>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
2008 Tilek tilaymen  
XabnamBBS -> تارىخ بەتلىرى -> ئۇيغۇر تىل يېزىقى ھەققىدە

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 136 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۇيغۇر تىل يېزىقى ھەققىدە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
xushalliq

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 43
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۇيغۇر تىل يېزىقى ھەققىدە

ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئاىلىسىگە تەۋە. ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا يېزىق ئىجاد قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى يازغان. بايقالغان ۋەسىقىلەردىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئىلگىر-ئاخىر تۈرك-رۇنىك يېزىقى، مانى يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغان. بۇنىڭ ئىچىدە مانى يېزىقىنى ئاساسەن مانى دىنىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارلا قوللانغان. يۇقىرىقى ئۇچ خىل يېزىقتا قالدۇرۇلغان ۋەسىقىلەر(يازما ھۆججەتللەر) بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى تەتقىق قىلىشتا تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە براھمان يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى، باسپا يېزىقى ۋە تىبەت يېزىقىمۇ ناھايىتى تار دائىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغان.

ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپتە قەدىمقى تۈرك يېزىقىنى قوللانغان ، بۇ يېزىق شەكىل جەھەتتىن قەدىمقى شىمالىي ياۋروپا مىللەتلىرى ئىشلەتكەن رۇنىك يېزىقىغا ئوخشىشىپ كەتكەنلىكتىن تۈرك-رۇنىك يېزىقىمۇ دېيىلىۋاتىدۇ.


ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى قارا قاغان (مويونچۇر قاغان، مىلادى 747-يىلىدىن 759-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) مەڭگۈ تېشى مۇشۇ يېزىقتا (تۈرك-رۇنىك يېزىقى) خاتىرىلەنگەن. ئادەتتە تۈرك-رۇنىك يېزىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى قەدىمقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئارامى يېزىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ خىل يېزىق ئالدى بىلەن پارسلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارس تىللىق مىللەتلەرگە تارقىلىپ ئاندىن شۇلار ئارقىلىق تۈركلەرگە تارقالغان، دەپ قارالماقتا. تۈرك-رۇنىك يېزىقى ھەرپ ۋە بوغۇم ئۆزئارا ئارىلاش بولغان ئەبجەش يېزىق بولۇپ، 38~40 ھەرپ بار، 5 ھەرپ ئارقىلىق 8 سوزۇق تاۋۇش ئىپادە قىلىنىدۇ؛ 8ئۈزۈك تاۋۇش جۈملىدە كېلىدىغان فونېتىك (تاۋۇش)مۇھىتقا ئاساسەن ئىككى يۈرۈش ئوخشاشمايدىغان ھەرپ ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ. سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى داىم جۈملە ئوتتۇرىسى ۋە جۈملە ئاخىرىدا قىسقىراپ كېتىدۇ. تۈرك-رۇنىك يېزىقى ئادەتتە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. يەنسەي ۋادىسىدىن بايقالغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈتاشلاردا سولدىن ئوڭغا يېزىلغانلىرىمۇ بار. سۆز-جۈملىلەر ئادەتتە قوشچېكىت ( ئارقىلىق ئايرىلغان(24). ئۇيغۇرلار ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە تۈرك-رۇنىك يېزىقىنى قوللانغان.

ئۇيغۇرلار سوغدى يېزىقى ئاساسىدا يېڭى بىر يېزىق ئىجاد قىلغان، بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار ئىلگىرى قوللانغان باشقا يېزىقتىن پەرقلەندۈرۈلۈش ئۈچۈن ئادەتتە ئۇيغۇر يېزىقى، دەپ ئاتالدى.



ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان دەۋرى توغرىلىق ئېنىق يازما خاتىرىلەر يوق، ئەمما مۇەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مىلادى9-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىگە ئائىت كۆپلىگەن يازما ھۆججەتلەر مۇشۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن. ئۇيغۇر يېزىقى كېيىنكى بىرنەچچە ئەسىردە ئىزچىل تۈردە ئىدۇقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىقى بولۇپ، قاغانلىقنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى، دىنىي دەستۇرلار، پۇقرالار ئارا ئىقتىسادىي ئېلىم-بېرىم ھۆججەتلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، تېببابەت ۋە دورىگەرلىككە ئاىت ۋەسىقىلەر قاتارلىقلارنى خاتىرىلەشتە قوللىنىلغان. ئۇيغۇر يېزىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىگىمۇ خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر يېزىقى13-ئەسىردىن15-ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە ئالتۇن ئوردا خانلىقى(قىفچاق خانلىقى)، تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيىسى ۋە چاغاتاي خانلىقىنىڭ يېزىقى بولغان. 11-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى، شائىرى يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى«قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرىنىڭ 1439-يىلى باشقىلار تەرىپىدىن مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. تۇرپان رايونىدا بۇ يېزىق 15-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۇەندىكى سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدا 17-ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە«ئالتۇن ئۆڭلۈگ يارۇغ يالتىراغلىق قوپتا كۆتىرىلمىش نوم ئىلىكى ئاتلىغ نوم بىتىك»(«ئالتۇن يارۇق»)نىڭ نۇسخىسى تېپىلدى.

ئۇيغۇرلار قارلۇق قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان قاراخانىيلار تەسەررۇپىدا 10-ئەسىردە ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى خاقانىيە تۈرك يېزىقى قوللىنىلىشقا باشلىدى، بۇ كېيىنكى دەۋردە چاغاتاي يېزىقى شەكىللىنىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر يېزىقى قاراخانىلاردىمۇ قوللىنىلغان، بۇ يېزىق ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ تاكى تۇرپان قاتارلىق جايلار تەلتۆكۈس ئىسلاملاشقانغا قەدەر قوللىنىلغان، 15-ئەسىرگە كەلگەندە چاغاتاي يېزىقى تەدرىجىي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئالغان. ئۇيغۇر يېزىقى ھەرپلىك يېزىق بولۇپ، 19~20ھەرپتىن تەركىب تاپقان. ھەرپلەرنىڭ باش ھەرپ، ئوتتۇرا ھەرپ ۋە ئاخىرقى ھەرپتىن ئىبارەت ئوخشاشمىغان شەكلى بولغان. دەسلەپتە ئۇيغۇر يېزىقى ئوڭدىن سولغا توغرىسىغا يېزىلغان بولسا، كېيىنچە سولدىن ئوڭغا تىك(يۇقىرىدىن تۆۋەنگە) يېزىشقا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزىنىڭ خەتتاتلىق شەكلىگە ئاساسەن تېزيازما نۇسخىسى، يازما نۇسخىسى، نوم-سۇترا نۇسخىسى ۋە ئويما مەتبەە نۇسخىسىدىن ئىبارەت نەچچە خىل شەكىلدىن تەركىب تاپقان. ئادەتتە قوشچېكىت ياكى تۆتچېكىت تىنىش بەلگىسى قىلىنغان. بەزى نوم-سۇترا يازما نۇسخىلاردا دائىم يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرىدىن باشقا يەنە قىزىل، قارا چەمبەرلەرمۇ قوللىنىلغان.


ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان ھەر خىل يېزىقتىكى يازمىلار خەرىتىسى

يېزىق ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىنكى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ قوبۇل قىلىپ قوللىنىشىغا ئېرىشكەن. ئىدۇققۇت ئۇيغۇر . ئېلى بىلەن قاراخانىيلار تەسەررۇپىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ھەمدە خارەزىم تۈركچىسى ئەدەبىي تىلى (خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن خارەزىم تۈركچىسىنىڭ ئەدەبىي تىلى) موڭغۇل يۇەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي ئەدەبىي تىلى بولغان چاغاتاي تىلىنىڭ ئىككى مەنبەسىدۇر.

:::::: شەبنەم تەھرىرىلىدى
مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ !


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 13:21 چوققىغا قايتىش
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1076
شۆھرەت: 1185 نۇمۇر
پۇل: 10601 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:333(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاستىدىكى خەرىتىدە خېلى ئىنچىكە مەزمۇنلار بار ئىكەن،
خەرىتىدىن كۆرگۈلى بولۇدىكى خوتەن رايۇنى بىلەن ئالمىلىق ( بۇمۇ ئۇيغۇر رايۇنى ئىدى ) رايۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن يەر ئىكەن. چۈنكى شۇنچە كۆپ ئوخشىمىغان تىل يېزىقتىكى يازمىلار تېپىلىپتىكەن.



زورىگۈل قۇتئال

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 16:51 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-31 10:07, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije