>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> دۆلەت تىلى ۋە ئانا تىل

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1117 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : دۆلەت تىلى ۋە ئانا تىل IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
IZTURK

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 31
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:81(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
دۆلەت تىلى ۋە ئانا تىل

                                                   دۆلەت تىلى ۋە ئانا تىل
                                                                                   
                                                                               ئىمىن تۇرسۇن

دۆلەت تىلى ـ بىر مەملىكەتتە ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلغان مىللەتنىڭ تىلى، بەزى دۆلەتلەردە سىياسىي، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتلىرىدە مىللەتلەر ئارا قوللىنىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن تىل . جۇڭگودا، بالدۇر ‹‹ دۆلەت تىل ›› دېگەن ئاتالغۇ قوللىنىلغان، كېيىن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا ‹‹ پۇتۇڭخۇا ›› ( ئوموملاشقان تىل، ئورتاق تىل ) ئاتالغۇسى قوللىنىلىدىغان بولدى. مەملىكىتىمىزدە قوللىنىلىۋاتقان ‹‹ پۇتۇڭخۇا ›› خەنزۇلارنىڭ ئومومىي ئەدەبىي تىلىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تىل ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ھاكىمىيەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇ تىلى – بېيجىڭ تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىنغان، شىمالىي شېۋە ئاساسىي ( يېتەكچى ) شېۋە قىلىنغان، زامانىۋىي تىلدا يېزىلغان نەمۇنىلىك ئەسەرلەر گىرامماتىكىلىق ئەندىزە قىلىنغان ‹‹ پۇتۇڭخۇا ›› دۇر . بۇ تىل- جۇڭگودا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل؛ شۇنىڭدەك خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىللاردىن بىرى، يەنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ سانلىق مىللەت ئاھالىسى قوللىنىدىغان تىل؛ شۇنداقلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ۋە خىزمەت تىللىرىدىن بىرى ( 1947-يىلى 17- نويابىردا، باش ئاسسامبىلىيە مەقۇللىغان نىزام - ‹‹ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومومىي يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى نىزامى ›› نىڭ 51- ماددىسىدا : خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى، رۇس تىلى، ۋە ئىسپان تىلى باش ئاسسامبىلىيە ۋە ئۇنىڭ كومىتېتلىرى ھەم گۇرۇپپا ھەيئەتلىرىنىڭ رەسمىي تىللىرى ۋە خىزمەت تىللىرى دەپ بەلگىلەنگەن . كېيىن ئەرەب تىلىمۇ مەزكۇر تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ) .
مەملىكىتىمىزدە، خەنزۇ تىلى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلىدىغان ۋە دۇنيادا ھەم مەملىكەتتە ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتقان ھەرقانداق ئىختىرا ۋە يېڭىلىقلارنى دەرھال ئىپادىلەپ بېرىۋاتقان ناھايىتى باي تىل . بۇ تىلنىڭ سۆز ياساش ۋاستىلىرى كۆپ ۋە لېكسىكا بايلىقى مول، ئىپادىلەش كۈچى زور . مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بۇ تىل مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ ئورتاق ئالاقە قۇرالى بولۇشقا مۇناسىپ . شۇڭا، خەنزۇ تىلى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى ئانا تىلىدۇر .
خەنزۇ تىلى خەنزۇلارنىڭ ئانا تىلى بولغىنىدەك، جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز ئانا تىللىرى بار . ھەرقانداق مىللەت ئۆز مىللىي تىلىنى ئانا تىل ۋە بۇ تىلنى ئۆزى ياشىغان يۇرت- ماكاننىڭ تىمسالى دەپ قارايدۇ . تىل تارىخىنى ۋاراقلىساق، بىرەر مىللەتنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ۋە كەچۈرىۋاتقان بارلىق تارىخىي ھادىسىلىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئىپادىلىنىپ، سۆز ۋاستىسى بىلەن جۇغلىنىپ بارىدۇ . ھەر مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدا شەكىللەنگەن ئانا تىلىنىڭ مەزمۇندارلىقى شۇ مىللەتنىڭ بىرەر زونا ياكى رايۇندا ئوينىغان ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىي رولىغا باغلىق بولىدۇ . ئانا تىلنىڭ كەڭ مەزمۇندار ۋە ئاجايىپ رەڭدارلىقى ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتلىرىنىڭ مول – كوللىقىدىن بىلىنىدۇ .
ئۆز تىلىنى سۆيۈش ۋە قەدىرلەش، ئالدى بىلەن ئۇنى ئەمەلدە قوللىنىش شۇ تىل ئىگىسى بولغان مىللەت ئەزالىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرى ۋە مىللىي - ھاياتىي ئىقتىدارىنىڭ گەۋدىلىنىشىدۇر ؛ شۇڭا، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىدا، ھەر مىللەت ئۆز تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن . مەسىلەن : ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتتە ئورتاق تىل – يېزىق قوللىنىش قانۇنى ›› نىڭ 8 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن : ‹‹ مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقلىرىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە . ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز تىللىرىنى ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قوللىنىدۇ . ››
ھەرقانداق شەخسنىڭ تەپەككۇر – ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە تۇرمۇشىنى يېزىق بىلەن ياكى ئاغزاكى ئەكىس ئەتتۈرۈدىغان مۇھىم ۋاستە – تىل . بىرقانچە تىلنى بىلىدىغان ئىستېداتلىق كىشىمۇ ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدۇ ؛ تەپەككۇر نەتىجىسىنى ئاندىن ئۆزى بىلگەن باشقا تىللار بىلەن ئىپادىلەيدۇ .
مىللەتنىڭ مۇھىم ئامىلى بولغان تىل تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ . بۇ تەرەققىيات ئالدى بىلەن شۇ تىلنىڭ لېكسىكىسىدا ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ . ئۇيغۇر تىلىنى ئالساق، 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن باشلاپ تېز تەرەققىي قىلدى . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شاراپىتى بىلەن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئۇيغۇر تىلى مىسلىسىز تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى . رادىئو، مەتبۇئات، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ھەم ئاپتونومىيىلىك ھاكىمىيەت ساھەلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەڭ قوللىنىلىشى ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى . خەنزۇ كىللاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شانلىق نەمۇنىلىرى، چەتئەللەر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ ھالدا باي ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى . لېكىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارقالغان ۋە قوللىنىلىدىغان دائىرىسى چەكىلىك بولغاچقا، تىل ئىگىسىدىن ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ ئۆگۈنىش – قوللىنىش ئېھتىياجىمۇ چەكلىك بولدى .
بۈگۈنكى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتقان پەن – تېخنىكا ۋە ئۇچۇر – مۇلازىمەت دەۋرىدە، خۇسۇسەن خەلق ھاياتىنىڭ قان تومۇرى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ياشلار ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلىش ۋە دادىل ئىشلىتىش بىلەن بىللە، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا تىللارنى ئۆگىنىشى، ئەقەللىيسى ‹‹ قوش تىللىق ›› بوللۇشى زاماننىڭ تەققەززاسى، ئۆزلىرىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئىلىگدەشنىڭ زۆرۆر ۋاستىسىدۇر . ماركس : ‹‹ چەتئەل تىلى كىشىلىك تۇرمۇشتا كۈرەشنىڭ بىرخىل قۇرالى ›› دېگەنىكەن . دەرۋەقە، ئىنسانلارنىڭ تىلىنى چوڭ بىر ئىمارەتكە ئوخشىتىش مۇمكىن . بىز ھاياتىمىزدا بىرخىللا تىلنى بىلسەك، گويا بىر ئېغىز ئۆيگە قامالغاندەك ھالەتتە قېلىپ، دېرىزىنىڭ تېشىدا بولىۋاتقان خىلمۇ خىل ئىشلاردىن خەۋەرسىز تۇرۇۋېرىمىز . مۇبادا، ئۆز ئانا تىلىمىزدىن باشقا بىر ياكى بىرقانچە تىلنى ئۆگۈنىۋالساق، دۇنيانى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇيالايمىزدە، ياشاش ئىقتىدارىمىز كۈچىيىدۇ. ئۆتكەنكى ئالىملىرىمىز ۋە ئەدىبلىرىمىز ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، ئۆزلىرى شۇغىللىنىۋاتقان پەن ۋە مەشغۇلاتىغا چېتىشلىق بولغان باشقا بىر- ئىككى تىلنى ئۆز ئانا تىلىدەك پىششىق بىلگەن. مەسىلەن، تىلشۇناسلارنىڭ ئاتىسى مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئانا تىلى - ‹‹ خاقانىيە تىلى ›› ھەم باشقا تۈركىي تىللارنى مۇكەممەل بىلگەندىن تاشقىرى ئەرەب تىلىنى ئەرەب ئەدىبلىرىدەك پىششىق بىلگەن ؛ شائىرلار پىشىۋاسى ھەم تىلشۇناس ئەلىشىر نەۋائىي ۋە باشقا شائىرلارمۇ ئۆز ئانا تىلىغا ئوخشاشلا، پارس تىلىنىمۇ مۇكەممەل بىلگەن ھەم پارس شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن ھۆسۈن تالاشقىدەك پارسچە پاساھەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. لېكىن ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۆزگە تىل ئالدىدا ھەرگىز چۆكتۈرمىگەن. ئەلىشىر نەۋائىي ‹‹ تىلغا ئېتىبارسىزلىق – ئەلگە ئېتىبارسىزلىق ›› دەپ، تىلنىڭ ئورنى بىلەن ئەل- مىللەتنىڭ ئورنىنى تەڭ كۆرگەن. ئۆز ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىغا، ئانا تىلىنىڭ ئىستىقبالىغا دىققەت- ئېتىبارىنى بېرىش مىللىي – ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەقەللىي شەرتىدۇر. چۈنكى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ، ئانا تىلنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى شۇ مەدەنىيەت ۋە شۇ تىل ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياراتقان مىڭلاپ يىللىق خەزىنىلىرىدىن بەھرىمەن بولىشىغا ۋە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ بېرىشىغا باغلىق .
ماركسىزىم كىلاسسىكلىرى سوتسىيالىزىم قۇرۇش دەۋرىنى مىللەتلەرنىڭ گۈللەپ ياشناش دەۋرى دەپ تەكىتلىگەن. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت يېڭىچە سوتسىيالىستىك مۇناسىۋىتى مىللەتلەرنىڭ تەڭ – ئورتاق گۈللىنىش مۇناسىۋىتىدۇر. ھازىرقى بازار ئىگىلىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان شارائىتتا،ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا باغلىق بوپقالدى. دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇش ھەر مىللەتنى ئىككىچى ئانا تىل – خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنمىسە بولمايدىغان ھالەتكە يەتكۈزدى. ئالدى بىلەن، مىللەت ھاياتىنىڭ تومۇرى بولغان ياشلارنىڭ ‹‹ قوش تىللىق ›› بولۇشى ئۇلارغا دەۋر بىلەن ھەمقەدەم بولۇپ ياشاش ئىستىقبالىنى ئېچىپ بېرىدۇ .
مەملىكىتىمىزدە، تۈزۈلمە ئسلاھاتىنىڭ بارغانچە چوڭقۇرلىشىشى ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن، ئىگىلىك تەركىبلىرى، مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرى، ئىجتىمائىي – تەشكىلىي شەكىللەر ھەم ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكىللىرى خىلمۇخىل خىللاشتى؛ كىشىلەرنىڭ ياشاش تەرىزلىرىنىڭ يېڭىدىن يېڭى تۈسلىنىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئاڭ – پىكىرلىرى، قىممەت قارىشى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرى بالدۇرقىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتتى. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بولسا،تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر كەسكىن دۇقۇرۇشتى ۋە رىقابەتكە چۈشتى. مۇنداق شارائىتتا، ھەر مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇدرىتى ۋە مەدەنىيەت قۇدرىتى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئىسلاھاتقا ماسلاشمىقى لازىم. بۇ شارائىت ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي روھنىڭ ئۈستۈن بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. باش شۇجى جياڭ زېمىن مۇنداق تەكىتلىگەن: ‹‹ بىر مىللەتتە، ئۇرغۇپ تۇرغان مىللىي روھ بولمىسا، ئالىيجاناب مىللىي خىسلەت بولمىسا، دۇنيانىڭ ئالغا كەتكەن مىللەتلىرى قاتارىدا تۇرالمايدۇ .›› بۇ ئەھمىيەتلىك ھېكمەتلىك سۆزنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۇەن مۇنداق يەشكەن: مىللىي روھ بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا تاۋلانغان ۋە يىتىلگەن. ئۇ، مەزكۇر مىللەت ئەزالىرى ئورتاق نائىل بولغان ۋە ئىنتىلىدىغان مىللىي خارەكتېر، مىللىي ئىپتىخارلىق ۋە ئىنان – ئىشەنچ، مىللىي ئەخلاق – خىسلەت ۋە قىممەت ئۆلچىمىنىڭ يىغىندىسى، بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك، ئەڭ چوڭقۇر گەۋدىلىنىشى . مەسىلەن، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى ئالساق، ئۇ مىللىي روھنىڭ مەشئىلى، خەلقنى ئىلگىرلەشكە چاقىرىدىغان كارناي. تىل – ئەنە شۇ مىللىي روھنىڭ مەشئىلى بولغان ئەدەبىياتنىڭ ھەل قىلغۇچ قۇرالى. مىللىي ئەدەبىيات ئەقەللىيسى مىللىي تىل بىلەنلا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ھەم راۋاجلىنىدۇ . دېمەك، مىللىي روھقا مەشئەل بولغان مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققى قىلىشىمۇ ئالدى بىلەن مىللىي تىل – ئانا تىلنىڭ ھاياتىي كۈچىگە باغلىق .
مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا كېپىللىك قىلىدىغان ياشلار ئۆز مىللىتىنىڭ روناق تېپىشىنى كۆزلەپ ‹‹ قوش تىللىق ›› بولمىقى شەرت. ‹‹ قوش تىللىق ›› بولۇش ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئىككىنچى ئانا تىلنى ياكى ئۆزگە مىللەت تىلىنى ( جۈملىدىن چەتئەل تىللىرىنى ) تەڭ بېلىش دىگەنلىكتۇر. بىر تىلنىلا تەكىتلەپ، ئىككىنچى تىلنى ئېتىبارسىز قالدۇرۇش قوش تىللىق ئەمەس، يەنىلا يەك تىللىق ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ مەكتەپ مائارىپىدا ‹‹ قوش تىللىق ›› بولۇشنى يولغا قويۇش ئاكتۇئال مەسىلە .
‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى ›› نىڭ 6-ماددىسىدا : ‹‹ مەكتەپلەردە مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەردە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومومىي قوللىنىدىغان تىل – يېزىقتا ئوقۇتسا بولىدۇ. ›› شۇنىڭدەك، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىلىرى ›› نىڭ 25 – ماددىسىدا : ‹‹ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆز رايونىدا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشنى تەشكىللىشى كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويىدىغان مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش، ئوقۇش تۈزىمى،ئوقۇش شەكلى، ئوقۇتۇشنىڭ مەزمۇنى، ئۇقۇتۇشتا قوللىنىدىغان تىلنى ئاپتونومىيىلىك ئورۇننىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بويىچە بەلگىلەيدۇ . ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي قوللىنىدىغان تىل – يېزىقتا ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەر باشلانغۇچنىڭ يوقۇرى سىنىپلىرىدا ياكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى دەرسىنى تەسىس قىلىشى كېرەك . ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق يوسۇندا ئىلگىرىرەك تەسىس قىلسىمۇ بولىدۇ.›› دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن .
مەزكۇر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەردە، ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغانلىقى، ئاندىن خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن . يەنى، مىللىي مەكتەپلەردە قايسى تىلدا دەرس ئۆتۈش مەسىلىسى قانۇن بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ قانۇنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىنى، توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ بېكىتىلگەن. بۇ - ‹‹ قوش تىللىق مائارىپ ›› نى يولغا قويۇشنىڭ قانۇنىي ئاساسى. ‹‹ قوش تىللىق ›› بولۇش دەۋىرنىڭ تەقەززاسى . دەۋر تەرەققىياتىنىڭ بۇ ئالغا ئىلگىرلەش چاقىنى ھېچكىم، ھېچقاچان ۋە ھېچ يەردە توسۇپ قالالمايدۇ. بۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولۇش مىللەتنىڭ مەدەنىي يۈكسىلىشى ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقتۇر . ‹‹ قوش تىللىق ›› بولۇشنىڭ ئۆزى بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى، شۇنىڭدەك مىللىي ئەنئەنىگە خىلاپ كەلمەيدۇ. ئادەتتە، مىللىي ئەنئەنە بىلەن مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ھامان زىدىيەت ئىچىدە بەسلىشىدۇ. مىللىي ئەنئەنە يېڭى مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ بارىدۇ .لېكىن تېگى – تەكدىن ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ .
يېڭى زاماننىڭ ياشلىرى مىللىي ئەنئەنىگە، مىللىي مەدەنىيەتكە، جۈملىدىن ئۆز ئانا تىلىغا مېھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ئەقەللىي بۇرچى بولغىنىدەك، ئۆز مىللىتىنىڭ دەۋر تەرەققىياتى بىلەن ھەمقەدەم بولۇپ گۈللەپ – ياشنىشى ئۈچۈن تۈرلۈك پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئىگىلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى ئانا تىلى – خەنزۇ تىلىنى ئۆگۈنىشى ۋاجىب .
ياشلارنى ‹‹ قوش تىللىق ›› قىلىپ تەربىيلەش، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي بۇرچىدۇر .
جۇڭگو تىل مۇتەخەسسلىرىدىن ۋاڭ جۈن ئەپەندى بۇمەسىلىدە مۇنداق تەكىتلىگەن : پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشتىن مەقسەت شۇ جايدا قوش تىللىق بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت . غەربىي رايوندا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ئورۇنلىرىدىكى كىشىلەر ئۆز مىللىي تىلى بىلەن پۇتۇڭخۇانى تەڭ قوللانسا بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەرقانداق شەكەلدىكى چەكلەش بەلگىلىمىسى يوق . خەنزۇ تىلىنى ئۆگۈنىشتىكى ئاكتىپلىق ئۆز مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان ھالدا، تاشقى ‹‹ دۇنيا ›› غا چىقىشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ .
‹‹ قوش تىللىق ›› بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ياش تىلشۇناسلىرىمىزدىن دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ‹‹ ( مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين ) دىن ( مەئارىفۇل لۇغەتەين ) گىچە ›› دېگەن ئىلمىي رىسالىسىدە دادىل پىكىر بايان قىلغان. بۇ مەسىلىگە قىزىققۇچى ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ئوقۇپ كۆرۈشكە تەۋسىيە قىلىمەن .


ئاپتور : ش ئۇ ئا ر 7- نۆۋەتلىك ىەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، پېشقەدەم ئالىم، ئەدىب، تىلشۇناس، مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى، جامائەت ئەربابى .
مەنبە : ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ›› ژورنىلى 2002-يىل 6- سانىدىن ئېلىندى .


سۈمەييە تەھرىرلىدى


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 20:28 چوققىغا قايتىش
kisek



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 127
شۆھرەت: 148 نۇمۇر
پۇل: 1270 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:48(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا كېپىللىك قىلىدىغان ياشلار ئۆز مىللىتىنىڭ روناق تېپىشىنى كۆزلەپ ‹‹ قوش تىللىق ›› بولمىقى شەرت. ‹‹ قوش تىللىق ›› بولۇش ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئىككىنچى ئانا تىلنى ياكى ئۆزگە مىللەت تىلىنى ( جۈملىدىن چەتئەل تىللىرىنى ) تەڭ بېلىش دىگەنلىكتۇر BBS.Xabnam.Com din kochuruldi

ياشلارنى ‹‹ قوش تىللىق ›› قىلىپ تەربىيلەش، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي بۇرچىدۇر . BBS.Xabnam.Com din kochuruldi

بۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.


Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 21:54 چوققىغا قايتىش
alyarim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 57
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
پۇل: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:46(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىز قۇرۇق گەپ قىلماڭ . ھازىر 1-سىنىپنىڭ بالىلىرى ساۋادى چىقماي تۇرۇپ خەنزۇچە ئۆگۈنىۋاتىدۇ، مەن چۇقۇم پات ئارىدا سىزنىڭ دىگەنىڭىزدەك ئاددى ئىش ئەمەسلىكىنى پاكىت بىلەن كۆرسىتىمەن .

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 22:22 چوققىغا قايتىش
AMALYOH-MA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 22
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى alyarim نىڭ 2008-01-01 22:22 دە يوللىغان يازمىسى“”:
سىز قۇرۇق گەپ قىلماڭ . ھازىر 1-سىنىپنىڭ بالىلىرى ساۋادى چىقماي تۇرۇپ خەنزۇچە ئۆگۈنىۋاتىدۇ، مەن چۇقۇم پات ئارىدا سىزنىڭ دىگەنىڭىزدەك ئاددى ئىش ئەمەسلىكىنى پاكىت بىلەن كۆرسىتىمەن .



بۇ ئىشقا پاكىت كەتمەيدىغۇ ؟ بۇ راس ئىش . ھەممە يەردە شۇنداققۇ . يانا 10.20 يىلدىن كىيىن ئويغۇرچە سۆزلىشىدىغانلار يوقاپ كىتەرمىكىن مەندىن بەلەك .


Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 22:28 چوققىغا قايتىش
ئاقيول



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 47
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:217(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ئىشقا پاكىت كەتمەيدىغۇ ؟ بۇ راس ئىش . ھەممە يەردە شۇنداققۇ . يانا 10.20 يىلدىن كىيىن ئويغۇرچە سۆزلىشىدىغانلار يوقاپ كىتەرمىكىن مەندىن بەلەك .

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 22:45 چوققىغا قايتىش
manggutax
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 537
شۆھرەت: 562 نۇمۇر
پۇل: 5057 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:51(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بۇ كاتتا ئەسىرى ھەقىقىتەنمۇ ئەھمىيەتلىك، ئېسىل تېما ئىكەن، تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

Nurluk elani

تىرىشقان تاپار، تىرىشمىغان قالار!

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 23:39 چوققىغا قايتىش
mavlanzor

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 267
شۆھرەت: 273 نۇمۇر
پۇل: 2021 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:93(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەي   ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئانا   تىل~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~


Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 23:42 چوققىغا قايتىش
sawda007

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 380
شۆھرەت: 381 نۇمۇر
پۇل: 3650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:87(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ئىشقا پاكىت كەتمەيدىغۇ ؟ بۇ راس ئىش . ھەممە يەردە شۇنداققۇ . يانا 10.20 يىلدىن كىيىن ئويغۇرچە سۆزلىشىدىغانلار يوقاپ كىتەرمىكىن مەندىن بەلەك . BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
سىز بۇ سەپرا مىجەزىڭىز بىلەن ......... سىز نىمانچە سەپرا ئىسمىڭىز ئەسلى سەپرا بولسا بوپتىكەن




[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 00:58 چوققىغا قايتىش
tiniq-xamal
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1507
شۆھرەت: 1542 نۇمۇر
پۇل: 13186 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:561(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىر مىللەتنى تۆگەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ يېزىقىنى ، تىلىنى ، ۋە ئۈرۈب ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندە ئاندىن باشقا مىللەتكە قۇشۇلۇپ كىتىدۇ.
ھازىر بىزدە نېمە قالدى؟


Nurluk elani

بىر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۆلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش،
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭگىراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 02:25 چوققىغا قايتىش
...Beautiful

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 135
شۆھرەت: 136 نۇمۇر
پۇل: 1355 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:151(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىر مىللەتنى تۆگەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ يېزىقىنى ، تىلىنى ، ۋە ئۈرۈب ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندە ئاندىن باشقا مىللەتكە قۇشۇلۇپ كىتىدۇ.
ھازىر بىزدە نېمە قالدى؟

توغرا دەيسىز ، بىز دە پەقەت ئسسىق جان قالدى. تېخى ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتتە ئورتاق تىل – يېزىق قوللىنىش قانۇنى ›› نىڭ 8 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن : ‹‹ مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقلىرىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە . ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز تىللىرىنى ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قوللىنىدۇ . ›› دىيىشلىرى بار.
بۇ جۇڭگۇ نىڭ مىللەت توغرىسىدا چىقار غان قانۇنىنىڭ ھەممىسى ئاڭلىماققا تولىمۇ يېقىملىق .


Nurluk elani
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 02:46 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:35, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije