>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> نەسىر-ئوبزورلار -> [ئالپامىش]ئەي ئۇلۇغ خورەك!

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 332 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : [ئالپامىش]ئەي ئۇلۇغ خورەك! IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Alpamish
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 219
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 2363 سوم
تۆھپە: 234 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:255(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
[ئالپامىش]ئەي ئۇلۇغ خورەك!



خورەك توغرۇلۇق بىر غەيۋەت قىلغۇم كىلىپ قالدى،بۇنى غەيۋەت ئەمەس سۈپەت دىسەم قانداقكىن؟!..
خورەكنىڭ قانچىلىك يىرگىنىشلىك ئىكەنلىگىنى،بۇ خورەكنى بىرخىل يىقىملىق ئاھاڭغا سىلىپ بار كۈچى بىلەن،ئاغزى بۇرنىغا تەگمەي تارتىۋاتقان ئادەم بىلمىسە كىرەك..
ئۇ شۇنچىلىك رەھىمسىز ئىكەنكى،پەقەت سىزگىلا تەئەللۇق بولغان تاتلىق ئۇيقىڭىزنى تارتىۋىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرىنىدۇ دە،ئاخىرى غەلىبە قىلىدۇ.سىزچۇ ؟.. تاكى تاڭ ئىتىپ مۇبارەك خورەك خۇمارىدىن بىسىققۇچە ئۇنىڭ مىلودىيىسىگە نەپرەتلىنىپ ئولتۇرىسىز..
ئۇ شۇنچىلىك شەخسىيەتچى ئىكەنكى،ئۆزەمنىڭلا بولسا بولدى ئۆزگە بىلەن نىمە چاتىقىم ئىڭىدە ياشايدۇ..
ئۇ شۇنچىلىك زومىگەركى،ئۆزىگە دۇشمەن بولغان قورالسىز ئۇيقىلار (خورەكسىز ئۇيقىلار ) بىلەن قىلچە كارى يوق،تاكى ئۆزى پۇخادىن چىققۇچە توۋلىۋىلىپ ئاندىن ئەتىكى ''سەنەت كىچىلىكىگە''تەييارلىق قىلىدۇ..
ئۇ شۇنچىلىك بىزەڭكى،تاكى سىز خورەك ئىگىسىنى تۈرتۇپ-تۈرتۇپ ئويغۇتۇپ بۇرۇن،ئېغىز سازىدا خىر،خور،خۇر ئاھاڭىغا چىلىشىنى توختاتمىغۇچە سىزگە ئارام بەرمەيدۇ..
مەن تەرمىلەر ژورنىلىنىڭ قايسىدۇر بىر سانىدا مۇنداق ماقالە ئوقۇغان : مەلۇم بىر ژورنالنىڭ تەھرىر بۆلىمىدىكى بىرى،ژورنالغا ''ئاياللارنىڭ خورەككە بولغان كۆز قارشى'' دىگەن تىمىدا سوئال مەزمۇنىدىكى ماقالە ئېلان قىلغان،كۆپ ساندىكى ئاياللار يولدىشىنىڭ خورەك ئازاۋىنى دات ئەيلەپ ماقالە سۇنغان.لېكىن ئارىسىدىن قىسمەن ئاياللار يولدىشىنىڭ خورىكىنى مەدىھلەپ خەت ئەۋەتكەن ھەتتا ''مەن ئېرىم بىلەن ئۆي تۇتۇپ بىركارىۋاتقا باش قويغىلى توپتوغرا 25 يىل بولدى،بەزىدە ئېرىم كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەندە مەن قىلچە ئۇخلىيالمايمەن،چۈنكى مەن ئېرىمنىڭ خورىكىگە كۆنۈپ قالغان.ئۇنىڭ خورىكى ماڭا كىچىدىكى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىدۇ،يىقىملىقلىقى خۇددى ئا.گىربودىفنىڭ نەي ئاۋازىدىنمۇ يىقىشلىق.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئېرىمنىڭ خورەك ئاۋازىنى ئۇن-ئالغۇغا ئىلىۋالغان،ئۇ ئۆيدە يوق كۈنلىرى مەن ئۇن-ئالغۇ قويۇپ ئۇخلايمەن!''..
لېكىن بۇ ئايالدەك يىقىملىق خورەككە كۆنۈش ئاسان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە...
گەپنى قايتۇرۇپ كەلسەك بەزىدە خورەكمۇ بىرخىل ''سەنئەت''كەن،ئۇنىمۇ تارتالىغان ئادەم تارتقۇدەك،مىنىڭ چەتئەلدە بىر دوستۇم بولىدىغان،ئۇنىڭ خورىكى ئەي-ھەنناس...خورەكنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئىشەك ھاڭراشتىن توختارمىكىن،ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل بىر ئۆيدە تۇرغان ئىدۇق،ئەتىسى ھەممىدىن بۇرۇن تۇرىدىغىنى شۇ خىسلەتلىك خورەكنىڭ ئىگىسى بولاتتى،بىزچۇ ؟!..تاكى كۆزلىرىمىز ئىشىپ،تاڭ ئاتاردا ئۇخلايمىز دە،ئەتىسى چۈش بىلەن ئورنىمىزدىن قوپاتتۇق.بىر قىتىم ئۇنىڭ خورىكىنى ئۇن-ئالغۇغا ئېلىپ،ئەتىسى ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا قۇلىقىنىڭ قىشىدا قويۇپ بەردۇق،ئاقىۋىتىچۇ ؟..ئاقىۋىتى قانداق بولماقچى..ئۇنىڭ خورىكى بىردىنلا ''ئاكورت'' ئالماشتۇرۇپ بار ئاۋازى بىلەن كويىقاپنىڭ دىۋىلىرىدەك تارتىشقا باشلىدى.ئاخىرى بىز ئۆينى تاشلاپ باشقا دوستلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ يىتىشكە مەجبۇر بولدۇق،ئاڭلىساق ئۇ دوستىمىز مۇبارەك خورىكى بىلەن چەتئەلدە ھازىرمۇ ئۆزى يالغۇز بىر ئۆيدە تۇرىۋىتىپتۇمىش..
يەنە بىر دوستۇم خورەكنى ئىنتايىن قورقىنىشلىق تارتىپ قوياتتى،بەزىدە ئۇ ئۇخلاۋىتىپ تۇيۇقسىزلا بار ئاۋازى بىلەن "خور....خۇر....پۇخ.....پۇخ..."قىلىپ توۋلاپ كىتەتتى،تۇيۇقسىز جىممىدە بولۇپ قالاتتى،يەنە بەزىدە تىنىقى بىردىنلا نەچچە ئون سىكونىت توختاپ قالاتتى،بۇ چاغلاردا مەن جىددىلىشىپ ''ئۆلدىمىكىن'' دەپ نەپىسىنى تەكشۈرۈپ قوياتتىم.نەچچە ئاخشام شۇ بۇرادەرنىڭ تېنىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىم ھازىرمۇ ئىسىمدە..

-خورەك تارىتقۇچىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرمەيدۇ. ..
-ئادەم ئۇخلىغاندا ئۆلۈك بىلەن پەرقى يوق،خورەك ھىچ بولمىغاندا شۇكىشىنىڭ ھاياتلىقىنى پات-پات سىزگە ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ...مانا بۇ،شۇ ''خورەكچىلەرنىڭ'' پەتىۋاسى..

پۇرسەت يار بولغان بولسا ئىدى،دۇنيادا خورەكچىلەر مۇسابىقى ئۆتكۈزىلىپ،بىرىنجى بولغانلارغا ''دۇنيا خورەك مۇكاپاتى'' بىرىلسە،ئاندىن ئۇنى ئەڭ جايىل،ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى تاپشۇرمىغان،تېرورسىت ئۇنسۇر بىلەن 4 كۈن بىللە ياتقۇزۇپ قويسا..ۋاي..ۋاي..قىلغان ئەتكىنىنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇپ بىرىۋىتەتتىدە..
ياكى بولمىسا خورەك سەنئەتچىلىرىنى تەشكىللەپ ھەرخىل رىتىمغا بۆلۈپ مۇزىكا ئىشلەپ ''خورەك كېچىلىكى''ئۆتكۈزسە...ئەي-ھەنناس...يېڭىلىق دىگەن مانا مۇشۇ..!!
بىر ئىشقا ئەجەپلەندىم،خورەكنى ياخشى ئادەممۇ تارتىدۇ،ئەسكى ئادەممۇ تارتىدۇ،ئاياللارمۇ تارتىدۇ،ئەر كىشىلەرمۇ تارتىدۇ،چوڭلارمۇ تارتىدۇ،كىچىكلەرمۇ تارتىدۇ..ھەتتا ئىت-مۇشۇكتىن تارتىپ،ئات-كالىغىچە تارتىدۇ...لېكىن شۇ خورەك تارىتقۇچى ئۆزىنىڭ بالادەك خورىكىدە مەززە قىلىپ ئۇخلايدۇيۇ،باشقىلارنىڭ خورىكىدە ۋايساپ ئويغىنىپ كىتىدۇ..بۇ نىمە ئۈچۈنكىن؟!
ئەي خورەك...ئەي خورەك...سىنىڭ شۇ يىقىملىق مىلودىيەڭگە سىڭىپ كىرمەكنىڭ ئۆزى نەقەدەر مۈشكىل ئىش ئىكەنلىكىنى،سەن بىلەن بىرلا ئاخشام..ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن،سەككىز سائەت جىددى ئۇيقىغا مۇھتاج بولۇپ ئاقىۋەت ساڭا بىركېچە ھەمراھ بولغان كىشىلا ھىس قىلالايدۇ...
سەن خورەككە كۆنمەك بولسا،ساڭا ئوخشاخ بىزەڭ،شەخسىيەتچى بولماقتىن باشقا ئامال يوقكەن..ئەي ئۇلۇغ خورەك!!

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
پۇل:16(graf)ياخشى باھا:10(gul-sanam)

[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 01:23 چوققىغا قايتىش
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2332
شۆھرەت: 2389 نۇمۇر
پۇل: 14607 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:455(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالپاىش   ئالامەت ياراسىز   ................. دەششەت چىقىپتۇ .................. كۈلۈپ ئۆلدۈم ھە ... ھازىر ما ئالام يالغۇز كىشلىك خورەك كېچىلىكىنى باشلىۋەتتى مانا ................ۋاي خۇدايىم .........................

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

مىنىڭ يازمىلىرىم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلىسە خالىغانچە ئىشلەت ....مەن روخسەت قىلدىم ....
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 01:31 چوققىغا قايتىش
【DILNUR】

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 92
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 920 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:81(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خاخا~~بەكلا قىززىق يىزىۋىتىپسىز جۇمۇ~ئاڭلىشىمچە خورەكنى بەك ھىرىپ ،چارچاپ كەتكەن ئادەم تاتامىش~ئەمما مەن خورەك ئاۋازىغا بەك ئۆچ~ئاغزىغا لۆڭگە تىقىپ قويغۇم كىلىدۇ~~ھەي...

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 01:32 چوققىغا قايتىش
uykujan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 333
شۆھرەت: 334 نۇمۇر
پۇل: 3220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:323(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن ھېرىپ چارچاپ كەتسەم پاھ-پاھ دەھشەت تاتىمەن. ئايالىم چىدىماي بۇرنۇمنى ئېتىۋالىدۇدە ، مەن ..................!

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 02:00 چوققىغا قايتىش
kurban911

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 239
شۆھرەت: 240 نۇمۇر
پۇل: 2390 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:74(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھا ھا ، نىمىدىگەن قىزىق !!   گىپىڭىزنى راست دەپ چۈشۇنۈپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ يۈرمىگىيدى ئەمدى !
ھە راست كۆردىڭلارمۇ ، ھېلىقى كانكىلىق ساراڭ بېيجىڭغا بىرىپتۇ !!
ئۇ يەرگە بېرىپ ھىلىقى باشلانغۇچ مۇزىكا دەرىسىدە ئۆتكەن (بېيجىڭغا كەتسەم كەلمەيمەن) (ئاپتورى ئىسىمدە قالماپتۇ )
دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ يۈرۈپتۇ !


Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 02:21 چوققىغا قايتىش
muztagqokka

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 117
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
پۇل: 1170 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:28(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خوررەك توغۇرسىدىكى بۇ ماقالىڭىزنى ياخشى يېزىپسىز مەنمۇ خوررەكنى تازا تارتىمەن خوررەك تارىتماي قالغان كۇنلىرىمدە باللىرىم كۇن غەرىپتىن چىقتىمۇ   نىمە دادام خوررەك تارىتمايدۇ دەپ كۇلۈشىپ كېتىدۇ.مەن...................!  

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 03:37 چوققىغا قايتىش
dildar88



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خورەك تېخى بەزىدە ئەر-ئايال دەپ تاللىمايدىكەن ئاڭلىسام ئىچىدە بىرە كېسىلى بارلار شۇنداخ بۇلامىش........... توغرا چۇشىنەيلى ئەمدى ، كىمنىڭ باشقىلارنى بىزار قىلغۇسى بار دەيسىز ........
[dildar88] ئاۋازىنى قويۋىتىپ ناخشىنى باشلىدى



Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 08:20 چوققىغا قايتىش
Hakan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 191
شۆھرەت: 208 نۇمۇر
پۇل: 1573 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:280(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خا خا خا خا ئالپامىش ئاللا ئىلھامىڭىزنى زىيادە قىلغاي ، كارامەت جۇمۇ سىز ، مانا بۇ كارامەت يۇمۇرىستىك ئۇسلۇب بىلەن يازمىنى كۆرۈپ ئاخشام ئاكام تارتقان خورەكنىڭ ئازابىنى بىردىنلا ئۇنتۇپ يەڭگىللا بۇلۇپ قالدىم دەيمەن ، رەھمەت سىزگە ، ئەتتىگەندىلا كەيپىياتىمنى كارامەت پەيزى قىلىۋەتتىڭىز !!!

Nurluk elani

مەن ئانا ۋەتىنىمنى سۈيىمەن ، چۈنكى ۋەتىنىم تولىمۇ سۈيۈملۈك ۋە قەدىرلىك !!!
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 09:47 چوققىغا قايتىش
Biperwa
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 3202
شۆھرەت: 3258 نۇمۇر
پۇل: 32040 سوم
تۆھپە: 74 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1012(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ما تېمىنى ئوقۇۋاتسام ماۋۇ ۋىروسخوردىكى ھورۇن شىر تۇيۇقسىز خورەك تارتىپ يامان بىر چۇچىتىۋەتتى دىسە .
مەن بىر چاغلاردا بىر ئادەم بىلەن (ئۆزى سىمىز ،تەمبەل ئادەمكەن) بىر ياتاقتا يىتىپ قاپتىمەن مىھمانخاندا ، شۇ چاغدا بۇ خورەكنىڭ مۇڭلۇق كۇيدىن بىر كىچە ئۇخلىماي ھۆزۇرلانغاندىم . ئەتىسلا چىدىماي ياتاقنى پۇتۇن كۆتۇرە ئىلۋالغان . ۋاي ئالامەت تارتىدىكەنكى .مەۋۇ رۇيشىڭدىكى شىر بىكا قالسۇن .



ئۈمۈد يادىكار




[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 10:21 چوققىغا قايتىش
我做主

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 151
شۆھرەت: 152 نۇمۇر
پۇل: 1510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:81(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن خورەك تارتمايمەن لىكىن تۇرۇپ-تۇرۇپلا تارتىپ باققۇم كىلىدۇ ، لىكىن تارتالمايدىغانلارغا مىڭ ئۆگەنگەن بىلەنمۇ بىكاركەن~!

Nurluk elani
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 10:46 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:56, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije