 07:24 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت


 

Time now is:03-14 15:27, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation