بۇرۇندا بىر يۇرۇتتا بىر پادىشا ئۇچ ئادەمنى ئۇلۇمگە ھۇكۇم قىپتۇ،بۇ گۇنا كارلارنىڭ ئىگىسى 35ياشلىق بىر ئايال بۇلۇپ،بۇئۇلۇمگە بۇرۇلغان بۇ ئۇچ گۇناكارنىڭ بىرسنىڭ ئىرى،يەنە بىرسى ئوغلى،يەنە بىرسى بىر تۇققان ئىنىسى ئىكەن،بەلگىلمە بۇيۇنچە پادىشا بۇئايالنى ھۇكۇم نامىگە قول قۇيۇشقا چاقىرتىپتۇ،ئايال ئالدى بىلەن ئىرىنىڭكىگە قول قۇيۇپتۇ،ئاندىن ئوغلىنىڭكىگە قول قۇيۇپتۇ،بىراق بىر تۇققان ئىنىسىنىڭكىگە كەلگەندە قوللىرى تىترەپ ھاسىراپ ۋاقىراپ يىغلاپ قەتتى قول قويغۇلى ئۇنىماپتۇ،بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۇزى بىلەن كۆرگەن پادىشا ئايالغا قاراپ؛
سەن نىمە ئۇچۇن ئىرىڭ بىلەن بالاڭنىڭ ئۇلۇشىگە رازى بۇلۇپ قول قۇيىسە نۇ،ئنىڭگە كەلگەندە بۇنچە يىغلاپ كىتىسەن؟____دەپ سۇراپتۇ،ئەي پادىشايى ئالەم مىنىڭ بۇنداق قىلىشىم مەن تىخى بەك قىرىپ كەتمىدىم باشقا ئەرگە تەگسەم بۇلا دىدىم، ئوغلۇمغا كەلسەك ئازاپلانغان بولساممۇ قايتا -توي قىغاندىن كىيىن ئۇغۇلدىن بىرنى تۇغسام ئورننى باسار دەپ ئۇزەمگە تەسەللى بەردىم،ئوغلۇمنىڭ ئۇلۇمىگە رازى بۇلىشۇم نائىلاجلىقتىن بولدى.ئەمدى بىر تۇققان ئىنىمگە كەلسەك قورقۇشۇمدىكى سەۋەپ دادام -بىلەن ئانام ئۇلۇپ كەتكەن قىرىندىشىمنى تاپماق قۇلۇمدىن كەلمەيدىكەن،شۇڭا يىغلاپ پەرياد چەكتىم ئىنىمدىن ئايرىلىپ قالسام بۇ دۇنيادا مىنىڭ بىرمۇ تۇققۇنۇم قالمايدىكەن شۇڭا قول قۇيغۇشقا قۇلۇم بارمىدى____دەپ يىغلاپ كىتىپتۇ.بۇ گەپلەر پادىشاغا قاتتىق تەسىر قىپتۇدە بۇ ئۇچ گۇناكارنى ئۇلۇمدىن ئازات قىلىپ قۇيۇپ بىرىپتۇ، مەيداندا تۇرغان خەلىق بۇ ئايالنىڭ سۆزىدىن تەسىرلىنىپ يىغلىشىپ كىتىپتۇ،
[ بۇ يازما zarrauqkuni تەرپىدىن 2008-01-12 02:33 دە ]