>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
2008 Tilek tilaymen  
XabnamBBS -> پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى -> «قىسسەئى مەشرەپ»تىن پارچە

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 92 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : «قىسسەئى مەشرەپ»تىن پارچە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kuktulpar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 148
شۆھرەت: 169 نۇمۇر
پۇل: 1470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:201(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
«قىسسەئى مەشرەپ»تىن پارچە

ئاپتورى: خاجە ئەھمەد
مەشرەپ ئېلىغا بارغۇچە بۇ غەزەلنى ئوقۇدى:
                                ھەجرۇ فىراق ئوتىدا ئاشىق بىقەرا ئۆزۈم،
                                تۆزىگەن ئىتلارنىڭ سىفەت ئاشىق خاكسار ئۆزۈم.
ئەلقىسسە، مەشرەپ شۇ يۈرگەنچە ئۆزىنى ئىلىدا كۆردى. ئىلىنىڭ ھاكىمى قۇنتەيجى ئىدى. ئۇنىڭ بىر قىز بار ئىدى. خۇدايىتائالا بۇدۇنيادا خۇشرۇيلۇقنى كۇپپارلارغا بەرگەنىكەن. بۇ قىز شۇنچىلىك ساھىپجامال ۋە ئەقىللىق ئىدىكى، ئاي يۈزلۈك يۈز كېنىزەك خىزمىتىدە ھازىر ئىدى. بۇ قىز كېنىزەكلىرى بىلەن سەيلە-تاماشاغا چىققانىدى. ناگاھ، ئىشان مەشرەب بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. قىزلارنىڭ ئىچىدە ئاپتاپ تەلەت، سائادەت ئاسمىنىنىڭ يۇلتۇزى، تەڭداشسىز گۈزەل بىر ئاي ئالەمنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئىشان مەشرەپ بېرىپ، قىزنىڭ يولىنى توسۇپ:
-ئەي گۈللەرنىڭ گۈلى، سېنىڭ مۇھەببىتىڭ مېنىڭ كۆڭلۈمدىن ئورۇن ئالدى. مەن ساڭا ئاشىق-دەپ بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
                          زىيبا سەنەمىم يول ئۈزە كۆرەگەچ تۇرە قالدىم،
                          نەززارەسىدىن مەھۋ بولۇپ ئولتۇرە قالدىم.
قىزنىڭ بىر ۋەزىرى بار بولۇپ، ئىسمى ئۆتەكەن ئىدى. قىز ئۇنىڭغا:
-ئەي ئۆتەكەن ۋەزىر، يېشىم ئون تۆتكە يەتتى. بۇ چاغقىچە مەن مۇنداق ئاتەش نەپەس قەلەندەرنى كۆرگەن ئەمەسمەن،-دېدى. ئۆتەكەن ۋەزىر:
-راست دەيسىز، ئەجەپ قەلەندەر ئىكەن، دۇنيانى تەرك ئەتكەن ئوخشايدۇ!-دېدى.
قىز ئېيتتىكى:
-ئەي قەلەندەر، ئەگەر سەن ماڭا ئاشىق بولساڭ، بېشىمدىكى ئوتىغىتىمغا مۇناسىپ بىر بېيىت ئوقۇغىن!
ئىشان مەشرەپ بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
                      ئۇتاغاتنى كۆرۈپ تەلبە كۆڭۈل تەلفەنەدۇر،
                      جان قۇشى دالباي ئېتەر، باشىداقى قەرقەرددۇر.
قىز يەنە:
- ئەي قەلەندەر، ئەگەر راست ئاشىق بولساڭ، قەددى-كامالىم، ھۆسنۈم، شانۇ شەۋكىتىمنىڭ شەنىگە يەنە بىر سۆز ئېيتقىن،-دېدى.
ئىشان مەشرەپ بۇ بېيتنى ئوقۇدى:
                            تالۇن ئايدەك ئاي يۈزۈڭگە ياراشىپتۇر رەگى خالىڭ،
                            يۈرەكىمدە جا قىلىپتۇر رىشتەئى قەددى نىھالىڭ.
-ئەي قەلەندەر،-دېدى قىز،- مەندىن بۇ نەقىلنى ئىشىتكىن: ئىلگىرىكى زاماندا خۇداپەرەسلەرنىڭ ئارىسىدا شەيخ سەنئان دەپ بىر ئەۋلىيا ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ تۆت يۈز قىرىق تۆت مۇرىتى بار ئىكەن. ئۇ ئۆز دىنىدىن يېنىپ، مۇرىتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، بىر تەرسا قىزغا ئاشىق بولۇپ بۇتپەرەس بولۇپتۇ. سەنمۇ خۇداپەرەس ئاشىقسەن، مەن بولسام تەرسا-بۇتپەرەستۇرمەن. سەن ئاۋۋال «لاتۇ مەنات» دەپ مېنىڭ دىنىمغا كىرگىن. ئاندىن ئاشىقلىق لاپلىرىنى ئۇرغىن!
ئىشان مەشرەپ قىزدىن بۇ سۇخەنلەرنى ئىشىتىپ:
-ئى تەرسا بەچچە، سېنى سۆزلەتكەن خۇدا مېنى ھەم بۇيەرگە كەلتۈرگەندۇر. ھەرئىش خۇدانىڭ ھۆكمى بىلەندۇر. ئەگەر خۇدادىن ھۆكۈم بولىدىكەن، مېنىڭ چارەم يوق. قانداق خىزمەت بۇيرۇساڭ ئېيتقىن،-دېدى.
قىز ۋەزىرگە:
-ئەي ئۆتەكەن، بۇ قەلەندەر مېنىڭ تۆگەم بىلەن يىلقامنى باقسۇن!-دېدى.
شاھ مەشرەپ:«خوپ بولغاي!»دەپ تۆگىلەرنى يايلاققا ئېلىپ باردى. بىر تۆگىنى تۇتۇپ مىندى. شۇ تۇرغانچە ئۈچ يىل يامغۇر سۈيىنى ئىچىپ، ئوتنىڭ يىلتىزىنى يەپ يۈردى.
ئىشان مەشرەپنىڭ تۆگە باقمىقى بۇ قىزنىڭ ئىشقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدەك ئاپتاپ تەلئەت بەندىلەر دوزىخىي ئەمەس، مۇسۇلمان بولۇپ جەننىتي بولسا، دېگەن غەرەزدە ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۈچ يىل تۆگە باقتى. مەشرەپ تۆگە-يىلقا بېقىپ يۈرۈپ بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
                      دىلبەرىمنىڭ ئىشقىدا مەن تاق ماڭدىم،
                      كېچە-كۈندۈز كويىدا ماڭماق ئىدىم.
ئەلقىسسە، بۇ خەۋەر-«خۇداپەرەس بىر قەلەندەر كەپتۇ. ئۇ سېنىڭ قىزىڭغا ئاشىق ئىكەن. ئۈچ يىلدىن بىرى قىزىڭنىڭ تۆگىلىرىنى بېقىپ يۈرۈيدۇ»دېگەن گەپ-سۆزلەر ئۈچ يىلدىن كېيىن قۇنتەيجىگە يەتتى. قۇنتەيجى:«شۇ قەلەندەرنى بۇياققا ئېلىپ كېلىڭلار»دەپ كىشى ئەۋەتتى. ئەمما، بارغان كىشىلەر قايتىپ كەلمىدى. قۇنتەيجى ئوتتۇز-قىرىق كىشى ئەۋەتتى. ئۇلار يىغلىشىپ كەلدى. قۇنتەيجى:
-قەلەندەر كەلدىمۇ؟ سىلەر نېمىئەئە يىغلايسىلەر؟-دەپ سورىدى. كىشىلەر:
-بۇ قەلەندەرنىڭ «كۆك تەڭرىم»دەپ يىغلىماقتىن ئۆزگە ئىش يوق ئىكەن،- دەپ جاۋاپ بېرىشتى. ۋەزىر:
-ئى پادىشاھ، ئاشىقنى كەلتۈرگەن مەشۇق. تا قىزىڭىز بارمىغۇچە قەلەندەر كەلمەس،-دېدى. قۇنتەيجى:«بېرىپ شۇ قەلەندەرنى ئېلىپ كەل!»دەپ قىزىنى بۇيرۇۋىدى. قىزى قۇنتەيجىگە تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ھەرىمىگە كىردى. كىمخاب ئېگىنلىرىنى كىيىپ، ئۆزىنى زىننەتلەپ، قەددىنى شەمشادتەك تۈزەشتۈرۈپ تامام قىزىل ئېگىن كىيگەن ئاي يۈزلۈك تۆت يۈز كېنىزەك بىلەن ئۆيىدىن چىقتى. ئوت چاقنىغاندەك بەرق ئۇرۇپ ئىشان مەشرەپنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى. مەشرەپ مەشۇقىنى يىراقتىن ككرۈپ بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
                          بىر باقىشغە جۈملەئى جانانە تەسەددۇق،
                          شەھلا كۆزىگە ئاقىلۇ دىۋانە تەسەددۇق.
ئىشان مەشرەپ مەشۇقىنىڭ يېقىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
                          تا كىيدى قىزىل، ئۆزىنى زىيبا قىلايىن دەپ،
                          ئوت ياقتى جەھان مۈلكىغە، غەۋغا قىلايىن دەپ.
ئىشان مەشرەپ مەشۇقى مىنگەن ئاتنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى كۆرۈپ يەنە بۇ مۇستەھزادنى ئوقۇدى:
                        كۆزۈمگە نەخۇش ئۇچرادى بىر دىلبەر رەئنا، يۈز گۇل ئاچىلىبان.
                        قىلدى مېنى بىر غەمزە بىلە ۋالەئى شەيدا، باغرىمنى قىلىپ قان.
ئۇ تەرسا بەچچە ئىشان مەشرەپنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئىشىتىپ:
-ئى مەشرەپ، خۇدايىڭ راست، دىنىڭ بەرھەق ئىكەن. ئەمما، مېنىڭ دىنىمغا كىرگىن. ئاتام جار سالدۇردى. ئالتە ياشتىن تا يەتمىش ياتمىشقىچە ھەممىسى سېنى ككرمەككە ئارزۇمەندۇر. سېنى ئاتامنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ مېھمان قىلماقچىمەن. بۈگۈن ئاشىق بىلەن مەشۇق قوشۇلىدىغان كۈندۇر. ھۈنىرىڭنىڭ باشلىنىشى قىلىپ ئاۋۋال ماڭا تاماكا سېلىپ، چاقماق يېقىپ بەرگىن،-دېدى. مەشرەپ يەنە بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
                            شەمزە كافىر ئىشۋە جادۇ جىلۋە ئايماقىم قانى؟
                            خارى يەغما، شۇئلە كىرفىك جالە قالفاقىم قانى؟
قىز بۇ بېيتنى ئاڭلاپ:
-ئەي مەشرەپ، «لاتۇمەنات»دەپ بۇتقا سەجدە قىلغىن. ئاندىن ئاشىقلىق لاپلىرىنى ئۇرغىن!-دېدى. ئىشان مەشرەپ:
-سېنى باشتىلا ئۇچراتمىسام ئىدىم. سەنمۇ مېنىڭ دىنىمغا قەست قىلماس ئىدىڭ،-دەپ بۇ غەزەلنى ئوقۇدى:
                              ناگاھ كۆرۈپ، ئول دىلبەرى رەئنا باقا قالدى،
                              پەردە كۆتەرىپ، قاشىنى ئولدەم قاقا قالدى.
مەشرەپ يەنە دېدى:
-ئەي تەرسا بەچچە، خاتا قىلدىڭ. «لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ»دەپ ئىمان كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمان بولغىن!-دېدى.
-ئەي مەشرەپ،-دېدى قىز،- سەن خاتا قىلدىڭ. مىڭ يىللىق ئىبادىتىڭگە بەرھەم ئۇردۇڭ، «خانەئى كەئبە»گە ئوت ياقتىڭ!
مەشرەپ قىزدىن بۇ سۆزنى ئىشىتىپ:«سەنەمنىڭ كۆڭلى خوش بولسىلا مەيلى»دەپ ئۆزىنى تۆگىنىڭ ئۈستىدىن تاشلاپ، قىزنىڭ ئېتىنىڭ ئايىغىغا بېشىنى قويدى. قىز دېمىغىنى قېقىپ، ۋەزىرگە قاراپ:
-ئەنە، كۆردۈڭمۇ؟ «لاتۇمەنات» ماڭا مەدەت قىلدى. مەشرەب مېنىڭ دېنىمغا كىردى،-دېدى. ئىشان بېشىنى كۆتۈرۈپ:
-ئەي تەرسا بەچچە، خاتىرەڭ جەم بولسۇن! ئەئويا ئىت ئىگىسىگە ئەركىلىگەندەك، مەن ساڭا تۆۋەنچىلىك بىلدۈردۈم. ئەمدى ھەر نېمە دېسەڭ قوبۇل قىلىمەن،-دەپ بۇ غەزەلنى ئوقۇدى.
قىز ئېتىدىن چۈشۈپ، ئېشان مەشرەپنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئىشان مەشرەپ قۇنتەيجىنىڭ قېشىغا كەلگۈچە بۇ بېيتنى ئوقۇدى:
                          ئاي يۈزۈڭنى كۆيدۈرگەلى مەن زار قاقشاتماق ئىدىم،
                          بەش كاكۇلنىڭ باشىدىن ئۈچ قاتلا ئايلانماق ئىدىم.
ئىشان مەشرەپ كۆردىكى، قۇنتەيجىنىڭ قېشىغا يېقىن قاپتۇ. ئۇ تۆگىدىن چۈشۈپ قۇنتەيجىنىڭ ئالدىغا كەلدى. قۇنتەيجىمۇ ئىككى چۆرىنىڭ ياردىمىدە تەختتىن چۈشۈپ:
-ئەي خەزىنىچىلەر، خەزىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىڭلار، بىر ئالتۇن تاۋاقتا ئالتۇن ئەكىلىپ ئىشان مەشرەپنىڭ ئالدىغا قويۇڭلار!-دېدى. خەزىنىچىلەر دۆۋە بىر تاۋاق ئالتۇننى ئەكىلىپ كېلىپ ئىشان مەشرەپنىڭ ئالدىغا قويدى. قۇنتەيجى:
-ھەي مەشرەپ، سېنىڭ خۇدايىڭ راست ئىكەن، دىنىڭ بەرھەقكەن. مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى كۇپۇرلۇق، گۇمراھلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتىمەن. بۇ ئالتۇننى ئېلىپ، ماڭا دۇئا قىلغىن. دىلىمنىڭ قۇلۇپى ئېچىلغاي! مۇسۇلمان بولغايمەن،-دېدى. ئىشان مەشرەپ:
-مەن مال-دۇنيا ئىزلەيدىغان كىشىلەردىن ئەمەسمەن. ئاۋۋال مۇسۇلمان بولغىن، ھەققىڭگە دۇئا قىلاي، خۇدايىتائالا ئاخىرەتلىكىڭنى ئاۋات قىلاي!-دېدى. قۇنتەيجى ئىشان مەشرەپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، خىلۋەتكە ئېلىپ كىرىپ:
-تەقسىر، مەن ئاشكارا مۇسۇلمان بولسام، يۇرتۇمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن. شۇڭا، پىنھان ئىمان ئېيتاي، نامىزىمنى ئۆتەي، روزا تۇتاي، خەير-ساخاۋەت قىلاي. تاڭلا قىيامەت كۈنى خۇدايىتائالا قازى بولۇپ، ھەزرىتى مۇھەممە رەسۇلىللاھ شاپائەت تەختىگە ئولتۇرغاندا، مېنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىمغا گۇۋاھلىق بەرگەيسەن،-دېدى.
ئىشان مەشرەپ:«لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ...»دەپ ئىمان جۈملىسىدىن تەلىم بەردى. قۇنتەيجى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. ئىشان مەشرەپ قۇنتەيجىگە ۋە قۇنتەيجىنىڭ خوتۇنىغا بەش ۋاخ نامازنىڭ كەلىمىلىرى ھەم غۇسلى-تاھارەت ئۇسۇللىرى ۋە نىيەتلىرىنى ئۆگەتتى. قۇنتەيجى ئىنىكئانىغا:
-ئەي ئىنىكئانا، مەشرەبنى ئېلىپ بېرىپ قىزىمغا قوشۇپ قويۇڭلار، قىزىمنى مەشرەپكە نىياز قىلدىم!-دېدى.
ئىنىكئانا مەشرەپنى باشلاپ بېرىپ قىزنىڭ ھەرىمىگە ئېلىپ كىردى. ئىشان مەشرەپ كۆك شىرغىلىق ئاق ئۆي بىلەن قىزنىڭ كىمخاب ئېگىنلىرىگە قاراپ بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
                                          يارنىڭ كويىغە مەن بارماق ئىدىم،
                                          يول يۈرۈپ كويىدا مەن ھارماق ئىدىم.
ئاندىن مەشرەپ يېقىن كېلىپ كۆردىكى، مەشۇقى ئاق يۈزلۈك تۆت يۈز كېنىزىكى بىلەن شاراپ ئىچىپ تۇرۇپتۇ. ئۇ قىزنىڭ شەنىگە يەنە بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
                                ئەگەر ئاشىقلىقىم ئايتسام كۆيۈپ جانۇ جەھان ئۆرتەر،
                                بۇ ئىشقىمنى بەيان قىلسام تەقى بۇ خانمان ئۆرتەر.
ئەلقىسسە، ئىشان مەشرەپ قىزغا يېقىن كېلىپ:
-مېنى بۇنداق بالالارغا گىرىپتار قىلغان ئەي جاننىڭ ئاپىتى،-دەپ ھەزىل-چاقچاق قىلىپ بۇ بېيتنى ئوقىدى:
                          كاكۇلۇڭمۇ ئەنبەردۇر، جان ئىچىندە جانان قىز،
                          يۈزلەرىڭمۇ ئەختەردۇر ياكى ماھى تابان قىز.
قىز بۇ غەزەلنى ئىشىتىپ، قولىدىكى مەينى مەشرەبكە تۇتتى. ئىشان مەشرەب قەدەھنى قولىغا ئېلىپ بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:
                                ئول شوخ پەرىۋەش بىلە باد چېكەينا،
                                سەرخۇش بولۇبان شىشەئى ساغەرنى سۇنانيا.
ئىشان مەشرەپ قىز بىلەن ئۈلپەتلىشىپ تۇراتتى، ئىنىكئانا كىرىپ:
-ئەي مەلىكە، ئاتىڭىز، ئانىڭىز ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. سىزنىمۇ مۇسۇلمان بولسۇن دەيدۇ،-دېدى. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ يىغلاپ:
-مەن مەشرەبنى كۆرگەن زامان مۇسۇلمان بولغانىدىم. ئەمما، ھېچ كىشىگە بۇ سىرىمنى ئاشكارا قىلغىنىم يوق. ئەي مەشرەب، ماڭا كەلىمىلەردىن تەلىم بەرگىن،-دېدى. مەشرەب كەلىمىلەردىن تەلىم بەردى، قىز كەلىمە ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. ئاندىن:
-ئەي مەشرەب، مەن تۈمەن مىڭ قالماق تۆرىسىنىڭ قىزىدۇرمەن. ئەگەر سېنىڭ خۇدايىڭ راست بولمىسا، سېنى ماڭا مۇيەسسەر قىلماس ئىدى. ئەي مەشرەب، مەن ئۈچۈن ئۈچ يىل ئاچ-يالىڭاچ قالدىڭ. كەل، بۈگۈن ئەمدى مېنىڭ بىلەن خالىغانچە ئەيش-ئىشرەت قىلغىن دېدى. ئىشان مەشرەب قىزنىڭ ئىلتىپات سۆزلىرى ئۈچۈن بۇ غەزەلنى ئوقۇدى:
                              مەن نالە قىلاي شامۇ سەھەر يار ئىشىكىدە،
                              جانىم بېرەيىن شوخ سىتەمكار ئىشىكىدە.
ئىشان مەشرەب دېدىكى:
-ئەي نازىنىن، مەن خۇدايىتائالانىڭ ئۆزىگە ئاشىقدۇرمەن. مەن خۇدايىتائالانىڭ ئىشقى ۋە مۇھەببىتىدە كۆيگەندۈرمەن. مېنىڭ تارتقان مېھنەت ۋە مۇشەققەتلىرىم ئاللا ئۈچۈندۇر. سەن ئەسلىدە بىر باھانە!
                                مېنىڭ رازى دىلى زارىم فەرۋاندۇر، يېتىپ بولماس،
                                كى ئاشىق ئەفسانەسىنى دەفتەر ئۆزرە شەرھ ئېيتىپ بولماس.

*           *             *

نەچچە يىل باياۋاندا يۈرۈپ مەشرەپنىڭ ئاياغلىرى يېرىلىپ كەتكەنىدى. تەكچىدە بىر پارچە قۇيرۇقنىڭ ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ قۇيرۇقتىن ياڭاقتەك كېسىپ ئوتقا قاقلاپ ئايىغىنى داغماللاپ تۇراتتى، ئىنىكئانا كىرىپ قىزدىن:«ئەي مەلىكە، مەشرەب نېمە دەيدۇ؟»دەپ سورىدى. قىز:«سېنى ياراتقان خۇدايىتائالانىڭ ئۆزىگە ئاشىقمەن، مەن سېنى نېمە قىلاي؟!ادەيدۇ» دېدى. ئىنىكئانا:

-ئەي مەلىكە، ئاتىڭىز:«مەشرەب خۇدانىڭ ئاشىقى، ئۇنىڭ پۇشتى كەمىرىدىن بىرەر پەرزەنت بولسا، مېنىڭدەك قارا يۈزگە رەھىم-ئىلتىپات كۆرسىتەرمىكىن»دەيدۇ. سىز بېرىپ ئوچاقنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇڭ. شايەد، مەشرەبنىڭ نەزىرى چۈشۈپ، بىر پەرزەنتلىك بولۇپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس!-دېدى.

قىز تامبىلىنى سېلىپ ئوچاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىشان مەشرەبنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئىشان مەشرەب قىزنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ:«مېنىڭ ئايىغىم يېرىق دېسەم، مېنىڭ يېرىقىمدىن سېنىڭ يېرىقىڭ يامان ئىكەن»دەپ قىزىق قۇيرۇقنى قىزنىڭ ئەندامىسىگە ياقتى. قىز كۆيۈككە پايلىماي يىغلاپ يىقىلىپ قالدى.

بۇ خەۋەر قۇنتەيجىگە يەتتى. قۇنتەيجى ئىلگىرىكىدىن زىيادە ئىخلاس قىلىپ يېتىپ كەلدى ۋە:

-ئەي مەشرەپ، سىز خۇدانىڭ ئاشىق بەندىسى. سىزدىن بىر پەرزەنت بولسا، دېگەن ئۈمىدتە قىزىمنى سىزگە نەزەرى نىياز قىلدىم،-دەپ چىقىپ كەتتى.

بىر كۈنى ئىشان مەشرەب قىزدىن:

-ئەي مەلىكە، ئىشرەت قىلغۇڭ بارمۇ؟-دەپ سورىدى. مەلىكە«خوش»دەپ، تۆشۈككە چىقىپ ھازىر بولدى. ئىشان مەشرەپ ئاستا بېرىپ، قۇلىقىنى مەلىكىنىڭ قورسىقىغا يېقىپ بىرھازا تىڭشىغاندىن كېيىن:«بۇ بالىلار تېخى تۆرەلمەي، بۇ ئالەمدىن چىقماي تۇرۇپ، دادا ئاش، دادا نان، دەيدۇ. مەن ئۆزەمنىڭ كۈنىنى كۈن ئېتەلمەي يۈرگەن تۇرسام، بۇلارنىڭ ھالىدىن قانداقداقسىگە خەۋەر ئالالايمەن؟!»دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ قالدى. قىز گويا ئانىسىنىڭ سۈتىدىن ئومۇنغاندەك ئومۇنۇپ قالدى.

ئەلقىسسە، قۇنتەيجى ئىشان مەشرەبنى قىزى بىلەن ئاق ئۆيگە ئۈچ كۈن سولاپ قويدى. ئەمما، ئىشان مەشرەب قىزغا ھېچبىر دەخلى قىلمىدى.

ئىزاھاتلار:

ئوتىغىتىمغا-قىزلارنىڭ بېشىغا تاقايدىغان جىغىسى

ئىشىتىپ-ئاڭلاپ

لاتۇ مەنات-ئىسلامدىن ئىلگىرى ئەرەبلەر چوقۇنغان بۇتلارنىڭ نامى




مەنبەسى: بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 2-سانىدىن

:::::: شەبنەم تەھرىرىلىدى


Nurluk elani

./?a=kuktulparنى بېسىڭ.
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 15:40 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-31 10:08, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije