>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Mubarek 4 yil  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> يەنە بالا باققۇچى ئىزدەمسىز ؟(ئالامەت ۋەقەلەر)

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1408 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : يەنە بالا باققۇچى ئىزدەمسىز ؟(ئالامەت ۋەقەلەر) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
oyster
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 264
شۆھرەت: 278 نۇمۇر
پۇل: 2579 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:250(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
يەنە بالا باققۇچى ئىزدەمسىز ؟(ئالامەت ۋەقەلەر)

ئانام مېنى خوش بالام دەپ ئۇزىتىپ ھويلىغا چىقتى ، قارنىڭ سوغۇقىمۇ ئەيتاۋۇر ئاچچىق   سوغۇق شامال كشى تېنىنى تىترىتىپ تۇراتتى.   قولۇمدا تېخى يېشىغا تولمىغان قىزىم . ئانام ئەنسىرەپ قىزىمنى ئورىغان يۆگەكنى يەنە تۈزەشتۈرۈپ قىزىمنىڭ تۇمشۇقلىرىغا ئورىغان شارپىنى قايتىدىن يۇقۇرىغا كۆتۈرۈپ قويدى. بۈگۈن بىر كۈن ئانامنى بالىغا قاراپ بېرىشنى ئېيتقان ئىدۇق . ئايالىمنىڭ 8 سائەتلىك جىددى خىزمىتى ، مېنىڭ سىرتتىكى- يىراق سەھرادىكى خىزمىتىم سەۋەبى بالىغا ئىككىلىمىزنىڭ قاراشقا تازا ئىمكانىيتىمىز يار بەرمەيۋاتاتتى . سەھەردە چىقىپ كەتسەك ، كەچتىلا ئاران قايتىپ كېلەلەيتتۇق . شۇڭا بىزنىڭ بۇ پاخلاندەك ئاپپاق قوزىمىز بىر كۈنى قېينىئاپاملارنىڭ ئۆيىدە بېقىلسا يەنە بىر كۈنى ئۆز ئاپام بېقىپ بېرىۋاتاتتى . بۇ ئىككى موماي گەرچە < نەۋرە نىمە بېرىدۇ ؟ چىچىپ -سىيىپ پوقىنى بېرىدۇ > دىگەن ماقالنى ياخشى بىلسىمۇ يەنىلا ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن ھارماي بۇ ئاپپاق قوزىمىزنى ئوتنىڭ ئۇچى، سۇنىڭ سۈزۈكى بىلەن بېقىپ كېلىۋاتاتتى.
  بالا باقىدىغان قىز ئالمىدىڭلارمۇ دەپ سوراۋاتامسىز ؟ خېلى ئىزدىدۇق . بىر نەچچىنى تاپقانمۇ بولدۇم . ئەمما ھەممىسى كەتتى . نىمە <سىلەرنىڭ مىجەزىڭلار ئەسكىمۇ يا ؟> دەمسىز ؟ ياقەي سەۋەپ بىزنىڭ مىجەزىمىزدە ئەمەس ! تېخى بالا باققۇچىغا ئائىت ئاجايىپ ھىكايىلىرىمىز بار باشتىن ئۆتكەن دەڭا ! ئەمىسە قۇلاق سېلىڭ :
  ئەر- ئايال ئىككىلىمىزنىڭ مىجەزى ياخشى . ھەر ئىككىلىمىز ئاقكۆڭۈل ، كىشلەرگە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ ئويلايمىز . ھىچقاچان بىر كىشىگە يامانلىق ئويلاپ باققان ئەمەسمىز . ئەمدى مەن بۇ بالا باققۇچى قىزلارنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرالمىغىنىنىڭ سەۋەبىنى قىسقىچە دەپ بېرەي . بىرىنچى قىزنى مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم تونۇشتۇردى . 16 ياشلاردىكى بۇ قىز پەقەتلا گەپ قىلمايدىغان بولۇپ بوي-تۇرقى ئىگىزرەك كەلگەن قىز ئىدى . بىز ئەر - ئايال ئىككىلىمىز بۇ قىزنى ئۆز سىڭلىمىزدەك كۆرۈپ ، ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسىدەك قارشى ئالدۇق . ئۇ قىز ئائىلە ئىشىغا شۇنداق پىششىق ئىدى، بالىغىمۇ ياخشى قارايتتى . ئەممازە ئۆيدە تېلىۋوزۇر ، ۋ س د ناخشا دەيلىرىنى دەھشەت كۆرىۋېتەتتى . شۇ كورىيەنىڭ قىسملىق كىنوسىنى كۈندۇزى توختىماي 4-5 قىسمدىن بېرىدىغان قاناللارنى تېلىۋىزورىمدىن يۇيۇپ چىقىرىۋەتكۈم كېلىدۇ . ئەسلى بۇ قىز كۈندۈزى بىز خىزمەتكە كەتكەندە تېلىۋىزورنى ئېچىپ مۇھەببەت فىلىملىرىنى توختىماي كۆرەتتىكەن . كۆرىۋېرىپ ياش يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتىمۇ قانداق ؟ ئاخىرى بىر مۇھەببەت تېپىۋاپتۇ .(قاچاندىن بېرى مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىز بىلەلمىدۇق ) ئۇ بالىمىزنى يۆگەكلىرىگە چىڭڭىدە ئوراپ ئۇخلاتقاندىن كېيىن كارۋىتىغا سېلىپ قويدىىكەن . ئاندىن مۇھەببىتىگە تېلىفون قىلىپ تالاغا چىقىپ بىرەر سائەتلەر ئەتراپىدا مۇھەببەتلىشىپ كېرىدىكەن . ياكى ئۇ يىگىت بىزنىڭ ئۆيگە كىرىدىكەن . بۇ ئىشلارنىمۇ بۇ قىز كىرىپ بىر ئايغا يېقىن ۋاقتىتىن كېيىنلا بىلەلىدۇق ، چۈنكى بىزنىڭ بىنادىكى بىز تۇرىۋاتقان بىرىنچى ئىشكتىكى 6 قەۋەت ئۆيلۈكتە ھەممىسى ئىشلەيدۇ . ئەمما تۆۋەندىكى بىناغا كۈزەتچىلىك قىلىدىغان كىشى بۇ ئىشنى بىزگە دەپ قويدى . قانداق بولدى دىمەمسىلەر . ئاخىرى ئايالىم ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ ، بىر كۈنى ئايالىم ئىشقا كەتتىم دەپ قويۇپ سائەت 10 لاردا ئۆيگە ئۇشتۇمتۇتلا ئېچىپ كىرىپتۇ . تېلىۋىزور بار ئۆيدە چىققان گۇدۇڭ-گۇدۇڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئىشكنى شۇنداق ئاچسا بىر ناتونۇش 20 ياشلار ئەتراپىدىكى بالىنىڭ قۇچىقىدا بىزنىڭ بالا باققۇچى قىزىمىز شۇنداق پەيزى بىلەن ناخشىغا غىڭشىپ يېتىپتۇ . يىگىت مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ ئابدۇللانىڭ تۈنجى سۆيگۈ دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلاۋېتىپتۇ . ( ئايالىمنىڭ ماڭا بۇ كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەپ بەرگىنى تېخىمۇ قىزىق ) . شۇنداق قىلىپ ئايالىمنىڭ ئەرۋاھى 40 گەز ئۆرلەپ ، ۋاقىراپ ئۇ ئىككى ئاشۇق-مەشۇقلارنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ . ئۇ كۈنى كەچتە مەن خىزمەتدىشىمنى ئۆيگە چاقىردىم ۋە ئەھۋالنى تەپسىلى ئېيتىپ ئەتىسلا ئۇ قىزنىڭ پۇللىرىنى بېرىپ يولغا سېلىپ قويدۇق .
  ئەمدى ئىككىنچى قېتىملىق بالا باقىدىغان قىزنىڭ ئىشىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي : شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئىككىنچى بالا باقىدىغان قىزىمىزنى مەھەللىمىز قاراشلىق ئاساسى قاتلامدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇش ھەدىمىز تېپىپ بەردى . ئۇ قىز بىزنىڭ ئۇ تونۇش ھەدىمىزنىڭ بىر نەۋرە ھەدىسىنىڭ يولدىشىنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىنىشىنىڭ سىڭلىسىنىڭ قىزى ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئاي تۇرۇپ كەتتى . ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق بىز ئاۋالقى ئىجارە ئالغان بىنا ئۆيدىن كۆچۈپ بىر پىشايۋانلىق قورادا ئولتۇرىۋاتاتتۇق . بۇ قىز نە بىر ئائىلە ئىشى قىلمىغانلىقتىن بالىغا بولسىمۇ ياخشى قارامدىكى دىسەك بالىغىمۇ تۈزۈك قارىماپتۇ . بۇ قىز تاماقنى ناھايىتى كۆپ يەيدىغان قىز ئىدى . ( بىزغۇ مەيلى يىسە يىسۇن دىدۇق ) .ئۆيدىكى مىۋە-چىۋە دەمسىز ، يەشىكتە ئېلىپ ئەكىرىپ قويغان يەشىكتىكى خالتىلىق سۈت دەمسىز ، ئەيتاۋۇر ھاشارەتتەك توختىماي يەپ ئەدىۋىنى بېرىۋېتەتتى . ئۇ قىز بىزنىڭ ئۆيدە پەقەت بىر ئاي تۇردى . بىز بىرەر قېتىممۇ جىق يەپ كەتتىڭىز دىمىدۇق . ئەمما بالامغا ياخشى قارىماپسىز دىگەن گەپ بىلەن ئايالىم ئىككىسى بىر نەچچە قېتىم   تاكالىلىشىپ قالدى . ئەڭ يامان يېرى ئۇ قىز گەپ ياندۇرۇپ بىرگە- بىر تۇراتتى . ئاخىرى ئايالىم ئۇ قىزنىڭ قولىدىن يېتىلەپ پۇللىرىنى ھىلىقى ئاساسى قاتلامدىكى تونۇش ھەدىمىزگە بېرىپ ئۇ قىزنى يولغا سېلىپ قويۇشنى ئۆتۈندۇق.
    شۇنداق قىلىپ ئىشنىڭ نوچىسى ئەسلى ئالدىرىماي باشقا كېلەتتىكەن . بىز سەزمەپتۇق .ئەسلى ئۇ قىز بىزنىڭ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى، دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچىنى بىر نۇسخىدىن كۆپەيتىۋالغان ئىكەن . ئۇ قىز كېتىپ 3 ئايلاردىن كېينغۇ دەيمەن . بىر كۈنى كەچتە ئەر - ئايال ئىككىمىز كەچتە ئۆيگە كېلپ ئۆيگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى بىلدۇق . ئۆزلۈكىدىن يۇيۇپ ، ئۆزلىكىدىن قۇرۇتىدىغان كىر يۇيغۇچ ، توڭلاتقۇ ، تېلىۋىزور ، DVD ئاپاراتى ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ،گېلەم - پىلەم قاتارلىقلار . ئايالىمنىڭ بىر قىسم قىممەت باھالىق كىيىملىرى . ئەڭ يامان بولغىنى ئۆيدىكى بىز ئىككىمىزلا بىلىدىغان ساندۇقنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە ئاۋايلاپ يوشۇرۇپ قويغان ئايالىمنىڭ زىبۇ -زىننەت بۇيۇملىرىنى سالىدىغان قۇتىسىدىكى 5000 يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن جابدۇقلىرىنى سۈپۈرۈپلا مېڭىپتۇ . بىز دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدۇق . دەسلەپ بىز ھەر خىل گۇمانلارنى قىلىپ ئاخىرى گۇمانىمىز شۇ بالا باققۇچى قىزغا مەركەزلىشىپ قالدى. ھىلىقى ئاساسى قاتلامدىكى ھەدىمىز بىلەن ئەتىسى ئىز قوغلاپ بۇ قىز تۇرىۋاتقان بىزنىڭ شەھەردىن تولىمۇ يىراقتىكى بۇ نامرات بۇ يېزىغا كەلدۇق . ئاتا - ئانىسىدىن سۈرۈشتۈردۇق. ئۇلارمۇ قىزىنى ئىزلەۋېتىپتۇ . ئۈلۈشكۈن يوقالغانچە ئىز - دېرىكى يوق ئىكەن.ئەھۋالنى ئۇ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئېيتتۇق .
ئۇلار داڭقاتقىنىچە تۇرۇپ قالدى . شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ قىزدىن خەۋەر كەلدى . ئەسلى ئۇ كۈنى ئۇ قىز يىگىتى بىلەن بىر ماشىنىنى كىرا قىلىپ كىرىپ ئۆيىمىزنى خاتىرجەم ئېچىپ بارلىق يۈك-تاقلارنى ماشىنىغا بېسىپ كېتىپتۇ . ( بىز كۆچۈپ بارغان ئۇ قورۇ ئەتراپىدا تۈزەك تونۇش ئادەملەرمۇ يوق ئىدى. سول تەرىپىمىز   بىر ئەسكى-تۈسكى يىغىدىغانلارنىڭ چوڭ قورۇسى بىلەن تۇتىشاتتى . ئۇدۇلىمىزدا ماشىنا يۇيۇش ئۆيى بار ئىدى. ئوڭ تەرىپىمىز بولسا سېتىش ئېلانى چىقىرىپ قويغان تام بىلەن قورشاپ قويغان قۇرۇق يەر ئىدى. دىمەك ئۇ كۈنى ماشىنا بىزنىڭ قورۇغا تۇتىشىدىغان تار چۇقتا تۇرۇپ تۇرغان ئوخشايدۇ ( بۇنداق بولغاندا ھىچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقمايدۇ،-دە ئەلۋەتتە. )
    شۇنداق قىلىپ ساقچىلار سۈرۈشتۈرسە ئۇلار ئائىلە جابدۇقلىرى بىلەن گىلەملەرنىڭ بىر قسىمىنى باشقا باشقا ئۈچ بازاردا سېتىپتۇ . بىر قسىمىنى ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويۇپتىكەن. قايتۇرىۋالدۇق.ساتقان نەرسىلەرنىڭ پۇلى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېتىپ ئۈرۈمچىدىن جەنۇبى شىنجاڭغا ئوينىغىلى كېتىپتۇ . ئۇ قىزنى بىز قايتا كۆرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇچىسىدا ئايالىمنىڭ ئىدارىنىڭ ئۆسكەن مۇئاشلىرىغا ئالغان 1000 كويلۇق بىر قۇر كىيمى . بوينىدا ئايالىم ياقتۇرۇپ تاقايدىغان 2000 كويلۇق زەنجىرى ۋال - ۋال قىلىپ چاقناپ تۇراتتى . ئايالىم بۇلارنى كۆرۈپ جېنى چىقىپ كەتكۈدەك بولدى،-ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ چېچىدىن قاماللىغىنىچە بوينىدىكى زەنجىرنى چىقىرىۋالدى .
-سالە ، ماۋۇ كىيملەرنى ، سالە ،- ئۇنىڭ قەھرى -غەزەپتىن   يىغا ئارىلاش چىقىۋاتقان ئاۋازىدىن مېنىڭ كۆڭلۈممۇ بەك يېرىم بولۇپ كەتتى . «- ساڭا ئوخشاش ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىدىغان   تۇزكور پەسەندىلەرگە بۇ كىيم ياراشمايدۇ . سالە ، مەن ھازىرلا كۆيدۈرۋېتىمەن. دىدى ئۇ غەزەپتىن تىترەپ . ساقچىلار ئارىغا كىرىپ ئايالىمنى جىمىلەپ قويدى. مېنىڭ ھىچ ئەقلىم يەتمىگىنى ساقچىلار بۇ قىزنى تۇتۇپ بىز بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ يەنە نىمشىقا ئۇچىسىدا ئايالىمنىڭ بۇ كىيملىرى ۋە زىبۇ- زىننەتلىرى بولىدۇ ؟ يا ئۇ قىز ئايالىمنىڭ ئۆزىنى تىللىغانلىرىنىڭ جاۋابىنى بەرمەكچىمۇ ؟ ياكى ئايالىمنى ئاچچىقتىن ئىچىدىن قېقىۋەتمەكچىمۇ ؟
    ئارىدىن نەچچە كۈنلەر ئۆتتى .ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانسى بىزنىڭ بىر قىسىم زىيانلىرىمىزنى تۆلىگەن ھىساپتا ئۆيدىكى ئىككى كالىسىنى سېتىپ ، مىڭ بىر خىجالەتچىلىكلەردە پۇلنى ئەكىرىپ بەردى . قالغان پۇلنى يىل ئاخىرىدا قوناق سېتىپ تاپقان پۇلدىن بېرىدىغان بولۇپ گۇۋاھچىلار بار تىلخەت يېزىپ بەردى. بۇ ئىشلار شۇنداق ئاياقلاشتى ...
ئايالىم ئىككىمىز يەنە بىر بىرىمىزدىن سوراشتۇق : < يەنە بالا باققۇچى قىز ئىزدەمدۇق ؟ >
ئۇ ماڭا تازا بىر قاراۋېتىپ ، ئۇھسىنغانچە :
- ھەي ، ياۋروپادىكى بىر قسىم دۆلەتلەردە ئايالى تۇغسا بىر يىلغىچە دەم ئېلىپ بالىسىنى ئۆزى باقىدىكەن . ۋە مۇئاشىدىن تارتىپ ياردەم پۇللىرىغىچە ھەممىسىنى تولۇق بېرىدىكەن . تېخى مەلۇم بىر ژورناللاردىن كۆرۈشۈمچە بەزى دۆلەتلەردە تۇغقان ئايالغا بىر يىل دەم ئېلىش بىلەن مۇئاشىنى تولۇق بەرگەندىن سىرىت ئېرىگىمۇ بىر يىللىق مۇئاش قوشۇپ ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىىغا رۇخسەت قىلىدىكەن . قانداق يەرلەردۇ ئۇ ؟ دىدى
- يەر يۈزىدىكى ياشاشقا ئەڭ راھەتلىك جەننەتتەك جايلار دىگىنى شۇ يەرلەرمىكىن ؟،-دىدى ئۇ .
- ھەي مەن ئىشەنمەيمەن جۇمۇ مۇشۇ گېزىت -ژورنال دىگىنىڭگە دىدىم پەرۋازىسزلا تەرىزدە : بۇلارمۇچۇ بەزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرىمىز دەپ شۇنداق يالغان خەۋەرلەرنى كۆپتۈرۈپ بېسىۋېتىدۇ .
- ھەي ، ئاپپاق خوتۇنۇم ، ئەگەر مۇئاشىم 5 مىڭ سوم بولغان بولسا سېنى بىر يىل ئىدارىدا ئىشلەتمەي ئۆزۈم بېقىپ   بالىنى ئۆزەڭنىڭلا تەربىيەلىشىڭگە بېرەتتىم جۇمۇ ،- دىدىم ۋە < بۇغداي دېنىڭ بولمىسىمۇ بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن> دەپتىكەن كونىلار دەپ قوشۇپ قويدۇم .


بۇ ھىكايىدىكى (ھىكايە دىگىلى بولسا ناۋادا ) ئىككى بالا باققۇچى ۋەقەسى راست بولغان ۋەقە ئەمما مېنىڭ ئائىلەمدە يۈز بەرمىگەن . بۇ ئىشلار مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئەمەس. ئەمما مەن ياخشى تونۇشىدىغان كىشلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە تەپسىلاتىنى ئۇلاردىن ئېنىق ئاڭلىغان . ئەھۋاللارنى بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلدىم .
بىرنچى ۋەقە مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە ئۈچ يىللار ئالدىدا يۈز بەرگەن . ئىككىنچى ۋەقەگىمۇ خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدى، بىزنىڭ يېقىن ئارىلىشىدىغان بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىدە يۈز بەردى. ئۆلار ئولتۇرغان ئۆي ئىككىنچى ھىكايىدىكى ئۆي تەسۋىرى بىلەن ئوخشاش.  


__ فىرقەت تەستىقلىدى


[ بۇ يازما oyster تەرپىدىن 2007-12-28 17:23 دە قايتا ]


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 13:31 چوققىغا قايتىش
dilpak
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 437
شۆھرەت: 534 نۇمۇر
پۇل: 3697 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:125(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


توۋا خۇدايىم توۋا.......... توۋا دىمىسە باكا جۇما!
جەميەتتە ھەر قىسىم كىشلار باكەن
مەن بۇلارنى ئوقۇپ ھەيرانلا قالدىم


Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 13:53 چوققىغا قايتىش
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2295
شۆھرەت: 2349 نۇمۇر
پۇل: 14237 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:422(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەمسە چەتكە چىقىپ ئولتۇراقلىشڭلار   نۇپۇس ئاز دۆلەتكە چقساڭلار بالا توغساڭلار مۇكاپات بېرىدۇ ...

Nurluk elani

مىنىڭ يازمىلىرىم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلىسە خالىغانچە ئىشلەت ....مەن روخسەت قىلدىم ....
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 14:37 چوققىغا قايتىش
butterfly
ئالاھىدە ئىلگىرلەش تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 875
شۆھرەت: 930 نۇمۇر
پۇل: 8630 سوم
تۆھپە: 103 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:792(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىردوستۇمنىڭ بالا باقۇچىسى ئۇنىڭ يولدىشىنى كەلتۇرۋاپتىكەن، بۇ ئۇشلارنى دوستۇم بىلىپ قىلىپ قايتىپ كىتىشىنى ئىتسا ئۆيدە بار يوقلىرىنى كۆتۇرۇپ مىڭىپتۇ . قورقۇپ قالدىم ...........


قۇرئان چۇشۇرۇشنى، ئاڭلاشنى ۋە دوستلشىشنى خالايدىغان ئۇچۇن :
http://cn.zorpia.com/ALQURAN

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 14:50 چوققىغا قايتىش
yaxligim.

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 17
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش




Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 14:53 چوققىغا قايتىش
nazira138

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 310
شۆھرەت: 311 نۇمۇر
پۇل: 3090 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:154(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەممە   ئادەم   ئوخشاش   بولمايدۇ ، مەنمۇ   ئىككى   بالا   باققۇچى   ئىشلەتتىم   ، لىكىن   ھەر   ئىككىلىسىدىن   شۇنداق رازىمەن

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 15:05 چوققىغا قايتىش
zarrauqkuni



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 82
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 820 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئنسانلاردا ئىنساپ تۆ پىقە كۇتۇرۇلگەن چاغدا قىيامەتنى كۇت دەپتىكەن يول باشلىغۇچىمىز،
دىمىسىمۇ ئىنساپ دىيانەت كۇتۇرۇلپ كەتتى ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئىنساپ تەۋپىقە تىلەيلى


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 15:13 چوققىغا قايتىش
narkaz



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 8
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىلەرنىڭ دەششەت ئەمەسكەن تېخى .بىرسىنىڭ بالا باققۇچىسى ئوي ئىگىسى ئىشقا كەتكەندە .بالىغا ئۇيقۇ دورىسى ئىچۈرۇپ قۇيۇپ سىرتقا ئۇينىغىلى چىكىدىكەن .ئۇقۇپ قىلىپ بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇزماي ئۇدۇل ئويىگە ئاپىرىپ قويۇپتۇ .

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 15:29 چوققىغا قايتىش
XAKILAT@KIZ

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 177
شۆھرەت: 178 نۇمۇر
پۇل: 1770 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:126(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن ھەر ئـككى بالامنى ئۆزۇم باققان.

Nurluk elani

مەن ياشايمەن
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 15:30 چوققىغا قايتىش
怕热海提

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 106
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
پۇل: 1060 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:49(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نىمە دەيدىغاندۇ بۇلار تېخى يېقىندىلا يەكەن نايىسىدە يەنە شۇ بالا باققۇچى ئۈي ئىگىسنىڭ ئەمدىلا 1 ياشقىمۇ تۇشمىغان بالىسنى بىنادىن تاشلىۋېتىپ .خاتىرجەم ئۈيدە تېلۋۇزۇر كۈرگەننى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ.

Nurluk elani

ئاھ ئۇيغۇرۇم
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 15:47 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-29 23:47, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije