ئۆتمۈشۈمدە تالاي ئەسلىمە
جۇدۇن
ئۆتمۈشىمدە تالاي ئەسلىمە ،
تۇيغۇلىرىم گۈزەللىككە باي .
غېرىپلىقىم بولماس ئەبەدى ،
ئۈمۈدلىرىم گويا تۇلۇنئاي .
يېشىل ھايات داۋانلىرىدا ،
ئەگىپ يۈرگەن مەن بىر يۇلۇچى .
ئولجام مىنىڭ بەخىت دېگەن شۇ ،
(ئەجدات روھى ئەۋلات بۇرۇچى .)
چايقىلىدۇ كىرپىكتە قان ياش ،
يىگىتنىڭمۇ كۆزدە گاھى .
نامەردلىكنى قىلىدۇ باتىل ،
بەلكىم بۇمۇ ۋىجداننىڭ ئاھى .
يىگانىلىق قاپسىلىدا چۈش ،
كۆرمەكتىمەن ياقلاپ ئادالەت .
روھ مەرىپەت كانىدا ئىدى ،
شىرىنلىكنى باستى قاباھەت .
نە سىرلىرى بولسۇن ھاياتنىڭ ،
يىشىلمىگەن قايسى بىر تۈگۈن .
بىر ئاچچىقتىن ئۆرتىنىپ قەلبىم ،
پۈكۈلمەكتە ھەسرەتلەر بۈگۈن .