>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم -> خوتۇنىدىن يوشۇرۇن پۇل يىغقان ئەر

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1183 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : خوتۇنىدىن يوشۇرۇن پۇل يىغقان ئەر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kepenak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
خوتۇنىدىن يوشۇرۇن پۇل يىغقان ئەر

ئېرى قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ كېچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىندى. ئۇنىڭدىن كۆپ قان چىقىپ كەتكەچكە زادىلا بولالمايۋاتاتتى. دوختۇرلار ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەمدى قۇتقۇزۇشقا ئامال يوقلۇقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كېسەلنى ۋاقتىدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. خوتۇنى ئەمدى بىر بالا بىلەن قانداقمۇ قىلارمىزد، دەپ ئاپىسىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.

ئېرىمۇ ئۆزىنىڭ ساقىيالمايدىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ تۇراتتى. ئۇ، ئۆلۈمنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئەزرائىل ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى، پۈتكۈل يۈرەك-باغرى مۇزلاپ، سوغ تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنى غېرىبلىق باستى. بۇرۇن ئانچە قەدىردان بىلىنمەيدىغان ئايالى ئەمدى بىردىنلا پەرىشتىدەك يېقىملىق تۇيۇلۇپ، كىچىك بالىلاردەك ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ياتمىسا قورقىدىغاندەكلا تۇيغۇغا كېلىپ قالدى.

- يېقىن كېلىڭلا، ئانىسى، - دېدى ئۇ كۈچسىز قوللىرىنى ئۇنىڭ قولىغا سوزۇپ، - مېنى بىردەم بولسىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇڭلار، بىر قىسما بوپ قېلىۋاتىمەن...

  ئايالى ئېرىنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ئۆتكەن كۈنلەر ئېرىنىڭ كۆز ئالدىغا كەلدى.

  ئۇلار ئاددىي دېھقان بولسىمۇ ھەر ھالدا ئوبدان ئۆتكەنىدى. بۇ يۇرتتا ئەرلەر ئاياللارغا پۇل تۇتقازمايتتى، ئايالغا پۇل تۇتقۇزغانلار بولسا باشقىلار ئۇنى «سايىماخۇن» دەپ ئەيىبلەپ باش كۆتەرتمەيتتى. خوتۇنلىرىمۇ بۇنىڭغا كۆنۈك ئىدى. ھەر قانداق بىر ئەرنىڭ ئايالى ئۇقىدىغان پۇلدىن بۆلەك يەنە ئەل-ئاغىنىلىرى بىلەن ياكى زۆرۈر ئەھۋاللاردا خەجلەيدىغان بىر نەچچە مىڭ يۈەن پۇلى بولمىسا، ئۇنى سورۇنلاردا باشقا ئاغىنلىرى كۆزگە ئىلمايتتى. ئارىغىمۇ ئالمايتتى. شۇڭا خوتۇن-بالىلىرىدىن يوشۇرۇن پۇل يىغىش بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ نورمال ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.

  ھالبۇكى، مەتباقى باشقىلاردەك ئاللىقانداق بىر ئوينىشى ياكى يېڭى تونۇشقان خوتۇن-قىزلارغا ئانچە-مۇنچە كىيىم-كېچەكتەك بىر نېمىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز بالىلىرىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى ئۈچۈن پۇل يىغىپ ئون ئالتە يىلدا ئاران 20 مىڭ يۈەن قىلغانىدى. ئۇ، بۇ پۇللارنى بۇرۇن خوتۇنىغا نەچچە دەيمەن، دەپ تەمشىلىپ بولۇپ يەنە توختاپ قالغانىدى. چۈنكى ئايالى كۆرگەنلا نەرسىنى ئېلىشقا ئامراق بولۇپ، كىيىم-كېچەكنىڭ غەلۋىسىنى تولا قىلاتتى، ئۆيگە پۇل كىردىمۇ، خەجلەپ-خەجلەپ تاكى تۈگىتىۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايتتى. بالىلار چوڭ بولۇپ ئالدى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى، ئەگەر ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا توغرا كەلسە، باشقىلارنىڭ دېگىنى راست بولىدىغان بولسا، 20مىڭ دىگەن ھېچنەرسىگە دالدا بولمايتتى. ئۇ بۇ پۇللارنى پات-پات كۆرۈپ تۇرمىسا، ئۆز قولى بىلەن ساناپ باقمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ياكى بانكىغا قويسا، كىرىپ-چىقىش جەريانىدا ئايالىنىڭ كۆرۈپ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقتىمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزى ساقلاپ، ساقلىغاندىمۇ پاختا ئىچىدە ئوت ساقلىغاندەك تەستە ساقلاپ يۈرەتتى. مانا ئەمدى ئەجەل ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، ئۇ ئۆلۈپ كەتسە، بۇ پۇللارنى ھېچكىم تاپالمايدۇ. چىرىپ كېرەكسىز بىر دۆۋە قەغەزگە ئايلىنىدۇ. ۋاقتى كەلدى، بۇ پۇللارنى خوتۇنىغا ئاشكارلاشنىڭ پەيتى كەلدى، خوتۇنى بۇنى ئۇقسا ئۆزىنى ئالدانغاندەك ھېس قىلىپ دەسلەپ خاپا بولۇشمۇ مۇمكىن، بىراق ئۇنى بالىمىزنىڭ ئوقۇشىغا ئىشلەتكىنىدە چوقۇم مېنى «مۇشۇنچىلىك پۇلنى بولىسمۇ سىقىپ قويۇپ ياخشى قىپتىكەن» دەپ قالار.

  - سىلىگە بىر گەپ بار ئىدى، بۇرۇن دېيىشنى ئويلىساممۇ دېيەلمىگەن، ئەمدى دېمىسەم بولمايدۇ.... - دېدى ئېرى تەستە ئېغىز ئېچىپ.

  - نېمە گەپتى؟ - خوتۇنى ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا يېقىن سۈرۈلدى، - دەڭلا دادىسى، قانداقلا گەپ بولسا دەۋېرىڭلا!

  - مەن بىز ئۆي تۇتقاننىڭياقى تېرىپ-تۆشەپ يۈرۈپ بالىلىرىمىز ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كېيىنلىكىنى ئويلاپ سىلىگە ئۇقتۇرماي پۇل يىغقانىدىم، ھازىر توپتوغرا 20مىڭ يۈەن بوپتۇ. بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ قالدى، مەندىن كېيىن قالساڭلا، ئۇنى بالىلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئىشلىتەرسىلە...

  مەتباقى پۇلنىڭ نەگە يوشۇرۇلغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ بېرىپ بولغاندىلا، يەلكىسىدىن ئېغىر بىر تاغ ئېلىپ تاشلانغاندەك ئۆزىنى يەڭگىل ھېس قىلدى. ئەمدى ئۆلۈپ كەتسىمۇ ئارمانسىز كېتەتتى.

  دۇنيانىڭ ئىشلىرى قىزىق، ئويلىمىغان ئىشلار، ئويلاپمۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تاسادىپىيلىقلار ھەر قاچان ئۇچراپ تۇرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، مەتباقى دوختۇرلارنىڭ ئېيتقىنىدەك ياكى ئۆزى «سەزگەن» دەك ئۆلۈش ئەمەس، ئەكسىچە ئۆلمەي ساقىيپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ ساقىيىشى بۇ ئائىلە ئۈچۈن پاجىئە ئېلىپ كەلدى. خوتۇنى ھە دېسە «مەندىن يوشۇرۇپ يىققان پۇللىرىڭ ئاران 20مىڭلا ئەمەس، تېخى يەنە جىق، سەن ئۇنىڭ ھەممىنى تاپشۇرماي قايسى ئاشناڭغا ساقلايتتىڭ» دەپ تولا غەلۋە قىلىدىغان، بېشەملىك بىلەن ئۇرۇشىدىغان بولۇۋالدى. ئۇ، بۇ خوتۇندىن جاق تويۇپ كەتتى، «نېمىشقىمۇ ئۆلۈپ كەتمەي ساق قالغاندىمەن» دەپ ئۆز-ئۆزىگە ئۆكۈنەتتى. ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇنداق چىدىغۇسىز كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرمەيتتى. بۇنداق بولارىنى كىممۇ ئويلىغان؟... «ھەي، خوتۇن كىشى دىگەنگە زادى ئىچ سىرىنى بېرىدىغان نەرسە ئەمەسكەن. مەن بۇ تۈگىمەس غەۋغالارنى پۇلغا سېتىۋالدىم...

  ھۆرمەتلىك تورداشلار، سىلەر بۇلارنى ئوقۇپ قانداق تۇيغۇدا بولۇۋاتىسىلەر؟ بۇ ماجرا، بۇ كۆڭلۈسىزلىكلەر ئەرنىڭ يوشۇرۇن پۇل يىغقىنىدىن بولغانمۇ ياكى ئايالنىڭ ئېرىگە ئىشەنمەي، گۇمانى بويىچە ئىش كۆرگەنلىكىدىنمۇ؟ بۇنى ئەقىل تارازىڭىزغا سېلىپ كۆرگەيسىز!
مەنبەسى:http://www.kuktulpar.com/bbs

_______ جۇدا تەھرىرىلىدى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 12:04 چوققىغا قايتىش
towa代man

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 243
شۆھرەت: 244 نۇمۇر
پۇل: 2420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يوشۇرۇن پۇل يىغسا نىمە بوپتۇ ، يا ئۇنى كەيىپ ساپاغا ئىشلەتمەپتۇ . ئەگەر كەيىپ ساپاغا ئىشلەتسە ئاشۇنچىلىك پۇل يىغالارمىدى . ئاۋۇ خۇتۇن زادى چاتاق خۇتۇنكەن . ئۇنداق خۇتۇندىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك . مىنى خوتۇنۇم ئۇنداق دەپقالمىسۇن گېلىدىن سىقىپ.......................................

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 14:20 چوققىغا قايتىش
turan143



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 40
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 400 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى ئاتا ئىكەن ھازىر شۇنداق قىلمىسا ئاياللارغا تاغمۇ يەتمەيدۇ

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 14:25 چوققىغا قايتىش
saadat
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1754
شۆھرەت: 1880 نۇمۇر
پۇل: 17540 سوم
تۆھپە: 115 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:828(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىنىڭچە ئۇ ئادەمنىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس.تۇرمۇشتا ئىككىلا تەرەپنىڭ ئىقتىساد مەسلىگە بولغان مۇئامىلىسى ئوخشاش بولمايدۇ.
بەزىلەر قۇلىدا بار بولغان پۇللارنى تىزراق ياخشى كۆرىدىغان كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىغا ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ،بەزىلەر بولسا ھەر قانچە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ كىيىنكى مۇھىم ئىشلار ئۇچۇن ئازراق پۇل ساقلاپ قۇيۇشنى ئادەت قىلىدۇ....
يىغىپ كەلسەك ئۇ ئادەمنىڭ پۇل يىغىشى ئايالىغا ئىشەنمىگەنلىكى ئەمەس،بىرەر ئېغىر كۇنلەر كىلىپ قالسا يەنە شۇ خۇتۇن-بالىلىرى ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىق،بىر ئائىلە كىشىلىرىنى مۇھتاجلىقتىن قۇتقۇزۇش!بۇزۇپ-چېچىپ سىرتتىكىلەرگە خەجلەيدىغان مەقسىدى بولسا نەچچە بالىنى ئۇقۇتىۋاتقان بىر ئاددى دىھقاننىڭ 20مىڭ يۇەن يىغىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس!
ئەڭ مۇھىمى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ ۋە پىلان-مەخسەت بىرلىكى!


Nurluk elani

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 14:35 چوققىغا قايتىش
Spark

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 103
شۆھرەت: 109 نۇمۇر
پۇل: 197 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يامان ئىكەنغۇ؟ ھازىر خېلى خېلى ئەرلەر خوتۇنىدىن قورقۇپ ئايرىم پۇل ساقلىيالمايدۇ.

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

[img]http://images13.51.com/120/a/e3/e2/turkax/1199174423_66686100.jpg[/img
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 14:35 چوققىغا قايتىش
mahsut

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 99
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 721 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:101(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خوتۇن ئالغاندا دىققەت قىلىڭلار دىمىگەنمىدىم!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 14:42 چوققىغا قايتىش
OKYAN0997



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاشۇ پۇللار چىرىپ بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلانغان تەغدىردىمۇ ئۇ بىشەم خۇتۇنغا دىمىسىمۇ بۇلۇپتىكەن بۇ بىچارە .

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 16:37 چوققىغا قايتىش
janim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 21
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 216 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:26(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەيلى قايسى تەرەپ بولسۇن...يوشۇرۇن پۇل يىغىش خاتا ئەمەس ....لېكىن شۇ يۇشۇرۇن يىققان پۇلىنى نىمە مەقسەتتە يىغىش، نىمىگە ئىشلىتىش؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Nurluk elani

مەن شۇمەن،ئوغلان.
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 16:46 چوققىغا قايتىش
adila01

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 276
شۆھرەت: 287 نۇمۇر
پۇل: 2760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:94(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ئىشنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشى ساقلانغان پۇلنىڭ نىمە مەخسەتتە ساقلانغانلىقىغا باغلىق ، ئۆيدە خوتۇن ، بالا - چاقىلارنى تۇرمۇشتىن قىسىپ تالادىكى ئادەملىرىگە قىسىلماي خەژلەيدىغان ئەرلەرمۇ بار .

Nurluk elani
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 16:50 چوققىغا قايتىش
Ra~NA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 230
شۆھرەت: 231 نۇمۇر
پۇل: 2300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:265(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەيلى قايسى تەرەپ بولسۇن...يوشۇرۇن پۇل يىغىش خاتا ئەمەس ....لېكىن شۇ يۇشۇرۇن يىققان پۇلىنى نىمە مەقسەتتە يىغىش، نىمىگە ئىشلىتىش؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 16:56 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:47, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije