مۇھەببەت قوشاقلىرىن ھۇزۇرلىنىڭ
ئېگىز تاغدىن سۇ كەلدى،
تاشقا تەگمەي شاقىراپ.
ئولتۇرامسىز دالدىدا،
جا ئۈزۈكتەك پاقىراپ.
دۇتتارنى چالالاملا ،
پەدىسىنى باسالاملا.
لېۋىمگە سۆيۈپ قۇيۇپ،
ھۆددىسىن چىقالاملا.
ئۆستەڭ بويىدا بوياقچى،
شاڭ بويامدۇ چەكمەنمۇ؟
خان ئاچاڭدىن سوراپ باق،
كوي خەجلەمدۇ، ياچەنمۇ؟
مۈرىدىن چاشقان چۈشۈپتۇ،
كورىدىكى يۇندىغا.
ئاچىڭىز ئەر دەپ تېگىپتۇ،
قارا گەردەن ئوغرىغا.
غىچىر-غىچىر قىلادۇر،
تالدا تۇقۇغان غالتەك.
داداڭ شۇنداق نامراتمۇ،
نېمىشقا كۆينىكىڭ كالتەك.
ئاق قۇچقاچ ھارامزادە،
قۇرغۇينى بالام دەيدۇ.
بۇ كۈننىڭ سەتەڭلىرى،
ئاشنىسىنى ئاكام دەيدۇ.
ئۈزۈملەر پىشىپ قاپتۇ،
خادا بىلەن قاقساڭچۇ؟
چوكانلار قېرىپ قاپتۇ،
ئاق نان بېرىپ باقساڭچۇ؟
ئالما شېخىنى ئىگىپسەن،
ئالمىسى بار دەپ ئەككەنمۇ؟
كادىرغا تېگىۋاپسەن،
شەپكىسى بار دەپ تەككەنمۇ؟
يولىمىز ئۇزۇن بولسا،
ئازغىشىپ كېتەرمىزمۇ؟
ۋەدىگە ۋاپا قىلماي،
ئايرىلىپ كېتەرمىزمۇ؟
توكىڭىز ئۆچۈپ قالدى،
ياندۇرايمۇ چاقماقنى.
ئۆزىڭىز بەلەن جۇۋان،
تېپىۋالماڭ ئاخماقنى.
بۇ ئۆستەڭ يامان ئۆستەڭ،
سۈيى شۇنداق شىددەتلىك.
يېڭى تۇتقات يارىمنىڭ،
سۆيۈشلىرى لەززەتلىك.
پولۇ ئاش ئېتەلەمسەن،
زوقلۇنۇپ يىيەلەمسەن.
شۇ ئوتلۇق قاراشلاردىن،
كۆڭلۈمنى بىلەلەمسەن.
ئوتۇن يارامسەن پالتىدا،
كۆڭۈل بېرەمسەن دالدىدا.
ۋەدىنى قانداق قىلىشقان،
تال باراڭنىڭ ئالدىدا.
گۈل تېرىغان باغلاردا،
ئوينىغانتۇق تاغلاردا.
ئەمدى قانداق قىلارسەن،
مېنى سېغىنغان چاغلاردا.
كېتەر بولساڭ يولساڭ بولسۇن،
ماڭغان ئىزىڭ گۈل بولسۇن.
سەندەك تەنبەل يارىمغا،
مەندەك نازۇك يار بولسۇن.
ئۇ قىزمۇ ئۆتۈپ كەتتى،
بۇ قىزمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
لەپ-لەپ قارىشى بىلەن،
كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ كەتتى.
گىردە ياقمايلى يارىم،
جىگدە قاقمايلى يارىم.
بۈگۈن ئىشىم ئالدىراش،
كۆڭۈل ئاچمايلى يارىم.
قۇرۇق ئوتۇنۇڭ بولسا،
پارچىلىمايلا مەشكە سال.
كۆڭلۈڭدە مەن بولمىسام،
ئەگەشمىگىن بولدى قال.
ئۆرۈك بارمۇ قاققىدەك،
بالاڭ بارمۇ باققىدەك.
ئەجەپ تاتلىق خۇيۇڭبار،
قوغلاپ ئېلىپ قاچقىدەك.
ئۆيىڭىز بەك يىراقمۇ،
ئاڭلىمايسىز ناخشىنى.
ئۆزىڭىز خۇيلۇق جۇۋان،
بىلەلمەيسىز ياخشىنى.
ئاق كەپتەرگە تاش ئاتسام،
كۆك كەپتەر ئۇچۇپ كەتتى.
يارىم بىلەن قوشنىدۇق،
سۆيمىسەم كۆچۈپ كەتتى.
بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،
تېشى بار تۇپاسى يوق.
ئەقىدىسى بوش يارنىڭ،
دەردى بار ۋاپاسى يوق.
ساي بويلاپ شامال كەلسە،
مەندىن يارنى سورايدۇ.
يارنىڭ ئىسمى ھەسەلخان،
چىلگە قۇغۇن پۇرايدۇ.
شامال چىقسا ئەگىيدۇ،
يارنىڭ بېغىدا گۈلى.
ھەر ئاخشىمى بوينۇمدا،
يارىمنىڭ ئۇماق قولى.
مەنبە:<<سەر خىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر>> ناملىق كىتاپ.
سۈمەييە تەھرىرلىدى