>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Guitar  
XabnamBBS -> تارىخ بەتلىرى -> نۇزۇگۈم ياتقان ئۆڭكۇر

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1473 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : نۇزۇگۈم ياتقان ئۆڭكۇر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kuktulpar
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 173
شۆھرەت: 194 نۇمۇر
پۇل: 1720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:239(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
نۇزۇگۈم ياتقان ئۆڭكۇر

ئاپتۇرى: تورغان توختەم[size=4][/size]

يەنە باھار كېلىشى بىلەن كەتمەن تېغىنىڭ باغرىدىكى قىشچە ئاق قارغا پۈركىنىپ ياتقان يەرلەر يېشىل كىمخابقا ئورىنىپ ئويغىنىشقا باشلىدى. پىيازلىق ساينىڭ ئەتراپىدا ئېچىلغان لەيلىقازاق، چۇغلۇق ۋە باشقا گۈللەر بۇ ۋادىنى تېخىمۇ گۈزەل رەڭلەردە بوياپ چىرايلىق قىلىۋەتكەنىدى. چوڭقۇر ساينىڭ ئىچىدىكى تاللار، زىرىقلار، ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، يوپۇرماق چىقىرىپ، ئىسل خۇش پۇراقلىرى بىلەن ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، ئوي-پىكرىنى قاناتلىتاتتى. باھارنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل كۈنلىرى تەڭرېتىغىنىڭ ئېتەك ۋە قاپتاللىرىدىكى يېزىلارنىڭ يىگىت-قىزلىرى بۇ ئەتراپتىكى مۇقەددەس جاي بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بۇ يەردىكى نۇزۇگۈم تۇرغان ئۆڭكۇرگە كىلىپ، خەلقىمىزنىڭ قەھرىمان قىزىنى سېغىنىش بىلەن ئەسلەيدۇ. نۇزۇگۈم بۇنىڭدىن بىر يۈز ئاتمىش يىل ئىلگىرى مەنچىڭ خانىدانلىقىنىڭ زۇلۇمىغا بويسۇنماي قېچىپ، مۆكۈنۈپ يۈرۈپ، مۇشۇ ئۆڭكۇردىمۇ پاناھلانغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، بۇ تەۋەنىڭ ئادەملىرى نۇزۇگۈمنى تېخىچە ئۆزلىرىنىڭ ئارىسدا يۈرگەندەك ھېس قىلىشىدۇ. ئۇنى ياد ئېتىپ، ئۆڭكۇرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى سۇپىغا گۈللەر قويىدۇ. كۆڭۈل سۆزلىرىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ساينىڭ تىگىدە ئېقىۋاتقان تاغ سۈيىنىڭ بويىدىكى كۆك چىمەنلىكتە دۇتار، تەمبۇر چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ نۇزۇگۈمنى ئەسلەيدۇ. بۇ ئەتراپنىڭ كۆپنى كۆرگەن بوۋايلار باھاردا سەپ تۈزۈپ كېلىدىغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇزۇگۈم ھەققىدە تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرسە، شائىرلار شېئىر ئوقۇپ بېرىدۇ.
سولۇنلارنىڭ كەتمەن تېغى باغرىدىكى كەڭ سايدىن نۇزۇگۈمنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ تۇتۇپ كەتكىنىگە بىر يېرىم ئەسىردىن ئوشۇق ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆڭكۇرى شۇ پېتىچە ساقلىنىپ تۇرماقتا. يىل ئۆتۈپ، ئېگىز تاغلار مۈكچىيىپ ئۇپراشقا باشلىسىمۇ، تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ بۆلەكچىلا شاۋقۇن چىقىرىپ ئاقىدىغان تاغ سۈيى ھېلىمۇ توختىماي ئاقماقتا. تاللارغا قونۇۋېلىپ، ئۇنلىرى پۈتۈپ كەتكىچە توختىماي سايرايدىغان بۇلبۇل ۋە كاككۇكلارنىڭ ئاۋازى توختىمايدۇ. نۇزۇگۈمنىڭ شۇ چاغلاردا ئېيتقان قوشاقلىرى ھېلىمۇ خۇددى تۈنۈگۈن ئېيتىلغاندەك ياڭرىماقتا.
ياز كۈنلىرى يىراق-يىراقلاردىن ماشىنلار بىلەن كېلىپ بۇ ئۆڭكۇرنى زىيارەت قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇلار ماشىنىلىرىنى يىراقتىكى دۆڭنىڭ ئۈستىدە قويۇپ قويۇپ، ئۆزلىرى چوڭقۇر سايدىكى مەخسۇس ياسالغان پەلەمپەيلەر بىلەن چۈشۈپ، ئۆڭكۇردىكى خاتىرە تاختىغا يېزىلغان سۆزلەرنى ئوقۇپ، نۇزۇگۈمنىڭ ھاياتى بىلەن تۇنۇشىدۇ. ئۇلارغا خۇددى ھازىر مۇشۇ ئۆڭكۇردىن بېشىغا قۇندۇز تۆپە، ئۇچىسىغا ھال قىزىل ئۇزۇن چاپان كىيگەن، قۇندۇزدەك قارا چاچلىرى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان زىلۋا بويلۇق نۇزۇگۈم چىقىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئۆڭكۇر ئىچى جىمجىت، سۇپىدىكى تاشمۇ يېيىلىپ، ئۇپراشقا باشلىغان، يىللار ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئاغىزى ھاڭغىرقاي ئېچىلىپ قالغان بولىسمۇ، ئەمما ئالتە ئايغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزىز پەرزەنتىنى سولۇنلارنىڭ چېرىكلىرىدىن، ئىت-بۆرىلەردىن، ياۋا قۇشلاردىن ۋە قىشنىڭ سوغۇقىدىن ساقلىغان بۇ ئۆڭكۇرنى تاۋاپ قىلغۇچىلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە.
ئىلى ۋادىسىدىكى ياشلار توي قىلغاندا ئالدى بىلەن نۇزۇگۈم ئۆڭكۇرىنى زىيارەت قىلىپ گۈلدەستىلەر قويىدۇ ۋە نۇزۇگۈم بىلەن باقىغا ئوخشاش بىر-بىرىگە سادىق، پاك مۇھەببەتلىك بولۇش ھەققىدە ۋەدە بېرىشىدۇ. ئەسىرلەر بويى باتۇرلىقنىڭ، چىن مۇھەببەتنىڭ ۋە ساداقەتلىكنىڭ شاھىتى بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئۆڭكۇر نۇزۇگۈم خاتىرسىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ساقلىماقتا.

مەنبەسى: نۇزۇگۈم ناملىق تارىخى روماندىن ئېلىندى.

http://www.kuktulpar.com/bbs

سۈمەييە تەھرىرلىدى


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

http://www.kuktulpar.com/bbs
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 14:30 چوققىغا قايتىش
maripat1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 613
شۆھرەت: 616 نۇمۇر
پۇل: 6150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:202(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇرۇن بۇ ھەقتە ماتىريال كۈرمەپتىكەنمەن، تىمىڭىزغا رەھمەت.

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 19:17 چوققىغا قايتىش
atuxboy526

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 160
شۆھرەت: 161 نۇمۇر
پۇل: 1600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:20(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇرۇن بۇ ھەقتە ماتىريال كۈرمەپتىكەنمەن، تىمىڭىزغا رەھمەت

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 20:06 چوققىغا قايتىش
tulpar-yurti



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 155
شۆھرەت: 161 نۇمۇر
پۇل: 1550 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:47(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نۇزۇگۇم ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدىن چىققان   كۈرەش قەھرىمانى بۇلۇپ ئۇ تاكى دۇشمەن قۇلىدا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىچە جاھالەت زۇمىگەرلىرىگە بۇيۇن ئەگمەي ،ھەتتا ئۈلۈم ئالدىدا قۇرىقماي ھەقىقەت ئۈچۈن بارلىغىنى بىغىشلىغان قەھرىمان قىزدۇر.
نۇزۇگۇمغا ئۇخشاش ئىنقىلاپچىلىرىمىزنىڭ تارىخى قان -ياش بىلەن تۇلغان تارىختۇر .
شۇڭا بىز يۇقارقىدەك قەھرىمانلىرىمىزنى مەڭگۈ ياد ئىتىشىمىز ،ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش -ئىزلىرىدىن ئۈلگە ئىلىشىمىز كىرەك.


Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 21:16 چوققىغا قايتىش
tughluq0996



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 46
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:90(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نۇزۇگۇم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پەخرى!!!!



<خازاد> ۋە<سىت> دىگەن ئەبلەخلەر يوققۇ؟ نەدە قەقەش تېرىپ يۈرۈيدىغاندۇ ؟!


Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-01 21:26 چوققىغا قايتىش
妈妈的爱

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 85
شۆھرەت: 86 نۇمۇر
پۇل: 850 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:28(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نۇزۇگۇم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پەخىرلىك ئوبرازى. [s :78]

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-02 20:27 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:01-05 05:34, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije