>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> ھىندىستان كىنو چولپىنى-راجى كاپور

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1870 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ھىندىستان كىنو چولپىنى-راجى كاپور IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kuktulpar
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 173
شۆھرەت: 194 نۇمۇر
پۇل: 1720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:239(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ھىندىستان كىنو چولپىنى-راجى كاپور





50-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە قويۇلۇشقا باشلىغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى«سەرگەردان»بەدىئىيلىكنىڭ يۇقىرىلىقى، ۋەقەلىكىنىڭ قىزىقارلىقى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا، يۈكسەك دەرىجىدىكى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. بۇ فىلىمنىڭ ئاساسىي ناخشىلىرىدىن بولغان«سەرگەردان ناخشىسى»،«رىتا ناخشىسى»مۇ خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالدى. كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان بۇ بۇ نادىر فىلىمنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى، زوقلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاددىي سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولمايدۇ. بۇ فىلىمنى ھاياتىدا 40-50 قېتىم كۆرەرمەن تاماشىبىنلارنىڭ سانىنى سىتاتسىتىسكا قىلىشمۇ قىيىن.

«سەرگەردان» فىلىمىنىڭ باش قەھرىمانى راجنىڭ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئارتىس-ھىندىستان كىنو مۇنبىرى، شۇنداقلا دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى گىگانت چولپان، ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن رېژىسسور، كىنو سەنئەتكارى، كۆزگە كۆرۈنگەن فىلىم ئىشلىگۈچى، نومۇر رىياسەتچىسى، كىنوشۇناس راجى كاپور ئەپەندى.

راجى كاپور1988-يىلى5-ئاينىڭ2-كۈنى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ 75يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ھىندىستاننىڭ ئەينى يىللاردىكى زۇڭتۇڭى ۋىنكا تاراماننىڭ ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى-پاركىي مۇكاپاتىنى تارقىتىشى جاكارلانغاندا، راجىنىڭ زىققى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ئورۇندۇقتىن تۇرالمايدۇ. زۇڭتۇڭ شەھنىدىن پەسكە چۈشۈپ مېدالنى ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۆزقولى بىلەن تاقاپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن كېين ئۇقايتا ئورنىدىن تۇرالماي، شۇيىلى2-ئىيۇن 64يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

راجى كاپور1924-يىلى14-دىكابىردا ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە بىر كىنو سەنئەتكارى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى بابا، بورتىۋى، راجى-ھىندىستاننىڭ دراما ئارتىسى بولۇپ، «سەرگەردان»فىلىمىدە راجىنىڭ دادىسى، سوتچى راگوناتنىڭ رولىنى ئالغان. راجى كاپورنىڭ ئۈچ ئوغلى ھازىر كىنو ساھەسىدە ئالاھىسە كۆزگە كۆرۈندى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى رۇيشى كاپور ھازىر ھىندىستاندا ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە داڭلىق كىنو چولپىنى، ئۇبىزگە تونۇشلۇق بولغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى«گاچا قىزنىڭ مۇھەببىتى»دە ياش داپچى يىگىتنىڭ رولىنى ئالغان. ھازىر راجى كاپور ئائىلىسىنىڭ 4-ئەۋلادى-رۇيشى كاپورنىڭ ئوغلى گۇلان كاپورمۇ كىنو ساھەسىگە كىرىپ كەلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئەۋلادى ئىچىدە 18كىشى ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسلىرى بولۇپ تونۇلدى.

راجى كاپور دادىسىنىڭ تەسىرىۋە تەربىيىسى بىلەن1935-يىلى بالا ئارتىس بولۇپ، تۇنجى قېتىم «يەر تەۋرەشتىن كېيىن»دە رول ئالغان. 1941-يىلىدىن باشلاپ بومبايدىكى بىر كىنو شىركىتىدە مەيدان خاتىرىلىگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كىنو ئارتىسى بولۇپ رول ئېلىشقا باشلىغان ھەمدە 1947-يىلى بومبايدا ئۆزىنىڭ نامىدىكى راجى كاپور كىنو فىلىم ئىشلەش شىركىتىنى قورۇپ تۇنجى قېتىم مۇستەقىل ھالدا بىر سەنئەتكارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ قىز بىلەن مۇھەببەت قۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە فىلىم«ئوت»قا رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم ئۆزى باش رول ئالغان ھەم ئۆزى باش رول ئالغان. «ئوت»ناملىق فىلىمى گەرچە قۇرۇلما جەھەتتە دېگەندەك مۇكەممەل بولۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن راجى كاپورنىڭ مەيدانغا چىققانلىقى-ھىندىستاندا يېڭى بىر ئەۋلاد كىنو رېژىسسورلىرى، كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دىرەك بەردى. راجى كاپور1949-يىلى مۇھەببەت ئاساسىي تېما قىلىنغان ئىككىنچى فىلىمى«يامغۇر»غا رېژىسسورلۇق قىلغان. بۇ فىلىم مەيدنغا چىقىپلا ھىندىستاننىڭ كىنو تارىخىدا تاماشىبىنلار سانى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى رېكورد ياراتقان. ئۇ1950-يىلى«سەرگەردان»فىلىمىغا رېژىسسورلۇق قىلغانۋە ئۆزى باش رول ئالغان. بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو مۇنبىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىمۇ دېققىتىنى قوزغىغان. ئۇ «سەرگەردان»فىلىمىدىكى زور مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن خەلقئارا كىنو مۇنبىرىدىكى چولپانلار قاتارىغا كىرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۆزى ئارقا-ئارقىدىن رېژىسسورلۇق قىلىپ باش رول ئالغان«ھەسرەت»،«مەن بىر قىزىقچى»،«كۈن پەردىسى ئېتەك ياپقاندا»،«ئاياغ مايلىغۇچى بالا»،«ئىتتىپاق»،«420-نومۇرلۇق ئەپەندى»(يەنە بىر ئىسمى«ئوغرى ئەپەندى»)، «ئويغان!»قاتارلىق فىلىملەرمۇ خەلقئارا كىنو مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سېلىپ زور تەسىر قوزغىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئىتتىپاق»(1964-يىلى ئىشلەنگەن)ناملىق ھېكايە فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

راجى كاپور ئىشلىگەن فىلىملەر ئىچىدە يۇقىرى فىلىملەردىن باشقا يەنە «ئۈمىد»،«گانگ دەرياسى ئېقىپ ئۆتكەن جاي»،«كۆك نىلۇپەر»،«قىزچاق بوبې»،«مۇھەببەت ھەققىدە ھېكايە»،«قىزچاق ھەننا»،«قوشۇلغان ئېقىن»،«بىزنىڭ ئىشلىرىمىز»،«ۋارمىكىي»،«جىتورنىڭ غەلبىسى»،«قاماپ قويۇش»،«يالقۇن»،«ھەقىقەتەن پاكلىق ۋە گۈلچېھرە»،»سېغىنىش»،«ساڭكەن»،«تازىلىق ئىشچىسى»،«ھازىر دېھلى يېنىمىزدىكىدەكلا تۇرىدۇ»،«ئۆتمۈش»،«ھازىر ۋە كەلگۈسى»،«قىساس قانۇن-قائىدىسى»قاتارلىق ھېكايە فىلىملەر بولۇپ، ئۇ ئۆمرىدە 14فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىپ، 57فىلىمدە باش رول ئالغان.
راجى كاپور ئىجادىيەتكە قاتتىق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، جەمئىيەتكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىپ، تۆۋەن تەبىقىدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى، ھاياتىي كەچۈرمىشلىرىنى، ياشلارنىڭ مۇھەببىتى، نامرات خەلقلەرنىڭ ئوبرازىنى ئىجادىيەت يولىنى تېپىپ، مەزمۇنى سەرخىل، تېمىسى رەڭدار، مول، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە، مەلۇم ئىدىيىۋى مەنىگە ۋە بەدىئىي زوقلىنىش قىممىتىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى ياراتتى.

راجى كاپور مۇنداق دېگەنىدى:«خەلق ماڭا كۈچ بەخش ئەتتى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ ھېچقانداق ئىشىم ۋۇجۇتقا چىقمىغان بولاتتى، داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە كىنو رېژىسسورى بولۇشۇم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى».

ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى گىگانت چولپان راجى كاپور ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 20يىل بولدى. لېكىن، ئۇنىڭ يارقىن سىيماسى، خۇشخۇي قىياپىتى، ئېكران ئوبرازى مەڭگۈ دۇنيا كىنو تاماشىبىنلىرى قەلبىدە ساقلىنىدۇ.


http://www.kuktulpar.com/bbs


___ ئۇيغۇر839 تەھرىرى


[ بۇ يازما kuktulpar تەرپىدىن 2008-01-03 00:30 دە قا ]


Nurluk elani

http://www.kuktulpar.com/bbs
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 22:19 چوققىغا قايتىش
otkunchi-nur
ئىجاتچان ئەزا موللا تاپقاق

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1044
شۆھرەت: 1070 نۇمۇر
پۇل: 10150 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:689(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ كۈرۈڭلار . مەن بۇ ناخشىنى ئاڭلىسام كۆپ ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ .



[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 22:58 چوققىغا قايتىش
xademanxat
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 686
شۆھرەت: 702 نۇمۇر
پۇل: 6860 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:206(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەينى يىلى بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن جەمىيەتتە ئوغرىلار كۆپىيىپ كەتكەندى.
ئەمما بۇ فىلىم بەك ياخشى ئېشلەنگەن، ھىندىستان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ فىلىمىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۇدەك بىرەرسىنى ئشلىيەلمىدى ۋە ئېشلىيەلمەيدۇ.

كۆكتۇلپارنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر.


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر،
ئۇلپەت ئىزدىسەڭ قۇرئان يىتەر،
مال ئىزدىسەڭ قانائەت يىتەر،
دۇشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر،
نەسىھەت ئىزدىسەڭ ئۆلۇم يىتەر.
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 23:10 چوققىغا قايتىش
oghlan35

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ۋۇوي تېما يولېغنېڭىزغا رەخمەت........ئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئ

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 23:46 چوققىغا قايتىش
erfan007

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 42
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 411 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 23:48 چوققىغا قايتىش
nargiz906

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 113
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
پۇل: 1130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:71(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىزگەدۇنيا كىنو تارىخىنى سۆزلىگەندە بۇ كىشىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانىدى

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 01:52 چوققىغا قايتىش
manxu@1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 106
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
پۇل: 1060 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:42(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ۋاي مەن «شارۇلخان»نى ئۇنىڭ ئىۋلادى دەپ ئاڭلىغانتىما -بۇ راسمۇ -يا ؟؟؟؟تورداشلا .بىر ئىنىق چۇشەنچە بارمۇ -يا؟؟؟

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 03:32 چوققىغا قايتىش
MUSULMAN5

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 203
شۆھرەت: 204 نۇمۇر
پۇل: 2030 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:37(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇلىدىغان ..................ئارتىس............................ بۇ ......................................................


ئاللا ئۇلۇغ ،ياشىسۇن ئىسلام!! !!!!! يۇقالسۇن كاپىرلار

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 04:56 چوققىغا قايتىش
单天鹅

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 41
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 410 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن تالانىتلىق ،،،ئارتىس ھە بو ...........
مەنمۇ بۇنىڭ فىلىملىرىنى ياختۇرىمەن .........


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 10:16 چوققىغا قايتىش
rumantik

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 14
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەخمەت سىزگە بۇلسا كىنو سىنىڭ ئۈزىنى يۇللاپ بەرگەن بولسىڭىز،مەن بېرەر كىتىممۇ باشتېن .ئاياق كۈرۈپ باقمىغان ،بەك كۆرگۈم باتتى

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 11:29 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:46, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije