>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> نىكاھ-ئائىلە -> ﺑﯚﺭﻩﻙ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ساغلاملىق بىلىمىنىڭ داۋامى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1004 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ﺑﯚﺭﻩﻙ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ساغلاملىق بىلىمىنىڭ داۋامى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
dilpak
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 442
شۆھرەت: 539 نۇمۇر
پۇل: 3777 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:133(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ﺑﯚﺭﻩﻙ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ساغلاملىق بىلىمىنىڭ داۋامى

داۋامى

7. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺗﯧﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﯦﺘﺴﯩﭗ

1.رېتسىپ:
خۇرۇچى:بىجىق 200گرام،توخۇ تۇخۇمى بىر تال،ئاش تۇزى ئاز مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى:بىجىقنى پاكىز يۇيۇپ،قازانغا سېلىپ ئۈستىگە 1200مىللىلىتر سۇ قۇيۇپ پىشۇرۇپ،ئاندىن تۇخۇمنى چېقىپ پىشۇرۇپ،ئازمىقداردا تۇز سېلىپ تەييارلىندۇ.
شىپالىق رولى:بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.

2.رېتىسپ:
خۇرۇچى:ئالقات 10گرام،كەپتەر تۆت تال،قەنت 50گرام،شاقاقۇل 10گرام.
ياساش ئۇسۇلى:ئالقاتنى يۇيۇپ،شاقاقۇلنى پكىز يۇيۇپ،تالقان قىلىپ،15مىنۇت پىشۇرۇپ ئاندىن كەپتەر تۇخۇمىنى چېقىپ قازانغا سېلىپ،ئۈستىگە قەنت سېلىپ تەييارلىندۇ.
شىپالىق رولى:بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:سەھەردە ئاچ قورساققا ئىستېمال قلىسا بولىدۇ.

8. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ

*ياڭاق مېغىزىدىن مۇراببا ياساپ يىسە بولدۇ.

*قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن ياڭاق مېغىزىدىن تەڭ مىقتاردا ئېلىپ،سوقۇپ خىمىر قىلىپ،كۈنىگە 50گىرامدىن ئىككى ۋاق يىسە بولدۇ.

*بادام مېغىزى بىلەن ياڭاق مېغىزىنى بىرگە سوقۇپ،ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ يىسە بولدۇ.

*30گىرام يېڭى نەشپۈت پوستىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

*100گىرام ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ،30گىرام ئالقات قوشۇپ،مۇۋاپىق مىقتاردىكى گۈرۈچ بىلەن قاينىتىپ،شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچسە بولدۇ.

*50گىرام ياڭاق مېغىزى،50گىرام ئاقلانغان كۈنجۈت،20گىرام چامغۇر ئۇرىقى،20گىرام زەنچىۋىل،20گىرام بېدەئۇرىقى ئېلىپ،ئۇلارغا400گىرام ھەسەل قوشۇپ تەييارلاپ،كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا15_20گىرامدىن يەپ بەرسە بولدۇ.

*30گىرام ھۆل زەنچىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ.پوستىدىن ئاجىرتىپ،90مىللىلىتىر سۇدا پىشۇرۇپ سۈزىۋېلىپ،سۈيىنى 90گىرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ،قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزىۋېلىنغان زەنچىۋىلنى قىيامغا سېلىپ،مۇراببا تەيارلاپ،كۈنىگە ئۈچ قېتىم،ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن10گىرام يەپ بەرسە بولدۇ.

9. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ

1. بادام مېغىزى بىلەن ئەنجۈرنى بىرلىكەت ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەكنى قۇۋۋتلەپ ، ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىق كېسەللىرىگە شىپا بولىدۇ .
2. 600g جىگدە چېچىكىنى 3kg سۇغا بىر سوتكا چىلاپ ، ئاندىن قايتىتىپ سۈيىنى كۈندە 3 قېتىمدا 100g دىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم ھەر خىل بۆرەك كېسەللىرىگە شىپا بولىدۇ .
3. ھەر كۈن ئەتىگەن ، كەچتە تاماقتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق مېغىزى مۇرابباسى ئىستېمال قىلىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ، بۆرەك ، جىگەر ، تال كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
4. 50g ياڭاق مېغىزى ، 50g كۈنجۈت ، 20g چامغۇر ئۇرۇقى ، 20g زەنجىۋىل ، 20g بېدە ئۇرۇقىنى ئاىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ، ئۇنىڭغا 400g ھەسەل قوشۇپ ، كۈنىگە 2 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 15g دىن بىر قانچە كۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ .
5. كۈدە ئۇرۇقى ، شاقاقۇل ، لاچىندانە ، بۇغا مۇڭگۈزىنىڭ ھەر بىرىدىن 20g دىن ئېلىپ ئۇنىڭغا 80g ئەرمۇدۇن يوپۇرمىقى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ، مەجۈن ياساپ ، كۈنىگە 2 قېتىم ھەر قېتىمدا 6g - 3g ئىستېمال قىلىشنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ، باھنى كۈچەيتىدۇ .
6. پىستە مېغىزى ، بادام مېغىزىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ، ئۇنىڭغا ھەسەل ئاىلاشتۇرۇپ كۈندە 2 قېتىمددىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشنى 2 ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ، بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ .
7. 100g چىلانغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ قاينىتىپ ، سۈيىنى كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بەرسە ، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ .
10.ﻣﯩﺰﺍﺟﻨﯩﯖﻤﯘ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻤﯘ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ..

ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ:

ئىنسانلارنىڭ مىزاجى

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى 4خىل بولىدۇ. خاراكتېرى جەھەتتە ئىسسىق ۋە سوغاق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ، ئەمما 4چوڭ ماددىنىڭ بىر- بىرىگە ئارلىشىشىدىن پەيدا بولغان مايىللىق كەيپىياتىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق ۋە قۇرۇق سوغاق دەپ 4خىلغا بۆلىنىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى
ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى
ھۆل سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى
قۇرۇق سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى

قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى

تەبىئىي جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ كىشىلەر رەڭگى- روھىغا بولغان تەسىرىنى ھېسابقا ئالماي بەلكى بەدەندىكى تەبىئىي سۈپەتلىك پەرقىنى ئۆلچەم قىلغاندا، ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر كۆز ئېقى ساغۇچراق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرۇغراق، كۆپ ئۇسسايدىغان، بەدەنلىرى قىزىق، سوغاق ھاۋادا يۈرۈش ۋە سوغاق يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ. تومۇرى كۈچلۈك ۋە تېزراق سوقىدىغان، سۈيدۈگى قىزىلغا مايىل سېرىق بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن تاشقىرى، قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەرنىڭ خۇلقى مىجەزى ۋە روھى ھالىتىدە ئالاھىدە پەرقلەر بولىدۇ. بۇ بەلگىلەرنى شۇ كىشىلەرنىڭ تۇغما مىجەزىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت ئىلىمىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي كۈزىتىشىدىن قارىغاندا قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەر ئاچچىقى يامان، غەزەپلىنىشكە مايىل، نېرۋىسى ئىتتىك، ھەركىتى تېز، سەزگۈر ھە ئالدىراڭغۇ، تۇراقسىز، ھېسسىياتى كۈچلۈك، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەن، ئۇيقىسى ئازراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەملەر كۆپرەك، نېرۋا كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتتىكى يېمەك- ئىچمەك ۋە دورىلار يامان تەسىر قىلىدۇ.

ھۆل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ

بۇ، ئىنسانلار مىزاجىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، تەبىئىي مىزاجى ھۆل ھەم ئىسسىق بولغاچقا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ گۆش ۋە ياغ قاتلاملىرى خېلى ياخشى تەرەققى قىلغان بولىدۇ. بەدەن ھارارىتى ئۈستۈنرەك، تېرىلىرى سىلىق ۋە چىرايى نۇرلۇق قىزىل، تېتىك ھەم قۇۋۋەتلىك، ئېغىزى تاتلىق، تولا ئەسنەيدىغان، ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ. پۇت- قوللىرى ئاسان قولىشىپ قالىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر كۆپرەك تېرە كېسەللىكلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇلارنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن خۇلقى- مىجەزى ۋە روھى ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا بۇ خىلدىكى كىشىلەر خوش پېئىل، ئوچۇق، ئەقىل ۋە پىكىر قابىلىيىتى ئورتاھال، سىرتقى تەسىراتلارغا بولغان قوزغىلىش ھېسسىياتى كۈچلۈك ھەمدە ئۆزىنى تۇتىۋىلىشى خېلى ياخشى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەتتە قۇرۇق سوغاق خاراكتېردىكى (مەسىلەن: كالا گۆشىگە ئوخشاش) غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇق سوغاق كەيپىياتتىكى دورىلار ياخشىراق ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ھۆل ئىسسىق (مەسىلەن: قوي گۆشىگە ئوخشاش) غىزالارنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ئىستىمال قىلسا ئاسانلا يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.

ھۆل سوغاق ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ھۆل سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ رەڭگى ئاق سۈزۈك، لەۋلىرى تومراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ، بەدىنى سۈزۈك يۇمشاق ھەم سوغۇقراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمەلىي ھاياتىدىكى خۇلقى- مىجەزى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرگەندە، بۇ خىلىدىكى كىشىلەر ئېغىر بېسىق، بىغەم، ھەرقانداق ئىشقا ئاسان تەسىرلەنمەيدىغان كېلىدۇ. يەنى سىرتتىكى تەسىراتلارغا قوزغىلىشى ناھايىتى ئاستا، قوزغىلىشتىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتىشىمۇ ئاستا بولىدۇ. جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتە ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق كېلىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرگە ئادەتتە ھۆل سوغاق ( مەسىلەن: سۇيۇق ئاش، ھۆل مېۋە- چىۋىلەرگە ئوخشاش) غىزالار يامان تەسىر قىلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق (مەسىلەن: ئات گۆشى، زاغۇن يېغىغا ئوخشاش) غىزالار مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ئادەتتە كۆپرەك سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپمۇ بوغۇم ئاغرىقلىرى (مۇپاسىل)، پالەچ كېسەللىكلىرى بىلەن كېسەللىنىدۇ. ئەمما داۋالاشنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.


قۇرۇق سوغاق ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

قۇرۇق سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنى خېلى چىڭ، لېكىن ئورۇغراق، بەدەنلىرى سوغاقراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ئاز تەرەققى قىلغان بولىدۇ. ئۇيقۇسى ئازراق بولىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمىلى ھاياتىدىكى خۇلقى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا سەۋدايى مىجەزى كۈچلۈك، ئاستا تەسىرلىنىدىغان، خىيالپەرەس، قورقۇنچاق، خىيالى ھېسسىياتى كۈچلۈكرەك بولغاچقا ئەمەلىيەتتىن يىراق پىكىرلەرنى قىلىدۇ. ئەقىل پاراسىتى، توغرا پىكىر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك، سەلبىي پىكىرلەرگە ھەم روھى ئازاب چېكىشكە مايىلراق كېلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرگە ئارلىششنى خالىمايدىغان بولغاچقا روھى كېسەللىكلەر ۋە نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن كۆپرەك ئاغرىيدۇ. سەۋدا مىزاج كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا قان، بەلغەم، سەپرا ماددىلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلى سەۋدا خىلىتىگە مەنسۇپ بولغاچقا داۋالاش نەتىجىسى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇپ (يېتىلدۈرۈپ) بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىشقىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى، يۇقىردا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىنسانلارنىڭ رەڭگى- رويى، ئۇنىڭ تەبىئىي مىزاجلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە نىسپى نوقتىنەزەردە قاراش، مۇتلەقلەشتۈرۈپ قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى يەر شارىنىڭ ھەرقايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك مۇھىتىدا ياشىغانلارنىڭ رەڭگى- رويىغا ئالاقىدار تەبئىي سۈپەتلىك پەرقلەرنى نوقۇل ھالدا ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىي مىزاجىغا بىرلەشتۈرۈپلا قاراش، كېسەللىك دىئاگونوزىدا خاتالىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. كېسەللەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەشخىس قىلىشتا مىزاج ھالىتى ئەلۋەتتە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لېكىن ئۇنى كېسەل پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسى تەرىپى دەپ قاراپ، شۇنىڭغىلا تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ. دېمەك، كىشىلەرنىڭ تەبىئي مىزاجى بىلەن ئۇنىڭ رەڭگى- رويىنىڭ بىرلىگىگە نىسپى ھالدا قاراش كېرەك.


مەنبە : ساغلاملىق بىلملىرى




موللا پوك-پوك تەستىقلىدى .





[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 19:20 چوققىغا قايتىش
wesal

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 516
شۆھرەت: 517 نۇمۇر
پۇل: 5160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:261(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت بىلۋىلشقاتىگىشلىك رىستىپلاركەن

Nurluk elani

بىركىتاپ -بىرئالەم .



[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 19:43 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:35, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije