ئۆ.س.ياشلىق
1
مەن بوۋامدىن مىراس قالغان ئەڭگۈشتەرنى سېتىۋەتتىم،ئوغلۇم يۈزۈمگە قارا پاتقاق بىلەن«ۋىجدان»دەپ يېزىپ قويدى،مەن ـــ گۇناھكار ئادەم ئىدىم.
2
كۆزلىرىمدىن تامچىۋاتقىنى ياش ئەمەس،چەكسىز پىغان ۋە نەپرەت يۇشۇرۇنغان كەلكۈن،خالاس!
3
خالىغان چاغدا بوزەك بۇلۇش ئاجىزلارنىڭ تەقدىرى،شۇنداقلا مەھكۇملارنىڭ.....
4
كۆكتىن سادا كەلدىكى:
-كىمنىڭ ئەۋلادىسەن؟!،-مەن نىمە دېيشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم،غايىپتىن كەلگەن بىر تەستەك مىنى ئاللىقانداق بىر جايغا تاشلىۋەتتى.
بۇ دەل ئادەم ئاتا ئەرشتىن زىمىنغا چۈشكەن جاي ئىدى.
5
مەن ئۆلۈپ كېتىمەن،ئامرىقىم! سەندىن كۈتىغىنىم_مىنى تەكلىماننىڭ گىرۋەكلىرىگە دەپنە قىل!مەن شۇ جايدا تىلسىملىق شەھەردىكى قېرىنداشلىرىمنى كۈتىۋالاي،ئامرىقىم!
مەن ئۆلۈپ كېتىمەن،ئامرىقىم!مەن ئۆلۈپ كەتكەندە قەبرە بېشىمغا چىقىپ تەڭرىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىپ قوي، ئامرىقىم!
6
بىز بىر يولدا كېتىۋاتىمىز،ئەمما بەزىلىرىمىز دوزاخقا،بەزىلىرىمىز جەننەتكە كىرىپ كېتىۋاتىمىز!
___ ئۇيغۇر839 تەھرىرى