>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Mubarek 4 yil  
XabnamBBS -> بەس-بەس مۇنازىرە -> ئۈرۈمچىلىكلەر

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1910 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۈرۈمچىلىكلەر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
stars_gmg
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 140
شۆھرەت: 171 نۇمۇر
پۇل: 1400 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۈرۈمچىلىكلەر

ئۈرۈمچىلىكلەر


      ئەسسالام شەبنەمدىكى تورداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن ، كېچىكىپ تەبرىكلىگىنىمنى ئەيپكە بۇيرىمىغايسىلەر .
      ھېيتنىڭ تەييارلىقلىرى ۋە يىل ئاخىرىدىكى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ئۇزۇن بولدى سىلەر بىلەنمۇ ياخشىراق كۆرۈشۈپ مۇڭداشمىغىلى ، بۈگۈن بۇ يازمامنى ئالغاچ كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلىشىپ مۇڭدىشىپ كېلەي دەپ سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم ، ئەمىسە بۈگۈنكى دېمەكچى بولغان مەقسىتىمنى ئۇدۇللا باشلاۋېرەي .
      ھەممە ھېيتنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان قايناق بازاردا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئوڭشاپمۇ ماڭغىلى بولمايتتى ، دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى بۇ ئەركىن بازاردا ئەسلىدىمۇ ئادەم پەۋقۇلئادە كۆپ بولۇپ كەلگەن . ھەدەم ئىككىمىز قوللىرىمىزدا چوڭ - كىچىك نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ئارانلا كېتىۋاتاتتۇق ، دەل مۇشۇ ئەتراپقا كەلگەندە ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ماڭالمايلا قالدۇق ، تۇيۇقسىز ھەدەم چېچىلغاندەك قىلىپ :
__ ئوھۇش نىمانداق جىق ئادەم بۇ ، بىز ئۈرۈمچىلىكلەرغۇ زادى مۇشۇنداق يۇۋاش خەق ، مۇشۇ ئادەملەرمۇ نە - نەلەردىن كېلىپ جېنىنى بېقىۋاتىدۇ مانا ، بىز ناۋادا بۇلارنىڭ يۇرتىغا بېرىپ باقايلىچۇ قېنى ، جىق بولسا بىرە ئاي مېھمان بولىمىز ، شۇنىڭ بىلەن ئاستا تەييار بولۇپ قالىدىغان گەپ ، ئۇنداق بىز ئۈرۈمچىلىكلەرگە ئوخشاش ۋوي غوجام كەپقاپلا ، قېنى ئەمىسە ماۋۇ ئىشنى قىلسىلا دەپ ئولتۇرغان يېرىمىزنىمۇ بىكارلاپ بېرىدىغان ئىش نەدە ... ، __ دېمىسىمۇ ھازىر ئۈرۈمچىدە باشقا يۇرتتىن كېلىپ بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىۋاتقانلار نۇرغۇن ، خۇددى قايسى ئېتوتتا ئېيتقاندەك « ھازىر سەنئەتنىڭ نېنىنى بىلىدىغانلارغا قارىغاندا بىلمەيدىغانلار جىق يەۋاتىدۇ » ... ئۈرۈمچىدىمۇ بىز ئۈرۈمچىنىڭ نېنىنى بىزگە قارىغاندا باشقا يەردىن كەلگەنلەر جىقاراق يەۋاتىدۇ ، شۇڭا ھازىر بىز ئۈرۈمچىلىكلەر ئارىسىدا مۇنداق بىر خىل گەپ مودا « بىز ئۈرۈمچىلىكلەر بەك كەڭ قورساق ، باشقا يەردىن كەلگەنلەرگە ۋاي كەلسىلە غوجام ، ۋاي كەلسىلە خېنىم دەپ ئالدىمىزدىكى تامىقىمىزنىمۇ بېرىۋېتىمىز » ، بىز ئۈرۈمچىلىكلەر مانا مۇشۇنداق دەپ ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىۋاتىمىز ، راست ، بۇ گېپىم راست ، بىز ھەقىقەتەنمۇ پەخىرلىنىپ كېتىۋاتىمىز ، بۇ خىل « ئولتۇرغان جايىمىزنىمۇ بېرىۋېتىش » ، « يەۋاتقان نېنىمىزنىمۇ بېرىۋېتىش » تەك ئاتالمىش كەڭ قورساقلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ 2004-يىللىق قايسى بىر ژۇرنالدا ئوقۇغان بىر ئەسەر يادىمغا كېلىپ قالدى ، شۇ چاغدا بۇ ئەسەر ماڭا يېقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كۆچۈرىۋالغانىدىم ، ھازىر بىرلىكتە ئورتاقلىشايلى ئاندىن مۇنازىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى ، ئەسەرنىڭ تېمىسى « ئۈرۈمچى بالىلىرىغا » .
                            ئۈرۈمچى بالىلىرىغا
    ئۈرۈمچىلىك بالىلار ، سىلەر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى ئۈرۈمچىدە چوڭ بولىۋاتىىسىلەر ، سىلەر بۇ چوڭ شەھەردە چوڭ بولغىنىڭلار ئۈچۈن پەخىرلىنىسىلەر ، ئۆزۈڭلارنى باشقا يۇرتنىڭ بالىلىرىدىن ئەقىل ۋە ھەممە ئىشتا ئۈستۈن چاغلايسىلەر ، لېكىن مەن سىلەرنىڭ بەزى تەرەپتىكى بىلىمىڭلارنىڭ تولىمۇ تېيىزلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم ، ئازاپلاندىم .
    مەن سىلەرگە بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ زۆرۈر بىلىملەرنى دەپ بېرىشنى لايىق تاپتىم ، بەلكىم باشقا يۇرتتىكى بالىلار بۇ ئەقەللىي بىلىملەرنى سىلەر ئۈرۈمچىلىك بالىلارنىڭ بىلمەيدىغىنىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلالماي ، مۇشۇنداق ئاددىي بىلىملەرنى سۆزلەپ يۈرگىنىمگە كۈلۈشى ، ئەجەپلىنىشى مۇمكىن ، لېكىن ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن بالىلار چوڭ -چوڭ ، زامانىۋىي يېڭى بىلىملەرنى بىلگىنى بىلەن ئەڭ ئاددىي بىلىملەرنى بىلىشكە چولىسى تەگمىگەن . سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ئۈرۈمچىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغانلار ، شۇڭا سىلەردىن قۇشقاچنىڭ رەڭگىنى سورىسا ، « قارا » دەپ جاۋاب بېرىسىلەر ، خاتا ، سىلەرگە كۆرۈنگىنى بۇلغانغان ھاۋادا كىرلىشىپ كەتكەن رەڭگى . يەنە سىلەرنى تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدە سۆزلەڭلار دېسە ، ئېنىقكى ئۆزۈڭلار چىققان جەنۇبىي تاغ ، بۇغدا كۆلى ھەققىدە ئاغزى - ئاغزىڭلارغا تەگمەي سۆزلەيسىلەر ، ئەمما بىلىپ قېلىڭلاركى بۇ پەقەت ۋە پەقەت سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكىلا تەبىئەت دۇنياسى خالاس . پايانسىز ئېتىزلىقلار ، دالالار ، يېزىلاردىكى ئېشەكنىڭ ھاڭراشلىرى ، خورازلارنىڭ چىللىشى ، نامازشامدىن تۈن نىسپىگىچە ئاللىقاياقلاردىن توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازلىرى ، سەھرانىڭ كۆپكۆك ئاسمىنى ، سەھەرنىڭ مەيىن شامىلى ، يامغۇردىن كېيىنكى لاي پۇرىقى ، بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن خامانلىقلار ، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق - ئۆستەڭ ، ۋىچىرلاپ ئۇچۇپ يۈرىدىغان قۇشلار ، كەڭ - كەڭ ھويلىلىق كۆجۈم مەھەللىلەر ، تەكلەر ، باراڭلار ... بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەر بىلمەيدىغان تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئەمەسمۇ ؟ پاختا سىلەر ئويلىغاندەك زاۋۇتتىن چىقمايدۇ ، بەلكى كېۋەزلىكلەردە ئۈنۈپ چىققان كېۋەز غوزىلىرىدا بولىدۇ ؛ سىلەر يەنە يازلىق لاگېردا تۇرپانغا ئېلىپ بارغان ئوقۇتقۇچىلارنى خىجالەتتە قويدۇڭلار ، بۇغداي مايسىلىرىنى كۆرۈپ « قاراڭلار كۈدە ( جۈسەي ) مايسىلىرغا » دېدىڭلار ، راستىنلا بۇغداي مايسىسى بىلەن كۈدىنى پەرقلەندۈرەلمىدىڭلار ؛ ياڭاق سىلەرگە كۆپكۆك ئالما بولۇپ كۆرۈنگىنىدە ئۇنى ھەرگىز يەپ سالماڭلار ، ئۇ دېگەن ئالما ئەمەس بەلكى ياڭاق ؛ سىلەرگە يېزىلاردىكى مەشرەپ ھەققىدە سۆزلەپ بەرسەم : « رېستۇران ، دېسكوخانىلارغا ئوخشامدۇ » دەپ سورىدىڭلار .
    مەقسىتىم بالىلارغا بۇ بىلىملەرنى دەپ بېرىشلا ئەمەس ، مۇھىمى ئۈرۈمچىدىكى بالىلارنىڭ تەبىئەتتىن ، ئەقەللىي بىلىملەردىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلارنىڭ دېققىتىنى قوزغاش . ئۈرۈمچىلىك بالىلار ، شەھەر مەدەنىيىتى ۋە شەھەرنىڭ سانائەتلەشكەن مۇھىتى سىلەرنى نادان قالدۇرمىسۇن ، سىلەر ئاشۇ سەھرالىق بالىلاردىنمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭلار ، ئۇلار ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ يۈرۈپمۇ يەنە ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتەلەيدۇ ،   ئوقۇش پۇلىنى بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆز ھويلىسى ۋە بېغىدىن چىققان نەرسىلەرنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىش بىلەن ھەل قىلىدۇ ، ئۇلار مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئۆي ئىشى ، ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ ، لېكىن سىلەر ئاتا - ئاناڭلارنىڭ پۇلىنىڭ قانداق كېلىدىغانلىقىنى ئاساسەن بىلمەيسىلەر .
        باشقا يۇرتتىكى بۇ بالىلارنى بوش چاغلىماڭلار ، ئۇلار دېسكوخانا ، تورخانا ... لارغا كىرمىگىنى بىلەن تۇرمۇشنىڭ جاپالىق يوللىرىغا ئاللىبۇرۇنلا كىرىپ بولغان ، ئۇلارنى ئاتا - ئانىسى ئېسىل تاماقلارنى كۆزىگە كىرىۋېلىپ زورلاپ يېگۈزۈپ چوڭ قىلمىغان ، ئۇلار ئۆز تامىقىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدۇ ؛ سىلەر كىنو - تېلىۋىزورلارغا دۈم چۈشۈپ بارا - بارا تەسەۋۋۇرلاردىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان چېغىڭلاردا ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى يەنىلا مومىسىنىڭ چۆچەكلىرىدىن بېيىۋاتىدۇ ...
      ئۈرۈمچىلىك بالىلار ، ھوشيار بولۇڭلار ، كەلگۈسىدىكى رىقابەت دۇنياسىدا ئۇلار تاۋىقىڭلارنى تارتىۋالمىسۇن !!!


      بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى ، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى ئابزاسنى ئوقۇغاندىن كېيىن قانداق ئويلارغا كېلىپ قالدۇق ئۈرۈمچىلىك قېرىنداشلار ؟ مەن بۇ يەردە نېمىنىدۇر قامچىلاپ نېمىنىدۇر سۆكمەكچىمۇ ئەمەس ، پەقەتلا روھىيىتىمىزنى چىرمىۋالغان AQ چە ئىدىيەگە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىماقچى . خوش ، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ   ھازىرقى « كەڭ قورساق » « ساخاۋەتچى » لىكىمىز گە بىر باھا بېرىپ باقايلى .


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 19:27 چوققىغا قايتىش
ئۇيغۇرا
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 516
شۆھرەت: 547 نۇمۇر
پۇل: 5160 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:105(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


« ھازىر سەنئەتنىڭ نېنىنى بىلىدىغانلارغا قارىغاندا بىلمەيدىغانلار جىق يەۋاتىدۇ » BBS.Xabnam.Com din kochuruldi

بۇ سۆز دەل جايىدا ئېيتىلغان سۆز....توغرا ھازىر،ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ مۇشۇنداق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ؟!


Nurluk elani

يىغلىما،ئەر!ئەجداد روھى قۇرۇنمىسۇن!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 19:29 چوققىغا قايتىش
man~

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 176
شۆھرەت: 187 نۇمۇر
پۇل: 1760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:41(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھا ھا ھا ،،،،،،،،،،،، بىر قورقىتىپ قويۇپ سىزدە شەھەرلىك تەيەر تاپلارنى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، جىم يۇرسۇن دەپ قويۇڭ

Nurluk elani

.
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 19:32 چوققىغا قايتىش
purqakapandi

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بالىلار سەھراغا بىرىپ كەلسە بولغىدەك ئەمىسە! ئاچچىق -لازىلارنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرسە ............ ئاندىن بەزى بەڭۋاش بالىلار ھوشىنى تاپىدۇ.

Nurluk elani

ئەپەندىنىڭ ئىيىقى
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 19:58 چوققىغا قايتىش
saadat
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1716
شۆھرەت: 1842 نۇمۇر
پۇل: 17160 سوم
تۆھپە: 115 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:788(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناھايىتى ياخشى مۇنازىرە تېمىسىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز،رەھمەت!لېكىن (لىق)(لۇق)(لىك)....ئىبارىلىرىنىڭ توغرا بولمىغان ئورۇندا ئىشلىتىلىپ قالماسلىقىنى ئۇمىد قىلىمەن!
مۇشۇ ئاپامغا ھەيرانمەن؟ئۆيدىكى تاتلىق-تۇرۇملەرنى بىزگە تۇزۇك يىگۇزمەي تىقىپ قۇيۇپ ياتلار كەلسە ئالدىغا تىزىپ زورلاپ كىتىشلىرىگە.........................


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 20:23 چوققىغا قايتىش
stars_gmg
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 140
شۆھرەت: 171 نۇمۇر
پۇل: 1400 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 6 جى قەۋەتتىكى saadat نىڭ 2007-12-28 20:23 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ناھايىتى ياخشى مۇنازىرە تېمىسىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز،رەھمەت!لېكىن (لىق)(لۇق)(لىك)....ئىبارىلىرىنىڭ توغرا بولمىغان ئورۇندا ئىشلىتىلىپ قالماسلىقىنى ئۇمىد قىلىمەن!
مۇشۇ ئاپامغا ھەيرانمەن؟ئۆيدىكى تاتلىق-تۇرۇملەرنى بىزگە تۇزۇك يىگۇزمەي تىقىپ قۇيۇپ ياتلار كەلسە ئالدىغا تىزىپ زورلاپ كىتىشلىرىگە.........................

        ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، چوقۇم دېققەت قىلىپ تۈزىتىمەن


Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 20:35 چوققىغا قايتىش
ئىشەنچ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 804
شۆھرەت: 805 نۇمۇر
پۇل: 8040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:194(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


توغرا ئېيتتىڭلار ،شەھەر بالىلىرىغا قارىغاندا، يېزىنىڭ نامرات يەرلىرىدە ياشاۋاتقان بالىلار بولسا شۇنداق تىرىشچان كىلىدىكەن. ~~~~~~~~~~~~ئاكامنىڭ دېيىشىچە،ئامىركىدىمۇ باي-باياشات ياشاۋاتقان بالىلارغا قارىغاندا ،نامرات رايونلاردا ياشاۋاتقانلارنىڭ نەتىجىسىمۇ يوقىرى بولىدىكەن.بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ مانامۇشۇنداققۇ. مىنىڭچە ،بالىلارنى ئۇنچە ئەتىۋارلاپ كەتمەسلىك كېرەك.
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ قويدۇم


Nurluk elani

ئىشەنچ - بىر خىل مەنىۋىي كۈچتۇر
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 20:39 چوققىغا قايتىش
ZORRO828

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 22
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:142(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


توغرا ئېيتتىڭلار ،شەھەر بالىلىرىغا قارىغاندا، يېزىنىڭ نامرات يەرلىرىدە ياشاۋاتقان بالىلار بولسا شۇنداق تىرىشچان كىلىدىكەن

Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 20:46 چوققىغا قايتىش
MUSULMAN5

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 162
شۆھرەت: 163 نۇمۇر
پۇل: 1620 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:30(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 9 جى قەۋەتتىكى ZORRO828 نىڭ 2007-12-28 20:46 دە يوللىغان يازمىسى“”:
توغرا ئېيتتىڭلار ،شەھەر بالىلىرىغا قارىغاندا، يېزىنىڭ نامرات يەرلىرىدە ياشاۋاتقان بالىلار بولسا شۇنداق تىرىشچان كىلىدىكەن


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

ئاللا ئۇلۇغ ،ياشىسۇن ئىسلام!! !!!!! يۇقالسۇن كاپىرلار

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 20:48 چوققىغا قايتىش
bahtim520

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 234
شۆھرەت: 235 نۇمۇر
پۇل: 2070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:89(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇرۇمچىنڭ يۇزىنى گورۇز گۇيلار چۇشۇرۋەتكەن`````ئۇرۇمچىدە 2-3يىل تۇرىۋىلىپلام مەن 本地لىك داۋلىدىغانلار جىققۇ```

Nurluk elani
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 20:52 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-29 23:48, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije