>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> مائارىپ ۋە بىز -> تەربىيىنىڭ قىممىتى ۋە قىسمىتى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 121 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : تەربىيىنىڭ قىممىتى ۋە قىسمىتى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
TIRIXQANBALA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 570
شۆھرەت: 571 نۇمۇر
پۇل: 5700 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:136(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
تەربىيىنىڭ قىممىتى ۋە قىسمىتى

[size=4][/size] تەربىيىنىڭ قىممىتى ۋە قىسمىتى

ئاپتور:مۇھەممەت ئىمىن  

(ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﻛﯘﭼﺎ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ دۆﯕﻘﻮﺗﺎن ﺑﺎزارﻟﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ)
... ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪزﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮى ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎ، دۇﻛﺎﻧلاردا ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﮬﺎراق - ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ؛ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ۋاﻗﺘﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪاپ، ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘرﺗلاردا ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش «ﺗﯩﺠﺎرەت»ﻟﻪرﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ؛ ﺑﯘلارﻧﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ... ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﺎﺳﺮاﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟
20 - ﺋﻪﺳﯩﺮدە دۇﻧﻴﺎ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪى: ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﺎﺷﺘﻰ، ﺋﺎڭ - ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺟﻪزﺑﺪار ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪر ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﺪى؛ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﺎددﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺗﯘرﻣﯘﺷﻰ زور دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﺎﺧﺸﯩلاﻧﺪى. ﺑﯩﺮاق، ﻣﺎددﯨﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ۋە ﻣﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﺮى ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ دەۋردﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺷﻮﺗﯩﺴﯩﺪا ﻣﻪزﻣﯘت ﻗﻪدەم ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚرﻟﻪۋاﺗﻘﺎن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪرب ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪە، ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎرﻗﺎ ﻛﯚرۈﻧﯜش ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻣﺎددﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﻳﯘﻧﺪۇرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﺟﺎراﮬﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﻗﯩﻠﺪى. ﭘﯘل، ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ، ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻛﯜرﯨﺸﯩﺪە ﺋﺎدەم ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﺰﻣﻠﯩﺮى، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮاي، ﻧﺎزۇك ﺑﻪدەن، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﻪر ﺋﯩﺶ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎزﯨﺮى ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﻟﺪى. ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘرﺑﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﺎﻟﯩلار ۋە ﻳﺎﺷلارﻧﯩﯔ زەﮬﻪرﮔﻪ زﯨﻴﺎدە ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻳﻪر - ﺑﯘﻳﻪردە ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸلار، ﭘﺎرﺗﻠﯩﺘﯩﺶ ۋەﻗﻪﻟﯩﺮى؛ دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك دۆﻟﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘۋاﺗﻘﺎن ﺗﯧﺮرورﯨﺰﯨﻤﭽﯩلار؛ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ، ﺳﺎرﺳﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘق ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮل ﺳﻮزۇﺷﻰ _ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺶ ﻏﻪرب ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ۋاﺳﯩﺘﻪ، ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ دﯨﻴﺎرﯨﻤﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻳﺎﻣﺎن ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ «ﺋﯚﺳﻤﻪ»دەك ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ روﮬﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﻧﺎۋادا ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﺋﯘﺳﯘﻟلار ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﺎﭘﻪت ﻳﺎﻣﺮاپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻧﺪا، «ﻏﻮرا ﻏﻮرﯨﻨﻰ ﻛﯚرﺳﻪ ﺋﺎلا ﺑﻮﭘﺘﯘ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك، ﻳﺎﺷلار ۋە ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪر ﺷﺎﻟﻐﯘت ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. «ﺋﯚﺳﻤﻪ»ﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪە ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺟﺎﮬﺎن ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﻣﻪﻧﯩﯟى ﻣﯩﺮاﺳلارﻏﺎ ﺑﺎي زﯦﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰدا. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎس رﯨﺴﺎﻟﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك، ﻗﯘۋۋەﺗﻠﯩﻚ «دورا»لارﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎپ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ داۋاﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ »دورا« ﺑﻮﻟﺴﯩلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﮬﺎرەت.

(1)
ﭘﻪن - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮى ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺋﺎﻟﯩﻤلار، دوﻛﺘﻮرلار، ﭘﺮوﻓﯧﺴﺴﻮرلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪە زاﻣﺎﻧﯩﯟى ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺷلار - ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪرﻧﻰ ﺑﯘرۇﻧﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﺎدەم ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرۈش ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﻪﺧلاق، ﻏﺎﻳﻪ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﺗﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻪﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎرا ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪن ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺋﻪدەپ - ﺋﻪﺧلاق ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘش، ﮔﯜزەل ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈش ﺑﻪك ﻣﯘﮬﯩﻢ.
ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ، ﻣﻪﻛﺘﻪپ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﺋﯚﺳﯜپ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰدە ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار «ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎﻟﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯖلا ۋەزﯨﭙﯩﺴﻰ» دەپ ﻗﺎراپ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪاﺷﺴﯩﺰ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﺑﺎلا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﻪدەپ - ﺋﻪﺧلاق، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮۇم ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯚزى ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯚزى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎزۇك ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﺰدە ﻧﯘرﻏﯘن ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪر دەل ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺳﺎداﻗﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ، ﺋﻪﻳﺶ - ﺋﯩﺸﺮەت، ﻛﻪﻳﭗ - ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ _ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﮬﺎۋاﺳﯩﻨﻰ ﺗﯘﻣﺎﻧلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﺪۇ. ﺑﺎﻟﯩلار دۇﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚزﯨﺘﯩﺪۇ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪۇ. ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاق ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﻘﺎن، ﺋﻪر - ﺋﺎﻳﺎل، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎلا ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻳﯩﮕﯩﻠﻪپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺮاق ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﻗﯩﻴﺎﺳﻠﯩﻴﺎلاﻳﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ _ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ، ﮔﻪپ - ﺳﯚزى، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜرﻟﯜك زﯨﺪدﯨﻴﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘرﻏﺎن ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮى، ﻗﻮﻟﯘم - ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ... ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩلار ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﻳﺎش ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎس ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ دۆﻟﻪت ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪەك: «ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚزى ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ۋارﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪك ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس ﻧﻪرﺳﻪ_ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺳﯚﻳﯜش - ﺳﯚﻳﯜﻟﯜش، ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش - ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﻟﯜش ﺳﻪرﮔﯜزەﺷﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﺪاق ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﭼﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﯩﺸﻰ ﺑﻪك ﻗﯩﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ _ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﻮرﮔﺎن ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎلاﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ». ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻳﯧﺮى ﺷﯘﻛﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰدە ﺋﯚزى ﺗﯜزۈك ﺑﺎلا ﺑﻮلاﻟﻤﺎي ﺗﯘرۇپ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯜزۈك ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻤﻪي ﺗﯘرۇپ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺗﺎلاي. ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎن: ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎس ﺗﻮي - ﺗﯚﻛﯜن، ﺑﻪزﻣﻪ - ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎد ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﭼﺎﻳلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪە ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﮬﻪﻣﺮاھ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﺪۇ؛ ﻳﯧﺰا - ﻗﯩﺸلاﻗلاردﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺰ - ﺋﯧﺮﯨﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮلاﻟﻤﺎي، ﺑﺎﻟﯩلار ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن زﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﺘﯘر. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلار ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلاردﯨﻦ ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﺪۇ، ﺑﺎﻟﯩلار ﻳﺎﻣﺎن ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩلا ﺋﺎرﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. دەرۋەﻗﻪ ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﯜﺗﻜﯩﻨﯩﺪەك ﺋﯜﻧﯜم ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر دەۋرﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴلاھ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜرەﻟﻤﯩﺪى. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪۇ - ﻳﯘ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎدﯨﺮ ﺋﻪﻣﻪس (ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎر ﺋﺎدەﻣﺪە ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟلاپ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ). ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ دﯦﮕﯜﻟﯜك؟
ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﯘﺳﺘﺎزلار، ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺳﻪﮔﻪك ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩلار، ﺋﻪدﯨﺒﻠﻪر ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﻠﯩﺮى، ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ، ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯜرﮔﯜزۈپ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﺪى. ﺑﯘ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﺘﺎ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﺋﯩﺪى. ﺋﻪﭘﺴﯘس دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﭘﯧﺘﻰ ﻗﯧﻠﯩﯟەردى؛ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى. ﺑﯩﺮاق، ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎق ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘرﻣﯘش ﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرەﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﻘﺎﻧلار ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺧﻪۋەرﺳﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪەك ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯖلا ﺳﻪۋەﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪس. ﻣﻪﻛﺘﻪپ دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻓﺎﯕﺠﯧﻨﯩﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﭘﯩلاﻧﯩﻨﻰ، ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﯚزى ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن راﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮى، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﻰ ۋە ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ۋە ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪش ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ۋە ﺗﻮﻏﺮا ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻣﯘ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس روﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇرالاﻳﺪۇ. ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎن - ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ، ﺋﯩﺪارە - ﺋﻮرﮔﺎﻧلار ۋە ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﺴﺎ، ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮا ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯖلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚۋەﻧﻠﻪپ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﻪۋﺳﯘﻣﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرﻏﺎن ﺑﯘﻳﺮۇﻗلاردﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋاﻟﯩﺪۇ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎۋۋال ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪي ﮔﺎﯕﮕﯩﺮاپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺳﻪن ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺳﯧﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ دەپ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎڭ، «ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﺎۋﻟﯩﻖ» ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺴﻪن. ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺑﺎرﻣﯩﺴﺎڭ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﯩﺪا ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﻮﻣﺎق ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﺋﻪت - ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪپ ﺑﯩﻜﺎر ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﺎلاﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺋﺎرﺧﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎش. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻧﺴﻪن، ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﯕﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺴﯘن - ﺋﯚﺗﻤﯩﺴﯘن، ﺗﻮﻏﺮا - ﺧﺎﺗﺎﺳﻰ، ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﻪي ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯔ ﻛﯧﺮەك، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ «ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﯩﻐﺎن» ﺑﻮﻟﯩﺴﻪن.
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ۋە ﺋﺎدﯨﻞ ﺋﻪﻣﻪس؛ ﺑﯘ ﺋﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎلاﺷﻘﺎ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎش ﺑﺎﺷﻘﯘرۇپ، ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎش ﺑﺎﮬﺎلاﻳﺪۇ. ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ۋە ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎرﺧﯩﭗ ﺗﯘرﻏﯘزۇش، ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪش _ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ. ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻳﯧﺮى ﺷﯘﻛﻰ، ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺷﺘﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜرﮔﯜﭼﯩﻠﻪر ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﺪاۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، «ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ»، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، «ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ» ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪرﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻗﺎرﯨﺸﻰ ۋە ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﭼﺎرە - ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﯩﺮى ﺑﺎر. «ﭼﺎرە - ﺗﻪدﺑﯩﺮ» ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ زﯨﻴﺎن ﺗﺎرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﺎرﺗﻘﺎن زﯨﻴﯩﻨﻰ ﮬﯧﭻ ﮔﻪپ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﯜزۈﻣﻠﻪر، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺷﺎن - ﺷﯚﮬﺮەﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯘرﺑﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻣﯘ ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﯘلار دەرﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﭼﺎلا - ﺑﯘلا ﻳﺎدلاپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﻰ زﯦﺮﯨﻜﺘﯜرۈۋﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪۇ؛ دەرﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﺎﻏلاپ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎن ﻛﯩﺮﮔﯜزۈۋﯦﺘﯩﺪۇ؛ ﮬﻪر ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﻤﻪت ﭘﯘراپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﻣﺎﮔﯩﻨﯩﺘﺘﻪك رام ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻏﺎ ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ؛ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩﺴﯩﺪا، ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯩلاﻧﯩﺪا ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن ﻧﺎزۇك ﮬﺎﻟﻘﯩلارﻧﻰ، ﻗﯩﺰﯨﻘﺎرﻟﯩﻖ، ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﺴﺎﻟلارﻏﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮەﻟﻪﻳﺪۇ. ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ _ روﮬﯩﻲ ﮬﺎدﯨﺴﻪ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨلا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻟﯩﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﻧﺎزۇك ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ «ﺋﯚﻟﭽﻪم»، «ﻧﻮﻣﯘر» ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪم ﺗﯜزۈپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردﯨﻜﻰ «ﺑﺎﮬﺎلاش ﺋﯚﻟﭽﻪم»ﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴلاھ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘرۇن ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ۋاﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪن دورﯨﺪەك، ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠلار ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪن ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩلاردﯨﻦ دادلاپ، ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ دﯦﻴﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕلاپ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن. ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎلاﮬﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق دﯦﺴﻪم، ﺋﯘلار ﺗﯚﻣﯜر ﺗﺎۋاق ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎن «ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎلاﮬﯩﻴﻪت» ﮔﯘۋاﮬﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ۋﯨﺠﺪاﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎلاﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﺎزﯨﺮلاﺷﻘﺎ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺷﻪرﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘرﻏﯘن ﺷﻪرﺗﻠﻪرﻧﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﺸﻰ؛ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ، ﺋﺎزاﺑﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﻠﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯜﻟﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ۋەﺗﻪن، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯘش ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪا ﺋﯚز ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك.

(2)
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯘرۇﻧﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎي ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻐﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪت. ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ دەۋرﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﺳﺎﻗلا ﮬﯧﺲ ﻗﯩلالاﻳﻤﯩﺰ. دەۋر ﺋﯚزﮔﻪردى، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﯚزﮔﻪردى، ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﯚزﮔﻪردى، ﺑﯩﺮاق ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﻣﯩﺪى. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرﯨﻨﻰ، روﮬﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩلاپ ﺋﯜﻟﮕﯜرەﻟﻤﯩﺪى. ﻗﯧﻠﯩﭙﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ۋاﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﻠﻪر، ﺑﻪش - ﺋﻮن ﮬﻪﺗﺘﺎ 15 _ 20 ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا «ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ» ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯩﺰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻛﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﺎراپ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ: ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻛﯚزﯨﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ؛ ﭘﻪن - ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗلارﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﺋﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎلا ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﻛﯚرەﻳﻠﻰ؛ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨلا ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﯜﻧﻰ ﺋﯚزﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﺎ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰدەﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪەك ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ، ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ، ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﯩﻴﻠﯩﻚ ۋە ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﺘﻪك ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎز ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ. ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯜﻟﮕﻪ. ﺑﯩﺮاق، ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺋﯜﻟﮕﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؟ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﻮرﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﻰ، ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺷﻰ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺗﻪﻟﻪپ. ﺑﯩﺮاق، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش ۋە ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ - ﺑﯩﻠﻤﻪي ﺋﯘلارﻏﺎ زﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜن ﺋﻪﺧلاﻗﻨﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺸﻰ، ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪن ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪس ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ، زەﮬﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ _ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﯩﻐﺎ، ﺋﯚز ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﮬﺎزﯨﺮلاپ ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪزﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎ، دۇﻛﺎﻧلاردا ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﮬﺎراق، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ؛ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ۋاﻗﺘﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪاپ، ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘرﺗلاردا ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش »ﺗﯩﺠﺎرەت«ﻟﻪرﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ؛ ﺑﯘلارﻧﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ... ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﺎﺳﺮاﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﺋﻪﺧلاق، ۋﯨﺠﺪان، ﻏﯘرۇر، ﮬﻮﻗﯘق، ﭘﯘل، ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﯩﯔ دﯦﺪەﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ زەﮬﻪرﻟﯩﻤﻪي ﻗﺎلارﻣﯘ؟
ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ: ﺋﯘلار ﮬﺎزﯨﺮ دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﻗﻮراﻟلارﻧﯩﯔ ﻣﻮدﯨﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎلال ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎلاﻳﺪۇ؛ ﺋﯘلار ﭼﺎﻣﺒﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ، رازۋﯦﺪﻛﺎ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﻗﺘﯘرۇپ ﻛﯚرﯨﺪۇ؛ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪرﭼﻪ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮل ﺳﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜرەك ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﺷلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪرﻧﻰ ﻣﯩﺨﺘﻪك ﻗﺎدﯨﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﺷﻪك - ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ، ﺑﺎﻏﺮى ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﮔﺎداي ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎت ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪردە ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰورلاردﯨﻦ ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى. ﺗﻪﻣﺮەﺗﻜﯩﻨﯩﯔ دورﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮلا ﻣﺎﺧﺘﺎپ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺰار ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰورﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪدەپ - ﺋﻪﺧلاق ۋە ﺑﺎﻟﯩلار ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺟﯜرﺋﻪت ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺋﺎﺧﺒﺎرات، ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎت، ﻣﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﭘﯘل ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلاردﯨﻦ ﻳﯩﺮاﻗلاپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸلاﻧﻐﺎن ﻧﻪﺷﺮى - ﺋﻪﭘﻜﺎرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ، ﺑﺎﻟﯩلار ﻓﻮﻧﺪى، ﺑﺎﻟﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ۋە ﺑﺎﻟﯩلار ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﻣﻪزﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﺪۇ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺷﺎراﺋﯩﺘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﺑﺎﻟﯩلار ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺳﯚﻳﻪﻳﻠﻰ، ﺋﯘلارﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﻪﻳﻠﻰ.
ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩلار ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪۇ. ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨلا ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻠﯘﻗﻘﺎ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰدە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩلار ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪزەردە ﺗﯘﺗﯘپ، ﺑﺎﻟﯩلار ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎردۇق. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلار ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ. رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﻣﺎن ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﻪر ﻳﯧﯖﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺋﺎﻟﯩﻤلار ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪەك: «21 - ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ». ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻢ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯘ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرەﻳﻠﻰ، ﺋﯘلارﻏﺎ زاﻣﺎﻧﯩﯟى ﭘﻪن - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯚﮔﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪڭ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻳﻠﻰ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨلا ﺑﺎﻟﯩلار «ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﯩﺪە ﻛﯜﻟﻪﻟﻪﻳﺪۇ». ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﺎرلاق ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﯩﺪۇ.

مەنبە:جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى
سۈمەييە تەھرىرلىدى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 23:22 چوققىغا قايتىش
【DILNUR】

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 92
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 920 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:81(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەگەر مۇشۇ ئەسەرنى پۇتكۇل ئۇيغۇرلىرىمىزغا بىر ئوقۇپ بىرىش پۇرسىتى بولغان بولسىدى~قانچىلىغان بالىلار~مەسئۇلىيەتسىز ئاتا -ئانىلار ئازراق بولسىمۇ كاللىسىنى سىلكىگەن~ۋىجدانىنى ئۆلچىگەن بولاتتى ھە!

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 01:25 چوققىغا قايتىش
koknur217



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 104
شۆھرەت: 105 نۇمۇر
پۇل: 1040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:47(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪزﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮى ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎ، دۇﻛﺎﻧلاردا ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﮬﺎراق - ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ؛ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ۋاﻗﺘﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪاپ، ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘرﺗلاردا ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش «ﺗﯩﺠﺎرەت»ﻟﻪرﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ؛ ﺑﯘلارﻧﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ... ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﺎﺳﺮاﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
ئەلۋەتتە بالىلار ئاسىرالمىغان بولىدۇ. ھازىر كىشلەردە ئىنساپ قالمىدى، شۇڭا ئۇلار بالىلارنى مۇشۇنداق ئىشلارغا سالىدۇ. بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش بالىلىقنىڭ راھىتىنى كۆرسە بولاتتى. ئەمما بىزنىڭ شارائىتىمىز ئۇنىڭغا توغرا كەلمەيدۇ. ھازىر قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ بالىلارغا بىرىۋاتقان ئەكىس تەسىرمۇ چوڭ بولۇپ كىتىپ بارىدۇ. ئۇلار كىچىكىدىنلا ئۈگۈنۇشنىڭ چوڭ بىسمىغا دۇچ كىلىۋاتىدۇ. ئەركىن پىكىر قىلىش يوللىرى توسىلۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇلارنى ھەرگىزمۇ ئويلىشىپ قويمايدۇ. بەزى قانۇنغا خىلاپ ئىشلار سىزىلگەندە، ئاندىن شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىدۇ، ھەرگىزمۇ ئالدىن ئىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانمايدۇ، قوللانسىمۇ مۇكەممەل ئەمەس. بىز قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ھازىر بالا دەپ قارىلىۋاتقان شۇ بالىلار كىيىن چوقۇم قىلالايتتى. ئەمما ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى بولسا...................................................................................................................................................................................................................................................................................................


Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 02:45 چوققىغا قايتىش
kok-sultan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 174
شۆھرەت: 210 نۇمۇر
پۇل: 1740 سوم
تۆھپە: 55 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:145(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىر كۈنى خاتىرەمگە شۇنداق ئىبارىلەرنى پۈتكەن ئىدىم:<<باللىلار ئوقۇشتىن زېرىكمەكتە، ياشلار مۇھەببەتتىن زېرىكمەكتە،ئوتتۇرا ياشلىقلار ئائىلىدىن زېرىكمەكتە، ياشانغانلار ھاياتتىن زېرىكمەكتە...>>بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمنىڭ سەۋەپلىرىنى تاپقاندەك بولدۇم.بىزگە مۇشۇنداق ئەقىلنى زەررەتلەيدىغان ماقالىلار كېرەك .تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 10:01 چوققىغا قايتىش
我做主

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 151
شۆھرەت: 152 نۇمۇر
پۇل: 1510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:81(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ راستىنلا ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك تىما ئىكەن بۇ تىمىنى ھەممە ئادەمنىڭ كۆرۈشكە پۇرسەت بولساھە
كەلگۈسىمىز بالىلاردا ، ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىش ياكى قىلالماسلىقى ئاتا-ئانىلىرنىڭ ئۇلارغا بولغان ياخشى
تەربىيىسىگە مۇھتاج ئاتىللىرىمىز ھاراقكەش رەڭلىك سورۇن قۇرغۇچىسى بولۇپ ئانىللىرىمىز قاتار چايچى
سۆلەتۋاز خانىملار بولسا ق جەمىيىتىمىز سىزنىڭچە قانداق بولۇپ كىتەر ؟؟ ھەي،،،،،،،،،،~~~~~~~~~~~!!


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 11:16 چوققىغا قايتىش
BARNA0903

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 119
شۆھرەت: 120 نۇمۇر
پۇل: 1190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


راستىنلا ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك تىما ئىكەن بۇ تىمىنى ھەممە ئادەمنىڭ كۆرۈشكە پۇرسەت بولساھە
كەلگۈسىمىز بالىلاردا ، ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىش ياكى قىلالماسلىقى ئاتا-ئانىلىرنىڭ ئۇلارغا بولغان ياخشى
تەربىيىسىگە مۇھتاج ئاتىللىرىمىز ھاراقكەش رەڭلىك سورۇن قۇرغۇچىسى بولۇپ ئانىللىرىمىز قاتار چايچى
سۆلەتۋاز خانىملار بولسا ق جەمىيىتىمىز سىزنىڭچە قانداق بولۇپ كىتەر ؟؟ ھەي،،،،،،،،،،~~~~~~~~~~~!!


[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 11:53 چوققىغا قايتىش
yamghur



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:10(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇردىغان ماقالە ئىكەن.ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولىۋاتىدۇ.ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى.

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 15:03 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:55, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije