يۇقالمايدۇ بىزلەردىن يامان ئىللەت نىمىشقا
يۇقالمايدۇ بىزلەردىن يامان ئىللەت نىمىشقا؟
قالار بۇنداق ئۆسمىگە بىزنىڭ مىللەت نىمىشقا؟
ئەخلاق،ھايا،ئار نۇمۇس بىر مىللەتنىڭ شۆھرىتى،
شۇنچىلىك بىر ساۋاتنى چۇشەنمەيدۇ نېمىشقا؟
بەزى ياشلار دوراپتۇ غەرىپلىكتەك يۇرۇشنى،
رەستىلەردە ھىيىقماي بىر-بىرىنى سۆيۇشنى.
ئۇگەنگەندۇ نەدىن ئۇ قىسقا يۇپكا كىيىشنى،
ئادەمۇ ئۇ ھايۋانمۇ تۇزەلمەيدۇ نىمىشقا؟
رېستۇراندا ئىش باشقا ھاياسىزلىق بۇندا جىق،
تۇمۇچۇقلار شىر كەيىپ قاتار-قاتار رۇمكىلىق.
گەپ سۆزىگە زەڭ- سالساڭ نېمە دىگەن بەت قېلىق،
ئۇلۇغ ئاتا _ئانائوبرازنى ساقلىمايدۇ نېمىشقا؟
ئاق ئالۋاستى ئەپيۇننى ساتىدىكەن بەزىلەر،
چىكىپ تىرىك جەسسەت بوپ ياتىدىكەن بەزىلەر.
كەلگۇسىدىن نە ئۇمۇد چەكسە ئۇنى نەۋرىلەر،
ئاقنى ساتقان خۇمسىلار ئويلىمايدۇ نېمىشقا؟
«دىبا»دەيدۇ ھەر كۇنى يۇگۇرەيدۇ كەچلىكى،
گىلدىڭلىتىپ بېشىنى ئوينىشىنىڭ سەتلىكى.
يۇقمۇ دەيمەن ئۇلارنىڭ بىرەر ئارزۇ مەسلىگى،
ياشلىقىنىڭ قەدىرىنى بىلەلمەيدۇ نىمىشقا؟
خازان بۇلۇپ بىھۇدە ئۆتمىسۇن بۇ ئۆمۇرمۇ،
قىپقىزىل ئوت ئىچىدە تاۋلىنىدۇ تۆمۈرمۇ.
ئۆزى قارا ۋە لىكىن ئىسسىق بىرەر كۇمۈرمۇ،
شۇ كۆمۈردەك خىسلەتنى ئۆگەنمەيدۇ نىمىشقا؟
جۇدۇن تەستىقلىدى
<< مەشئەل >>
[ بۇ يازما tanha~suygu1 تەرپىدىن 2008-01-03 21:42 دە ]