>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> جاھاندىكى ئىشلار -> بۇتتۇنىڭ ئۆلىمى ئامرىكا زۇڭتۇڭىنى قاتتىق ئۇمىدسىزلەندۇردى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 2051 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : بۇتتۇنىڭ ئۆلىمى ئامرىكا زۇڭتۇڭىنى قاتتىق ئۇمىدسىزلەندۇردى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
uzar111



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
پۇل: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
بۇتتۇنىڭ ئۆلىمى ئامرىكا زۇڭتۇڭىنى قاتتىق ئۇمىدسىزلەندۇردى

بىر قانچە كۇن بۇرۇن خەلىقئارادىكى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى بىنەزەر بۇتتۇنىڭ 12-27-كۇنى پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كىيىن،دۇنيا بىرىنچى بولۇپ ئامرىكا زۇڭتۇڭى بوشنىڭ پاكىستاندىكى تىرورچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى ،ئامىركىچە دىمۇكىراتىيەنىڭ پاكىستاندا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرغانلىقىغا قاتتىق قايغۇسىنى ئىپادىلىگەنلىنى ئاڭلىدى،ھەرقانداق ھۆكۇمران ۋەزىيەتنى كونتۇرۇل قىلىۋىلىپ بولغاندىن كىيىنلا‹مۇقىملىق ھەممىنى بىسىپ چۇشىدۇ›دىگەن سىياسى شۇئارنى ئوتتۇرغا قويىدۇ،پاكىستان ئامرىكا ئافىغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان ۋاقتىدا ئامرىكىنىڭ ‹ئىتتىپاقدىشى›بولۇشقا مەجبۇرلانغان بولسىمۇ،بىراق ھەربى سىياسى ئۆزگىرىش ۋە مۇستەبىتلىك بىلەن تەخىتكە چىققان مۇشەررەپ خەلىق قەلبىگە ياقماي،پاكىستان ۋەزىيىتى ئۇدا مۇقىم بولمىدى،ئۇنىڭ ئۇستىگە تالبان قايتىدىن جانلىنىپ،يوپۇرۇلۇپ كەلدى.
بوش ھۆكۇمىتى چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۇرگىنىگە سەككىز يىل بولغان بىنەزەر بۇتتۇنى دۆلىتىگە قايتىپ كىلىشكە تەكلىپ قىلىپ ئۇنى مۇشەررەپ بىلەن بىرگە ئامرىكىنىڭ ئىستىراتىگەسى ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئويلىغان بولۇپ،بۇ پاكىستاننىڭ قالايمىقان سىياسى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئامرىكىنىڭ ئەڭ ياخشى تەسەۋۋۇرى ئىدى،بۇتتۇ ئامرىكا پاكىستانغا تاشلىغان چوڭ بىر پىشكا بولۇپ،ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرشى ئامرىكىنىڭ پىلانىنى پۇتۇنلەي سۇغا چىلاشتۇرىۋەتتى،نىيۇيورك ئۇنۋىرستىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرىق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسى بونات رۇبىن‹ۋاشىنگىتۇن پوچتا گىزىتى›گە يازغان ماقالىسىدا مۇنداق دىدى؛‹ئامرىكىنىڭ چۇشى كۆپۇككە ئايلاندى،ئامرىكا ھۆكۇمىتى بۇتتۇنى سايلامغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ،ئۇنى مۇشەررەپنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇشىگە ياردەملەشتۇرۇپ،بۇ ئارقىلىق مۇشەررەپنىڭ ئورنىنى تىخىمۇ مۇستەھكەملىمەكچى ئىدى،›
بۇتتۇ ۋە مۇشەررەپ ھەر ئىككىسى غەرىبپەرەس بولۇپ ئىككى ئۆز ئارا ئوخشىمايدىغان ئىككى گورۇھقا تەۋە ئىدى،ئامرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك ئىھتىياجى ئۇچۇن،بوش ھۆكىمىتى ئارىغا چۇشۇپ ئۇلارنى ھەمكارلىشىشقا،ئۆزئارا ماسلىشىشقا بۇيرۇغان،ھەم بۇئارقىلىق ۋەزىيەتنى كونتۇرۇل قىلماقچى،ۋە ئافىغانىستان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايۇنلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان،بىرىنچى ئايدا ئۆتكۇزۇلۇشى پىلانلانغان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ،ئامرىكا پەرەس بۇ ئىككى ئاۋانگارتنىڭ يىڭى ھۆكۇمىتىنى قۇرۇپ،ئافىغانىستاننىڭ كەينى تەرىپىدە بىر مۇقىم بولغان ئامرىكا بازىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى،ۋە موشۇ ئارقىلىق يەنە پاكىستاننىڭ يادرو قورالىنى كونتۇرۇل قىلماقچى بولغان،بۇتتۇ ئامرىكىنىڭ كۆڭۇل قويۇپ پىلانلىشى بىلەن دۆلىتىگە قايتقاندىن كىيىن،ئاكتىپلىق بىلەن دىمۇكىراتىك سايلام تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرسا،ۋە خەلىق پارتىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ مۇشەررەپنىڭ ھەربى كۇچى بىلەن بىرلىشىپ يىڭى ھۆكۇمەت قۇرسا،مۇشەررەپ ھۆكۇمىتىنىڭ سىياسى ئۆزگىرىش قىلىپ ھوقوق تارتىۋالغان يامان ئوبرازىنى يۇغىلى بولاتتى،ۋە كەلگۇسى ناھايتى يۇقرى مەبلەغكە توختايدىغان سايلام بىلتىنى ئىشلىتىپ،پاكىستاندا غەرىبچە دىمۇكىراتىيەنى ئەمەلگە ئاشقانلىقنى ئىپادىلىگىلى،ۋە ئۇنى باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇگىنىش ئۇلگىسىگە ئايلاندۇرغىلى بولاتتى،بوشنىڭ بۇ چۇشى 12-ئاينىڭ27-كۇنى كەچ قاش قارايغان چاغدا پىشاۋۇردا يۇزبەرگەن بىرىنچى قىتىملىق پارتىلاش ئاۋازى تەرىپىدىن بۇزۇۋىتىلدى.
ئامرىكا گوۋۇيەنىنىڭ ئەمدىلا پىيىنسىيەگە چىققان سالاھىيەتلىك ئەمەلدارى،دانەيار مارج مۇنداق دىدى؛‹بۇ قەسلەش ۋەقەسى پاكىستان ھۆكۇمىتىگىلا ئاپەت بولماستىن،يەنە ئامرىكا ھۆكۇمىتىگىمۇ ئاپەت بولدى،ئۇ يەنە مۇنداق دىدى؛بىز بۇ ئىش ئۇچۇن بىر مەزگىل بەدەل تۆلەيمىز،›
شۇكۇنى ئەتتىگەندە(ئامرىكا ۋاقتى)بوش تىكساس شىتاتىدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا بۇخەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،دەرھال بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى؛‹ئامرىكا ھۆكۇمىتى ئاشۇ ياۋۇز تىرورچىلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ،ئۇلارنىڭ بۇ ئاجىز ھەركىتى پاكىستاننىڭ دىمۇكىراتىيەسىنى بۇزدى،›ھەربى پورمىسىنى سىلىۋىتىىپ يەنە ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان مۇشەررەپمۇ بۇتتۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرغانلىقىدىن قاتتىق چۇچۇپ،پۇتۇن مەملىكەتنىڭ ئۆلگۇچىگە ئۇچ كۇن ماتەم تۇتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
ئامرىكىنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغان ئىش يەنە يۇز بەردى،مۇشەررەپ پاكىستان تارىخدىكى ئەڭ كىشىلەر قەلبىگە ياقىمىغان زۇڭتۇڭ بولۇپ،ئەسلىدە بۇتتۇ رەھبەرلىك قىلغان خەلىق پارتىيسى ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇشىگە ياردەملەشسە،ئۇنىڭ ئورنى مۇستەھكەملىنىپ،ئامرىكىغا تىخىمۇ ساداقەت كۆرسىتەلەيتتى،بۇ قەستلەش ۋەقەسى پاكىستان ۋەزىيىتىنى يەنە ئەڭ ناچار ئۆتمۇشىگە قايتۇرىۋەتتى،مۇشەررەپ يەنە بىرقىتىم يىتىم قىلىپ،ئاممىۋى ئاساسى يوق بولۇپ قالدى،ئەمدىكى بىردىنبىر يول ئۇنىڭ ھەربى كۇچنى ئىشلىتىپ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشى بولۇپ قالدى،ئامرىكا دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت كومىتىتىنىڭ ئەمەلدارى،يىسىبور كىلمان ‹ۋاشىنگىتۇن پوچتا گىزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دىدى؛‹ئامرىكىنىڭ پايدا مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ قارىغاندا،خەلىق پارتىسى قاتناشقان پاكىستان ھۆكۇمىتى ئامرىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ھاكىمىيەت ئورگىنى بولالايتى›بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئامرىكا گوۋۇيەنى ناھايتى كۆڭۇل قويۇپ پىلانلىغان بولۇپ،بۇتتۇ 10-ئايدا دۆلىتىگە قايتىشتىن بۇرۇنقى بىر ھەپتىسى،ئۇ سەككىز يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتى ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىم ئامرىكا كاتىپى رىسنىڭ ئۇنىڭ ھەركىتدىن رازى بولۇپ،مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ئوكيان ئاتلاپ قىلغان تىلىفۇنىنى قوبۇل قىلغان ئىدى،بۇ تىلفۇننىڭ مەزمۇنى بوشنىڭ بۇتتۇغا بولغان مەخپى ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ يۇقرى نوقتا بولۇپ،ئۇنىڭدا ئامرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ ئۇنىڭغا ۋە مۇشەررەپكە ئوخشاشلا ئىشىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى،ئامرىكىنىڭ سىياسى مەسلەھەتچىسى،ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى،كىلىستىڭ،فىرى مۇنداق دىدى؛‹بۇتتۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرشى ئامرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ ئويلىمىغان يىرىدىن چىقتى،ئۇ يەنە مۇنداق دىدى،قارىغاندا ئامرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ ئىككىنچى بىر لاھىيەسى يوقتەك قىلىدۇ،مۇشەررەپنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى قوغداش زۇڭتۇڭ بوشنىڭ پاكىستاننىڭ بىرىنچى ئايدىكى سايلىمىغا قارىتا ئەڭ چوڭ ئۇمىدى،ئۇ ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەكلا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ قالسا يىڭى ھۆكۇمەتنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى ئىلان قىلىدۇ،›بۇتتۇنىڭ ئۆلۇشى پاكىستان ۋەزىيتىگە بىر ئىنىقسىزلىق ئىلىپ كەلدى،ئامرىكا ئۇمىدسىزلەندى،كەلگۇسى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ،بارلىق ئىشلار تۇراقسىزلىق ئىچىىگە چۇشۇپ قىلىپ،بوش ھۆكۇمىتىنى قىيىنچىلىق ۋە كىرزىسقا پاتۇرۇپ قويدى.

خەنزۇچە ئىسلام نۇرى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى،بۇماقالىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشتىن كىرىڭ؛http://norislam.com/information/Article/news/international/200801/20080101211757_3862.html

سۈمەييە تەھرىرلىدى


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 01:58 چوققىغا قايتىش
manxu@1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 106
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
پۇل: 1060 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:42(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەي..... مۇشۇ كەمدە ئامرىكىنىڭ پۇت -قوللىرى ئۇزىراپ كىتىۋاتامدۇ قانداق !!ھىلى   بىنەزەر بۇتتۇنى ئۆز دۆلىتىگە قايتتى دەيدۇ -دىمەك   ئۆلدى .ئەتە-ئۆگۇن «رابىيە قادىر»نى   شىنجاڭغا ئەۋەرتىدۇ دەيمەن !!!بۇ بوشنى مەن پەقەت ياقتۇرمايمەن .
قانداق رەزىل نىمە بۇ -دەيمەن !!!!!!!!!!!!!!


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 02:30 چوققىغا قايتىش
MUSULMAN5

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 203
شۆھرەت: 204 نۇمۇر
پۇل: 2030 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:37(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى manxu@1 نىڭ 2008-01-03 02:30 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ھەي..... مۇشۇ كەمدە ئامرىكىنىڭ پۇت -قوللىرى ئۇزىراپ كىتىۋاتامدۇ قانداق !!ھىلى   بىنەزەر بۇتتۇنى ئۆز دۆلىتىگە قايتتى دەيدۇ -دىمەك   ئۆلدى .ئەتە-ئۆگۇن «رابىيە قادىر»نى   شىنجاڭغا ئەۋەرتىدۇ دەيمەن !!!بۇ بوشنى مەن پەقەت ياقتۇرمايمەن .
قانداق رەزىل نىمە بۇ -دەيمەن !!!!!!!!!!!!!!

مەنمۇ شۇ قاراشتا


Nurluk elani

ئاللا ئۇلۇغ ،ياشىسۇن ئىسلام!! !!!!! يۇقالسۇن كاپىرلار

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 04:01 چوققىغا قايتىش
nur1



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 114
شۆھرەت: 125 نۇمۇر
پۇل: 1140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:125(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


چوشقىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلمىسىلا بولاتتىغۇ .

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!


[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 10:12 چوققىغا قايتىش
153
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 824
شۆھرەت: 819 نۇمۇر
پۇل: 7173 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:39(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇزار ئىسىملىك كىشى بەنەزەر بوتتۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىلەر نامىدىن شۇنداق بايانات ئىلان قىلىپتۇكى شەنبەمنىڭ بۇ ئەزاسىنىڭ دەل بوتتۇ خانىمنىڭ قاتىلى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ئازلا قالدىم.
بۇ قاتىل بوتتۇنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنساننىڭ قاتىلى ئىدى، چۈنكى ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى جىھات ئارقىلىق زامانىۋى دۇنيانى قايتىدىن لاھىيەلىمەكچى ۋە پۈتۈن دۇنيادا قۇللۇق، كۆپ خوتۇنلۇق، خەلىپىلىك ھەتتا سۇلتانلىقنى قايتىدىن بازار تاپقۇزماقچى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىىڭ مەنىۋى ۋە ماددى ئىھتىياجى ئۈچۈن ئەرەپنىڭ پايتىمىسىچىلىكمۇ بولالمىغان بۇ بىچارە مىللەتنى قۇربانلىق قىلماقچى!
تالىبان ۋە ئەلقائىدە شۇنداقلا بۇلارنى قوللايدىغان ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىرى دەل بىز دەۋەتقان بوتتۇنىڭ ، ئىنسانىيەتنىڭ ، مەدەنىيەتنىڭ ، دىمگۇراتىيە ۋە كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن قاتىللىلىرىدۇر. ئۇلار بۇ زىمىننى ئافغانىستانغا ، ئىراققا ئايلاندۇرۇپ مۇسۇلمان مۇسۇلماننى قەتلى قىلغاندا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تولايدىغان شەيتانى مۇقامنى تولاپ دۇنيادىكى ئەقىل ئىگىلىرىگە سەلبى دەرس ۋە بىلەتسىز تىياتىر تەييارلىماقچى!
بىراق تەڭرى ساقلىسۇن ۋە ساقلىماقتىكى: بەزىلەرنىڭ رەزىل مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمىدى ۋە مەڭگۈ ئاشمايدۇ. چۈنكى مىللەت ئويغاندى!جاھان ئۆزگەردى!
ئۆزىنىڭ پەس ئارزۇ ھەۋەسلىرى ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاتا ئانىسىغا ئاندىن ئۆزىگە لەنەتلەر بولسۇن!



[ بۇ يازما 153 تەرپىدىن 2008-01-03 11:08 دە قايتا تە ]


Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 10:50 چوققىغا قايتىش
ئاقيول



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 47
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:217(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇزار ئىسىملىك كىشى بەنەزەر بوتتۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىلەر نامىدىن شۇنداق بايانات ئىلان قىلىپتۇكى شەنبەمنىڭ بۇ ئەزاسىنىڭ دەل بوتتۇ خانىمنىڭ قاتىلى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ئازلا قالدىم.
بۇ قاتىل بوتتۇنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنساننىڭ قاتىلى ئىدى، چۈنكى ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى جىھات ئارقىلىق زامانىۋى دۇنيانى قايتىدىن لاھىيەلىمەكچى ۋە پۈتۈن دۇنيادا قۇللۇق، كۆپ خوتۇنلۇق، خەلىپىلىك ھەتتا سۇلتانلىقنى قايتىدىن بازار تاپقۇزماقچى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىىڭ مەنىۋى ۋە ماددى ئىھتىياجى ئۈچۈن ئەرەپنىڭ پايتىمىسىچىلىكمۇ بولالمىغان بۇ بىچارە مىللەتنى قۇربانلىق قىلماقچى!
تالىبان ۋە ئەلقائىدە شۇنداقلا بۇلارنى قوللايدىغان ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىرى دەل بىز دەۋەتقان بوتتۇنىڭ ، ئىنسانىيەتنىڭ ، مەدەنىيەتنىڭ ، دىمگۇراتىيە ۋە كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن قاتىللىلىرىدۇر. ئۇلار بۇ زىمىننى ئافغانىستانغا ، ئىراققا ئايلاندۇرۇپ مۇسۇلمان مۇسۇلماننى قەتلى قىلغاندا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تولايدىغان شەيتانى مۇقامنى تولاپ دۇنيادىكى ئەقىل ئىگىلىرىگە سەلبى دەرس ۋە بىلەتسىز تىياتىر تەييارلىماقچى!
بىراق تەڭرى ساقلىسۇن ۋە ساقلىماقتىكى: بەزىلەرنىڭ رەزىل مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمىدى ۋە مەڭگۈ ئاشمايدۇ. چۈنكى مىللەت ئويغاندى!جاھان ئۆزگەردى!
ئۆزىنىڭ پەس ئارزۇ ھەۋەسلىرى ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاتا ئانىسىغا ئاندىن ئۆزىگە لەنەتلەر بولسۇن! BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
ئۆزىنىڭ پەس ئارزۇ ھەۋەسلىرى ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاتا ئانىسىغا ئاندىن ئۆزىگە لەنەتلەر بولسۇن!


Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 11:19 چوققىغا قايتىش
shakira

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 446
شۆھرەت: 459 نۇمۇر
پۇل: 4510 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:110(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىنىڭچە ئۇزار ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىلىپتۇ.
153 سىز بېرىپ بوشنىڭ باياناتچىسى بولغان بولسىڭىز،چاشقانغا قانات چىققاندەك ئىش بولاركەن.سىز ئامرىكىلىقمۇ يا؟
دائىم ئامرىكىنى تىللاپ قويسا چىدىيالماي قالىدىكەنسىز.بىلمىدىم ،بىرەسى شىنجاڭنى ئاشۇنداق تىللاپ قويسا مۇشۇنىڭ يېرىمىچىلىك چىچچاڭشىيالامسىزكىن؟ياكى چاۋاك چېلىپ بۇلۇشۇپ ئۇيغۇرنى قوشۇپ تىللىشىپ بېرەمسىزكىن؟
153 مىنىڭچە سىز بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتىسىز.بەلكىم سىزچەبۆلگۈنچىلىك باشقا-باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا بولىدىغاندۇ.مىنىڭچە بىر مىللەت ئىچىدىمۇ بولىدۇ.سىز ئۇيغۇرلارنى ئىچىدىن ئىككىگە بۆلمەكچىمۇ؟بەلكىم مەن سىزنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندىمەن ياكى مەقسىدىڭىز شۇنداقتۇ.ئىتىپاقلىشالمايۋاتقان بىز بىرنەچچە قېرىنداشنى سىز «تور موللىسى»،«تور پوپلىرى»ياكى«ئامىركا پەرەس»،«ئەرەب پەرەس » دەپ نەچچىگە بۆلمەكچىمۇ؟مۇشۇنداق پارچە-پارچە قىلىۋەتمەكچىمۇ؟مىنىڭچە بۇيەردە ھەممەيلەن ئۇيغۇرۇمغا ياخشى بولسۇن دەيدۇ.لىكىن سىزنى ھىچ چۈشىنەلمەي قالدىم.



يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 11:34 چوققىغا قايتىش
uzar111



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
پۇل: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالجىماڭلار تىمىنى ئوبدانراق ئوقۇپ ئاندىن گەپ قىلىڭلار ،تىما ئاخىرىدىكى مەنبەنى كۆرمىدىڭلارمۇ ؟ئىشەنمىسەڭلارچىكىپ كىرىپ باقساڭلار،خەنزۇ چە بىلسەڭلار،ئەسلىسى بىلەن تەرجىمىسىنى سىلىشتۇرۇپ باقساڭلار بولىدۇ، مەن تەرجىمە جەريانىدا ئەسلىگە ئىنتايىن سادىق بولدۇم، بىر ئىغىز گەپنى ئۆزۇم قوشۇپ قويمىدىم ياكى ئىلىۋەتمىدىم،بۇ تىما مىنىڭ كۆز قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،بۇتتۇنىڭ ئۆلىمى توغۇرسىدا مۇنبەردە بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن تىمىلار يوللاندى،ھەتتا ئەزھەر ئالىملىرىنىڭ ئۇنى شەھىد دەپ ئىلان قىلغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدۇق، بۇ توغۇرلۇق ماقالىنىمۇ مەن تەرجىمە قىلغان،ئۇنىمۇ كۆرۇپ باقساڭلار بولىدۇ، يالغۇز بىر تىمىغا ئىسىلىۋالماي،ھەممىنى بىرلەشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىپ باقساق،ھەر تەرەپلىمە ئويلىنىپ باقساق بولىدىغۇ؟بىر بىرگە ئوخشىمايدىغان ھەتتا تۇپتىن قارمۇ قارشى قاراشتىكى تىمىلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللىشىپ، تورداشلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئويلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىش،ۋە شۇنىڭغا ياردەم قىلىش،ئەمدى مەسىلىنى قانداق ،قايسى نوقتىدىن چۇشىنىش،ھەممەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى،دۇنيادا موشۇنداقمۇ ئۆكتەمىلىك بولامدۇ؟بۇ ماقالىنىڭ تەرجىمە ماقالىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ تۇرۇپ،مىنى چىشلەپ تارتىدىغان؟ئەمىسە سىلەر دەپ بىرىڭلار مەن قايسى مەزمۇندىكى تىمىلارنى يوللاي؟

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 11:39 چوققىغا قايتىش
kaxkariya

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 352
شۆھرەت: 363 نۇمۇر
پۇل: 3520 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:75(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


153پەقەت ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى پارچىلاپ ،ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ھالسىزلاندۇرۇپ ،ئۇيغۇرلانى ئۈزۈل-كىسىل ھالاك قىلماقچى،لىكىن 153دەك ئىسلامنىڭ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۈشمەنلىرى مەڭگۈ مەخسىتىگە يىتەلمەيدۇ،ئۇيغۇرلا ئىسلامسىز ھەرگىز ئەزىز بۇلالمايدۇ.

Nurluk elani


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 11:40 چوققىغا قايتىش
bilimal

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 86
شۆھرەت: 94 نۇمۇر
پۇل: 661 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


153 كاللىڭىز ئېلىشامدۇ نىمە؟ بۇ يەردە ئۇزار بىر نەرسە دەۋاتمايدۇ، ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپتۇ. كاللا دېسە پاقالچاق، ئىتقا تاشلاپ بىرەي دېسە مەن غاجاي دەيدىغان ئادەملەر باركىنا، چىچقاق ئىشەكتە ئالتۇن تاقا، مازلىق چاپاندا شاھى ياقا دېگەندەك، ئاۋۋال ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ ماقالە مەنبەسىنى تېپىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئۆز ھالىڭىزغا مىللەتنىڭ تەقدىرى، ۋەتەننىڭ كېلەچىگى ھەققىدە گەپ ساتىدىكەنسىز.


????? ??? ????????? ??????? ??????
??????? ????? ??? ???????? ????? .
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 11:49 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 1/4 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:47, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije