
سۆزلىدۇق جاھاندا دىھقان بولماق تەس .
ھەم يەنە ۋىژدانلىق ئادەم بولماق تەس،
تەپتىشنىڭ ئالدىدا ھېساپ بەرمەك تەس.
بانكىرنى ھېچكىممۇ ياخشىكەن دىمەس،
تەس دىسە ھەممىدىن بانكىر بولماق تەس.
دەپتەر بار يازمىساڭ بولمايدۇ كۈندە .
قەرىز سۈيلەپ يۈرمىسەڭ كېچە-كۈندۈزدە،
قەرىز پۇلنى سۈيلەيمىز نەخ پۇلۇڭ نەدە.
شەنبە ۋە يەكشەنبە ئۆتىدۇ غەمدە،
تەس دىسە ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
يانفۇنۇڭ سايرايدۇ ئالمىساڭ تېخى ،
قەرىز دارنىڭ ئالدىغا بارمىساڭ تېخى .
ئون بايغا بىر مالاي بولمىساڭ تېخى ،
خوش-خوش دەپ ھىساۋات قىلمىساڭ تېخى .
تەس دىسە ھەممىدىن بانكىر بولماق تەس .
باشقىلارمۇ خىزمەتنى ئىشلەر ھەر كۈنى .
مەسئۇللۇق تۈگەيدۇ لېكىن شۇ كۈنى ،
خاتىرجەم ئوخلايدۇ ئاخشىمى تۈنى .
غېمى يوق نىمە بۇلار ئەتە ئۆگۈنى ،
تەس دىسە ھەممىدىن بانكىر بولماق تەس .
ئاقارغان چاچ دىسە مانا مەندە بار ،
تورلاشقان كۆز دىسە مانا مەندە بار.
قەرىز بار دىسە مەنا مەندە بار ،
قىرىققا كىرمەستە قالمىدى مادار .
تەس دىسە ھەممىدىن بانكىر بولماق تەس .
ھۆججەتلەر كېلىدۇ دەيدي ئىشلەيسەن ،
يىل-بويى جۇدۇندا يېزا ئىشلەيسەن.
شىڭچى يوق تەتىل يوق يەنە ئىشلەيسەن ،
كۈندۈزى يىتىشمەي كېچە ئىشلەيسەن .
تەس دېسە ھەممىدىن بانكىر بولماق تەس .
بىلىسەن تۈگەيدۇ ئۆيۈڭدە ئوتۇن .
كىر قاتلار يۇيغىلى قالمايدۇ سۇپۇن ،
زاۋۇتقا بارمىساڭ كېلەمدىكىن ئۇن .
ئەھۋال شۇ بۇ ئۆيدە تۇرامدۇ خۇتۇن ،
تەس دىسە ھەممىدىن بانكىر بولماق تەس .
ھەممىنىڭ كۆڭلىدە كىردىتچى يەيدۇ .
ئايدا ھەپتە ئىشلەپ ئوينايدۇ دەيدۇ ،
ئالدىڭدا ھېجىيىپ قۇسۇر ئىزدەيدۇ .
مەسئۇللۇق جاپانى ئۇلار بىلمەيدۇ ،
تەس دىسە ھەممىدىن بانكىر بولماق تەس .
كىردىتچىك جاپاسىنى دىسەم تۈگۈمەس .
بۇ ئىشتىن زارلانغان يالغۇز مەن ئەمەس ،
تۇيغۇلار گاللىشىپ يۇقالماقتا ئەس .
جاپانى سۆزلىمەي بولدى قىلاي بەس ،
تەس دىسە ھەممىدىن بانكىر بولماق تەس .

-------------------------------------------------------------------
2004-يىلى 11-ئاينىڭ 15- كۈنى
يېڭسار
ئاپتۇرىنى بىلىدىغانلار بولساڭلار ئەسكەرتىپ قۇيۇڭلار.
ئادەم بولماق تەس ــــ ./read.php?tid-30457-keyword-.html
دىھقان بولماق تەس ـــ ./read.php?tid-29634-keyword-.html
[ بۇ يازما ASAN-YUSAN تەرپىدىن 2007-12-28 20:48 دە ق ]