كۇلپەتلەر چۇشكەن غېرىپ باشلارغا،
كۇنلەردە باقار ئاينىڭ شولىسى،
قۇياش نۇرىنى تەڭ چاچقان بىلەن،
دەرىتمەنلەر قەۋمى ئەلنىڭ تۇلىسى.
يامغۇر ياققاندا قۇلۇڭنى ئىچىپ،
ئانا تۇپراقتىن رىزقىڭنى تىلە،
چۆلدەرەپ قالمىسۇن قەلىپ قەسىرىڭ،
كۇچەت تىك،گۇللەت،يىقىلسا يۇلە.
زامان بىر ساڭا،ياكى ئۇنۇڭغا،
ۋاقىت بىر غۇلاچ ،مەڭگۇلۇك ئەمەس.
گۇمران باھارىڭ،كۆيمەس ناھارىڭ،
ئۆرلسە،ئاشسا،غاپىللىق ھەۋەس،
دىلرابايىم دەپ قۇچاقلا تاڭنى،
رەھىنامايىم دەپ سۆيگۇن جاھاننى.
_______ جۇدا تەھرىرلىدى