>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> تارىخ بەتلىرى -> ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر ئىككى مەسىلە

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1548 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر ئىككى مەسىلە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ئىز0997

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 80
شۆھرەت: 91 نۇمۇر
پۇل: 800 سوم
تۆھپە: 8 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:100(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر ئىككى مەسىلە

[/color]                                               [color=deeppink] ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر ئىككى مەسىلە
                                                            (سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ)[/color]

[color=limegreen]   مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ بېشىدا قارا نىيەت شېڭ شىسەي شىنجاڭدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ،ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ،بىر مەزگىل «ماركىسىزىم-لېنىنىزىم ئۆگەنگەن»،«كوممۇنىزىمنى خالايدىغان» قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ ،كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئازكارلاپ ،شىنجاڭدا ئۆزى گۇمانلىق دەپ قارىغان يۇرت مۆتىۋەرلىرى ،بايلار ،دىننىي زاتلار ،دېمكۇراتتىك زاتلارنى ھەدەپ قامىدى ،بولۇپمۇ گىتلېر گېرمانىيىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ،كوممۇنىستلار ،زىيالىلار ھەتتا ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ ككلەملىك زىيانكەشلىك قىلدى .بەزى ماتېرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ،ئەينى ۋاقىتتا تۆت مىليۇن نوپۇسى بار شىنجاڭدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قامالغان ۋەئۆلتۈرۈلگەن ئادەم 100مىڭغا يەتكەن .شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسى زۇلۇمى ،خەلق ئۈستىدىكى ھەر خىل چىدۇغۇسىز ئالۋان- سېلىق،پۇل پاخاللىقى ،مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خەلىقنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە نارازىلىق ئوتىنى تۇتاشتۇردى .شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدا كەينى -كەينىدىن ئىنقىلابىي ھەركەتلەر پارتلاپ چىقتى.جۈملىدىن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدىن باشلىنىڭ ،ئىلى ،ئالتاي ،تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگىچە كېڭەيگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى شىنجاڭ تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي ھەركەتلەر ئىچىدە پىلانلىق ۋە تەشكىللىك قوزغالغان ،داۋام قىلغان ۋاقتى ئۇزۇن ،تارىخىي ئەھمىيىتى چوڭ بولغان ئىنقىلاب ھىسابلىنىدۇ .
    تۆۋەندە مەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر ئىككى مەسىلە ،يەنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى ۋە تېنىچلىق بېتىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

                                        1.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى
    شېڭ شىسەي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ،گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقاندىن كېيىن ،خەلقنىڭ گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقى،قارشىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدىكى بىر قىسىم ياشلار ھەرخىل يوللار بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ پاناھلانماقتا ئىدى . بۇ ياشلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغاندىن كېيىن بىر نەچچە يەردە گۇرۇپپا تەشكىللەپ ، شىنجاڭنى قايتىپ گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابىي ھەركەت ئېلىپ بېرىش كويىدا بولدى .ئەنە شۇ گۇرۇپپىلاردىن بىرى قازاقىستاندا تەشكىللىنىپ ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرخىل ياردىمى بىلەن 1944-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئالمائاتادىن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ جۇغراپىيە ،سىتراتېگىيە ۋە باشقا جەھەتلەردە مۇۋاپىق بولغان نىلقا ناھىيىسىگە ئاتلاندى .
    شىنجاڭدا شېڭ شىسەي ،گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابىي ھەركەت ئەسلىدە 1943-يىلى يازنىڭ بېشىدا قەشقەر ،ئىلى ،تارباغاتاي تەرەپلەردە باشلىنىشى پىلانلانغانىدى.ئەمما ئىچكى جەھەتتە جاسۇسلارنىڭ چىقىشى ئارقىسىدا ،ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمىغان ، شۇنىڭ بىلەن 1943-يىلى 8-ئايدا ئىش باشلاش توغرىسىدا ئويلىشىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئىمكانىيەت بولماي ،رەسمىي ئىنقىلابىي ھەركەت 1944-يىلى 8-ئايغا سۈرۈلگەن .ئالتاي تەرەپتە بولسا ،1940-يىلى 2-ئايدا شېڭ شىسەيگە قارشى ئىرىسقان ،ئېشىمقانلار باشلىغان بىر قوراللىق گۇروھ بۇلۇپ، بۇ گۇروھ بىر توزۇپ ،بىر يىغىلىپ كەلگەنىدى .1943-يىلىغا كەلگەندە ،شۇ گۇروھنىڭ داۋامى ھېسابىدا ئوسمان ئىسلام باشچىلىقىدىكى بىر قوراللىق گۇروھ پائالىيەت ئېلىپ باردى.1943-يىلى كۈزدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشىم بويىچە(موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق )بەرگەن ياردىمى بىلەن ئالتايدا ئوسمان ئىسلامنىڭ قوراللىق ھەركىتى كۆرۈلدى.جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا ،تاشقورغاندا ئارىلاپ ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شۇنىڭ بىلەن دىققىتىنى ئالتاي،تاشقورغان تەرەپلەرگە قارىتىشقا مەجبۇر بولدى . ئەنە شۇنداق ۋەزىيەتتە شىنجاڭدا شېڭ شىسەيگە ،گومىنداڭغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ئىنقىلابىي ھەركەت ئىلى ۋىلايىتىدىن باشلاندى.
      يۇقۇردا ئېيتىلغان قازاقىستاندا تەشكىللىنىپ نىلقىغا ئاتلانغان گۇرۇپپىدا پاتىخ مۇسلىموۋ باشلىق يەتتە كىشى بار ئىدى .بۇلار :پاتىخ مۇسلىموۋ(گۇرۇپپا باشلىقى)،خەمىت مۇسلىموۋ،رەپىق بايچۇرېن، قۇربان بۇرھانىدىنوۋ،ئوسمان ئىبرامىموۋ، نۇر ئوبۇلوۋ ، ھوشۇر مامۇتوۋ.بۇلارنىڭ ئىچىدە پاتىخ موسلىموۋتىن باشقىلىرى 20نەچچە ياشلىق ياشلار بۇلۇپ ، پاتىخ ئۇلاردىن ئون نەچچە ياش چوڭ ئىدى .پاتىخ موسلىموۋ ئەسلىدە نىلقا ناھىيىلىك يەرلىك مەھسۇلاتلار شىركىتىدە مۇئاۋىن جىڭلى ئىدى .قۇربان بۇرھانىدىنوۋ ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان .خەمىت مۇسلىموۋ پاتىخنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى ،رەپىق بايچۇرېن پاتىخنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئوسمان ئىبراھىموۋ ،نۇر ئوبۇلوۋ ،ھوشۇر مامۇتوۋلار بولسا غۇلجا ئايرودرومىدىكى گومىنداڭنىڭ ئۇچقۇچى تەييارلاش مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخسسسلىرىنىڭ ھويلا ئىشچىلىرى ئىدى . بۇلاردىن خەمىت مۇسلىموۋ نىلقا ساقچى ئىدارىسىنى ئېلىش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى .ئوسمان ئىبراھىموۋ كېيىن قۇربان بولدى . باشقىلىرى 50-،60-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتتى.
      پاتىخ مۇسلىموۋنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىسى نىلقا تەرەپكە كېتىۋاتقاندا يولدا ئاۋارىچىلىككە يولۇقۇپ ،چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئالتە كىشى ئۆز ۋاقتىدا نىشانغا يېتىۋالدى. بىر كىشى ئېزىپ كېتىپ ،ئون نەچچە كۈندىن كېيىن نىلقىغا يېتىپ باردى .بۇ قوراللىق گۇرۇپپا نىلقا ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كۆك قامىر تېغىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان ئولاستاي قىشلىقىغا بېرىپ ،ئەكبەر ،سېيىت ،غېنى ،ئىۋان شۇتوۋ،مولداجان ،ناۋان قاتارلىق ئەزىمەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ، قوراللىق كۈرەشنى باشلىدى .ئۇلار ھەركەت باشلاشتىن ئىلگىرى ئولاستاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىشلاقلاردا ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ ، ئۇلارنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەشكىللىدى. نىلقا پارتىزانلىرىغا پاتىخ مۇسلىموۋ ،ئەكبەر ،غېنىلار باشچىلىق قىلدى . ئىنقىلابىي ھەركەتنىڭ باشلانغانلىغىنى بىلگەن گومىنداڭ تەرەپ ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئولاستايغا 30ئەسكەر ئەۋەتتى .1944-يىلى 10ئاينىڭ 10- كۈنى (روزى ھېيت نامىزى كۈنى ) پارتىزانلار تۇنجى قېتىم گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى جەڭ قىلىپ ، ئۇلارنى تارمار قىلدى . بۇ جەڭدىن كېيىن خەلقنىڭ قوراللىق كۈرەش قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. ئىككىنچى قېتىملىق ئاساسلىق جەڭ نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھوجۇم قىلىش جېڭى بولدى .بۇ جەڭگە 500گە يېقىن ئاتلىق پارتىزان قاتناشتى .پارتىزانلار 10-ئاينىڭ 23-كۈنى نىلقا ناھىيە بازىرىنى ئازاد قىلدى .گومىنداڭ دائىرلىرى چۆچۈپ كېتىپ ،غۇلجىدىكى ھەربىي كۈچلىرىنى كۆپلەپ يۆتكەپ ،ئارقا-ئارقىدىن نىلقىغا ئەۋەتىپ ، نىلقا ناھىيسىگە تۆت تەرەپتىن ھوجۇم باشلىدى . نىلقا ناھىيە بازىرىنى تارتىۋالدى.ئەنە شۇنداق جىددى جەڭ بولىۋاتقان كۈنلەردە غۇلجىدىن ئادەم كېلىپ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى غۇلجىغا بېرىپ ،11-ئاينىڭ 7-كۈنى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۇقتۇردى .شۇ كۈنى 1000دىن ئارتۇق ئاتلىق پارتىزان (350چە ھەرخىل قورال-ياراغ بار) مازاردىكى گومىنداڭ قىسىملىرىنى ئوققا تۇتۇپ يول ئېچىپ ،تار يولى بىلەن غۇلجىغا قاراپ ئاتلاندى . 11-ئاينىڭ 7-كۈنى شەرقتىن نىلقا پارتىزانلىرى ،غەربتىن قورغاس پارتىزانلىرى غۇلجا شەھرىدىكى قوزغىلاڭ تەييارلىقىنى كۆرۈپ قويغان خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كۈن جەڭ قىلىپ ، غۇلجا شەھرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى گومىنداڭدىن ئازاد قىلدى . غۇلجا شەھرىدىكى ھەرەمباغ ،ئايرودوملارغا قېچىپ كىرىۋالغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىر تارمار بولۇپ ،غۇلجا شەھرى تولۇق ئازاد بولدى.

                                    2.تىنچلىق بېتىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدىكى سەۋەبلەر
      نىلقا تاغلىرىدىن باشلانغان ئىنقىلاب ئىلى ،تارباغاتاي ،ئالتاي ۋىلايەتلىرىگە كېڭىيىپ ،1945-يىلى 9-ئاينىڭ 16- كۈنىگە كەلگەندە ، بۇ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ 27 ناھىيىسىدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاندى .ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلگەندە ،بۇيرۇققا بىنائەن ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىغىدا توختاپ قالدى .بۇنىڭ سەۋەبى ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدا تىنىچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئوتتۇرغا چىققان ئىدى .نىمە ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدا 11ماددىلىق تىنىچلىق بېتىمى ئىمزالاندى؟ ئەينى ۋاقىتتىمۇ بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ : «ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ ، ئۈرۈمچىگە يېقىنلاپ قالغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئاقسۇ ۋە تاشقورغاندىكى قوراللىق كۈرەشلەر رەسمىي كېڭەيگەن ئەھۋالدا ،يەنە نىمە ئۈچۈن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنىچلىق بېتىمى تۈزىلىدۇ؟»دېيىشكەنىدى .ھەتتا ئارمىيە ئىچىدىكى «ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ قالغان ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ ،ئۈرۈمچىنى ئېلىش كېرەك » دېگەن تەلەپنى قويغان ئايرىم كىشىلەر «ھەربىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى » دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى .
      «نىمە ئۈچۈن تىنىچلىق بېتىمى ئىمزالاندى؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئوخشاشمىغان كۆز قاراشلار ئەينى ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن ،ھازىر ھەم بار. تۆۋەندە مەن بۇ ھەقتە توختىلىپ ،قاراشلىرىمنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن .
  بىرىنچى، «ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىپ غەلبە قازىنىشقا كۆزى يەتمىگەنلىكتىن ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ ،تىنىچلىق بېتىمى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان » دېگەن قاراش توغرىسىدا.مېنىڭچە بۇ قاراشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق .ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلىپ ماناس دەرياسى بويىغا كەلگەندە ،ماناس ناھىيىسىدىكى گومىنداڭ قوشۇنى بۇ ناھىيىنى تاشلاپ شەرق تەرەپكە چېكىنىشكە باشلىغان . ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ماناس دەرياسىدىن ئۆتمىگەنلىكتىن ،گومىنداڭ قوشۇنى ماناس ناھىيە بازىرىغا قايتىپ كېلىپ ئورۇنلاشقان . بۇ چاغدا گومىنداڭ نۇرغۇن ئەسكىرىي كۈچىدىن ئايرىلىپ ئاجىزلاپ قالغاچقا ،ئۈرۈمچىدىمۇ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى .گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق 8-ئۇرۇش رايۇنىنىڭ قوماندانى جۇشاۋلياڭ چوڭچىڭغا قايتا-قايتا تېلېگرامما يوللاپ ،« ۋەزىيەت ئېغىر ،كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىنى مولچەرلەش تەس» دېگەن . ئۇ يەنە جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىگە ئەھۋال ئۇقۇشقىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا شۇ چاغدا ئۈرۈمچىنى ساقلاۋاتقان گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ ئاران ئالتە يىڭ ئىكەنلىگىنى ئېيتقان .جاڭ جىجۇڭ دەرھال جىياڭ جيېشىگە تېلېگرامما يوللاپ ،« بۇ يەرنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن جىددى ...غۇلجا قوشۇنلىرىنىڭ ئىلگىرلىشىنى توختىتىشتىن باشقا ئامال قالمىدى ،ئۈرۈمچىنى قوغداپ قېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسى يول ...ھازىر پەقەت دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىلا بار » دېگەن . دىمەك ،بۇ چاغ دەل ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى غەلبە قىلىۋاتقان ،گومىنداڭ قوشۇنلىرى مەغلۇبىيىتىگە تەن بېرىۋاتقان ۋاقىت بولۇپ ،بۇ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئاجىز كېلىپ قېلىپ ،بېتىم تۈزۈش يولىغا ماڭغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ماناس دەرياسى بويىغا كېلىش ئالدىدا گومىنداڭنىڭ جىڭدىكى 7000كىشىلىك ،شىخودىكى 4000كىشىلىك قوشۇنىنى بىت-چىت قىلغانىدى .مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالتە يىڭ ئەسكىرىدىن قورقۇپ ،تىنىچلىق بېتىمى تۈزۈش يولىغا ماڭغان دېسە ،تازىمۇ كۈلكىلىك گەپ ئەمەسمۇ؟
    ئىككىنچى،تىنىچلىق بېتىمىنىڭ ئىمزالىنىشى يالغۇز شىنجاڭدىكى يەككە -يىگانە مەسىلە دەپ قارىماي ،ئۇنى شۇ چاغدىكى جۇڭگونىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ۋە دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاراش كېرەك :(1)1944-يىلى شىنجاڭنىڭ بىر نەچچە يېرىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئېزىشىگە ،زوراۋانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرەش باشلاندى .شۇ چاغدا غەربتە گىتلېر ئارمىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئېنىق بولۇپ قالغان ئىدى . شەرقتە ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تەقدىرى ھالاكەتكە يۈزلەنگەنىدى. ئەنە شۇنداق تارىخ شارائىتتا ،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جۇڭگو خەلقنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىغا ماسلىشىپ ،ئامېركا جاھانگرلىكىنى ئارقا تېرەك قىلغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىگە زەربە بېرىپ ،جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈش بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىمۇ ئازاد قىلىش مەقسىتىدە قوزغالدى .(2)1945-يىلى 5-ئايدا گىتلېر گېرمانىيىسى تارمار قىلىندى .1945-يىلى 8-ئايدا ياپون جاھانگىرلىكى شەرتسىز تەسلىم بولدى .شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشتى .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىر قانچە ئون دۆلەت ،نەچچە مىليارد خەلىق ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىلدى . بۇ ئۇرۇشتا 50نەچچە مىليۇن ئادەم ئۆلدى .شۇڭا دۇنيا خەلقى تىنىچلىقنى ،دېموكراتىيىنى ئارزۇ قىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئەللەردە تىنىچلىق سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى . شۇ يىللاردا چاۋشىيەن بىلەن ۋيېتنام جەنۇب ۋە شىمال دەپ ئىككىگە بۆلۈندى .گېرمانىيىمۇ «شەرقىي گېرمانىيە»،«غەربىي گېرمانىيە » دەپ ئىككىگە ئايرىلدى .(3)جۇڭگودا 1945-يىلى 8-ئايدا ،رەئىس ماۋزېدۇڭ يەنئەندىن چوڭچىڭغا بېرىپ ،جىياڭ جيېشى بىلەن تىنىچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
    ئۈچۈنچى،قانداقتۇر ، «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭنى مۇستەققىل قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا خەلقىئارا ۋەزىيەتنىڭ يول قويمىغانلىقى شىنجاڭدا تىنىچلىق بېتىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا سەۋەب بولغان » دېگەن قاراش توغرىسىدا. بۇ يەردە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا بىر يىلغا يېقىن مۇستەقىللىق شۇئارى قويۇلۇش بىلەن ۋاقىتلىق شەرقىـــــي تۈركىـستــان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ ،خەلقئارادا ئامېركا ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ، ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يالتا يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قېلىشى ھەققىدە توختام بولغاندىن كېيىنلا ،ئۈچ ۋىلايەت مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ ،گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنىچلىق بېتىمى تۈزۈش يولىغا كىرگەن ،دېگەن قاراش ئالغا سۈرۈلىدۇ .باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،خەلقئارانىڭ موسكۋاغا بولغان بېسىمى نەتىجىسىدە ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ موسكۋانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنىچلىق بېتىمى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ،دىمەكچى.
    1945-يىلى ئۈچ چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يالتا يىغىنىدا شىنجاڭ مەسىلىسى ،تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسى قاتارلىق جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ،ئاخىردا شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە كېلىشكەنلىكى ئەمەلىيەت. لېكىن ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئىزچىللىق مەيدانىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئۇنىڭ شىنجاڭنى مۇستەقىل دۆلەت (ياكى قارام دۆلەت ) قىلىپ تەشكىللەش نىيىتى يوق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .يالتا يىغىنىدا موسكۋانىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان .بەزى ماتىرياللارغا قارىغاندا ، ئەينى ۋاقىتتا سىتالىن تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ ئوتتۇرغا قويغان ۋە جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ« سىتالىننىڭ بۇ پىكرى بىر ئاز ئۆزگەرتىلسە ،جۇڭگو ـــ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ موڭغۇلىيىگە كىرىپ تۇرىشىغا قارشى تۇرمايدۇ .... تاشقى موڭغۇلىيىگە ئالىي مۇختارىيەت بېرىشكىمۇ قوشۇلىدۇ »،دېگەن پىكرىنىمۇ رەت قىلىپ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرغان . تىنىچلىق بېتىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا خەلقئارانىڭ موسكۋاغا بولغان بېسىمى سەۋەب بولغان ئەمەس ،ئەمىليەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشتىن -ئاياغ شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش نىيىتىدە بولغان ئەمەس.
      تۆتىنچى،تارىخىي جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە مۇئەييەن كۆز قارشى بولغان :(1)1921-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈركىــــستــان بيوروسى ئارقىلىق شىنجاڭدا مۇستەققىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ھەققىدە ،موسكۋادىكى سوۋېت خەلق كومسسارىياتىغا ياردەم سوراپ يازغان مۇراجىئەتنامىگە موسكۋادىن كەلگەن جاۋاپتا : « شىنجاڭدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش سەلبىي ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ ... خــــىتـــايغـــا نىسبەتەن بىزنىڭ ئۇمۇمىي دوستلۇق سىياسىتىمىز ۋە خــــىتــاي دېموكراتىيىسىگە ئىشەنچىمىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن خــــىتــاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىمىزنى ساقلاشقا مەجبۇرمىز» دېيىلگەن.لېكىن شۇ كۈنلەردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزى ئۈچۈن ستراتېگىيە جەھەتتە مۇھىم بولغان تاشقى موڭغۇلىيىدىن ئىبارەت قالاق ،نوپۇسى ئەڭ ئاز چۆللۈك رايۇندا مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سوخاباتۇرغا ياردەم بېرىپ ،ئۇنى قوللىدى .مانا بۇ روشەن سېلىشتۇرما سابىق سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان قارىشىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .(2) 1935-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى (شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن )سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 7-قۇرۇلتىيىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولوتوۋ جاكارلىغان مۇراجىئەتنامىدا : « مەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خــــىتــايغا قاراتقان ھەقىقى سىياسىتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە ،باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتوريىسىنى تارتىۋېلىش بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىز بىلەن سىغىشالمايدۇ . ئۇ شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خــــىتــاي تېررىتىرىيىسىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ۋە ئىگىللىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدۇ » دېيىلگەن.(3)30-يىللارنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ۋە ئۇنىڭ باشلىقى خوجىنىياز ھاجىنى قوللاپ ،ئۇنىڭغا ھار جەھەتتىن ياردەم بەرگەنىدى.كېيىن شېڭ شىسەينى قوللاپ ،خوجىنىياز ھاجىنى شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا ئۈندىدى.شۇنىڭدەك شېڭ شىسەيگە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى تارمار قىلىپ (مەسىلەن ،1937-يىل-4-ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭدا ،1940-يىلى 2-ئايدا ئالتايدا)،شېڭ شىسەي ھاكىمىيىنىڭ مۇستەھكەملنىشىگە ياردەم بەردى.(4) 1938-يىلى شېڭ شىسەي مەخپىي ھالدا موسكۋانى زىيارەت قىلىپ ،سىتالىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە،شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش تەلىپىنى قويغان .ئۇ شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ ،185911-نومۇرلۇق پارتىيە ئەزالىق كېنىشكىسى ئالغان .ئۇنىڭ ئۈستىگە ،شۇ ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ماتورلاشقان برىگادىسى قۇمۇلدا 8-تۈەن نامىدا تۇراتتى . ئۈرۈمچى-تۇدۇڭخابا رايۇنىدىمۇ سوۋېت قوراللىق كۈچلىرى تۇرغانلىقى مەلۇم. شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشى تامامەن مۈمكىن ئىدى .ئەنە شۇنداق ۋەزىيەتتىمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا قوشۇلمىدى.
    بەشىنچى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى بەزى ئەھۋاللاردىن قارىغاندىمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولىشىنى رەت قىلىدۇ :(1)نىلقىدا ئىنقىلاب پارتىلاشتىن بۇرۇن شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئىستىقبال مەسىلسىدە ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتۈن جۇڭگو ئازاد بولغاندا شىنجاڭ جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالىدۇ،دەپ ئالدىن مۇقۇملاشتۇرغان .شۇڭلاشقا ،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەقسىدى بىلەن نەتىجىسى بىردەك بولدى.(2) ئېيتىشلارغا قارىغاندا 1945-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى(ئىچكى جەھەتتە) موسكۋاغا خەت يېزىپ ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «شــەرقىـــي تۈركــــستــان جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتى» نى ئېتراپ قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغاندا ،موسكۋا بۇنىڭغا ئاشكارە جاۋاب بەرمىگەن.(3) 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەندە ،مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىپ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى يېۋسېيېۋ بىلەن كۆرۈشكەن . يېۋسېيېۋ ئۇنىڭغا « بۇ ئىشنى (شىنجاڭ مەسىلىسى دىمەكچى) ئامال بار تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرك» دېگەن .ئۇ يەنە «بۇ مەسىلىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويسا ئاسان ھەم ئۈنۈملۈك بولاتتى» دېگەن.(4) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭچىڭدىكى باش ئەلچىسى فېدېروۋ 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى گومىنداڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بىر ئەسلەتمە تاپشۇرغان . ئۇنىڭدا :«ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ماقۇل بولسا ،شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەزىيەتنى توختىتىش،جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە زۆرۈر بولغان ياردەملەردە بولۇش ئۈچۈن ،ئۆزىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلىنى تەيىنلىمەكچى » دېيىلگەن.(5) گومىنداڭ ۋەكىلى 1945-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا لوندوندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولوتوۋ بىلەن ئۇچراشقاندا ،«غۇلجا ۋەقەسى»نىڭ كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىنى ھەققىدە سۆز ئاچقان . مولوتوۋ « مۇنداق ۋەقەلەرنىڭ بولۇشى ۋاقىتلىق ھادىسە ،ئۇزۇن ئۆتمەي بېسىقىدۇ » دېگەن .يۇقۇرقى ئەھۋاللار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن تارتىپ تىنىچلىق بېتىمى ئىمزالانغانغا قەدەر بولسۇن ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ 1949-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە بولسۇن ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭ مەسىلىسىدە ،ئىزچىللىق تۈردە ئۆزىنىڭ مۇددىئاسى ۋە پىلانى بويىچە ئىش كۆرۈپ ،مەسىلىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىش يولىدا ئاكتىپ ۋاستىچىلىك رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .يەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئالاقىدار بارلىق ھەركەتلەرنىڭ تۈپ چىقىش نوقتىسى شىنجاڭدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەپ كېتىشىگە يول قويماسلىق ۋە سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىغا بولىدىغان سەلبىي تەسىرىنى توسۇش بىلەن بۇ جايلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى .
    ئەمدى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مۇستەقىللىق شۇئارىنىڭ ئوتتۇرغا چىققانلىقىغا كەلسەك ، بۇنى كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشتا ئۇنىڭدىن ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلانغانلىق دەپ قارىغان مۇۋاپىق .تىنىچلىق بېتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن ، بولۇپمۇ 1948-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلىقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى تەشكىل بولغاندىن كېيىن ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەسلىكىنى تەدرىجى چۈشۈنۈشكە باشلىدى . ئەمما ئۈچ ۋىلايەت خەلقى ۋە يەتتە ۋىلايەت خەلقى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىندى» دېگەن قاراش بولغان ، مۇنداق قاراش كېيىنكى ۋاقىتلارغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.

                            (سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ،1918-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇرپان چاتقال يېزىسىدا (تۇرپان قىرىمچى)دا كەمبىغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ 1944-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ،1950-يىلى 3-ئايدا ۋاڭ جېن ،ۋاڭ ئېنماۋلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن قەشقەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.دەم ئېلىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممۇتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ،پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى بولغان.
        1945-يىلى 3-ئايدىن 1946-يىلى 6-ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مائارىپ نازارىتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ،قوشۇمچە غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان .1945-يىلى 10-ئايدىن 1948-يىلى 8-ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە رەئىسى بولغان .ئازادلىقتىن كېيىن 1949-يىلى11-ئايدىن 1950-يىلى 5-ئايغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ دۈيجاڭى ،جەنۇبىي شىنجاڭ ھاربىي-مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،قوشۇمچە ئاممىۋى خىزمەت بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان . 1950-يىلى 12-ئايدا گومورو باشچىلىغىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ۋارشاۋاغا بېرىپ ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداش يىغىنىغا قاتناشقان .1951-يىلى 1-ئايدا قەشقەر رايۇنلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ پارتكومىغا ئۆزگەرتىلگەندە يەنە جەنۇبىي شىنجاڭ پارتكومىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن .1951-يىلى 7-ئايدىن 1953-يىلى 9- ئايغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى،قوشۇمچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان .1953-يىلى 8-ئايدىن 1955--يىلى 8-ئايغىچە مەركىزىي كومتېت شىنجاڭ بيوروسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتىنىڭ شۈجىسى بولغان .1956-يىلى 7-ئاينىڭ 9- كۈنىدىن24-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بىرىنچى قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.1956-تىلى7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق بىرىنچى نۆۋەتلىك كومتېتنىڭ بىرىنچى سانلىق ئومۇمىي يىغىنىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان.1960-يىلى 2-ئايدىن 1966-يىلى 5-ئايغىچە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان .1979-يىلى 8-ئايدىن 1980-يىلى 12-ئايغىچە ئاپتونۇم رايۇنلۇق 4-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
1980-يىلى 12-ئايدىن 1987-يىلى 10-ئايغىچە ئاپتونۇم رايۇنلۇق 5-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۈجىسى بولغان. ئۇ يەنە مەملىكەتلىك 1-نۆۋەتلىك ۋە 6-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋە مەملىكەتلىك 5-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان .1990-يىلى 12-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان).


مەنبە:«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر»

سۈمەييە تەھرىرلىدى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 02:04 چوققىغا قايتىش
ALORAMILA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش




ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 03:01 چوققىغا قايتىش
abls



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 41
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 410 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:29(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسلىدە 1943-يىلى يازنىڭ بېشىدا قەشقەر ،ئىلى ،تارباغاتاي تەرەپلەردە باشلىنىشى پىلانلانغانىدى.ئەمما ئىچكى جەھەتتە جاسۇسلارنىڭ چىقىشى ئارقىسىدا ،ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمىغان ، شۇنىڭ بىلەن 1943-يىلى 8-ئايدا ئىش باشلاش توغرىسىدا ئويلىشىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئىمكانىيەت بولماي ،رەسمىي ئىنقىلابىي ھەركەت 1944-يىلى 8-ئايغا سۈرۈلگەن .ئالتاي تەرەپتە بولسا ،1940-يىلى 2-ئايدا شېڭ شىسەيگە قارشى ئىرىسقان ،ئېشىمقانلار باشلىغان بىر قوراللىق گۇروھ بۇلۇپ، بۇ گۇروھ بىر توزۇپ ،بىر يىغىلىپ كەلگەنىدى .1943-يىلىغا كەلگەندە ،شۇ گۇروھنىڭ داۋامى ھېسابىدا ئوسمان ئىسلام باشچىلىقىدىكى بىر قوراللىق گۇروھ پائالىيەت ئېلىپ باردى.1943-يىلى كۈزدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشىم بويىچە(موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق )بەرگەن ياردىمى بىلەن ئالتايدا ئوسمان ئىسلامنىڭ قوراللىق ھەركىتى كۆرۈلدى.جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا ،تاشقورغاندا ئارىلاپ ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شۇنىڭ بىلەن دىققىتىنى ئالتاي،تاشقورغان تەرەپلەرگە قارىتىشقا مەجبۇر بولدى . ئەنە شۇنداق ۋەزىيەتتە شىنجاڭدا شېڭ شىسەيگە ،گومىنداڭغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ئىنقىلابىي ھەركەت ئىلى ۋىلايىتىدىن باشلاندى. BBS.Xabnam.Com din kochuruldiبۇرما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
گومىنداڭغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قۇراللىق ھەركەت ئىلى ۋىلايىتىدىن باشلاندى دېگەن سۆز ئازىرغىشە ئالتاي خەلقى تەرەپتىن ىېتىراپ قىلمىغان مەسىلەدۇر .
ئەينى چاغدا ئالتايدا ئېليپ بېرلغان قۇراللىق تۇقۇنۇش بىرلا شينجياڭ ئەمەس گومينداڭنىڭ كاتتى بىشى جياڭ جيەشى بىلەن
سوۋەېت ئتتىپاقىدا ياتقان ئستاليننىڭ چوڭ دېقىتىنى تاتسا يانى كيلېپ ئامېريكنىڭ ئاقپارات قۇرال خادىملېرى تەرەپتىن يېزىلغان
تۇرسا قانداق قىلىپ ئىلى ۋىلايىتىدىن باشلانغان بۇلىدۇ..................................................................................
بۇل توغۇرلىق ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺟﺎﻗﺴﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻣﯩﻴﺖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﻗﺎﻫﺎﺭﻟﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ" ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻛﯩﺘﺎﺏ 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎﺩﺍ "ﺳﻪﺭﮔﻪﻥ" ﻳﻪﻧﻰ "ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ" ﺋﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﭽﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 3 ﺗﻮﻡ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 3-ﺗﻮﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ "ﻗﺎﻫﺎﺭﻟﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ" ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 3-ﺗﻮﻣﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻳﺎﯞﺭﻭ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﮕﯘ ﻧﻪﺷﺮﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺟﺎﻗﺴﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻣﯩﻴﺖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﺰﻯ ﻣﺎﺧﻼﺳﻠﻰ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺳﻪﺭ 329 ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺵ ﯞﺍﺭﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺭﻩﺳﯩﻤﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ file:///F:/kazak-exodus-10.jpg
file:///F:/Kaharli-Altay.jpg


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 04:29 چوققىغا قايتىش
abls



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 41
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 410 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:29(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


file:///F:/Kaharli-Altay.jpg



[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 04:33 چوققىغا قايتىش
abls



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 41
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 410 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:29(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


rmhttp://images13.51.com/26/a/84/8d/talhar/1196189047_0.26737500s.jpg[/rm].jpg[/img]
ئاشۇ زاماندىكى كېرەيلەر




[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 05:40 چوققىغا قايتىش
koktax



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 53
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
پۇل: 530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:51(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناھايتى ئەتىراپلىق بولغان تارىخى ماتېريال بىلەن تەمىنلەپسىز كۆپ رەخمەت.

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 10:19 چوققىغا قايتىش
ghalip

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئاددىي باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 530
شۆھرەت: 528 نۇمۇر
پۇل: 4008 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:644(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سوۋېتلەر شۇ ۋاقىتتىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ چاپچىپ تۇرغان ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىۋالدى.ئۆززىگە زىيانلىق بولغان ھېسسىياتتىكى خەلىقنىڭ ئىرادىسىدىن پايدىلاندى!
ياخشى بىر تېما ئىكەن.يەنە بارمۇ؟



ئۇيغۇرچىلىق
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 10:36 چوققىغا قايتىش
HALKQIL
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 671
شۆھرەت: 775 نۇمۇر
پۇل: 6653 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:485(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان ياخشى تېما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە ،
يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز !!!



http://bbs.halkqil.com/kiring


[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 10:56 چوققىغا قايتىش
borankox2



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى تارېخى ماتېريال بىلەن تەمىنلەپسىز .ئۇچ ۋېلايەت ئىنقىلابى تۇغۇرسىدا كۇپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدېم،كۇپ رەخمەت        
!


Nurluk elani
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 10:57 چوققىغا قايتىش
ئاقيول



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 47
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:217(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناھايتى ئەتىراپلىق بولغان تارىخى ماتېريال بىلەن تەمىنلەپسىز كۆپ رەخمەت

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 11:03 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:47, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije