غاز ساتىمەن
-----------------------
فىرقەتنىڭ 25ياشقا كىرىپ قالغان ئوغلى بولۇپ،بىر كۈنى فىرقەت ئوغلىنى ئۆيدىكى غازنى سېتىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ۋە ئوغلىغا(بۇ غازنى 20 سومغا سېتىپ كەل ،ئۇنىڭدىن تۆۋەن دىسە ساتما) دەپتۇ.
ئوغلى غازنى ئېلىپ بازاغا كىرىپتۇ، بىر مۇۋاپىق جاينى تاپقاندىن كېيىن شۇ يەردە ئولتۇرۇپتۇ،غازنىڭ باھاسىنى سورىغانلار 15سوم..10سوم..دەپ پەقەت 20 سومغا چىقماپتۇ،بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن،بىر چىرايلىق تەنناز چوكاندىن بىرسى غازنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ.
--ئۇكام غاز ساتامسەن.دەپتۇ نازلىنىپ.
--ھەئە ساتىمەن 20سوم
ئۇنداقتا مەن ئالدىم،دەپتۇ ئايال كۆزلىرىنى ئوينىتىپ،ئەمما غازنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ بەرسەڭ ئاندىن پۇلۇڭنى بېرىمەن !
--ماقۇل !دەپتۇ ئوغۇل ۋە غازنى ئېلىپ ئىككەيلەن چوكاننىڭ ئۆيگە راۋان بوپتۇ.
ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئايال بىر چىنە چاي قويۇپ،پۇلنى ئاچىقىپ بېرىش ئۈچۈن كىرىپ كېتىپتۇ.دەل شۇ چاغا ئىشىك چېكىلىپتۇ.
ھودۇقۇپ كەتكەن ئايال، ئوغۇلنى ئىچكىرى ئۆيدىكى بىر قاراڭغۇ ئىشكاپقا كىرگۈزۋېتىپ،ئىشىكنى ئېچىپتۇ.
بۇ چاغدا ئايالنىڭ ئاشنىسى كىرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى پاراڭلىشىپ،ئاشنىسى شۇ ئۆيدە قونۇپ قاپتۇ، بالا بولسا ئىشكاپتا ئولتۇرۇپتۇ،
كەچ بولغاندا ئىشىك يەنە قاتتىق چېكىلىپتۇ،ئىشىك يوچۇقىدىن قارىسا بۇ ئايالنىىڭ ئېرى قايتىپ كەپتۇ.ھودۇققان ئايال نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئاشنىسىنىمۇ شۇ ئىشكاپقا كىرىشكە بۇيرۇپتۇ.
ئېرى كىرىپ ھېچقانداق باشقىچە ئەھۋال يوقلۇقىنى ھېس قىلىپتۇ، بۇ ئايالنىڭ ئېرى قاسساپ بولۇپ ئاچچىقى بەك يامانكەن.
شۇنىڭ بىلەن ئېرى بۇ كۈنى ئۆيىدە قونۇپتۇ،خوتۇنى قورقۇمسىراپ يېتىپتۇ.
يېرىم كېچە بولغاندا فىرقەتنىڭ بالىسى يېنىدا تۇرغان ئادەمگە گەپ قىپتۇ؛
--ھەي ..ئاكا..
--ھە نىم بولدى بوش گەپ قىل.
--غاز ساتىمەن.
--ئالمايمەن.
--ئالمىساڭ ۋارقىرايمەن.
--ھە بوپتۇ ئالاي،ئاۋازىڭنى بوش قىل !بىكا بۇ ئۆيدىن ئۆلۈكۈم چىقىدۇ. نەچچەپۇل؟
--20سوم.
--مانا پۇل.
غازنى قولىغا ئالغان ئادەم .قورقۇپ ئولتۇرسا فىرقەتنىڭ بالىسى يەنە گەپ قىپتۇ.
--ھەي...ئاكا.
--ھە نىمە؟
--غازنى ئەپكەل.
--ھازىر سېتۋالدىمغۇ؟
--بەمىسەڭ ئاكا ۋارقىرايمەن.
--ئالە مانا،ئاۋازىڭنى چىقارما.
شۇندق قىلىپ بالا غازنى قايتۇرۋاپتۇ، يەنە بىردەمدىن كېيىن يەنە ھېلىقى ئادەمگە گەپ قىپتۇ.
--ھەي--ئاكا.
--يەنە نىمە،؟
--غاز ساتىمەن
...
...
...
شۇنداق قىلىپ بالا كېچىچەغاز ئېلىپ سېتىپ ،ھېلىقى ئادەمگە 2000سوملۇق غاز سېتىپتۇ.تاڭ ئاتقاندا ئۆيدىكى ئايال يولدىشى بىلەن چىقىپ كېتىپتۇ.
ئارقىدىنلا ھېلىقى ئادەم ئىشكاپنى ئېچىپلا ئالمان تالمان چىقىپ قېچىپ كېتىپتۇ.
بالا ئالدىرماي پۇلنى ساناپ 2000سومنى يانچۇققا سېپ ئۆيىگە راۋان بوپتۇ.
ئىشىكتىن كىرىپلا خوشال ھالدا دادىسىغا دەپتۇ.
--دادا دادا..مەن غازنى كېچىچە 2000سومغا ساتتىم .
--فىرقەتنىڭ ئاچچىقى قاتتىق كەپتۇدە ،پۇلنى ئېلىپ ،بالىسىنى قاتتىق بىر تەستەك ئۇرۇپ دەپتۇ:
ۋۇ شۇم كېچىچە غازنى ماڭا ساتتىڭ!ماڭ باشقىدىن سېتىپ كەل.