پارتىلغاندا مۆكۈنىۋال
بىر ئوغۇل بالا ناھايىتى جىق پىچىنە-پىرەنىكلەرنى يەپتۇ،ئۇ يەنە يېمەكچى بولغانىكەن،دادىسى نەسىھەت قىلىپ :
ــ ئەمدى يېمە ،يەنە يەيدىغان بولساڭ قورسىقىڭ پارتلاپ كېتىدۇ،ـ دەپتۇ.
ــ مەن يەنە يېگەندە سەن مۆكۈنىۋال . ـ دەپتۇ بالا دادىسىغا.
ئەسكەر بولۇشقا ئىلتىماس قىلىش
بىر بوۋاي ئەسكەر بولۇشقا ئېلتىماس قىپتۇ.
ــ نەچچە ياشقا كىردىڭىز ؟_ دەپتۇ سېرژانىت ئۇنىڭدىن.
62ياشقا . ــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بوۋاي .
_ بېلىشىڭىز كېرەككى ،_ دپتۇ سېرژنت ،_ يىشىڭىز بەكمۇ چوڭ ئىكەن.
_ يېشىم ئېھتىمال ئەسكەر بولۇشقا چوڭ كىلىپ قالار ، _ دپتۇ بوۋاي ،_ئەجەبا ،سىلەرگە گېنېرال كېرەك ئەمەسمۇ؟
تەكەللۇپ قىلىدىغان ئات
ـ تۈنۈگۈن ئاتنى قانداقراق مىندىڭ؟
ــ يامان ئەمەس .لىكىن ئات بەكمۇ تەكەللۇپ قىلىدىغان ئات ئىكەن.
ــ تەكەللۇپ قىلىدىغان دەمسىنا؟
ــ شۇنداق ،بىر قاشا ئالدىغا كەلگەندە ،ئاۋۋال مېنى قاشانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتكۇزىۋەتتى!
لەيلى تەھرىرلىدى