تۇرمۇشتا ، ئازاپتىن خوشاللىق كۆپ بولىدۇ
بىر ئايال لوقماننىڭ ئالدىغا كېسىلىگە شىپا ئىزلەپ بېرىپتۇ . ئۇ يېقىندىن بېرى ئېغىزىغا تاماق تېتىمايدىغان ، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ، ئۇرۇقلاپ تەدرىجى ماغدۇرسىزلانغان ئىكەن ..............
لوقمان ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن : << يۈرۈكىڭىزنى نۇرغۇن غەم -قايغۇ قاپلاپ كېتىپتۇ . بەدىنىڭىزنى ئازراق سەپرا خىسلىتى چىرمىۋالغاندىن باشقا ھېچقانداق چوڭ كېسەل يوق >> دەپتۇ .
ئايال لوقماننىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىنى تېپىۋالغانلىغىنى بىلىپ ، ھەسرىتىنى تۆكۈشكە باشلاپتۇ .
لوقمان يەنە سوراپ : << يولدىشىڭىزنىڭ سىزگە كۆڭلى بارمۇ ؟ >> دەپتۇ . ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ : << ئۇ ماڭا بەك ئامراق ، بىز توي قىلغان نۇرغۇن يىلدىن بېرى بىرەر قېتىممۇ ئازارلىشىپ باقمىدۇق ........>> دەپتۇ . لوقمان يەنە : << بالىلىرىڭىز بارمۇ ؟ >> دەپ سوراپتىكەن . ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ كېتىپتۇ ۋە << بىر قىزىمىز بار ، ناھايىتى ئەقىللىق ، چېچەن بالا بولدى>> . لوقمان : << ئائىلەڭلەردە ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بارمۇ ؟ >> . ئايال : << ياق ، ئۇزۇق تۈلۈكتىن غېمىمىز يوق . توققۇزىمىز تەل......>> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . لوقمان بىر تەرەپتىن سوراپ ، بىر تەرەپتىن يازغاچ ئولتۇرۇپ خەت بىلەن لىق تولغان ئىككى ۋاراق قەغەزنى ئايالنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ . بۇنىڭ بىر ۋارىقىغا دەرت-ھەسرەتلىك ئىشلار ، يەنە بىرسىگە خوشاللىغى يېزىلغان ئىكەن.
لوقمان دەپتۇ : << بۇ ئىككى پارچە قەغەز دەل كېسەل داۋالايدىغان دورا رېتسىپىدۇر . ئەسلىدە سىزنىڭ ئەس يادىڭىز يۈز بەرگەن كىچىككىنە خاپىلىقلىرىڭىزدىلا قاپتۇ-يۇ ، ئەتراپىڭىزدا ئەگىپ يۈرگەن نۇرغۇن خوشاللىقلارغا بەك سەل قاراپسىز >> . لوقمان سۆزلىگەچ بىر داس سۈزۈك سۇ كەلتۈرۈپ ، كالىنىڭ ئۆتىنى داستىكى سۇغا تېمىتىپتۇ . ياپ-يېشىل ئۆت سۈيۈقلىغى داستىكى سۈغا چۈشكەندىن كېيىن ، بارا-بارا سۇسلىشىپ يېشىللىغى تۈگەپتۇ .
لوقمان : << مانا بۇ ئاچچىق ئۆت سۈيۈقلىغى سۇغا كىردى . تەمىمۇ ، رەڭگىمۇ سۈسلاپ كەتتى. كىشىك تۇرمۇشتىكى ئىشلارمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ >> دەپتۇ .
تۇرمۇش ئەسلىدە بىز چىداشلىق بېرەلمىگۈدەك دەرجىدە ئېغىر ئازاپ-ئوقۇبەتكە تولغان ئەمەس . بەلكى بىز شاد-خوراملىق سۈلىرى بىلەن شۇ قايغۇ -ئەلەمنى ئۆچۈرۈۋىتىشكە ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ماھىر بولالمىدۇق ، خالاس . ئەمىلىيەتتە بىز ھەسرەت چېكىپ ، ئاھ ئۇرۇپ ، مۆل-مۆل يىغلاپ يۈرگەن ۋاقتىمىزدا شاد-خوراملىق بىزنى زاڭلىق قىلىپ ئەتراپىمىزدا ئۇچۇپ يۈرگەن بولىدۇ .
<< شىنجاڭ ئاياللىرىدىن >> ئېلىندى
____ ئۇيغۇر839 تەھرىرى