نىچۈك ئالماي بۇ دۇنيادىن زوق؟!
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
قېنىپ تاتلىق ئۇخلىدىم ئۇزاق،
بىخەۋەرمەن بارچە ئالەمدىن.
تالاي دوستلار ئويغىتىپ باقتى،
ھەتتا بەزەن ئالدى ياقامدىن.
(تارتىپ چىقماق بولدى خانەمدىن)
كەچمىشىمنى قۇچاقلىغانچە،
ئۇخلاۋەردىم شېرىن چۈش بىلەن.
«يېرىم ئۆلۈك»بولغۇم يوق مېنىڭ،
تىرىكلىككە قايتىپ كېلەي مەن.
گۆمۈش ياكى بەزگەك ئەمەسمەن،
بىنورماللار قاتارىدا يوق.
مېڭەم سەگەك پۇت-قوللىرىم ساق،
نىچۈك ئالماي بۇ دۇنيادىن زوق؟!
كەلگۈسىمدۇر شۇنچىلىك گۈزەل،
خامۇشلۇقۇم بولدى يىراق كەت!
دەس تۇرۇشقا ماجالىم باردۇر،
غالىپلىقىم كەلگىن باغاش ئەت!!!
خالتامدىكى لىققىدە ئازاپ،
خۇشاللىققا بەر ئەمدى ئورۇن.
«تاتاتۇڭا»**يوقاتقان تامغا،
ئەركزات ئۈچۈن نىشانە بولسۇن!!!
2007-12-28
**تاتاتۇڭا ھەققىدە:چىڭگىزخان ئۇيغۇر ئېلىگە باستۇرۇپ كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قابىل باش ۋەزىرى تاتاتۇڭا(ئالىپ ئەرتۇڭا) ئوردا تامغىسنى ئېلىپ يۇشۇرنىۋالىدۇ.بۇنى ئىزدەپ تاپقان چىڭگىزخان:«نىمىشقا يۇشۇرنىۋالدىڭ؟»دەپ سورىغاندا تاتاتۇڭا:«مەن ئۆلسەم مەيلى ،لېكىن بۇ تامغا سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ»دەپ جاۋاپ بەرگەندە تامغىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمىگەن چىڭگىزخان:«بۇ نىمە؟»دەپ سورايدۇ. تاتاتۇڭا چىڭگىزخانغا تامغىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى،ئەھمىيتىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.چىڭگىزخان قايىل بولغىنىدىن ئۇنى ئۆلتۈرمەي ئەكسىچە خاس مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىدۇ.كىيىن چىڭگىزخان تاتاتۇڭادىن موڭغۇللارغىمۇ يېزىق ئىجات قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تاتاتۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ھازىرقى مۇڭغۇللار ئىشلىتىۋاتقان يېزىقنى ئىجات قىلىپ بېرىدۇ.
شەخسى پاراڭ،چاقچاق قىلغان ئىنكاسلار بولسامەيلى كىمنىڭ بولسۇن بىردەك ئۆچىرىلىدۇ.