dil220
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:42(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-06
|
ئۇيغۇر ئېلانچىلقىمىزدىن ئۆزىمىزگە نەزەر
ئەسلدە بۇ تىېما ئۈستىدە بىرەر نەرسە يېزىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلشۋاتقان ئدىم،بىراق خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىغى،يىل ئاخىرى بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئوبدانرىق ماتىرىيال توپلىيالمىدىم! شۇنداقتىمۇ ئۆز كۆز قارشىمنى سۆزلەپ ئۆتەي! ئۆتكەن يىلى دۆلەت رادىئو-تىلۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە باج ئىشىلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە ساختا،سۈپەتسىز ئېلانلار ۋە گىرىم بويۇملىرى(نەچچە كۈندە داغ-سەپكۈننى يوقتىدۇ يۈز-كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنى يوقتىپ سىزنى 10ياش ياشارتىدۇ،...)،جىنسىيەت تۈردىكى ئېلانلار (ئاتا-ئانا بولۇش ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزدۇ،بىر تال كالتە كۇسارئەرلەرنى قاپلانغا ئايلاندۇردۇ.،ئاياللاردكى ھەرخىل جىنسى كېسەللەرنى بىردەمدىلا داۋالايدۇ ....) ،ئورۇقلىتىش دورىلىرى ئېلانلىرى (ئىچسىڭىزلا 18 يېشڭىزدىكى زىلۋا -ئەۋرىشىم ھالىتىگە ئەكىلىدۇ ....) ، دورا-دوختۇرخانا ئېلانلىرى (بەزىبىر ساقايماس كىسەللەر يەنى رىماتىزىم-بوغۇم ياللۇغى،قان بېسىم،دىئابىت، يۇرەك-قان تومۇر كىسەللىرى،گېمىروي-قەۋزىيەت،ئاق كىسەل.....دىگەندەكلەر دورىنى ئچسىڭىزلا خۇددى ئۆلۈكىنى تېرىلدۈرگەندەك سىزگە شىپا قىلدۇ....) دىگەندەك ئېلانلار نى قەتئى تۈردەچىڭ تۇتۇپ ،تەكشۇرۈشتىن ئۆتكۈزۇش، ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىرنى بەرگەن ۋە شۇ سەۋەپلىك خاتا چۈشەنچە ھاسىل قلغان ئېلانلارنى بەرگەن ھەرخىل تەشۋىقات ۋاستىلىرنى جازالاپ-جەرىمانە قويوش ياكى ئېلان بىرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلش دىگەندەك قاتتىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللانغاندىن بېرى بۇ خىل تۈردىكى ئېلانلار مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىلىردا پۇتۇنلەي دىگىدەك تۈگىدى،ھەر قايسى ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىىلىك تېلۋىزىيە ئىستانسىلىردا كۆرنەرلىك دەرىجىدە ئازلاپ قالغان ئىدى ،بىراق 10-ئايدىن باشلاپلا بەزىبىر تېلۋىزىيە ئىستانسىلىردا يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۇپ قالدى ھەمدە نۇرغۇنلىغان كىشلەررنى ئېلانىدىن جاق تويغۇزۇپ ئېلانغا ئۆچ قىلۋەتتى! .ئەمدى بۇلارنى قويۇپ تۇرۇپ ئۆز ئېلانلىرمىزغا كەلسەك:ئويغۇر تېلۋىزىيە ئېلانچىلىقى 80-يىىللارنىڭ ئاخىردىكى ئاددى،ئۇقتۇرۇش تۈسىنى ئالغان رادىئو ئېلانچىلىقىدىن تەرەققى قىلىپ ھازىرقى مەزمۇنى باي،رەڭدار،كۆركەم ،ئۈچ تەكشىلىكتىكى ياخشى ئېلانلارنى ئۆزى مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان باسقۇشقا يەتكەن بولسىمۇ ،لىكن تۆۋەندىكى بىر قىسىم سەۋەپلەر تۇپەيلى كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ بولۇپمۇ تېلۋۇزۇر كۆرگۈچىلىرمىزنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ،ئەسلىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن كېنۇ-تېلۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۇپ چارچاپ كەتكەن نېرۋىلىرمىزنى ئارام ئالدۇرۇش ،بىزگە ئېستىتىك زوق بېغىشلاش ۋە بەزبىر بىز بىلمىگەن ياخشى مەھسۇلاتلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلىش ،مىللىي كارخانچىلىرمىزنى تونۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئېلانلىرمىز «تېلۋىزىيە تىياتىرى ئارسىغا ئېلان قستۇرماي،ئېلان ئارسىغا تېلۋىزىيە تىياتىرى قىستۇرۇپ» كىشلەرنى ئېلان دىسە ھۆ دىگۈدەك قىلۋەتتى. تۆۋەندە ئۇيغۇر ئېلانچىلىقمىزدىكى ساقلانغان بەزىبىر مەسسللەر ئۈستىدە توختىلىمەن. 1- ھەددىدىن زىيادە كۆپتۇۈرۋىتىش ۋە ۋاقتىنىڭ ھەددىدىن ئۇزۇن بولشى :بەزىبىر كارخانىچىلىرمىز ئۆزىنى تۇنۇتۇش مەقسىتىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان،بىر نەچچە مىنۇتلۇق ھەتتا بىر نەچچە ئون مىنوتلوق رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئېلانلارنى بىرىپ، ئەمگەكچان،باتۇر ئەجداتلىرمىز يىراق سەپەرگە ئاتلانغاندا قوشۇمچە يىمەكلىك سۈپىتىدە ئېلۋالدىغان شۇ تالقانلارنى ،گۆش-ياغ،سۈت-تۇخۇم ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بىر بولىقى بىر نەچچە تۇخۇم،مانچىلىك كالا گۆشى،مانچىلىك سۇتكە باراۋەر ...دەپ داڭلاپ -كۆپتۇرۇپ،70نەچچە ياشلىق بوۋايلىرمىز بۇلارنى ئىچىپ پۇت-قولغا ماغدۇر كىرىپ شۇ كارخانىغا رەخمەت ئېيتىش يۈزسىدىن نەچچە يۈز كېلومىتىر يول يۈرۈپ ئۈرۈمچگە كەلگەنلىكى.... .ئەگەر راستىنلا ئاشۇنداق ئۈنىمى بولسا ،كۈندە ھەر خىل تاماق ئېتىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلايمىز دىگۈچە،شۇنى ئىچىپلا يۈرسەك بولمىدىمۇ؟ 2-ئەخلاقى ۋە روھيتىمىزگە تاجاۋۇز قىلۋاتقان غەرىپ ئەللىرنىڭ جىنىسى ئەركىنلىكىنى تەرغىپ قلۋاتقان بۇزۇق،بېنۇرمال ئېلانلارنىڭ كۆپلەپ بىېرلىشى:قانداقتۇ بىر ئەرنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەن جىسىيتىنى كۈچلەندۇرۈش ئۈچۈن «كۇسار كىيىپ،دورا يەپ...»كۈچلىنىشى، قانداقتۇ بىر ئايالنىڭ ئۆز ئېرى،ئۆز ئائىلىسى ۋە باللىرى ئۈچۈن ۋاقىتسىز يۈزلىرگە چۈشكەن قورۇق ۋە ياكى سېمىزلىك سەۋەبىدىن ئېرنىڭ ئۆز ئايالىغا قارماسلىقى،بۇ ئايالنىڭ دەرت ئىچىدە دورا ئىچىپ ئورۇقلاپ،چىراينىڭ سۈزۇلۇپ گۈزەللىشىشى ۋە ئېرىنى ،ئائىلىسنى قايتۇرۇپ كىلىشى......دىگەندەك ۋەھاكازالار.بۇ بىزنىڭ ئەرلىرمىزگە،ئەخلاقىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت! 3-دورامچىلىق ۋە قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈش:بەزىبىر ئېلانلىرمىز بىۋاستە خەنزۇچە ئېلانلارندن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بەزىلىرى ئارقا كۆرنۈش مۇزىكىسىنى چىقىرۋىتىپ قانداقتۇ چەت ئەلنىڭ رۇمانتىك مۇزىكىلىرنى كىرۈشتۇرۈپ قويغان .بۇ ئېلان ئېگىلىرگە قىلنغان تاجاۋۇزلۇق بولۇپ قالماستىن بەلكى كۆرۇرمەنلەرگىمۇ قىلىنغان ھاقارەت! بەزى ئېلانلاردا ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىردىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان مەلىكە-شاھزادىلەرنىڭ ئاپئاق ساقال بوۋاينىڭ ساقال -بۇرتىدا ئىلەڭگۈچ ياساپ ئۇچۇپ يۇرشى،مەزمۇنىنىڭ توغرا ئىپادىلەنمەسلىكى! 4-چەتئەلگە چوقۇنۇش ۋە ياكى چەتئەللىكلەرنى چوڭ بىلىش ئىديىسىنىڭ كۈچلۈك بولشى:بەزىبىر ئېلانلىرمىزدا بىزنى قارتىپ قويۇپ ئۇيغۇرلارنى چەتئەلكتەك ياساپ قويوپ ئۇلارنى مەھسۇلاتلىرنى ماختىتىدۇ(بەزىلىرى داڭلىق شەخىسلىرمىزنى،بۇنىڭغىغۇ مەيلى دەيلى!) بىز تۇرۋاتقان بۇ يەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى، چەتئەل ئەمەس!مەھسۇلاتلىرىڭىز بۇ يەردە ئۆز خەلقىمىزنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشى كىرەك! شۇنىڭدىلا خەلقىنىڭ قوللاپ -قۇۋەتلىشىگە،ياقتۇرۇپ ستېۋىلشىغا مۇيەسسەر بولالايدۇ ۋە بازار تاپدۇ! ئەلۋەتتە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ياكى چەتئەلگە تارالسا بىزمۇ خوش بولمىز،پەخىرلىنىمىز! 5-ئىجاتچانلىق روھىنىڭ كەم بولشى،مەزمۇنىنىڭ رەڭدار،مول بولماسلىقى،مەزمۇنىنىڭ مۇجمەللىكى:بەزىبىر ئېلانلىرمىز خۇددى قېلىپقا سالغان لاي خىشدەك پەقەت ئىجاتچانلىق روھى يوق،بەزىلىرى مەزمۇنىغا ئارقا كۆرنۇش مۇزىكىسى ماس كەلمىگەن،ئېلاندىكى ئەرتىسلەرنىڭ ئۆلۈك ھالدىكى يادلىۋالغان پېتى ئوقۇپ بېرشى. ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىز دا بەزىبىر رەڭدار،خەلقىمىز ياقتۇرۇپ كىلۋاتقان نادىر ئېلانلارمۇ ئاز ئەمەس! مەسلەن:ئېزچىلار شىركىتىنىڭ« ئېز ئاچقۇچىلارغا،يول ماڭغۇچىلارغا مەنسۇپ!» دىگەن ئېلانى،ئارمان شىركىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى باللار قۇۋۋەت تالقىنى،ئخلاس شىركىتىنىڭ «دام-دام -دام»، «ھەرىپلىك پىرەىنىك»...،ئەمىن شىركىىتىنىڭ «ئەمىن سۈۋەرەكخۇرى» ،ئھسان شىركىتىنىڭ «ئھسان مايلىرى دىگەندەكلەر. ئەلۋەتتە ئېلان شىركەتلەرنىڭ تەرەققى قلىشى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىدە ئەڭ مۇھىم بىر ۋاستە! لىكىن ئۇ بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس! گەرچە ئستىمالچىلىرمىز ئېلان ئارقىلق بەزى مەھسۇلاتلارنى كۆرۇپ سېتۋلسىمۇ ،بىراق مەھسۇلاتلارنىڭ سۇپتى بىرنچى ئامىل!چۈنكى ئېلان ئارقىلق سېتۋېلىنغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا،خەق ئككىنچىلەپ ئالمايدۇ! ئەگەر راستىنلا ياخشى بولسا ئۇلار دائىمىلق خېرىدار سۇپتىدە كۆپلەپ سېتۋالىدۇ ھەم ئۇرۇق-تۇققان،دۇس-ئاغىنىلىرگە تەشۋىق قىلىپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرشىدۇ! مەن بارلىق ئۇيغۇر شىركەتىلىرمىزنىڭ ئەمىليەتنى چىقىش قىلىپ،ئاز-ساز،ئوڭاي ئېسدە قالدىغان،مەزمۇنى ساغلام،رەڭدار ئېلانلارنى ئېشلەپ ئۆزلىرنى تېخمۇ نامايەن قىلشىنى،شۇندىقلا خەلىقنىڭ كۆڭلىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئېلىپ تېخىمۇ تەرەققى قىلشىنى ئۈمىت قىلمەن! ئەمدى نەزەر كۆزمىزنى باشقا تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېلانلىرغا ئاغدۇرساق،مەركىزى تېلۋىزىيە ئستانسىسى ۋە بېيجىڭ تېلۋىزىيە ئستانسىسى..لارنىڭ ئېلانلىرى مەزمۇنى مۇل،رەڭدار ،ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئېلان بەش مىنۇتلۇق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە پىروگىرامما بىلەن پىروگىرامما ئوتتۇرسىدا مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرتىلىپ قويۇلىدۇ،ئۇزۇن ئېلانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك خەللققىە پايدىلىق تەشۋىق ئېلانى.ھەربىر پىروگىراممانىڭ بېشى ۋە ئاخىردا سىزنى »مانچىلىك ۋاقىت ئېلاندىن كىيىن داۋاملىق كۆرۈڭ » دەپ ئەسكەرتىپ،ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھېرىپ كەتكەن پۇت-قولڭىزنى ئارام ئالدۇرشىڭىزغا،ئاخىرى قانداق بولار دەپ قىستاپ چىقمىغان ھاجەتلىرڭىزدىن چقىۋىلىشېڭىزغا ۋاقىت ئاجرىتىپ بىردۇ. ئەمدى بىزنىڭ تېلۋىزىيە ئستانسىسىمىزغا كەلسەك بەلكىم بۇ باشلىقلىرمىز بۇ نوقتىلارنى ھىس قىلىپ يىتەلمىگەن بولىشى ۋە ياكى تۈزۈلمە جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن ئېقتىسادى ئۈنۈمنى ئويلاپ،جەميەتتىكى رولغا سەل قارغان بولشى مۈمكىن! شۇ سەۋەپتىن بەزىبىر كىشلىرمىز « بىز ھەر ئايدا 12 يۇەن كۆرۇش ھەققنى پالانچى،پۇستانچى شىركەتلەرنىڭ ئېلانىنى كۆرمىز دەپ تۆلىمىگەن،شۇلار تۆلسۇن ياكى ئېلانىىنى يوق قلسۇن» دەپ تېلۋىزىيە كۆرۈش ھەققىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يۇقىردا ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىز ۋە بەزىبىر نوقسانلار ھەققىدە ئۆزەمنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى،ھەرگىزمۇ قانداقتۇ بىر شىركەت ۋە ياكى شەخىسكە قىلنىغان ھۇجۇم دەپ چۈشۈنۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلمەن![size=2][/size]
سۈمەييە تەھرىرلىدى
|
out of sight,out of mind!
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 16:00 |
| |