يار-يار ھارۋا ئىزلىرى قالدى،
سۈكۈناتلىق تارىم بۇيىدا.
قانلىق جەڭلەر شاھىدى قالدى،
توغراقلارنىڭ تىلسىملىرىدا.
ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن ئەزىمەت،
ئۇيغۇرۇمنىڭ باتۇرى ئىدى.
كۆك بۆرىدىن كەلگەن بىشارەت،
نىجاتلىقنىڭ يۇلتۇزى ئىدى.
توغراقلاردەك،كەتكەن ئايلىنىپ،
شىھىتلەرمۇ ئەزىز تۇپراققا.
يۇلغۇنلاردەك تۇرار رەڭلىنىپ،
ئارمانلاردىن پۈتكەن لىرىكا.
تەكلىماكان بارخانلىرىدا،
كۇلدۇرمىنىڭ قالغان ئاۋازى.
كارۋانلارنىڭ قەدەم ئىزىدا،
ياڭرار سىرلىق شەرق سۈكۈتى.
تالاي كەچمىش سىڭدى لوپنۇرغا،
قۇرۇپ كەتتى قاقشال دەرەختەك.
يېشىل نۇرلار،يېشىل ۋادىغا،
ئۈشۈك تەگدى جۇدۇن سوققاندەك .
مۇڭ تۈكۈلگەن تارىم باغرىدىن،
ياڭراپ تۇرغان تەمبۇر ئاۋازى.
ئازاپلارمۇ چىقىدۇ ئەستىن،
ئارام بولغاچ ئۇنىڭ خۇمارى.
تالاي ئۆتمۈش قالدى تارىمدا،
باغاش ئىتەر ئارمانلىرىمنى.
قۇياش بۇلۇپ قاراقلىرىمدا،
سۆيۈپ قۇياي چىغىر يۇلۇمنى.
مېھرىبان نىياز چوغلۇق
___ ئۇيغۇر839 تەھرىرى