بۇ ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ <<كۆك ئۆستەڭ>> ناملىق رومانىنىدىكى چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ رىۋايىتىگە ئائىت مەزمۇنلارغا قىلىنغان تەقلىت .
بۇ داستان شەبنەم مۇنبىرىنىڭ خاتىرە كۈنىگە بېغىشلاندى
چىن تۈمۈرنىڭ يېڭى داستانى
1
روھلىرىمدىن سىلكىنىپ بىر رەت ،
سالغىنىمدا ئۈزۈمگە نەزەر .
دىل غەشلىككە تولغاندەك بولۇپ،
ئىچىم ئاچچىق ئۆرتىنىپ كېتەر.
ئازاپلارنى يۈدۈپ ئامالسىز،
مېڭىپ قالدىم سەپەرگە ئۆزەم.
باياۋاندىن ئاختۇرۇپ تىنماي،
تاپماق بولدۇم ھەقىقى ئادەم.
سەپەر مۈشكۈل،مەنزىلىم ئۇزاق،
خالتىلىرىم تولغان ھەسرەتكە.
چارچىساممۇ داۋانلار ئېشىپ،
يەتمەك بولدۇم ئارزۇ-تىلەككە.
2
چاڭقاپ دەھشەت ئىسسىق تەپتىدىن،
ئۈمۈت بىرلە كىتىپ باراتتىم.
كۆرۈپ قالدىم بىر كونا ئۆينى،
دەرھال ئاڭا قاراپ يول ئالدىم..
يىتىپ بېرىپ ئۆيگە سەپ سالدىم،
كونا ئىكەن ئىشىك-راملىرى.
قىيسىيىپتۇ زەيدىن ماكچىيىپ،
يېرىلغانكەن پاكار تاملىرى.
...
3
توساتتىن چىقتى ئۆينىڭ ئىچىدىن-
ئېچىنىشلىق قىزچاق ئاۋازى.
كىرىپ قارىسام ئېسىلغان قىزچاق،
يۈرەكنى ئېزەر تۇرغان بۇ ھالى.
تاپانلىرىدىن قانلار تەپچىرەر،
ئۇزۇن چېچىدىن ئېسىلغان بۇ قىز.
يېنىدا تۇرار بەتبەشرە مەخلۇق،
يەتتە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىگىز.
ھەر شورىسا ئۇ قىزنىڭ قېنىنى ،
نالە قىلار قىزچاق چىقىراپ.
يالماۋۇزنىڭ ھەر يالاشلىرى،
قىينار قىزچاقنى يەتكىچە خارلاپ.
4
دەرغەزەپتىن سىلكىندىم كۆرۈپ،
ئېتىلماققا بولدۇم مەن تەييار.
پەيدا بولدى قۇلۇمغا شۇئان ،
سەل داتلاشقان مىسران قىلىچ يار.
كىردىم ئەبجەق مايماق ئىشىكتىن،
بارغىنىمچە ئۇردۇم قىلىچنى.
ئىككى بېشى چېپىلدى ۋەھشى-
يالماۋۇزنىڭ چىقمىدى جېنى.
تەمتىرىدى يالماۋۇز بۇ دەم،
ئويلاپ قالدى ئەھۋال چاتاق دەپ،
تەييار بولدى بەدەر قاچقىلى .
بەش بېشىدىن قالدى ئەنسىرەپ.
5
بەش بېشىنى ئېلىپ يالماۋۇز،
قاچتى ئاخىر ئىس تۈتەك بۇلۇپ.
قالدى قىزچاق ئېسىقلىق پېتى ،
چىرايلىرى سارغىيىپ- سۇلۇپ.
ئارغامچىنى چاپتىم قىلىچتا،
چۈشۈردۈم مەن قىزنى جايدىن.
كۆزىنى غىل-پال ئېچىپلا يەنە،
يۇمدى بىچارە كىتىپ ھالىدىن.
ئىچىم سىرىلىپ كەتتى شۇ تاپتا،
كۆزلىرىدىن سىرغىغان ياشتىن.
سۇ تېمىتتىم قىزنىڭ ئاغزىغا،
جان كىردى قىزغا سۆزلىدى باشتىن:
6
«ئاڭلىغانمىدىڭ مەختۇمسۇلا دەپ،
چىن تۈمۈر باتۇر سىڭلىسى ئىدىم.
مىسران قېلىچى داتلاشتى ئەينە،
ئاكام يۇقۇلۇپ خارلىنىپ كەتتىم.
سېغىنىپ ھەركۈن يۈرسەم ئازاپتا ،
كەلدى بىر كۈنى ئاكام ئۇھسىنىپ.
چىرايلىرى زەپىرەڭ ئۇنىڭ،
ئىچكەن چېغى مەينى چوڭ بىلىپ.
نۇرسىزلانغان ئاشۇ كۆزلىرى ،
ئازاپلىدى ئەزدى باغرىمنى.
سوراشقىمۇ كەيپى ھەم يوقتەك،
تۇرار ئىدى مېنىڭ ھالىمنى.
يىغلامسىراپ تۇرۇپ مەن ئۇزاق،
ئاكامغا ھەم قىلدىمكى خىتاپ:
‹ كۆز تەگدىمۇ ئېيت جىنىم ئاكا ،
بۇلۇپ قالدىڭمۇ ۋە ياكى بىتاپ.
ھالىڭ نىچۈك دەپ سوراپ قويغىنە ،
مەختۇمسۇلا مەن ئالدىڭدا تۇرغان!
چىن تۈمۈر باتۇر ئىدىغۇ نامىڭ،
نە قىسمەتتۇر قەددىڭ سۇندۇرغان؟›
7
ئىپادىسىز تۇراتتى ئاكام،
دەرتلىرىمگە پەرۋا قىلماستىن.
كىيىن بىلدىمكىن پۇل غېمى ئىكەن،
ئاكامنى قىلغان كارغا كەلمەستىن.
جاننى ئالغىدەك مۇڭلۇق ساز ئارا،
دورغا تىكىپتۇ ھەممە ھەممىنى.
تاپماقچى ئىكەن دەستە دەستە پۇل،
تەلىيى كەلمەي زادىلا ئوڭدىن،
بۇلۇپ قاپتىمىش ئازاپلارغا قۇل.
ھۈرپىيىپ ئاكام دېدى غەزەپلىك:
‹بۇلىۋەرمە تەييارغا ھەييار.
رىسقىڭنى ئۆزەڭ تېپىپ يىگىنە.
ياكى بەزمىدە ئوينىغىن ئۇسۇل،
پۇل-پىچەكتىن شۇندا غەم يېمە.
يۈرەكىم لەختە بىلمەيسەن ھەرگىز،
پۇلنىڭ سەۋداسى چىرمىدى مېنى .
جانانلارغا كېرەك ئىكەن پۇل ،
ۋاستە تاللىماي تاپقىنە قېنى...›
8
تۇنىيالماستىن ئاكامنى بۇندا،
قېتىپ قالدىم چىرايىم سۇلغۇن.
ئاشۇ پېتى كەتكەنچە ئاكام ،
يۇقاپ كەتتى كەلمىدى ئۇزۇن.
يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئاندىن،
ھەپتە ئارلاپ كەلدى يېنىمغا .
شوراپ قېنىم ئېچىپ كۆڭلىنى،
تېگەر كەلسە ھەر نازۇك جېنىمغا.
غېمى يوقكەن يالماۋۇزنىڭ ھەم،
كاپ-كاپ كۈچۈك مىياۋ مۈشۈكتىن.
خەۋپلىك سەزمەس بولدى ئۇ قىلچە،
چىنتۆمۈرنىڭ مىسران قىلچىدىن»
9
بايان قىلدى قىزچاق شۇنچىلىك،
بۇ سۆزلەردىن تىترىدى قەلبىم.
دېدىم تۇرغىن مەختۇمسىلارىم ،
چىن تۈمۈرنى ئىزلەيلى تېزدىن.
مىھىرسىراش قالمىسۇن مىراس ،
تېڭىرقاشتا يۈرگەن بىزلەردىن.
ئۇشبۇ سۆزىمدىن ھەيران بولغاندەك،
تۇرۇپ قالدى قىزچاق گاڭگىراپ.
قايغا بېرىپ نەدىن ئىزلەشنى ،
ئۇقالمىدى ئۆمۈتسىز قاراپ.
10
مەسلىھەتلىشىپ ئىككىمىز ئاخىر،
ئاتلىنىشتۇق مەنزىلنى بويلاپ.
كاپ-كاپ كۈچۈكمۇ يىتىشىپ ماڭدى،
ئارقىمىزدىن ھارماستىن قاۋاپ.
ماڭا-ماڭا ھېرىپ چارچىدۇق،
ئالالمىدۇق زادى بىر خەۋەر.
ئۈمۈتلەرمۇ ئۆچەي دىگەندە ،
يىراقتىن غۇۋا كۆردۇق بىر قەلئە .
قەلئە تامان ماڭدۇق ئالدىراپ ،
يىتىپ كەلدۇق قېلىشتۇق ھەيران.
(ھەمرا خېنىملار قەلئەسى ئىكەن
باتۇرلارنىمۇ قىلاركەن پايخان)
قاراۋۇللار توسۇپ بىزلەرنى،
‹نىمە ۋەجدىن كەلدىڭلار؟›دىدى.
سوراپ بەس-بەستە كۆڭۈل بۆلگەندەك،
يالغان ناز بىلەن غېمىمىز يىدى.
ياندۇرۇپ بىزمۇ سورىدۇق تەمكىن:
«ئاكام چىن تۆمۈر باتۇرۇم بارمۇ؟
كاپ-كاپ كۈچۈكى،مىسران قىلىچى-
ئارغىماقى ئېسىدە بارمۇ؟»
11
ھەيران بولۇشۇپ جاۋاپ ئەيلىدى،
خاتا سوراپ قالدىمىكىن دەپ.
:«چىن تۈمۈر دەپ بىرى بار لىكىن ،
ئۇ توخۇ يۈرەك كەتمەيدۇ ھېچ گەپ.
ھەمرا خېنىمنىڭ بۇسۇغۇسىدا،
ئىتتەك خارلىنىپ يالايدۇ يالاق.
غۇرۇرى ئۇنىڭ دەپسەندە بولغان،
ئادىمىلىكى يوقالغان نەۋاق.
كىممۇ خالىسۇن ئۇنداق ئىنسانغا،
ئاڭلىتىشنى مۇھەببەت سازى.
شۇندىمۇ بۇ بىچارە بايقۇش،
ئەسلى-ۋەسلىنى ئۇنتۇشقا رازى.
ئۇ تېخى بەزەن ئېتىپ قۇيار پو:
‹چىن تۈمۈر باتۇر بۇلىمەن ئۆزۈم،
يالماۋۇزنىڭ بېلىنى ئەگكەن،
ئاكاڭ قارىغايمەن ئاڭلىغىن سۆزۈم›»
تۈگۈمەستىن مۇلازىم سۆزى،
بىلدۇق چىن تۆمۈر ئاشۇ دەل ئۆزى.
ئازاپتا ئاچچىق ئېغىر تىنىشتۇق،
ھەم بۇ قەلئەگە كىرمەك بولۇشتۇق.
12
بولغاچقا ئۇچۇر تېنىمەستىن بىز ،
كىردۇق ئىچىگە توسسىمۇ ئۇنىماي.
ئىچى ھەممىس ئايرىمخانىكەن،
پۇرىخى سېسىق قالدۇق تىنالماي.
چىن تۈمۈر بەرھەق باركەن بۇ يەردە.
سۆڭەك غاجىلاپ يېتىپتۇ پەستە.
13
ئايال خوجايىن كۆرمىدى بىزنى،
باشلىدى سۆزنى:
‹‹ چىن تۈمۈر ئىدىڭ ھەممە بىلگىدەك،
باتۇر ئوغلان دەپ تاللاپ سۆيگۈدەك.
قارا ھالىڭغا ئوخشاپسەن كىمگە،
سېنى تۇنار كىم مەن دىسەڭ ئەلگە.
يوقال كۆزۈمدىن يوق ساڭا يۈرەك،
سېنىڭدەك لەقۋا ماڭا نە كېرەك.
تەييارغا ھەييار بولدۇڭ خېلىدىن،
ھارام ھالالمۇ ئۆتتى گېلىڭدىن.
ئوخشىماي قالدىڭ زادى ئۈزەڭگە،
يالغان قۇشۇلدى بارچە سۈزۈڭگە .››
تۈگىمەي تۇرۇپ خېنىمنىڭ سۆزى ،
چىن تۈمۈرنىڭ ياشلاندى كۈزى .
يالۋۇردى زار-زار يىغلاپ يېلىنىپ ،
خېنىمغا ھەتتا دېدى تىزلىنىپ:
‹‹ مىنى ھەيدىمە ،پاسىبانىم سەن ،
گۈزەللىك پىرى شاھىنشاھىم سەن.
سېنىڭ ھىدىڭغا كۈنگەن ئىدىمغۇ ؟
سەن ئۈچۈن ياشاپ كۈلۈپ كەلدىمغۇ ؟
ھازىرچە بەلكى ئىشنىڭ ئىپى يوق،
بىكار يۈردىم راس قوساق بولسا توق.
ئىشەنگىن ماڭا چىرايلىق خېنىم،
تاغنى تالقان قىلىمەن جېنىم.
ئاسماندىكى ئاي بۇلىدۇ سىنىڭ ،
شۇ چاغ ئارمانىم قالمايدۇ مېنىڭ...››
14
داۋام قىلارمۇ بۇلاتتى بەلكىم،
چىنتۈمۈرگە ھۆمەيدى بىر كۆز.
دەرغەزەپ بىلەن دېدى ھەم‹يۇقال-
قىزارماي قىلدىڭ بىزگە يالغان سۆز›
ئىككى قاراۋۇل ئاڭلاپ بۇيرۇقنى،
سۆرىگىنىچە ئېپ ماڭدى ئۇنى.
15
خېنىم شۇ چاغدا كۆردى بىزلەرنى،
نىمە ۋەجىدىن كەلدىڭلار دىدى.
مەختۇمسۇلامۇ ئوچۇق-يورۇقلا،
چىن تۈمۈر مېنىڭ ئاكامتى دىدى.
خېنىممۇ ھەم ئويلۇنۇپ بىردەم ،
باشلىدى بىزگە سۆزىنى شۇ دەم:
‹‹چىن تۈمۈرگە ئاشىق ئىدىم مەن،
بۇ تەرەپلەرنى بەلكىم بىلەرسەن .
ھىجران دەردىدە پۇچلىنىپ دائىم،
دەيتىم تەڭرىگە يەتسىكەن زارىم.
ۋىسال پەيتىمۇ كەپتۇ ئاخىرى،
تۇساتتىن بىر كۈن ئۇچراتتىم ئۇنى.
خەۋەرچىدىن بىلدىمكى شۇ ئان ،
شۇ ئىمىش ھېلىقى چىن تۈمۈر دىگەن.
يۇقۇتۇپ بىردەم خۇدۇمنى مەنمۇ ،
سورۇدۇم دەرھال‹چىن تۈمۈر سەنمۇ؟›
ئاجايىپ جۇشقۇن ئاۋازى بىلەن،
تىك تۇرغانچە دېدى مانا مەن.
ئىلتىجالىق كۆزىمدە بېقىپ ،
دەپ ئويلۇدۇم قالسامتىم يېقىپ.
سالامغا ئۆزۈم بېرىپ ئالدىغا،
تەكلىپ قىلدىم ئۇنى ھۇجرىغا.
مەنسىتمەستىن تەكلىپلىرىمنى،
سەزمىدى كەتتى ئازاپلىرىمنى.
ئانچە كۆپ ئۆتمەي كەلدى ئۇ بەك مەس ،
نەدە ئىچكەننى ئۆزىمۇ بىلمەس.
دىدىم ئىچىمدە مەسخىرلىك كۈلۈپ،
مەيگىمۇ ئاستا قالىسەن كۈنۈپ.
بولدى مەن ئەمدى سۆزلىمەي بەك كۆپ،
ئۆزىدىن ئاڭلاڭ تېپىپ كۆرۈشۈپ››
ئېغىر قەدەملەرتاشلاپ بىز ئاستا،
ماڭدۇق چىن تۈمۈر تۇرار جايىغا .
تاپالمىدۇق ھېچ ئۇنى ئاختۇرۇپ،
كۈنمۇ كەچ بولدى قايتتۇق ئاھ ئۇرۇپ.
16
ئەتىسى سەھەر ئۇچىراپ بىر بوۋاي،
دېدى بىزلەرگە:« ئىشىڭلار ئوڭاي-
كەلدىڭلارمۇ شۇ چىن تۈمۈرنى دەپ،
ئۇنىڭ ھالىدىن ئەنسىرەپ-غەم يەپ.
چىنتۈمۈر شۇتاپ سېھىر ئىچىدە،
خۇمار بولدى ئۇ شەيتان قېنىگە.
ۋۇجۇدىدا كۆپ قالمىدى ئەرلىك ،
ئىشلىرىمۇ ھەم بولماي خەيرلىك.
كەلگىنىڭلارغۇ ياخشى بولۇپتۇ،
ۋۇجۇدۇڭلارغا غەزەپ تولۇپتۇ.
بەزمەخانىدا بولمىسىلا ئۇ ،
قىمارخانىدا دو تىكىۋاتىدۇ.
مەيپۇرۇشلارمۇ خوشال ئۇنىڭدىن،
تاپقان پۇلىنى سۇرىغىنىدىن.
ھامان بىركۈنى كېلىتىڭ قىزىم،
بولغان مېنىڭدە شۇنداق بىر سېزىم.
17
مەي-شاراپ دىگەن تۈگەتتى ئۇنى ،
ئىچىپلا يۈردى ھەتتا ھەر كۈنى.
بەزمىخانىغا باسقانچە ئاياق،
پۇلنىڭ دەردىدە بولدى ئۇ ساياق.
چىن تۈمۈر سەزمەس ياخشى-ياماننى،
ھەم چۈشەنمەيدۇ ئىچ ئاغىرتقاننى
مىسران قىلىچنى قولغا ئېلىڭلار،
كاپ-كاپ كۈچۈكنى ھەمرا قىلىڭلار.
بەزمىخانا ۋە ھاراق سورۇندىن،
ئىرىنمەي ئۇنى ئىزدەپ بېقىڭلار»
18
بەردى بۇ بوۋاي بىر كىچىك قاپاق،
دېدى ھەم بىزگە:« بۇ ئەمەس ھاراق.
سىلەر تاپقاندا ئۇ بىچارىنى،
ئۈچىرىڭلار ئامال قىلىپ بۇ سۇنى.
كەلسە چىن تۈمۈر ئېتىنى مىنىپ ،
مىسران قېلىچنى ئالسا كۈچلىنىپ.
تىكلەپ قەددىنى باشلىسا بىر سۆز،
مەنمۇ خاتىرجەم يۇماتتىمغۇ كۆز»
19
بوۋاي تۈگىتىپ سۆزىنى بىردىن،
غايىپ بولدى (يوقىدى كۆزدىن)
قۇلاق كۆزىمىز نورمال ئىدىغۇ،
كىمگە يولۇقتۇق خىزىرمۇ-يە بۇ؟
20
بىزمۇ شۇ چاغدا كۈچكە تولغاندەك،
غەيرەتلىنىپ ئېتىلدۇق سەلدەك.
كاپ-كاپ كۈچۈكمۇ ئويناتتى قۇيرۇق،
كۈتكەندەك گويا ئىزلەشكە بۇيرۇق.
كەلدى كىشنىگەن جاراڭلىق سادا،
ئارغىماق ئاتمۇ بولدى ھەم پەيدا.
مەختۇمسۇلا مەن مىنىشتۇق ئاتقا،
كۆزلەر غەزەپلىك تولغانتى ياشقا.
كاپ-كاپ كۈچۈكمۇ پىرقىراپ كەتتى،
ئارغىماق ھېدلاپ تىپىرلاپ كەتتى.
ئاھ بۇ قىسمەتكە كىممۇ چىدىسۇن،
لېكىن چىن تۆمۈر بۇنى نە بىلسۇن؟.
21
ھەريان ئاختۇردۇق تاپتۇق ئاخىرى،
داڭدار قاۋاقتىن«باتۇرىمىزنى».
قۇسۇقنى يالاپ يېتىپتۇ ۋەيران،
چىرايى بولۇپ گويا زەپىران .
ماڭماقچى بولدۇق يۆلىدۇق ئۇنى،
خۇجايىن دىدى:« پۇلىڭلار قېنى؟
ئىچىدۇ دائىم ھاراقنى نېسى،
تاكى يىقىلىپ ئۆچكىچە ئۈنى.
تۆلەپ ئاقچىدىن ئاكا قەرىزگە،
كەتمەك بولۇشتۇق ئۆز مەھەللىگە.
ئارغىماق ئاتقا ئارتىپ«تۆمۈر»نى ،
قايتىشتۇق ئۇنىڭ تىلەپ ئۆمۈرىنى.
كېزىپ باياۋان تاغ-داۋان ئېشىپ،
كەلدۇق ئاخىرى مەنزىلگە يىتىپ.
22
ئېغىر ئۇيقۇدا ياتقان چىن تۈمۈر ،
كۆزىنى ئاچتى ئېسىنى يىغىپ.
«مەختۇم»يېنىدىن قاپاقنى ئېلىپ،
چىن تۈمۈرگە ئۈچۈردى سىلكىپ.
بۇلاق سۈيىدە يۇدۇق يۈزىنى،
تاپقاندەك بولدى «تۆمۈر»ھوشىنى.
قايتىدىن قاراپ مەختۇمسۇلاغا،
يېڭى كۆرگەندەك باستى باغرىغا.
ئارغىماق ئېتى كىشنىگەن چاغدا،
ئېسىلىپ كەتتى ئۇنىڭ بوينىغا.
مەنمۇ ھەم كېلىپ دەرھال ئېسىمگە،
مىسران قىلىچنى سۇندۇم ئۇنىڭغا.
قاراپ ئۇ ماڭا سەل ئويغا چۈمۈپ،
قىلىچنى ئالدى ئىشەنچكە تۇلۇپ.
نۇرلاندى بىردىن بۇ مىسران قىلىچ،
خۇشالمەن لېكىن كۈلەلمىدىم ھېچ.
23
ئاجايىپ بىرھال بولدى بۇ چاغدا ،
سىلكىنىپ كەتتى پۈتۈن يەر-جاھان.
ئايلىنىپ كەتتى ئۇلار توغراققا،
تىلسىمات تارىخ بار ئۇندا ھامان.
خەير-خوش توغراق دېدىم پىچىرلاپ،
ماڭدىم خاتىرجەم قۇملۇقنى بويلاپ.
چىن تۆمۈر بىر كۈن توغراق ئىچىدىن،
ھامان چىقىدۇ ھۇررانى توۋلاپ.
تۈگىدى
2007-12-26
..
