>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> ئاجرىشىش خاتىرىسى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 361 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئاجرىشىش خاتىرىسى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 917
شۆھرەت: 954 نۇمۇر
پۇل: 9170 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:246(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئاجرىشىش خاتىرىسى

ئاجرىشىش خاتىرىسى


                                    (   ھىكايە )

                            ئاپتورى: نۇر-زىيا


-زۈبەيدە بىز ئاجرىشىپ كىتەيلى - دىدى پۇلات
گۈپۈلدەلدەپ پىننە پۇراپ تۇرغان چۆچۆرىنى يولدىشىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ بىرەر ئېغىز مەدىھىيە سۆزىنى ئاڭلاش تاماسىدا ئولتۇرغان زۇبەيدە دەماللىققا يولدىشىنىڭ گىپىنى ئاڭقىرالماي:
    -نى...نىمە؟-دەپ سورىدى. پۇلات بىر نۇقتىغا قارىغىنىچە بايىقى سۆزنى يەنە تەكرارلىدى:
    -بىز ئاجرىشىپ كىتەيلى زۇبەيدە،- شۇندىلا ئۇ قۇلاقلىرىنىڭ ئۆزىنى ئالدىمىغانلىقىنى سەزدى.
    -چاخچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز؟- دەپ سورىدى زۇبەيدە بۇغۇق ئاۋازدا .پۇلات بىر نۇقتىدىن كۆزىنى يۈتكەپ :
    -سەنچە چاخچاق قىلىۋاتقاندىمەنمۇ؟-دىدى، زۈبەيدە بۇنى ئاڭلاپ ھالسىزلىنىپ كېروسلوغا ئولتۇرلۇشۇپ قالدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى قورۇقدۇلۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشتىن قالغان ئېدى ،يۈرىكىنىڭ سۇقۇشى ئۆزىگە بارا-بارا ئىنىق ئاڭلانماقتا ئىدى
    -مەن چۈشەنمىدىم پۇلات، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟-دەپ سورىدى زۈبەيدە تىترەك ئاۋازدا، پۇلات ئېغىر تىنغان ھالدا كۆزلېرىنى يۇمۇپ بېشىنى كېروسلوغا قويدى.
زۈبەيدە تاتارغان ھالدا :-مەن سىزنى 10يىلدىن بېرى ياخشى كۈتەلمىدىممۇ؟-دەپ سورىدى،
    -ياق ! زۈبەيدە سەن ...-دىيىشىگە ،
    زۈبەيدە:-مەن قايسى جەھەتتە سىزنى رازى قىلالمىدىم؟-دەپ سورىدى
پۇلات شۇندىلا ئۇنڭغا روبرو قاراپ تۇرۇپ:ياق زۇبەيدە ! سەن بىر ياخشى ئايال، ياخشى ئانا ، بىر ياخشى كىلىن! سەندەك ئايال ھېچنەدە تىپىلمايدۇ،-دىدى ھاياجانلىنىپ.
      زۇبەيدە : ئۇنداقتا زادى نىمە سەۋەپ بىلەن مەن بىلەن ئاجراشماقچى ،-دەپ سورىدى،
پۇلات گويا بۇغۇزىنى بىركىملەر تۇتۇۋالغاندەك گەپ قىلالمىدى.
زۈبەيدە «ئايال كىشى ئۈچۈنمىدۇ»دىگەنلەرنى ئويلاپ ئېختىيارسىز يۈرۈگىنىڭ چىمىلداپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدى،
    -نىمە سەۋەپتىن مەن بىلەن ئاجراشماقچى ئۇچۇقىنى دەڭا پۇلات-قايتىلاپ سورىدى زۈبەيدە،
پۇلات ئۈندىمىدى
    -.زۈبەيدە :-زادى نىمە ئۈچۈن ؟ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئۇچۇقىنى دېسىڭىزچۇ؟-دىدى ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇپ تۇرۇپ.
    پۇلات:- بولدى سورىمىغىن-دىدى بوغۇق ئاۋاز بىلەن ،
    زۈبەيدە:- نىمىشقا سورىمۇغۇدەكمەن! مىنىڭ سوراشقا ھەققىم بار! جاۋاپ بېرىڭ !زادى نىمە ئۈچۈن؟-دىدى غەزەپ بىلەن . بۇ ئۇنىڭ يولدىشىغا تۈنجى قىتىم قاتتىق تەللەپپوزدا گەپ قىلىشى ئىدى.
    پۇلات:......
    زۈبەيدە تىت -تىت بولغۇنىچە : ئايال كىشى ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟-دەپ سورىدى،ئەمما ئۇنىڭ بۇ سوزلەرنى دەۋېتىپ پۇت-قوللىرنىڭ بوشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى.
    پۇلات بىشىنى لىڭشىتتى.
    زۈبەيدە سەنتۇرلۈپ كەتتى.ئۇ يىقىلىپ كېتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ كېروسلونىڭ يۈلەنچۈكىنى تۇتىۋالدى،ئۇ يولدىشىنىڭ ياق ئايال كىشى ئۈچۈن ئەمەس ،دىيىشىنى ھېچ بولمىغاندا سۈكۈتتە بولسىمۇ تۇرۇشىنى قانچىلىك ئۈمۈت قىلغان -ھە؟ئۇنىڭ يۈرىكى پۇچۇلۇنۇپ كەتكەن ئېدى،يولداماڭغاندا ئايال كىشى زاتىغا تىكىلىپ قارىمايدىغان ئېرىنىڭ ئايال كىشىگە بوزولغىنىغا ئەقلى ھەيران ئېدى،«ئاھ خۇدا! بەختىم مۇشۇنداقلا توزۇپ كىتەرمۇ؟ بالام مۇشۇنداقلا تىرىك يىتىم بۇلارمۇ؟ 10 يىل تۇتقان گۈلدەك ئۆيى مۇشۇنداقلا باشقا بېرىگە مەنسۇپ بۇلارمۇ؟يەنە جاندىن ئەزىز سويگەن ئېرى باشقىلار بىلەن...» ئۇ خىياللىرنىڭ ئاخىرىنى قىلىشقا پىتىنالمىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى.
    پۇلات: مىنى كەچۈرگىن ،ساڭا يۈز كىلەلمەيمەن،ئەمما ئۇنىڭغا تېخىمۇ يۈز كىلەلمەيمەن-دىدى تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن.
    -ئۇ كىم؟-دىدى زۈبەيدە ئازەپ بىلەن.
    پۇلات تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن خىزمەت سومكىسىدىن بىر لىپاپىنى ئىلىپ زۇبەيدەگە سۇنۇپ تۇرۇپ: -ئاۋال بۇنى كۆرۈپ باققىن- دىدى،زۈبەيدە لىپاپىنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئېچىدكى نەرسىلەرنى چىقاردى،ئۇ سۆرەت ئېدى. زۈبەيدە سۆرەتلەرنى كۆرۈشكە باشلىدى.سورەتتىكىسى ئانا - بالىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىكى نەق مەيداندىن تارتىۋېلىنغان سۆرەتلىرى بۇلۇپ ناھايتى ئېچىنىشلىق ئېدى
    پۇلات غەمكىن ھالدا :كۆرۈپ بولدۇڭمۇ؟-دەپ سورىدى،زۈبەيدە بېشىنى لىڭشىتتى،
    پۇلات بىر پارچە رەسىمنى قۇلىغا ئېلىپ تۇرۇپ : بۇ ئايالنىڭ ئېسمى رازىيە ، بۇ ئۇنىڭ بالىسى ،بۇ ئانا-بالا بىر ئاي بۇرۇن قاتناش ۋەقەسىدە ھادىسگە ئۇچۇرغان بالىنىڭ سورىتىنى ئۆزەڭمۇ كۆردۈڭ ،بالا ئۈلۈپ كەتتى، ئانا ئېغىر زەخىملىنىپ ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنۋاتىدۇ،- دىدى مەيۈس.
    زۈبەيدە:- چۈشەنمىدىم- دىدى ياشلىق كۆزلىرىنى يولدىشىغا تىكىپ
    پۇلات: مەن دەل مۇشۇ ئايال ئۈچۈن سەن بىلەن ئاجراشماقچى -دىدى قەتئيىلىك بىلەن.
    زۈبەيدە ھالسىز ھالدا:ئۇ زادى كىم؟-دەپ سورىدى.
    پۇلات زۈبەيدەدىن كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ : ئلدى بىلەن سىنىڭ ئۆزەڭنى بېسىۋېلىپ ئاڭلىشىڭىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،-دىدى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرۇپ .
    - ئۆزۈڭگە مەلۇم ،-دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى پۇلات تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرغاچ :-بىز ئېككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇق ،مەكتەپنىمۇ بىر سىنىپتا بىللە ئۇقۇپ تاكى تولۇق ئۇتتۇرانى پۈتتۈرگىچە سەن بىلەن مەن ئايرىلمىدۇق! ئالى مەكتەپكە ئېمتىھان بەرگەندە سەن ئارزويۇڭ بۇيىچە پىداگوگىكا ئونۋېرسىنتىغا ،مەن ئېچكىردىكى تىببى ئونۋېرسىنتقا ئۇقۇشقا ماڭدۇق!
    زۈبەيدە ئېڭىكىنى يۈلەپ ،ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئۆزى دائېم ئەسلەيدىغان ئاشۇ گۈزەل بالىلىق چاغلىرىنىڭ شېرىن چاغلىرىنىڭ قوينىغا چۈكۈپ كەتتى!
    -بەلكىم ،ئېككىمىز بىر مەكتەپكە ماڭغان بولساق ھازىرقىدەك ئازاپلارغا دۇچار بولاتتۇقمۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن،-سۆزنى داۋاملاشتۇردى پۇلات تاماكىسىنى كۈلدانغا ھېمىرگەچ،-مەن ئېچكىرىدكى مەكتەپكە بېرىپ يۇرتداشلار يېغىلىشدا بايا سەن رەسىمدە كۆرگەن قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم،ئۇ بىز بىلەن قوشنا ناھىيەدىن بولۇپ مەندىن بىر يىل يۇقىرى يىللىقتا ئۇقۇيدىكەن،شۇ قىتىملىق يىغىلىشتىن كىيىن بىز دائىم بىر -بىرىمىزنى ئېزدىشىدىغان بولدۇق! ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئۆزەمنىڭ بارا-بارا رازىيەنى كۆرمىسەم تۇرالمايدىغان بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىمنى سېزىشكە باشلىدىم! تۇغۇرىسى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانتىم.
    زۈبەيدە ئېزچىل تۈردە ئېرىنىڭ پەقەت ئۆزىنىلا يازخشى كۆرگەن دەپ ئالداپ كەلگەن تويغۇلىرىنىڭ ئاستا -ئاستا يىمىرلىشكە باشلىغانلىقىنى سەزدى.
پۇلات ئايالىنىڭ ئۆزگىرۋاتقان چىرايىغا قاراپ :-توغرا، ئۇ ۋاقتلاردا سەنمۇ پات -پات خەت يېزىپ تۇردۇڭ ،ئەمما مەن سىنى ئۆز سېڭلىمدەك كۆرەتتىم،- دىدى-دە ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى.
    زۈبەيدە تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن :-داۋاملاشتۇرۇڭ،-دىدى.
پۇلات سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:-شۇندىن كىيىن رازىيە بىلەن ئېككىمىز مۇھەببەتلىشىپ قالدۇق،بىز 4 يىلنى كىيىنكى تۇرمۇشىمىز تۇغۇرسىدىكى شېرىن تويغۇلار ،ئارزۇ -ئارمانلار بىلەن ئۆتكۇزدۇق،مەن مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغاندا رازىيە ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ كەتتى ،ئەمما مۇناسىۋېتىمىز داۋاملىشىپ كەلدى ،مىنىڭ شۇ چاغدىكى بارلىق ئارزويۇم ئۇقۇشنى تېزىرەك تاماملاپ رازىيە بىلەن توي قىلىشتىنلا ئېبارەت ئېدى! ئاخىرى مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن بېلىنگەن بىر يىلمۇ توشتى، قايتىپ كىلىپ ھازىر ئېشلەپ كىلىۋاتقان دوختۇرخانىغا ئېشقا چۈشتۈم،بۇرۇن كېلىشۋالغىنىمىز بۇيىچە رازىيەمۇ بىر يىل بۇرۇن ئۆرۈمچىدە قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ مۇشۇ ناھىيەدىكى سەھىيە ئېدارىسىغا كەلگەن ئېدى.مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىكىلەرەە ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئاتا-ئاناڭ كەينى كەينىدىن قازالىدى،ئۆزۈڭ بىلىسەن داداڭ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا مىنى سەندىن چاقىرتىپ ئاتا-ئانام ۋە ئەلە -مەھەلە ئالدىدا قۇلۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئارزۇلۇق يالغۇز قىزىنى ماڭا تاپشۇرغانلىقىنى ،قىزى بىلەن توي قىلمىسا ئۆلسىمۇ كۆزى يۇمۇلمايدىغانلىقى تۇغۇرلۇق ۋەسىيەت قىلدى، رەھمەتلىك مويسىپىتتىن ئاغرىنمايمەن ،بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغاچقا داداڭمۇ بىزنى شۇنداق دەپ ئويلاپ قالغان چېغى-دىدى بىشىنى ساڭگىلىتىپ.
    بۇنىڭ بىلەن زۈبەيدەنىڭ يىغىسى ئەۋجىگە چىقتى.ئۇ ئۆكسۈپ تۇرۇپ دادىسىنىڭ «كۆزۈم ئۇچۇق ۋاقتىدا سىنى بىرىگە تاپشۇرۋالسام بولاتتى» دىگەن گىپى بىلەن پۇلاتنىڭ ئېسمىنى چىقارغانلىقىنى پۇشايمان بىلەن ئەسلەشكە باشلىدى.


داۋامى بار

سۈمەييە تەھرىرلىدى



[پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس]
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 22:04 چوققىغا قايتىش
ئۇيغۇرا
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 548
شۆھرەت: 579 نۇمۇر
پۇل: 5480 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:109(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


داۋامىنى ساقلايمەن،!قالغان ئىكاسنى شۇ چاغدا يازاي!

Nurluk elani

ۋەتىنىڭنى،بەدىنىڭنى،ئىمانىڭنى،ۋىجدانىڭنى ساتمىغان ھەرقانداق ۋاستە بىلەن پۇل تېپىشقا يۈزلەن؟!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 22:41 چوققىغا قايتىش
nadira333



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 42
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:67(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك ياخشىكەن ئاخىرىنى ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتتىم ، تېزراق يوللارسىز..............

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 22:42 چوققىغا قايتىش
~sumayya~
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 470
شۆھرەت: 524 نۇمۇر
پۇل: 4700 سوم
تۆھپە: 38 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:211(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇنداق ئىشلارنى ئەتراپىمىزدا يوق دىگىلى بولمايدۇ ،گەرچە بۇ بىر ھىكايە بولسىمۇ .
رەھمەت ئەزىزىم داۋامىغا تەشنا بىز.


[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 22:43 چوققىغا قايتىش
ئىشەنچ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 873
شۆھرەت: 874 نۇمۇر
پۇل: 8740 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:244(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ داۋامىنى ساقلايمەن.

Nurluk elani


ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر.


[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 22:55 چوققىغا قايتىش
mardan521

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 78
شۆھرەت: 79 نۇمۇر
پۇل: 780 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:53(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


داۋامىچۇ؟~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`~~~~~~~~~~~~~~~~~``

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 22:56 چوققىغا قايتىش
【DILNUR】

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 92
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 920 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:81(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇنڭ داۋامى؟يۇرۇكۇم مۇجۇلۇپ كەتتى~داۋامى..

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 23:00 چوققىغا قايتىش
ALMAS414

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ئاجرىشىش خاتىرىسى   بەك ياخشى ىكەن



بۇ مەزمون يۇشۇرۇنغان،سىز پەقەت ئىنكاس قايتۇرغاندىلا كۆرەلەيسىز




Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 23:25 چوققىغا قايتىش
PARGANA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 57
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
پۇل: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:63(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، يۈرۈكۈم پۇچىلىناي دەپ قالدى، ئاخىرىغا تەشنامەن. مۇشۇنداق ئىشنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. بۇنداق كۈنلەر ئاياللارغىلا ئەمەس، ئەرلەرنىڭ بېشىغىمۇ كەلمىگەي ئىلاھىم.

Nurluk elani
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 00:00 چوققىغا قايتىش
raena

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 64
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
پۇل: 640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:41(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


داۋامىنى قاچان يوللارسىز، بەكلا تەقەززا بولۇپ كەتتىم.


مەن
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-04 00:57 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:52, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije