دېدىڭ
كۈندە ئون رەت مەن سېنى سۆيسەممۇ، سۆيمەيسەن دېدىڭ ،
كۈلگە ئايلانسام ئىشقىڭدا ،كۆيمەيسەن دېدىڭ .
ناخشا ئېيتسام كۈن چىقىپ تا كەچكىچە بىر سەن ئۈچۈن ،
ئەكسىچە تارتىڭ سوراققا ،كىمنى كۈيلەيسەن دېدىڭ.
يوق مېنىڭ يول تۇتقۇنۇم شۇ كەمگىچە رايىڭغا زىن ،
توۋا دەيمەن!ئېيقىنا ئەسلا كۆنمەيسەن دېدىڭ .
بۇ جاھاندا يارغا قۇل ھېچكىم مېنىڭدەك بولمىغاي ،
قارغىدىڭ ئەمما مېنى :<دوزاققا كىرگەيسەن دېدىڭ >.
بىلمىدىڭ <لەببەي>لىرىمنى ھەر ئۈنۈڭنى ئاڭلىسام ،
بولمىدىڭ رازى يەنە ،ئالدىمدا ئۈنمەيسەن دېدىڭ .
مەن ۋىسال تاپتۇق دېسەم ،قوشتۇڭ ئۆزۈڭ سۈبىھى ئاڭا،
قىلغىنىم تەزىم تۇرۇپ ،قەدرىمنى بىلمەيسەن دېدىڭ.
بەرمىدىڭ ئەسلا ئارام كۈنلەپ كۆرۈنگەندىن مېنى ،
بىر مېنىڭدىن باشقىغا،ھەر جادا كۈلمەيسەن دېدىڭ.
كۈندە تىل ،كۈنلەش ،گۇمان ھەم .....شۇمۇ سۆيگۈ بولدىمۇ؟
ئاغرىسام كۆيۈنۈشتە يوق ئەكسىچە ئۆلگەيسەن دېدىڭ.
سەن تۇرۇپ يادىمغا بىر كەلگەيمۇ ئۇ ئاشنا دېگەن ،
قالمىدى بۆھتانلىرىڭ ،ئاشناڭچە كۆرمەيسەن دېدىڭ .
ئۇ يۈرەكنى بىر يېرىپ كۆرسەتكىلى بولماس ئىكەن ،
يۈز قەسەم ئىچسەم يەنە يالغاننى سۆزلەيسەن دېدىڭ.
<دۇنيادا مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس ،بۇنداق ئىشلاردىن ئەڭ ياخشىسى ساقىت بولۇڭلار...................>
_____ جۇدا تەھرىرىلىدى